مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 172|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۇمۇرلار | تۈنۈگۈن ئاچقۇچىمنى يۈتتۈرۈپ قويغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
يۇمۇر
بىر كۈنى……
ئا:نىم بولدۇڭ؟ يۈز كۆزلىرىڭ يارا-جاراھەت بوپ كېتىپتىغۇ؟
ب:ۋاي گىپىنى قىمما،تۈنۈگۈن ئاچقۇچىمنى يۈتتۈرۈپ قويغان،شۇنى ئىزدەپ بوممامدۇ؟~
ئا:ھە؟ ئاچقۇچ ئىزدەپ مۇشۇنداق بوپ كەتتىڭما؟
ب:ياق،بىر باغچىدا چۈشۈرۈپ قويغان……ئىزدەپ كېتىۋاتسام،بىر ئورۇندۇقتا بىر يىگىت يۇقىرى ئاۋازدا  "كىمنىڭ ،ھە؟ ما كىمنىڭ؟" دەپ ۋارقىراۋىتىپتىكەن،مەن دەرھال “مىنىڭ ،مىنىڭ!”دەپ يۈگۈرۈپ بېرىپتىمەن……شۇ ……بەك ئۇرىۋەتتى……
ئا:نىمىشقا؟
ب:ئەسلى ئۇ گۇينىڭ ئايالى تۇيۇقسىزلا ئېغىر ئاياق بوپ قاپتىكەن،ئۇ گۇي سوراق قىلىپ “بالا كىمنىڭ؟ ھە،كىمنىڭ ؟ ما كىمنىڭ دەيمەن” دەۋىتىپتىكەن……مەن مېنىڭ دەپ بېرىپتىمەن…
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
دىۋان
ۋاقتى: 2016-11-3 12:06:37 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مۇنداق……
ئىدارىدىكىلەر بىلەن تاغقا چىققان~
خىزمەتداشلارنىڭ بالىلىقى تۇتتىمۇ،مۆكۈشمەك ئوينايمىز دەپ تۇرىۋالدى.
باشلىۋەتتۇق.
مەن چاققانلىق قىلىپ،بىر دەرەخكە يامىشىۋالدىم.بۇ نۆۋەتتە ئىشخانىمىزغا يېڭى كەلگەن بىر قىز بىزنى تاپاتتى.
قىز بىزنى ئىزدەپ كېتىۋەتاتتى.مەن چىقىۋالغان دەرەختىن ئۆتىشىگە كاللامغا:
-سەكرەپ چۈشۈپ بۆھ دەپ قورقۇتايچۇ-دىگەن ئوي كەلدىدە سەكرىدىم……
ساقچى ئاكا،ماڭا ئىشىنىڭ،مەن پەقەت قورقۇتايلا دىگەن مەقسەتتە سەكرىگەن.
تەنتەربىيە ئىشتان  شاخقا ئېلىنىپ قاپتۇ،ئىشتان شاختا قېلىپ،مەن يېرىم يالىڭاچ پېتىملا , گۈپلا قىلىپ يەرگە چۈشتۈم……
ئەستا ،مەن ئىشتاننىڭ يىپىنى باغلىماپتىكەنمەن……
ماڭا ئىشىنىڭچۇ~
راستمى،مەن پەقەت بۆھ دەپ قورقۇتاي دىگەن……ئىشتاننىڭ پۈتۈن سېلىنىپ كېتىشى،تاساددىپىيلىق ……
ئەستا نىمداق ئىشەنمەيدىغانسىز~
بىز خىزمەتداش تۇرساق ~ئۇ قىزغا ئەدەپسىزلىك قىلاتتىممۇ……
قەسەم قىلاي……

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-11-8 17:22:58 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئسسىق ياز كۈنلىرىدىن بىرى خويەنسەنلىك بىر نەچچە باللا شەھەر ئىچىگە كىرىپ ئويناپ كەچ قاپتۇ،خويەنسەنگە قايتىدىغان ماشىنا قامىغانلىقتىن ئۇلار تاكسىدىن بىرنى بولاپ خويەنسەنگە قايتماقچى بوپتۇ،ئارىدىن بىرى تاكسىدىن بىرنى توساپ شوپۇرغا دەپتۇغۇ: -ھې ئېغىنا خويەنسەنگە نەچچە پۇلغا ئاپىرقۇيسىز؟ تاكسى شوپۇرى تۇڭگان ئىكەن -كوڭتىيو ئاچسام 80 كوي ،كۇڭتىيو ئاچمىسام 70 كوي -دەپتىكەن ھېلقى بالا شوپۇرغا -ھېي چىراخلىرىڭنىما ئۈچۈرۈفلىۋاتساڭ 30 كەيلا بېرمىزمۇيە-دىگۈدەك.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
يەر
ۋاقتى: 2016-11-9 17:52:58 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
غەرپكە……
تاڭسىڭ تۆت شاگىرتىنى باشلاپ كېتىۋاتقاندا،بىر توپ ئالۋاستىلار چىقىپ،ئۇلارنى توستى.
ۋۇكۇڭ ئۇلار بىلەن ئېلىشىشقا ئاتلاندى،قارا قويۇق مۇشتلىشىشتىن كېيىن،ئالۋاستىلار ھەممىسى ۋۇكۇڭنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالدى. ئەرش ساقچىلىرى ۋۇكۇڭلارنى جىدەل چىقاردى دەپ قولغا ئالدى.
ئاندىن تاڭسىڭنى ئۆز شاگىرتى ۋۇكۇڭنى تونىۋىلىشقا چاقىردى.
تاڭسىڭ بارغاندا،ئۇلار قاتار ئولتۇراتتى.تاڭسىڭ:
-ۋۇكۇڭ!-دىدى.
ئالتە ۋۇكۇڭ تەڭلا:
-ھە……!-دىدى.
-يۈرۈڭلار كېتىمىز!
ساقچىلار توستى:
-ھەي ،ھەي،مانىڭ بىرسىلا جىڭ ۋۇكۇڭ،توغرا تاللاڭ……
تاڭسىڭ:
-ئەنى بەنى،تۈركەن دەنى……
ساقچى:
-ئاھاي،نىمداق قىلىسىز،توغرا ھۆكۈم قىلىپ راست ۋۇكۇڭنى تېپىپ چىقىڭ،باشقىسى ئالۋاستى……
تاڭسىڭ ئويلىنىپ :
-ھە راست ،چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقىسام بېشى ئاغرىيدۇ راست ۋۇكۇڭنىڭ……
تاڭسىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇدى،ئالتە ۋۇكۇڭ تەڭلا يەردە دۇمىلاشقا باشلىدى.ئۇلار يەردە ئېغىناپ،يەرنى پاكپاكىز قىلىۋەتكەنىدى،بۇ چاغدا تازىلىقچى ئايال پەيدا بولدى:
-ۋىيەي،ئەجەپ ھۈنىرىڭىز باركەن موللام،بىر ئوبدان تازىلاپتۇ.ما بۇلۇڭدا تازىلانماپتۇ،ما يەرگە بىرنى ئوقۇۋىتىڭە موللام……
ساقچىلارنىڭ ئىچى پۇشتى:
-بۇ ئامال بولمايدىكەن.باشقا ئامال بارمۇ؟
تاڭسىڭ يەنە ئويلىنىپ:
-ھە راست،ۋۇكۇڭنىڭ مىجەزى ئىتتىك،ئاچچىقى يامان،مەن تىللاپ باقاي،كىمنىڭ ئاچچىقى كەلسە،شۇ چوقۇم ۋۇكۇڭ!
ساقچىلار قوشۇلدى.
تاڭسىڭ:
-ۋۇكۇڭ! ئاپپاڭنى ئۇنداق قىۋىتىمەن،موماڭنى بۇنداق قىۋىتىمەن،يەڭگەڭنى……
ئالتە مايمۇن شۇنداق دەسسىدىكىن تاڭسىڭنى،ھەتتا ئاپتورنىڭمۇ پۇتلىرى قىچىشىپ كەتتى.
ساقچىلار ئاران ئاجرىتىپ:
-تاڭ موللام،بۇنداق دىسىلە،ھەرقانداق بىرسىنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ،سىنچىلاپ قاراپ،توغرا تاللاڭە!


تاڭسىڭ بىر بىرلەپ كۆزەتتى:
-ما ئەمەس!
-نىمىشقا؟
-ما شۇمنىڭ يۈزىگە تۈكمۇ چىقماپتۇ.نەرى مايمۇن بۇنىڭ ،مەنچىلىك ساقىلى يوق……ماۋۇ مۇ ئەمەس!
-نىمىشقا؟
-بۇ چوڭ تەرەتكە ئولتۇرغاندەك قىلىدۇ،ۋۇكۇڭ ئادەتتە ئۆرە تۇرۇپلا……
-ئاھاي،ماۋۇچۇ؟
-بۇمۇ ئەمەس!
-نىمىشقا؟
-بۇ شۇمنىڭ ئادەم ئۇرالايدىغان تەلەتى يوق!
-ماچۇ؟
-ئەمەس!
-نىمىشقا؟
-غىتمەكتەك كۆردۈم……
-ئاچۇ؟
-ئا ئىككىسىمۇ ئەمەس!
-ھوي،نىمىشقا؟
-ئەر ئايالدەك قىلىدۇ~
-ئۇھ،ئەمسە قايسى راست؟
بۇ چاغدا ئالتە مايمۇن ئەسلىگە كەلدى.ھېچقايسسى ۋۇكۇڭ ئەمەس ئىدى.
ئەرش ساقچىلىرى:
-ئاپلا،ئەجابا راست ۋۇكۇڭ……
ئۇلار باياتىن مۇشتلاش،بولغان يەرگە باردى،ۋۇكۇڭ شۇ يەردە قانغا مېلىنىپ ياتاتتى……
تاڭسىڭ:
-ئۇھ ،ما كالۋانى !-دەپ قويدى.
ئۇلار يارىلانغان ۋۇكۇڭنى سۆرەپ يەنە يولغا چىقتى.

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
5#
ۋاقتى: 2016-11-10 12:38:42 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تېخى ئامىركىنىڭ سايلىمىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىپسىلەر؟ ئۆينىڭ دەيكۈە نى تۈگىگەنما؟ ماشىنىنىڭ تەكشۈرۈشى تۈگىگەنما؟ يولدىشىڭىز ئۆيگە بالدۇر قايتىۋاتامدا؟ ۋىيشىن نۇمۇرىنى يۇيىۋەتتىما؟ بالىڭىزنىڭ يەسلى ،مەكتەپ مەسىلى ھەل بولدىما؟ تېخى ئامرىكىنىڭ سايلىمىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشىنى نىمە دەي؟ قوۋغام سامساق~ مىنىڭچە ھېلارى بولغان بولسا بولاتتى،ساراڭمۇ بۇ ئەمرىكىلىقلار نەدىكى تايىنى يوق قېرىنى باشلىق قىلىپ…… كىم جۇڭئىن ياخشى ئۇنىڭدىن! بۇ سايلام ئادىل بولمىدى،ساراڭ گۇيلار!

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
6#
ۋاقتى: 2016-11-11 18:33:55 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
[呲牙][呲牙][呲牙]ھەپتىدە بىرەر قېتىم ساراڭلارغا ئۇچراپ تۇرمىسا، ئادەم ئۆزىنىڭ ساقلىقىدىن ئەنسىرەپ قالىدىكەن !  

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
7#
ۋاقتى: 2016-11-16 12:12:36 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
دوقمۇشتا قايغۇرۇپ ئولتۇرغان بىر بوۋاينى كۆرۈپ ئالدىغا بېرىپ سورۇدۇم :-بوۋا نىمىگە بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتتىلە ؟
بوۋاي  :-مەن مۇشۇ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىمنىڭ نام ئابرويىغا  ھەسەت قىلىپ مۇشتاق ئازاپلىنىپ كىتىۋاتىمەن .
مەن :-توۋا ،سىلى نىمانداق ھەسەتخور ،ئىچى تار .
بوۋاي :-ئاۋال گىپىمنى ئاڭلاپ باقمامسەن ؟
مەن :-ھەماقۇل سۆزلىسىلە .
بوۋاي :-دادام ناھايىتى باي سودىگەر ئىدى ،مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۇ ئۆلۈپ كەتكۈچە ھەممە ئادەم مىنى مۆمىن باينىڭ ئوغلى دەپ چاقىراتتى ،ھېچكىم ئىسمىمنى چاقىرمايتى ،كىيىن دادام تۈگەپ كەتتى ،مەن ئەمدىغۇ خەق مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرار دەپ تۇرسام ،يەنىلا ئىسمىمنى چاقىرماي ئوغلۇمنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇپ ،مۇھەممەت زەنجاڭنىڭ دادىسى دەپ چاقىرشىدىغان بولدى ،سەل ئاچچىقىم كەلسىمۇ ئوغلۇمدىن پەخىرلىنىپ سەۋىر قىلدىم ،ئەمدى ئوغلۇم پىنسىيەگە چىقىۋېدى ئەمدىغۇ مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرار دەپ تۇرسام ئەمدى نەۋرەمنىڭ ئىسمى بىلەن قوشۇپ ،مۇسا سوجاڭنىڭ بوۋىسى دەپ چاقىردىغان بوۋالدى ،ئەمدى چىدىمىدىم ،دۇنيادىن مۇشتاق نام نىشانسىز كىتەمدىم ؟
مەن :-بۇ ئادەم كىمدۇ ؟دەپ قارىسام ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خەلچەم شۇجىنىڭ قېيناتىسىكەن .

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
8#
ۋاقتى: 2016-11-17 10:15:27 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئاۋۇ…
ئۈچىنچى قەۋەتتىكى ئۆيگە يېڭى ئەر ئايال كۆچۈپ كەپتۇ.
ئايال كىر قاتلارنى يۇيۇپ بولغاندا،بالكونغا ياغاچنى توغرىسىغا قويۇپ،كىر يىيىپ قۇرىتىدىكەن.بىراق ساقىغان سۈيى پەستىكىلەرنىڭ بالكونىغا چۈشۈپ،ئۇلارنى بەك بىئارام قىلىپتۇ.
بىر كۈنى پەستىكىلەر چىقىپ، ئۆي ئىگىسىگە بۇ ئەھۋالنى دەپتۇ.بىراق ئەر:
-ھەرقايسىڭنىڭ نىمە كارى؟ ئايالىم ئاشتاق كىر يايىدۇ - دەپ ھۈرپىيىپ قوغلاپ چىقىرىپتۇ.
قوشنىلار پەقەت قىلالماي ،ئاخىرى مەھەللە كومىتىتىغا دەپتۇ.
مەھەللە كومىتىتىدىكىلەر شۇنچە دىسىمۇ،ئۇلار بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتمەپتۇ.
مەھەللە كومىتىتىدىكى بىر پېشقەدەم خىزمەتچى بىركۈنى يېڭى كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ،ئەر بىلەن پاراڭلىشىپتۇ:
-قاراڭ،ئايالىڭىز ئاۋۇ ياغاچنى بالكونغا قويمىسا……
ئەر:
-ۋاي نىم كارىڭ؟!
پېشقەدەم كادىر:
-مەن بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي،بۇرۇنقى زاماندا پەنجىنىلىيەن ،ۋۇدالاڭ دەپ ئەر خوتۇن بارئىكەن،بىر كۈنى پەنجىنلىيەن ئۆينىڭ تۈڭلۈكىنى ئاچىمەن دەپ،ياغاچنى شىمىنچىڭ دىگەن بىر بەگزادىنىڭ بېشىغا چۈشۈرىۋىتىپتۇ،ئاندىن……
ئەر:
-بيې شو لا! بۈگۈن كەچتىلا ما خوتۇننى ئۇرۇپ ئادەم قىلىمەن! سىز بىر قانلىق ۋەقەنى توساپ قالدىڭىز……
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:15 , Processed in 0.104264 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش