« تايتانىك » ناملىق پاراخود دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك تەقدىر ھەققىدىكى ھېكايەسانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، بۇ ھەقتىكى دۇنيانى زىلزىلىگەكەلتۈرگەن ھوللىيۋود فىلىمى تېخىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.ئەمما بۇ پاجىئە ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسوننىڭ بىشارىتىمۇ ياكى بىرتەساددىپىيلىقمۇ؟ «تايتان» نامىلىق دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخود ھوللىيۋود دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك پاراخود «تايتانىك» نىڭ چۆكۈپكېتىش پاجىئەسىنى ئاپەت خاراكتېرلىك مۇھەببەت فىلىمى قىلىپ ئىشلەپ دۇنيانى بىر مەھەل زىلزىلىگە سالغان ئىدى. 19-ئەسىرنىڭئاخىرقى مەزگىلىدە، يەنى پاجىئە يۈز بېرىشتىن 14 يىل بۇرۇن شۇنداق بىر پاجىئەنىڭيۈز بېرىشىدىن بىشارەت بېرىلگەن ئىدى. ئەنگلىيە يازغۇچىسى مورگان روبسون 1898-يىلى نەشر قىلىنغان« بىھۇدە ئاۋارىچىلىق » ناملىق رومانىدا كىشىلەرتەرىپىدىن« مەڭگۈ چۆكمەس پاراخود » دەپ تەرپلەنگەن ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھەم غايەتچوڭ بىر پاراخودنى تەسۋىرلىگەن. روماندىكى «تايتان» ناملىق بۇ پاراخود تۇنجى قېتىمئەنگلىيىدە دېڭىزغا چۈشۈرۈلۈپ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قارىشى قىرغىقىدىكى ئامېرىكىغايولغا چىققان. روماندا بۇ پاراخود ئىنسانىيەتنىڭ دېڭىز قاتنىشى تارىخىدىكى ئەڭچوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك پاراخود قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، پاراخود ئەينى چاغدىكىپەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە دۇنيادا بارلىكى بارلىق ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر بىلەنبېزەلگەن، روماندا بۇ پاراخود يولۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى يۇقىرى تەبەقەئاقسوڭەكلىرى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئوكيان سەپىرىدە پاراخودتىكىھەشەمەتلەردىن بەھر-ھوزۇر ئېلىپ ماڭغان. ھالبۇكى بۇ پاراخود ئۆزىنىڭ تۇنجىقاتنىشىدا مۇزتاغقا دۇچ كېلىپ پاجىئەلىك ھالدا چۆكۈپ كەتكەن، نۇرغۇن يولۇچى بۇپاجىئەدە ئۆلگەن. رېئاللىققا ئايلانغان بىشارەت روماندىكى بۇ پاجىئەنىڭ 14 يىلدىن كېيىن رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقىھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن. 1912-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى كېچىدە، شۇ چاغدىكى دۇنيابويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ ھەشەمەتلىك سانالغان «تايتانىك» ناملىق پاراخود شىمالىيئاتلانتىك ئوكياندا مۇز تاغقا سوقۇلۇپ چۆكۈپ كەتتى. پاجىئە يۈز بەرگەندىن كېيىن بەزىلەر مورگان روبسوننىڭ 14 يىل بۇرۇن نەشرقىلىنغان رومانىنى ئەسكە ئېلىشتى. ئۇلار روماننى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ھەيرانقېلىشتى. رېئاللىقتىكى «تايتانىك» بىلەن روماندىكى «تايتان» نام جەھەتتىن ئازراقلاپەرق قىلغاندىن باشقا، يەنە نۇرغۇن جەھەتتە ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولۇپ چىقتى: ھەرئىككى پاراخود تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چۈشۈرۈلگەندە چۆكۈپ كەتكەن، سەۋەبى ئوخشاشلامۇز تاغقا سوقۇلغان، چۆكۈپ كەتكەن ئورۇن ئوخشاشلا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيانبولغان. ھەر ئىككى پاراخود ئوخشاشلا 4-ئاينىڭ بېشىدا دېڭىزغا سېلىنغان، سەپەرلىنىيىسى ئوخشاشلا ئەنگلىيە-ئامېرىكا بولغان. روماندىكى «تايتان» دا يولۇچى 3000ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەنگەن، رېئاللىقتىكى «تايتانىك» تىكى يولۇچىمۇ نەچچىلا ئادەمكەم 3000 ئىدى. «تايتان» نىڭ تەسەۋۋۇردىكى ئېغىرلىقى 70 مىڭ توننا بولغان بولسا،«تايتانىك» ناملىق پاراخودنىڭ ئەمەلىي ئېغىرلىقى 66 مىڭ توننا ئىدى. «تايتان» نىڭئۇزۇنلۇقى 244 مېتىر قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولسا، «تايتانىك» ناملىق پاراخودنىڭئۇزۇنلۇقى 244 مېتىردىن 10نەچچە سانتىمېتىر ئۇزۇن بولغان. ھەر ئىككى پاراخودنىڭرولى ئۈچ بولغان، مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كەتكەن چاغدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 11 مىڭ 500مېتىر بولغان. يەنە بىر ئوخشاشلىق ھەر ئىككى پاراخودتىكى ئۆلۈم-يېتىمنىڭ ئېغىربولۇش سەۋەبى پاراخودتىكى قۇتقۇزۇش قولۋاقلىرىنىڭ يېتىشمەسلىكى بولغان. كىشىلەر «نيۇ-يورك ۋاقت گېزىتى» دە «تايتانىك» ناملىق پاراخود چۆكۈپ كېتىش ھەققىدىكىخەۋەر بېسىلغاندىن كېيىن، بۇنى مورگان روبسوننىڭ رومانىدىكى ۋەقەلىكلەرنىئەسلەشكەن ۋە يۇقىرىقى ئوخشاشلىقلارنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا، روماندا تەسۋىرلەنگەنبارلىق تەپسىلاتلارنىڭمۇ رېئاللىقتىكى پاراخودتتا يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاشقان.دېمەك، روماندىكى ھېكايىنى 14 يىل كېيىن يۈز بەرگەن «تايتانىك» ناملىق پاراخودنىڭچۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەجەبا بۇ بىرتەسادىپىيلىقمىدۇ ؟ بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. |