مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 850|ئىنكاس: 5
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

公益 سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
公益سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە تەكلىپ

ئۇيغۇر سوفت تورلۇغىتىدىن كۆرۈشۈمچە، 公益نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «جامائەت پاراۋانلىقى، ئومومىي مەنپەئەت، جامائەت مەنپەئەتى» دەپ ئۈچ خىل قېلىپلاشتۇرۇپتۇ. ھازىر شۇ قېلىپلاشتۇرغىنى بويىچە،كۆپىنچە گېزىت- ژورنال ۋە مەتبۇئاتلاردا «جامائەت پاراۋانلىقى» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. لېكىن مۇشۇ 公益 ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان كۆپىنچە ئۇيغۇرلار بولسا 公益团队،公益活动 دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئېغىز تىلىدا «ساخاۋەت ئەترىتى»، «ساخاۋەت پائالىيەتلىرى» دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى خەۋەرلەردىمۇ مۇشۇنداق ئېلىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولغاندا،ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتتا قېلىپلاشقان بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىككى خىلئىشلىتىلمەكتە. يەنى يېزىقتا «جامائەت پاراۋانلىقى»، ئېغىز تىلىدا «ساخاۋەت» دەپ.ئۇنىڭدىن باشقا، «جامائەت پاراۋانلىقى» نى خەنزۇچىغا قايتۇرۇپ تەرجىمە قىلساق، 公众福利 ياكى 公共福利دېگەندەك ئىبارە چىقىدۇ. بۇ يەردە ئېنىقكى، 公益 بىلەن 福利ئىككىسى بىر- بىرىگە بەكلا مۇناسىۋەتسىز ئىككى ساھە (ئالدىغا «جامائەت» سۆزىنىقوشىۋالغان بىلەن). بۇ ھالدا، 公益بىلەن 公共福利 سۆزى ئوخشاشلا «جامائەت پاراۋانلىقى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكىئوخشىمىغان ئىككى ئىبارىنى ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇقالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
پاراۋانلىق (福利) ئادەتتە دۆلەتنىڭ ياكى چوڭ كارخانىنىڭ ئاۋامغا ياكى خادىملارغاقاراتقان بەھرىمان بولۇش تۈزۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئالىي مەكتەپتە ھەقسىزئوقۇش، ئاغرىپ قالسا ھەقسىز داۋالىنىش، ئىشلىمىسىمۇ مۇئاش بېرىش دېگەندەك.دۆلىتىمىزدە بولسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يەسىلىنى ھەقسىزقىلىش دېگەندەكلار پاراۋانلىققا يېتىپ قالىدۇ. يەنە بەزى چوڭ كارخانىلارخادىملىرىغا ھەقسىز ئۆي تارقىتىدۇ، تۇغسا كۈتۈنۈش پۇلى بېرىدۇ دېگەندەك. بۇلارنىڭھەممىسى پاراۋانلىق تۈزۈملىرى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان 公益 بۇ خىل پاراۋانلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئايرىم مەسىلە.
公益 بولسا خەنزۇ تىلىدا يېڭى پەيدا بولغان ئاتالغۇ، تولۇقى 公共利益 دەپ يېزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «ئومومنىڭ مەنپەئەتى» دېگەنلىك بولۇپ،بىز بەزىدە «ئەلنەپ» ياكى «ئەلنەپچىلىك» دەپمۇ ئېلىۋاتىمىز. چۈنكى «جامائەتپاراۋانلىقى» دېگەن سۆز 公益ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى سەل قايمۇقتۇرغاندىن باشقا، بۇئىبارىنىڭ ئىشلىتىلىشىمۇ تازا توغرا ئەمەس، يەنە كېلىپ بۇ سۆز سەل ئۇزۇن بولۇپ،بەزىدە جۈملىنىڭ راۋان ئىپادىلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
خەنزۇلار يەنە 慈善 ۋە 公益دەپ ئايرىيدۇ، لېكىن ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ پەرقىنى سورىسا، كۆپىنچە خەنزۇلار قانائەتلىنەرلىكجاۋاب بېرەلمەيدۇ، ھەتتا شۇ كەسپنى قىلۋاتقانلارمۇ بەزىدە بۇلارنىڭ پەرقىنى ئېنىقدەپ بېرەلمەيدۇ. ئۆزەمنىڭ توردا كۆرگەنلىرى ۋە ئەمەلىي ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمگەئاساسلىنىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى مەن مۇنداقراق چۈشەندىم:
慈善 نىڭ كېلىش مەنبەسى دىنغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بەزى دىنغا ئېتىقادقىلمايدىغان دۆلەتلەردە بۇ سۆزنى ئانچە بەك ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ، 慈善 ئادەتتە پۇل ياكى ماددى نەرسىلەرنى مۇھتاجلارغا بىۋاستە بېرىشنىكۆرسىتىدۇ، بۇنى ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە نوقۇل ھالدىكى ياردەم بېرىش ۋە خەير- ساخاۋەتدەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بىر بىمارغا بىۋاستە 100 كوي ياكى 10 مىڭ كوي ياردەمقىلغاننى 慈善 (خەير- ساخاۋەت) دەپچۈشەنسەك، بىر مۇنچە خاتىرە دەپتەر ياكى رەسىمنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، شۇ پۇلغامەلۇم بىمارنى داۋالىتىشنى ياكى بىر مۇنچە بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىشنى بولسا公益 (ساخاۋەت)دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. يەنە مىسال ئالساق، بىر ئوقۇغۇچىغابىر قۇر يېڭى كېيىم ئېلىپ بېرىشنى 慈善دەپ چۈشەنسەك، بالىلارنى كېيىم بىلەن تەمىنلەيدىغان مەلۇم  بىر ساخاۋەت ئورنىغا ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق،چەت ياقا يېزىدىكى 100 ئوقۇغۇچىغا 100 قۇر يېڭى كېيىمنى ئەكىلىپ بېرىشنى 公益 دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ تېگى بىر، يەنى ھەممىسىساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك، پەقەت ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىش شەكلى، دائىرىسى ۋە ئۈنۈمىئوخشىمايدۇ.
ھازىر 公益نىڭ دائىرىسى پۇليىغىپ ئادەم قۇتقۇزۇشتىن تارتىپ ھايۋاناتلارنى قوغداش، مۇھىت ئاسراشلارغىچە بېرىپ تاقىلىپ،慈善 نىڭ دائىرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 公益نى慈善نىڭ كېڭەيتىلمىسىياكى راۋاجى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تاماكا چەكمەسلىك، ئاپتوبۇس ياكى ۋەلىسپىتلىكئىشقا بېرىش، سۇنى تىجەپ ئىشلىتىشلەرنىڭ ھەممىسى 公益 نىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ، شۇ ھەرىكەتلەرنى تەرغىپ قىلىشمۇ 公益 ھېساپلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش جامائەتكە ۋە ھەممىمىزگەپايدىلىق.
كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى، 慈善 بىلەن 公益نىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش، 慈善نى دادىسى دېسەك، 公益نى ئۇنىڭدىن كېيىنتۇغۇلغان بالىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر بالىسىنىڭ دائىرىسى دادىسىنىڭكىدىن ئېشىپكەتتى، لېكىن ئىككىلىسىنىڭ خاراكتېرى يەنىلا خەير- ساخاۋەتتىن ئىبارەت. شۇڭا مەنماقالىلاردە 公益نى«ساخاۋەت»، 慈善 نى «خەير- ساخاۋەت» دەپئېلىپ كەلدىم، ھەم شۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدىكەن دەپ بىلدىم.
يەنە كېلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ 公益 سى تېخى مۇھىت ئاسراش ۋەھايۋاناتلارنى قوغداش دائىرىلىرىگە بېرىپ يەتمىدى، ھەممىسى ئاساسەن 慈善 بىلەن 公益نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ، بۇسەۋەبتىنمۇ 公益نى«ساخاۋەت» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئۇنىڭدىن باشقا، 公益نى يەنە ئەلنەپ،ئەلنەپچىلىك، ئەلنەپ ئىشلىرى دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەنمۇ ئالدىم.
يېقىلدا تىل- يېزىقكومىتېتى 公益نى«جامائەتچىللىق» دەپ قېلىپلاشتۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ. ئەلۋەتتە، قېلىپلاشتۇرغاننىپايدىلىق دېگەن تەغدىردىمۇ، بۇ خىل قېلىپلاشتۇرۇش يەنە بىر قېتىملىق قالايمىقانچىلىقنىڭباشلىنىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭمەنبەسى ھەرگىزمۇ سۆزنى قېلىپلاشتۇرغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بىر خەنزۇچە سۆزگەبىرلا ئۇيغۇرچە سۆزنى ئۇددۇل قىلىپ قويۇپ، باشقا تاللاش ئىمكانىيىتىنىقويمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن: 社会 دېگەن سۆزگە «جەمئىيەت»، «ئىجتىمائىي» دەپ تاللاش ئىمكانىيىتىبار، تەرجىمانلار مۇشۇ تاللاشلار ئارقىلىق ئۆز ئەسەرلىرىنى راۋان ۋە چۈشىنىشلىكتەرجىمە قىلىپ كېتەلەيدۇ. لېكىن 汽车دېگەن سۆزگە «ئاپتوموبىل»دىن باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق، شۇڭا ئېغىز تىلىدا «ماشىنا»،يېزىق تىلىدا «ئاپتوموبىل» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ھېچكىممۇ ئېغىز تىلىدا «ئاپتوموبىل»دېمەيدۇ، ھەممىسى «ماشىنا ھەيدىدىم»، «ماشىنىغا ماي قاچىلىدىم» دەيدۇ، ئەپسۇس،تەرجىمان ۋە يازغۇچىلار «ماشىنا» دەپ يېزىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە،لۇغەتتىكى 汽车 دېگەن سۆزگە «ئاپتوموبىل»،«ماشىنا» دەپ تاللاش ئىمكانىيىتىنى قويسا بولغان بولسا، بارلىق مەسىلىلەر ھەلبولاتتى. تەرجىمانلارمۇ ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىپ، سۆز- جۈملىلەرنىڭ راۋان ۋەچۈشىنىشلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلالايتتى.
دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، 公益 سۆزىگىمۇ ئاۋام ئىشلىتىۋاتقان ۋە مۇتەخەسىسلەر بېكىتكەن سۆزلەرنىڭھەممىسىنى نامزات قىلىپ بەرگەندە، تەرجىمان ۋە يازغۇچىلارغىمۇ نۇرغۇنقۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتى. مېنىڭچە بولغاندا، 公益سۆزىگە مۇنداقنامزاتلارنى بېرىش مۇمكىن:
公益- جامائەت پاراۋانلىقى؛ ساخاۋەت؛ جامائەتچىللىق؛ ئەلنەپ؛ئەلنەپچىلىك؛
慈善- خەيرى- ساخاۋەت؛ خەيرى- ئېھسان؛ خەيرىيەت.
公益人- جامائەتچى، ئەلنەپچى
公益广告- جامائەت ئېلانى؛ ساخاۋەت ئېلانى؛ ئەلنەپ ئېلانى؛ جامائەتچىللىقئېلانى.
دىققەت قىلىشقاتېگىشلىك يېرى شۇكى، 慈善گە خەيرى- ساخاۋەت سۆزى، 公益 گە ساخاۋەت سۆزى نامزات قىلىپ بېرىلدى، بۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقابولمايدۇ. ھېلىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 公益活动 دېگەننى ساخاۋەت پائالىيىتى دەپ ئېيتىۋاتىدۇ ھەم يېزىۋاتىدۇ. تەجرىبىلەردىنشۇنىسى ئېنىقكى، ئاۋامدىن ئارىلىپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇ ھامان مەغلۇب بولىدۇ ياكىقالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەنلائىش تۈگىمەيدۇ. تەرجىمان ۋە يازغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋام خەلق بۇ نامزاتسۆزلەرنى مەلۇم مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ياكى بىر قانچىسىئوموملىشىدۇ ياكى ئۇتۇپ چىقىدۇ. شۇنداق بولغاندا، تىلشۇناس ئۇستازلارغا كېلەرقېتىملىق ئاتالغۇ بېكىتىش ئىشلىرى تېخىمۇ قۇلايلىق ۋە ئاسان بولىدۇ.

يۇقارقى بايانلىرىم خەير-ساخاۋەت ھەققىدىكى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلغان ۋە بۇ ئىشلارغا ئەمەلىي قاتناشقانمۇشۇ 5 يىل جەريانىدا، 60 نەچچەدەك ساخاۋەت ھەققىدىكى ئاتالغۇلارنى يىغىش ۋە ئۇلارھەققىدە كۆپ ئويلىش، ئىزدىنىش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. تىلشۇناس ئۇستازلارنىڭ،ئىلىمدار دوستلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنىسورايمەن!

تۆۋەندىكىلەر،رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە 公益 سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىۋە ئاۋامنىڭ ئىشلىتىشىنى كۆرۈپ باققايسىزلەر!























ھۆرمەت بىلەن:
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەرجىمە- تەشۋىقات مەسئۇلى ئىسكەندەرجېلىل
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى قومۇل تارانچى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
دىۋان
ۋاقتى: 2015-9-11 16:05:56 | ئايرىم كۆرۈش
بىر گەپ: "سۇ بويىدا" نى ئۇيغۇرچىدىن قايتۇرۇپ خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلساق قانداق چىقار؟
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-9-13 23:52:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-9-11 16:05
بىر گەپ: "سۇ بويىدا" نى ئۇيغۇرچىدىن قايتۇرۇپ خەنزۇچىگە  ...

پۈتۈن روماننى دېمەكچىمۇ سىز؟

ماۋۇ ئاممىۋىي پاراۋانلىق سۆزى ھەققىدە ئىككى مىسقال گەپ قىلماي تۇرۇپلا "سۇ بويىدا"غا چۈشۈپ كەتسىڭىز سەت تۇرىدۇ جۇمۇ

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
يەر
ۋاقتى: 2015-9-30 12:24:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-9-11 16:05
بىر گەپ: "سۇ بويىدا" نى ئۇيغۇرچىدىن قايتۇرۇپ خەنزۇچىگە  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۈتۈن جوڭگو ۋە دۇنياددىكى ھەممە ئادەم چۈشۈنۈپ،ئۇلۇغ جوڭخۇا ئېلىمنىڭ شۆھرىتى پۈتۈن ئالەمگە تارقاپ،شانۇ-شەۋكەت 999999999% ئاشاتتى!
ئە.ئە.ئۇيغۇرمەن=E.E.Uyghurman=威武旺

1

تېما

19

يازما

98

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
98
5#
ۋاقتى: 2015-10-18 12:47:38 | ئايرىم كۆرۈش
جامائەت پاراۋانلىقى.

3

تېما

40

يازما

193

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
193
6#
ۋاقتى: 2015-11-13 12:44:38 | ئايرىم كۆرۈش
公益دېگەن سۆز جامائەتكە،ئەلگە پايدا كەلتۈرۈش دېگەندەك گەپ بولغاندىكىن،‹‹ئەلنەپ››دېگەن سۈپەت سۆزى ھەم ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك بولىدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:43 , Processed in 0.074043 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش