|
باھار كېچىسىدىكى مەستخۇشلۇقيۈ دافۇ
تەرجىمان: ئەركمان
-1-خۇشاڭدا1 يېرىم يىل بىكارچىلىقتا تۇرۇپ قالدىم، ئىشسىزلىق دەردىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ جايغا كۆچتۈم. دەسلەپتە جىڭئەنسى2 يولىنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى بەئەينى قۇش قەپىزىگىلا ئوخشايدىغان، ئەلمىساقتىن بېرى قۇياش نۇرى چۈشۈپ باقمىغان بىر تاشلاندۇق گۇندىخانىدا تۇردۇم. بۇ تاشلاندۇق گۇندىخانىدا ئوغرى-قاراقچىلارغا ئوخشايدىغان بىرقانچە قەبىھ كىيىم تۈككۈچىلەردىن باشقا، قالغانلىرى ئاساسەن بىچارە نامسىز زىيالىيلار ئىدى، شۇ چاغدا مەن بۇ يەرنىYellow Grub Street 3دەپ ئاتىۋالغان ئىدىم. بۇ Yellow Grub Street دا ئالاھەزەل بىرەر ئاي تۇرغاندىن كېيىن، ئۆي ئىجارىسى بىردىنلا ئۆسۈپ كەتتى، شۇڭا بار-يوق بىرنەچچە كونا كىتابىمنى ئېلىپ پاۋماتىڭ ئەتراپىدىكى بىر تونۇش مېھمانخانىغا كۆچۈپ كەتتىم. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ مېھمانخانىدا ئوخشاشلا تۈرلۈك زورلاشلارغا ئۇچراپ، كۆچۈشكە مەجبۇر بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن تاشقى بەيدۇچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا سوزۇلغان دېڭتو يولىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى رىشىنلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى نامراتلار مەھەلىىسىدىن كىچىككىنە بىر ئۆينى تېپىپ كۆچۈۋالدىم.دېڭتو يولىدىكى بۇ بىرنەچچە رەت كونا بىنا يەردىن ئۆگزىسىگىچە پەمىمچە بىرەر يېرىم گەزچە كېلەتتى. مەن تۇرىدىغان ئۈستىنكى قەۋىتىدىكى ئۆينىڭ پاكارلىقىغا ئەلۋەتتە گەپ كەتمەيتتى. بېلىمنى رۇسلايدىغان بولسام، قوللىرىم قاپقارا تورۇسقا تاقىشىپ قالاتتى. ئالدىدىكى تار كوچىدىن كىرگەندىكى ئۆي ئۆي ئىگىسىنىڭ تۇرالغۇسى ئىدى. ئەسكى بۇرۇچ، ئەقنەبىيلەرنىڭ تۆمۈر قۇتىسى، ئەينەك بويۇلكىلار، داتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر-تەرسەكلەر ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆۋىلەپ قويۇلغاچقا، يانچىلاپ ئىككى قەدەم ماڭغاندا بىرنەچچە بالداقلىق ئەسكى شوتا تامغا تىكلەپ قويۇلغان ئىدى. مۇشۇ شوتا بىلەن يامىشىپ ئۈچ غېرىچچە كەڭلىكتىكى تۆشۈكتىن شۇڭغۇساملا ئۈستىنكى قەۋەتكە چىققىلى بولاتتى. ئىككىنچى قەۋەتتىكى كاتەكچىلىك كېلىدىغان قاپقاراڭغۇ بۇ خانىنى ئۆي ئىگىسى مۈشۈك پاتقىچىلىك قىلىپ ئىككىگە بۆلگەن بولۇپ، تاشقارقىسىدا N تاماكا شىركىتىنىڭ ئايال ئىشچىسى تۇراتتى، مەن شوتىدىن چىققان ئېغىزدىكى كىچىككىنە بوشلۇقنى ئىجارىگە ئالغان ئىدىم، ھېلىقى ئايال ئىشچى مېنىڭ خانەم ئارقىلىق كىرىپ-چىقىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ خانىسىدىن مېنىڭ خانەمنىڭ ئايلىق ئىجارىسى نەچچە ئون تىيىن ئەرزان ئىدى.ئۆي ئىگىسى ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى بەللىرى مۈكچەيگەن قېرى ئىدى. كۆكۈچ ساغۇچ كەلگەن چىرايىدىن قارامتۇل ماي تەپچەرەپ تۇراتتى. نېمىشقىكىن، كۆزلىرىنىڭ بىرى چوڭ، بىرى كىچىك كەلگەن ئىدى، ياڭاق سۆڭىكى بۆرتۈپ چىققان، پېشانىسىدىكى قورۇقلار قىسىقچىسىغا كۆمۈر توزاندىلىرى تولۇپ كەتكەن بولۇپ، ھەر كۈنى سەھەردە يۇيۇپ تۇرسىمۇ يۇيۇۋېتەلمەيدىغاندەكلا كۆرۈنەتتى. ھەر كۈنى سەككىز-توققۇزلاردا ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ھازا يۆتىلىۋېتىپ، بىر جۈپ بامبۇك سېۋىتىنى ئەپكىچىگە ئىلىپ چىقىپ كەتكىنىچە چۈشتىن كېيىن ئۈچ-تۆتلەردە يەنىلا شۇ بىر جۈپ قۇرۇق سېۋىتىنى ئەپكىىچىگە ئىلىپ قايتىپ كېلەتتى، ئارىلاپ-ئارىلاپ سېۋىتىگە ساپلا ئاشۇ ئەسكى پۇرۇچ، داتلىشىپ كەتكەن تۆمۈر-تەرسەك، ئەينەك بوتۇلكا دېگەندەكللەرنى تولدۇرۇپ قايتىپ كېلەتتى. شۇنداق كۈنلىرى كەچتە ئۇ ئازراق ھاراق سېتىۋېلىپ كېللىپ ئىچىۋالاتتى، ئۆزى يالغۇز كارىۋىتىدا ئولتۇرۇۋېلىپ نېمىلەرنىدۇ دېگىنىچە قارىسىغالا تىللاپ كېتەتتى.بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن يېنىمدىكى قوشنام بىلەن تۇنجى رەت دوقۇرىشىپ قالدىم. باھار كۈنلىرىنىڭ كۈندۈزلىك مەنزىرىسى ئاخىرلىشاي دېگەن چاغ، يەنى سائەت بەشلەردە شام ياندۇرۇپ، مېھمانخانىدىن ئەمدىلا ئېلىپ كەلگەن كونا كىتابلىرىمنى قويدۇم. ئەۋۋەل بۇ كىتابلارنى ئىككى قاتار قىلىپ دەستىلىدىم، بىرى كىچىكرەك، بىرى چوڭراق تىزىلدى، ئاندىن رەسىم جازىسىنىڭ تاختىيىنى چوڭراق دەستىلەنگەن كىتاب ئۈستىگە قويدۇم. چۈنكى شۇ كۈنلەردە بار لاقا-لۇقىلىرىمنى سېتىپ بولغان ئىدىم، بۇ كىتابلار ۋە رەسىم جازىسىنىڭ تاختىيىنى كۈندۈزلىرى يېزىق ئۈستىلى ئورنىدا ئىشلەتسەم، كېچىلىرى كارىۋات قىلىپ ياتاتتىم. رەسىم جازىسىنىڭ تاختىيىنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ بولۇپ، كىتابلاردىن تىزىپ ياسىۋالغان ئۈستىلىم ئالدىدا ھېلىقى كىىچىكرەك كىتاب دەستىسىنى ئورۇندۇق قىلىپ شوتىدىن چىقىش ئېغىزىغا دۈمبەمنى قىلىپ، تاماكا چەككەچ ئۈستەلگە ياندۇرۇپ قويغان شامغا قاراپ ئولتۇراتتىم. ئۇشتۇمتۇت شوتا ئېغىزى غىچىرلاپ كەتتى، بۇرۇلۇپ قارىۋىدىم، ئۆزۈمنىڭ پالاكەت سايىسىدىن بۆلەك ھېچنەرسىنى پەرق قىلالمىدىم، ئەمما ئاڭلاش سېزىمىم بىراۋنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى. قاراڭغۇلۇقتا نەچچە دەقىقە تازا سىنچىلاپ قارىۋىدىم، يۇمۇلاق تاتراڭغۇ يۈزلۈك، زىلۋا بىر ئايال كىشىنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى. ئۇنى كۆرۈپلا ياندىكى قوشنام ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. چۈنكى مەن ئۆي ئىزدەپ كەلگەن چېغىمدا قېرى ئۆي ئىگىسى بۇ ئۆيدە ئۆزىدىن باشقا ئۈستىنكى قەۋەتتە يەنە بىر ئايال ئىشچىنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ ئۆينى ياقتۇرۇپ قېلىشىمدا باھاسىنىڭ ئەرزانلىقىدىن باشقە يەنە بۇ يەردە باشقا ئاياللار، بالىلارنىڭ يوقلىقى سەۋەب بولغاچقا، ئىكىلەنمەيلا ئىجارىگە ئالغان ئىدىم. ئۇ شوتىىدىن چىققاندا ئورنىمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا باش لىڭشىتىپ سالام بەرگەچ:ــــ كەچۈرۈڭ، مەن بۈگۈن ئەتىگەندە كۆچۈپ كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇم!ــــ دېدىم.ئۇ گېپىمگە جاۋاب بېرىش ئورنىغا قاپقارا چوڭ كۆزلىرى بىلەن ماڭا سەپ سېلىپ قارىدى ۋە ئۈندىمەستىن ئىشىكىنىڭ قۇلۇپىنى ئېچىپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداقلا بىر كۆرۈشكەن بولدۇم، نېمىشقىكىن بىر كۆرۈپلا ئۇنى ناھايىتى بىچارە ئايالدەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئىلىپتەك ئېگىز بۇرنى، تاتراڭغۇ چېھرى، زىلۋا بويى ئۇنىڭ بىچارىلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، ئەمما شۇ چاغدا مەن تىرىكچىلىك ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەچكە ئىش ئورنى بار بۇ ئايال ئىشچىغا ئىچ ئاغرىتىشقا نەدىمۇ ھەپسىلىم بولسۇن، دەقىقە ئۆتمەيلا ئۆز جايىمدا كىتاب ئۈستىگە قويۇۋالغان شامغا قاراپ ئولتۇۇرۇپ قالدىم.بۇ نامراتلار مەھەلىسىدە بىرەر ھەپتىنى ئۆتكۈزدۈم، قوشنام ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە ئىشقا باراتتى ۋە چۈشتىن كېيىن ئالتىلەردىن ئاشقاندا ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېلەتتى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە مېنىڭ دائىم شام ياكى جىن چىراغ يورۇقىدا كىتابلار دۆۋىسىدە ئولتۇرغىنىمنى كۆرەتتى. ئۇ مېنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئاشۇنداق ساراڭدەك ئولتۇرغىنىمدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان بولسا كېرەك، بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كېلىپ ئۈستىنكى قەۋەتكە چىققاندا مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۈنى ئۇچراشقاندىكىدەك ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆتۈۋېلىشىغا جاي بوشىتىپ بەردىم. ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئۆتۈپ كەتمەستىن بىردىنلا توختىدى ۋە ماڭا قاراپ دۇدۇقلىغىنىچە نېمىدىندۇ قورققاندەك:ــــ ھەر كۈنى بۇ يەردە ئولتۇرۇۋېلىپ قانداق كىتاب كۆرۈۋاتىسىز؟ ــــ دەپ سورىدى.(ئۇنىڭ بۇ مۇلايىملارچە يېقىملىق سۇجۇ تەلەپپۇزىنى قانداق قىلساممۇ يېزىپ ئىپادىلىيەلمىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئورتاق ئاممىباب تىلدا ئىپادىلىدىم).ئۇنىڭ گېپىدىن خىجىلبولۇپ قىزىرىپ كەتتىم. چۈنكى مەن ھەر كۈنى شۇ يەردە ساراڭلاردەك ئولتۇراتتىم،گەرچە ئالدىمدا بىرنەچچە پارچە چەتئەل تىلىدىكى كىتاب تىزىقلىق بولسىمۇ ئەمما مېڭەتومۇرلىرىم كۆبجۈپ كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغان ئىدى، كىتابنى بىرەر قۇرمۇكۆرەلمەيتتىم.
————
ئىزاھات:
1 خۇشاڭ: شاڭخەينىڭ بۇرۇنقى زاماندا ئەل ئارىسىدىكى ئاتىلىشى.
2 شاڭخەيدىكى قەدىمىي بىر كوچا.
3 Yellow Grub Street "سېرىق پىتلىقلار كوچىسى" دېگەن مەنادا.
————
一
在沪上闲居了半年,因为失业的结果,我的寓所迁移了三处。最初我住在静安寺路南的一间同鸟笼似的永也没有太阳晒着的自由的监房里。这些自由的监房的住民,除了几个同强盗小窃一样的凶恶裁缝之外,都是些可怜的无名文士,我当时所以送了那地方一个Yellow Grub Street(黄种人的寒士街,寒士街是伦敦过去的一条街名)的称号。在这Grub Street里住了一个月,房租忽涨了价,我就不得不拖了几本破书,搬上跑马厅附近一家相识的栈房里去。后来在这栈房里又受了种种逼迫,不得不搬了,我便在外白渡桥北岸的邓脱路中间,日新里对面的贫民窟里,寻了一间小小的房间,迁移了过去。
邓脱路的这几排房子,从地上量到屋顶,只有一丈几尺高。我住的楼上的那间房间,更是矮小得不堪。若站在楼板上伸一伸懒腰,两只手就要把灰黑的屋顶穿通的。从前面的弄里踱进了那房子的门,便是房主的住房。在破布,洋铁罐,玻璃瓶,旧铁器堆满的中间,侧着身子走进两步,就有一张中间有几根横档跌落的梯子靠墙摆在那里。用了这张梯子往上面的黑黝黝的一个二尺宽的洞里一接,即能走上楼去。黑沉沉的这层楼上,本来只有猫额那样大,房主人却把它隔成了两间小房,外面一间是一个N烟公司的女工住在那里,我所租的是梯子口头的那间小房,因为外间的住者要从我的房里出入,所以我的每月的房租要比外间的便宜几角小洋。我的房主,是一个五十来岁的弯腰老人。他的脸上的青黄色里,映射着一层暗黑的油光。两只眼睛是一只大一只小,颧骨很高,额上颊上的几条皱纹里满砌着煤灰,好像每天早晨洗也洗不掉的样子。他每日于八九点钟的时候起来,咳嗽一阵,便挑了一双竹篮出去,到午后的三四点钟总仍旧是挑了一双空篮回来的;有时挑了满担回来的时候,他的竹篮里便是那些破布,破铁器,玻璃瓶之类。像这样的晚上,他必要去买些酒来喝喝,一个人坐在床沿上瞎骂出许多不可捉摸的话来。
我与间壁的同寓者的第一次相遇,是在搬来的那天午后。春天的急景已经快晚了的五点钟的时候,我点了一支蜡烛,在那里安放几本刚从栈房里搬过来的破书。先把它们叠成了两方堆,一堆小些,一堆大些,然后把两个二尺长的装画的画架覆在大一点的那堆书上。因为我的器具都卖完了,这一堆书和画架白天要当写字台,晚上可当床睡的。摆好了画架的板,我就朝着了这张由书叠成的桌子,坐在小一点的那堆书上吸烟,我的背系朝着梯子的接口的。我一边吸烟,一边在那里呆看放在桌上的蜡烛火,忽而听见梯子口上起了响动,回头一看,我只见了一个自家的扩大的投射影子,此外什么也辨不出来,但我的听觉分明告诉我说:“有人上来了。”我向暗中凝视了几秒钟,一个圆形灰白的面貌,半截纤细的女人的身体,方才映到我的眼帘上来。一见了她的容貌,我就知道她是我的间壁的同居者了。因为我来找房子的时候,那房主的老人便告诉我说,这屋里除了他一个人外,楼上只住着一个女工。我一则喜欢房价的便宜,二则喜欢这屋里没有别的女人小孩,所以立刻就租定了的。等她走上了梯子,我才站起来对她点了点头说:
“对不起,我是今朝才搬来的,以后要请你照应。”
她听了我这话,也并不回答,放了一双漆黑的大眼,对我深深的看了一眼,就走上她的门口去开了锁,进房去了。我与她不过这样的见了一面,不晓是什么原因,我只觉得她是一个可怜的女子。她的高高的鼻梁,灰白长圆的面貌,清瘦不高的身体,好像都是表明她是可怜的特征,但是当时正为了生活问题在那里操心的我,也无暇去怜惜这还未曾失业的女工,过了几分钟我又动也不动的坐在那一小堆书上看蜡烛光了。
在这贫民窟里过了一个多礼拜,她每天早晨七点钟去上工和午后六点多钟下工回来,总只见我呆呆的对着了蜡烛或油灯坐在那堆书上。大约她的好奇心被我那痴不痴呆不呆的态度挑动了罢,有一天她下了工走上楼来的时候,我依旧和第一天一样的站起来让她过去。她走到了我的身边忽而停住了脚,看了我一眼,吞吞吐吐好像怕什么似的问我说:
“你天天在这里看的是什么书?”
(她操的是柔和的苏州音,听了这一种声音以后的感觉,是怎么也写不出来的,所以我只能把她的言语译成普通的白话。)
我听了她的话,反而脸上涨红了。因为我天天呆坐在那里,面前虽则有几本外国书摊着,其实我的脑筋昏乱得很,就是一行一句也看不进去。
(داۋامى بار)
|
|