بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-16 16:04
كەلپىن ئۇيغۇرلىرى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن رىۋايەت
مۇھەممەد باغراش
2004- يىلى ئۆكتەبىردە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەنچاقىلىق ناھىيىسى بىرلىشىپ چاقىلىق ناھىيىسىدە يازغۇچى سۇلايمان ئابدۇرەھىمگە تون يېپىش ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغانرومانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، شۇنداقلا ئۆسمۈرقىز ليۇجيې يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان «تاش ئادەم»ناملىق چۆچەك پوۋېستىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىششەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق.
يىغىنكاتتا ۋە نەتىجىلىك بولدى. يىغىن ئارىلىقىدا چاقىلىق ناھىيىلىك مۇزېينى كۆردۇق.مۇزېي كۆلەم جەھەتتە ھازىرچە تېخى كىچىك بولسىمۇ، باشقۇرۇلۇشىدىكىمەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىزدە ج ك پ چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتىۋە خەلقھۆكۈمىتىنىڭ، چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ يەرلىك ئاسارئەتىقىلەرنى ۋەتارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قوغداش ئىرادىسى ھەم ئىشلىگەنخىزمەتلىرىگە بولغانقايىللىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇمىزنى ئاشۇرغان بولسا،مۇزېيدىكى نەچچە مىڭ يىللىق پارلاقكروران-چەرچەن-لوپ مىرانئۇيغۇرئۇيغارلىقىغا(مەدەنىيىتىگە) تانۇق(گۇۋاھ) بولۇپتۇرغان ھەرخىل تېپىلمىلار، بولۇپمۇ يېقىندا بايقالغان، قىياس قىلىنىشىچە، تارىخىئالەمگە داڭلىق «كروران گۈزىلى»دىنمۇ ئۇزۇنراق بولۇشى مۈمكىن بولغانئۈچكۆۋرە(قۇرۇق جەسەت) بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى بەكمۇ ئۇزاق قەدىمىي روزىغارغايېتەكلەپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تارىخ ۋە ئۇيغارلىق ساھەسىدىكىئالىملارنى تاڭ قالدۇرغان بۈيۈك كروران- لوپ- چەرچەن-مىران ئۇيغارىنىڭياراتقۇچىلىرى بولمىش كروران ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ياشاشئىرادىسىگە تاغدەك پەخىرلىنىشتۇيغۇسى، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالاكەتلىكتەقدىرىگە بولغان ئازابلىق ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ئويغاتتى!
تەقدىر خاھلىسا بەخت - سا'ئادەت، ئاجايىپ قۇۋناق ھايات،گۈللىنىش ئاتا قىلىدۇ، خاھلىسا ھەرخىل خاتالارنى سەۋەب قىلىپ ئاشۇ گۈللىگەنئەل-ئۇلۇسنى بىر كىشان(دەقىقە)دىلا ھالاكەت ئوپقانىغا تاشلاپ، ئادەملەرنىڭ خاتاسىنىجازالايدۇ!
ئېيتىلىشىچە، زامانىي ئەۋۋەلدە يەر يۈزىدە ئاجايىب بۈيۈكمەدەنىيەت، پارلاق گۈللىنىش، چوغيالىن (ئاجايىب كاتتا) تەرەققىيات دەۋرىبولغانىكەن.كېيىن(تەخمىنەن10-12مىڭ يىللار ئىلگىرى) توپان بالاسى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىليون يىل داۋامىداياراتقان پارلاق مەدەنىيىتى بىركېچىدىلا ۋەيران بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكىجانلىقلار ۋە ئىنسان ئۇرۇقلىرىدىن باشقا پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىمىكى بارلىق مەۋجۇداد«توپان»غا غەرق بولۇپ، ئېچىنىشلىق ھالاك بولغان ۋە ئىزسىز يوقالغان ئىكەن!
كۆمەنلى (سىرلىق) ۋە كۈچ-كۈسۈنلىك(قۇدرەتلىك)، تەگسىزئوپقاندەك سىرى ۋە چىرايىنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكىلى ئۇنىماي، ھازىرقى زامانئادەملىرىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئۆرتەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك-تۈمەن قىياس، ئويلىنىش ۋەئىزدىنىشلەر بىلەن قىيناۋاتقان تەكلىماكان قۇملۇقى تەكتىدە مۆكۈپ ياتقان ئاجايىببۈيۈك ئۇيغار، كاتتا ۋە باتۇر شەھەرلەر ھەمدە شۇلارنى ياراتقان ئۆركى(ئېسىل)،ئەربۇزى(جەسۇر) ۋە ئالىپ(غالىپ) ئەچۈ-ئوغۇرلار ھالاكەتلىك تەقدىرنىڭ قۇربانىبولغانىكەن!
تارىخنى قاتتىقمەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە دۇرۇست نىيەت بىلەن تۈپكەرلەپ (تەتقىق قىلىپ) ئەچۈ-ئوغۇشلىرىمىز(بوۋا-ئەجدادلىرىمىز) بۈگۈندىن 1600، 1700 يىللار ئىلگىرى ئاشۇ توپان بالاسىدەكدەھشەتلىك قۇم توپانى ئەكەلگەن ئوغۇشلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئىزدەش، بېسىپ ئۆتكەنيوللىرىنى سىنلاش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت، تەبىئەت، ئېكولوگىيە، ياشاش، تەرەققىيات،مەۋجۇدلۇق ئاڭلىرىنى، پوزىتسىيە-مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆگىنىش، بىلىش، ئاڭقىرىش بىزنىڭشەرەبلىك ھەم ساۋابلىق بۇرچىمىز، ئەلۋەتتە! بۇ جەريان بىزگە گاھىدا چوڭقۇر ئېچىنىش ۋە ئازاب تۇيغۇسى بەرسە، يەنە گېزىكەلگەندە بىزگە چەكسىز خۇشاللىق، كۇفەر(غۇرۇر)، قەدىر-قىممەت، سۆيۈنۈش، ئىشەنچ ھەمكۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ! ئەڭ مۇھىمى، بىز بۈگۈنكى روزىغارئادەملىرى تەجرىبە،ئۆرنەك ۋە ساۋاققا ئىگە بولىمىز ھەم يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ، مىللەتنىڭئۆتكەندە باشتىن كەچۈرگەن ھالاكەتلىك تەقدىرىنىڭ بىزنىڭ قىلىپ تاشلىغانقىلماغۇلىرىمىز(خاتالىق-سەۋەنلىكلىرىمىز) يەنى مىللىي، ئىجتىما'ئىي ئەخلاقتەگرىنچى(مۇھىتى) ۋە تەبى'ئەت ئېكولوگىيە تەگرىنچىنى بۇزۇش سەۋەبى بىلەن قايتاتەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر! ئاشۇ دەھشەتلىك قىسمەتنىڭ يەنە تەكرارلىنىپقېلىشىدىن ياراتقۇچى پاناھ بەرسۇن!
ئەتراپىمىزنى قورشاپ ياتقان ئاشۇ مۇڭ باسقان پايانسىزقۇملۇق، ئېغىر تىنىپ ياتقان باياۋان، تەشۋىشلىك ئىڭراپ-پىچىرلاپ ھالىنىئېيتىۋاتقان
ھالسىز، نىمجان غېرىب توغراقلارنېمەدېمەكچىدۇ؟ بىزگە قايسىقىسمەت، قايسى ئۆتكۈ-كەتكۈ ۋە كەلگۈلۈكلەردىن ھېكايەت قىلىۋاتقاندۇ-ھە؟ ئۇلارنىڭتىلىنى ئاڭلىيالىساڭ، ئۇلارنىڭ ساڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ھەيۋەتلىك، دەبدەبىلىك،كاتتا، موڭادىنىچ(ھەيران قالارلىق) ئۆتكۈر داستان-قىسسەلىرىنى،ھەسرەتلىك-نادامەتلىك كەچمىشلىرى توغرىسىدىكى ئۆكۈنۈش، دەرد ؟ ھەسرەتلىرىنى، بىزگەقاراپ ئۈمتۈلۈپ، قۇلىقىمىزغا، ياق، يۈرىكىمىزگە قۇيماقچى بولغان ئۈگۈت ؟نەسىھەتلىرىنى، ئىستەك، ئوي ۋە ئارمانلىرىنى ئاڭقىرىپ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ،ئۇنىڭ باغرىغا مەڭزىنى يېقىپ تويۇپ-تويۇپ دەردلىشەلىسەڭ كاشكى؟ ھەسسىنەي، بۇمۇمكىنمۇ؟
شۇدورەم چاقىلىق، باش لوپ (كورلا لوپ) ۋە كورلىدا ئۆتكۈزگەن سەككىز-ئون كۈنۈمئاشۇنداق ئېغىر ۋە ئىزتىراپلىق خىياللار قاينىمىدا گاھ لەيلىدى،گاھ چۆكتى! ئۆپچۆرەمدە بولۇۋاتقان كۈلكە-چاقچاقلار، ئويۇن-تاماشالار ماڭا پەقەت سىرتتىن تەسىرقىلاتتى.مەن ئۇلارغا كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇراتتىم. ئىچىمدە بولسا تەگسىز خىيال.كۆزلىرىم ئاشۇ سارغۇچ قۇملۇق، ئاشۇ بوزارغان باياۋان ۋە ئاشۇ قىينالغان چېكىسىدەقېتىپ قالغان بۇ تەگرىنچ (مۇھىت) شۇ قەدەر تىمتاس، شۇقەدەر چوغيالىن (ئاجايىپكاتتا)، شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ۋە شۇ قەدەر بۈيۈك ۋە ھەم ئۇلۇغۋار ئىدى.
لېكىن بۇ زېمىننىڭ ئاشۇ چەكسىزلىكى، ئاجايىپ كاتتا ۋەقورقۇنچلۇقلىقى، بۈيۈك ۋە ئۇلۇغۋارلىقى، تويماس ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكلىكى دەل ئۇنىڭيۈكسەكلىكى، بۈيۈكلىكى، گۈزەللىكى ۋە تارتىشچانلىقى ئىدى! ئۇ ئاشۇ بەھەيۋەتسەلتەنەتى بىلەن، ئاشۇ ھەرقانداق تىنالىق(ھاياتلىق)نى بىركىشان (دەقىقە) ئىچىدەھاپ قىلىپ يۇتۇپ تاشلايدىغان قاتىرقاتىغ(دەھشەتلىك) ۋە قاتىرياۋلاغ(ۋەھىمىلىك)،بىۋاپا كۆرۈنچ(مەنزىرە)ئى بىلەن شۇقەدەر كەرەم (سېخىي) ھەم قىزىقارلىق ۋەتارتىمچان ئىدى. ئۇنىڭ باغرىدا دەپسەپ تۇرۇپ سەن ئۆزۈڭنى گاھ ھەچ ئەرزىمەس بىرتالقوغ(توزان )
سانىساڭ، گاھ ئۇنىڭ ئاشۇ كەرىك ( چەكسىز ) ۋە قادارقاشلاغ (سۈر-ھەيۋەتلىك)تۇرقىدىنسۆيۈنۈپ قۇۋىنارسەن. چۈنكى دەل مۇشۇ يەرلەر بوۋا-ئەجدادلىرىمىز يارالغان،كۆكلىگەن، ياشنىغان، بىزنى باققان، ئۆستۈرگەن، ئاۋۇتقان، ياشناتقان باھادىر-ئەزىمەتيەرلەردۇر!
ئەي چالاڭ ( يالىڭاچ ) يەر، قارقاغ (قاقاس) يەر،
ئالتۇن يېرىم قۇتلاغ (بەخت) يەر،
تومۇردەكى قانىم يەر،
باغرىمدەكى جانىم يەر،
ئەچۈلەرنىڭ (ئەجدادلارنىڭ) ئىزى بار،
ئىنە (ئانىلار) لەرنىڭ يۈزى بار،
كەتكەنلەرنىڭ سۆزى بار،
چىنتەمەنسەن (گۆھەر) تارىم يەر.
تارىم دېگەن يەلىڭ (شاماللىق ) يەرۇ - يەلىڭ يەر،
بۆكسەكىڭنى (باغرىڭنى) ئەسىن (شامال) بولۇپ قۇچسامچۇ،
سەنىڭ كۆركلۈگ (گۈزەل) كۆكشىن (كۆكۈش) كەرك (چەكسىز)كۆكىڭدە چاغرى(لاچىن) بولۇپ قانات قاقىپ ئۇچسامچۇ؟ ــــ(قەدىمكى لوپ خەلق قوشىقى ) دىن
بىر كەزدە، ئۆپچۆرەمدىكى ئادەملەرنىڭ ــــ ئەر-ئايال،ياش-قېرىلارنىڭ گەپ قىلغاندىكى تاۋۇش-تىمبىرى،تەلەپپۇزى، ھېسسىيات ئىپادىلەش مىمكىسى (چىراي ئىپادىسى)، شېۋىسى بىردىنلا دېققىتىمنى تارتتى. ئۇلارباشلوپلۇق ( كورلا لوپلۇق )، چاقىلىق ۋە چەرچەنلىك كىشىلەر ئىدى. بىر چاغلاردا شوپۇرلىققىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە باشلوپ (كورلا لوپ - ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسى)نىڭئاقسۇپا، قارچۇغا، تارىم، دۆڭقوتان دەيدىغان يەرلىرىگە ماشىنا ھەيدەپ بارغىنىمداشۇ يەر ئادەملىرىنىڭ تۈس-قىياپىتى، سۆزلىگەندىكى شېۋە-تەلەپپۇزى ۋە كۈلكە-چاقچاقلىرىدىكى بىرشېرىن، تارتىملىق ئۆزگىچىلىكلەر مېنى شۇنداق ئەسرۈك ( مەست )قىلغانىدى. شۇنداق، خاتىرە ۋاراقلىرىم بىر-بىرلەپ ئۆرۈلۈپ قاناتلىق ئويلىرىمقىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئىستەكلىرىمنى يۈدىگىنىچە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ۋادىسىغاقاراپ ئۇچتى. ئۇ ۋادىدا، ئىلگىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان، مېنى تولىمۇقىزىقتۇرغان، بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان بىر يۇرتنىڭ ئادەملىرى توغرىسىدىكى (كېيىنكىچاغلاردا ئۇنتۇلۇپ يوشۇرۇن ئېڭىمنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مۆكۈپ تۇرغان)بىر بۆرتۈن(مەجھۇل)مەنزىرە باشتا بىر دانە قوغ-قىچماق(زەررىچە)بولۇپ، كېيىن بولسا بارا-بارابۈيۈپ- يارقىنلاپ، كۆڭۈل كۆزڭۈم(ئەينىكىم)دە بالقىدى.مەن كۆزڭۈمدە، شۇ كۈنلەردەتېلېۋىزوردا كىنو كۆرگەن كەبىي كىچىككىنە، لېكىن تولىمۇ تارتىمچان بىر يۇرتنى ۋەشۇ يەردە ياشاپ تۇرغان بىر ئەلكۈن -قەۋمنى كۆردۈم.. بۇ يۇرت كەلپىن ئىدى. بۇئەلكۈن-قەۋم بۈگۈن ئاشۇيۇرتتا ياشاۋاتقان كەلپىن ئۇيغۇرلىرى ئىدى؟ ھەيرانمەن ؟!مەن قانداقسىگە چاقىلىقتا تۇرۇپ، مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى كەلپىننىئويلاپ قالدىم؟
بۇ چاغدىكى تۇيغۇم شۇ قەدەر سىرلىق، ئاڭقىرغۇسىز، ئۇشتۇمتۇتقارام ۋە قىزىقارلىق ئىدىكى، كەلپىنۋە كەلپىنلىكلەر بىلەن ھەچقانداق خۇسۇسىيباغلىنىشى يوق، ھەتتا كەلپىن، دېگەن بۇ يەرنى تېخىچە كۆرۈپمۇ باقمىغان( لېكىنكەلپىنلىكلەر بىلەن تولا ئارىلاشقان) مەندەك بىر ياقا يۇرتلۇققا نىسبەتەنئېيتقاندا، بۇنداق تۇيغۇ تولىمۇ تاساددىپىي ۋە چۈشىنىكسىز ئىدى. گاھ كۆرۈنۈپ، گاھيىراقلاپ مېنى ئېزىقتۇرۇۋاتقان ئاشۇ بىۋاش، ئاساۋ ۋە تۇتۇق بەرمەيۋاتقان، لېكىنئۆزىگە رام قىلىپ، تارتىپ، كۆرۈنمەس قىل بىلەن بارلىقىمنى ئۆزىگە باغلىۋېلىپ، ئۆزئەركى تامان يېتەكلەپ كېتىۋاتقان ئاشۇ سىرلىق سەزگۈ ۋە ئازدۇرغۇچ تۇيغۇلىرىمدىنتۆرەلگەن ئۆرتلۈگ-يالقۇنلۇق خىيالىمغا ئۆز ئەركىمنى بىراقلا تاپشۇرۇۋەتتىم ۋەچاقىلىقتىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئۈچىنچى كۈنىلا توپتوغرا كەلپىن؟گە قاراپجۆنىدىم.ئاشۇ سىرلىق يۇرتقا تېزرەك يېتىپ بېرىشقا ئالدىراپ نەپسىمقىسىلدى، قاراقىمقاتتى! ئىچىمدە پەقەت بىرلا سوئال:«بۈگۇنكى كەلپىن ئۇيغۇرلىرى بىلەن چاقىلىق،باشلوپ، ئاياغلوپ(خوتەن لوپ)، چەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانداق ئالاقىسى بار-زادى؟ئۇلار نېمىسى بىلەندۇر بىر-بىرى بىلەن شۇ قەدەر يېقىن بىلىنىدۇ؟ نېمىشقا؟...»
كەلپىن ئاچالدا ئازنا بازار ئىدى. ئالقانچىلىك بۇ ئۆتەڭبازار مەڭگۈ بېسىقماس تىرىكچىلىك غەۋغاسىدىن تىترەيتتى. ئۇنىڭ ئاسمىنىبازارچىلارنىڭ ئايىغىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق توپا-چاڭدىن بوزارغانىدى. بۇ بازارداياشاشنىڭ بىرقەدەر ئاددىي ۋە تۆۋەن تەلىپىگىلا جاۋاب بېرەلەيدىغان ئېلىم-سېتىم،نان، ئاش-چۆپ، تۈرى ئىنتايىن ئاز كۆكتات (بۇ يەرنىڭ چامغۇرى بەك داڭلىق، قوزىنىڭقۇيرۇقىدەك يۇمشاق ۋە تاتلىق پىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا «كەلپىنچامغۇرى»دېگەن نام بىلەن سېتىلىۋاتىدۇ. باھاسى يىلسېرى ئۆسۈپ بارماقتا) ۋەمېۋە-چېۋە، ئەرزان باھالىق ساختا ئاياغ، لاتا-پىتە ھەمدە شۇ يەرنىڭ ئەمەلىيسېتىۋېلىش كۈچىگە كۆرە ئىنتايىن ئۆرە باھادىكى گوش-ياغ، ئات-ئۇلاغ، توخۇ-تۈمان ۋەناچار سانائەت ماللىرى ئېلىم-سېتىمى قىزىغانىدى. ئوزايىدىن قارىغاندا، بۇ يەرئادەملىرىنىڭ قولى قىسقا بولغاچ ياشاش تەلىپىمۇ تۆۋەن ئىدى.باش-كۆزىنى توپا باسقان، ياشاش جاپاسىدىن قۇرۇپ-قاغجىرىغان بۇ ئادەملەر شۇ قەدەرقانا؟ئەتچان، شۇ قەدەركۆنۈك، شۇ قەدەر ئىنسابلىق، شۇ قەدەر ياۋاش كۆرۈنەتتى. لېكىنمېنى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئەھۋالىدىمۇ يەنە ھەممە نېمىسى تەل، باي-پاراۋان، دۆلەتمەن ئادەملەردەك بىغەم، تۆلەك، ئارىم-بارىم(خۇشخۇي،خۇشچاقچاق) لىقى تاڭ قالدۇردى. مەن تۇرۇپلا«كەلپىنلىكلەر غەم-قايغۇنى بىلمىسەكېرەك» دېگەننى ئويلاپ قالدىم. كۆز ئالدىمدىكى قاش-كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان،ئەرلىرى بەست-قامەتلىك، ساقال-بۇرۇتلىرى ئوخشىغان، قىز-چوكانلىرى غۇنچەبوي،گۈلبەدەن، ھەممىسىلا دېگىدەك شۇ قەدەر چېچەن، تولىمۇ سۆزمەن، تولىمۇ ئەلتەك،تولىمۇ تۈرگۈن ھەم قۇۋناقكەلگەن ۋە چاڭ-توزان ئارىسىدا بوغسۇپ تۇرغان بۇ ئادەملەرشۇ تاپتا ماڭا گويا توپا-تۇمان ئارىسىدا كۆمۈلۈپ يېتىپمۇ جۇلالاپ-چاراقلاپ تۇرغانبىر ئوچ ئىنجۇ-مەرۋايىت ۋە گۆھەردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئېنىقكى،ئۆز بېشىدىن تولا ئېغىر-قاتتىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن، ھەتتا ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلۇپقالغان ئادەملەرلا ۋە شۇنداق ياشاشنى بىلىدىغان،ياشاشنى يۈرىكىدىن سۆيىدىغان ھەمدەئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەتىسىگە، كېلەچىكىگە ئىشىنىدىغان، ياشاشدېگەننىڭ، ئۆمۈردېگەننىڭ، ۋاقىت-ئۆتكۇ دېگەننىڭ ئەسلىي تومۇرىنى تولۇقى بىلەنئاڭقىرالىغان ئىنسانە ۋە ئەلكۈن-قەۋملا ياشاش كىشانلىرىنى(دەقىقىلىرىنى)ئاشۇنداققەدىرلەپ ياشاشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا» (ئەلۋەتتە بۇيەردىكى «تاماشا»بىر كۈچلۈك ياشاش ئۆز قۇنۇقى (روھىنىڭ، بۇ سۆز ياشاش سوققىلىرى ۋەكۈلپەتلىرىگە تىزلانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ)! ئۇلار ئۈچۇن ياشاشنىڭ ھەربىركىشانى(دەقىقىسى) ئېغىر، قاتتىق بولسىمۇ بايرام! بۇنداق ياشاش پەقەت ئىچى كۈچلۈكمىللەت-ئۇلۇس ۋە ئىچى كۈچلۈك ئەركەكلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە!
مەن شۇ تاپتا توپا-چاڭغا كۆمۈلگەن بۇبازارچىلارنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئۆزۈمنى مىلادى 2004-يىلىباش كۈزدىكى «ئاچال» ئاتلىق بىركىچىك بازاردا ئەمەس، ئەكسىچە، مىلادى 400-يىلىنىڭئالدى-ئارقىسىدىكى كروران ئېلىدە، ياشاش ئۈچۇن، كۆكلەش ئۈچۈن، مەۋجۇدلۇق ئۈچۈنكۆكرىكىنى كېرىپ، ئاجۇن ۋە روزىغار(دۇنيا ۋە دەۋر) نىڭخىرىسلىرى بىلەن جانسۈرە ئېلىشىۋاتقان كروران ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كۆرگەندەكبولدۇم! كەلپىن ئۇيغۇرلىرىدىكى ھەممە ۋە ھەممىلاتەرەپتىن قەددى-قامەت، چىراي-تۇرق، قاش-كۆز، ساقال-بۇرۇت، سۆز-شېۋە، تەلەپپۇز ۋەئاھاڭلىرىدا، ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئارسلاندەك، كۆكبۆرىدەكبەقۇۋۋەت ھەم كېلىشكەن كۆۋتۈڭى(ۋۇجۇدى، تېنى، قامىتى)دە يۇلقۇنۇپ، ئۆرىدەپ تۇرغانبىر خىل ھەم تومۇرى تولىمۇ تىرەنلىكتە ھەميەنە تولىمۇ يارقىن بولۇپ، يۈزەلىكتە چاپچىپ تۇرغان ئەقىل-پاراسەت، چېچەنلىك،چۇستلۇق، چەبەرلىك، جەسۇرلۇق،چىدام، جۈرئەت، كۈفەر-كۈۋەنج (كېبىر ۋە غۇرۇر)،ئۇيۇشقاقلىق ھەم يەنە ئۆزىدىن ئوزۇپ كەتكەنگە چىدىمايدىغان، شەرەپ-غۇرۇر ۋە ئاتاقتۇيغۇسى كۈچلۈك ھەم داغۋازراق كېلىدىغان، ئۇرۇشقاقۋە يەنە گەپنى تولا ئۇششاقلايدىغان، گېزى كەلسە ئۆز ئاتىسىغىلا ئەمەس، پادشاھقىمۇ
گەپ ياندۇرۇۋېرىدىغان، ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان،ئۆچ-قىساس ئۈچۇن ھەرقانداق قاراملىق ۋە بەدەل تۆلەشتىن ئايانمايدىغان ھەم
ياخشى ھەم يامان، تەلۋە-تەتۈر، قىزىققان ۋە چىدىماس، ئۆگۈرچى(ماختانچاق)،يەرداشچى(يۇرتۋاز) قاتارلىق كەلپىنچە مەھەللىۋى تۆزلىك (تېگى، خاراكتېر) پەقەت ئىنتايىن يامان ياشاش مۇھىتىداياشاپ كەلگەن ئادەملەردىلا بولىدىغان بىر خىل مىللىي ۋە ئىنسانىيئىرۇ-بەلگىلەردۇر. بۇنداق بەلگىلەرنىئۇلارغا ئاشۇنداق ياشاشقا قىيىن بولغان ئالاھىدە ھاۋا بىلەن ئالاھىدە ياشاشمۇھىتىلا بېرەلەيتتى. ياشاشمۇھىتى شۇ يەر كىشىلىرىنىڭ تاشقى تۈس-جۇسۇنىدىن تارتىپ ئوي-خىيالى، تەپەككۇرشەكلى، تەپەككۇر مىجەز-خۇلقى ۋە قىلىقلىنىشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇتلەق دېيەلمىسەممۇ خېلىلا كۈچ بېرىدۇ.شۇڭا ئەسلىي بىر نەسىل-يىلتىزدىن كۆك-تومۇرى بىر بولغان ئەلكۈن-ئۇلۇس ئادەملىرىنىڭ يۇقىرىقىمەھەللىۋى بەلگىلىرى جايلاشقان ياشاغۇ-يەرلىرىنىڭ، تۇپراق، ھاۋا، يېمەك-ئىچمەك،تىرىكچىلىك يولى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىنئۆزارا خېلىلا زور پەرقلىنىدۇ. مەن ئانا ماكانىمىزنىڭ خېلىلا كۆپ يەرىنى ئارىلاپيۈرگەن بىر شوپۇر ۋە كەسپىي يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پەرقلەرنى ھەرقاچان ھېس قىلىمەن ۋە بۇ قېتىمكەلپىن؟گە قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يېڭىدىن يېڭى ۋە چاپقۇر خىياللار ئىلكىدەئاۋارىمەن. ئاچالنىڭ شاۋقۇنلۇق «دېھققان بازىرى» دا ئېگىز-پەس دەسسەپ، ھاڭۋاقتىدەك ئۆپچۆرەمگە ئالاڭلاپ كېتىۋاتىمەن. بىر كەمدە ئانچە يىراقبولمىغان بىر يەردىن دۇتار نەغمىسى ئاڭلاندى. قارىسام، بىر چەتتىكى پۇچۇق تامنىڭ ئالدىغا بىر توپ ئالامان توپلىنىپتۇ. بىر بېسىپ،بىر-بىر بېسىپ ئۇلارغا يېقىنلاشتىم ۋە توپ ئارىلاپ بوينۇمنى سوزدۇم.
سېرىق ساقال، كۆك كۆز، ئۆڭى ئاق، سىم بۇرۇت بىر يىگىت تامتۈۋىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنەئىككى دۇتار تامغا يۆلەگلىك تۇرىدۇ. دۇتار ساتسا كېرەك،ناخشىسى ئارقىلىق دۇتارلىرىغا خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەۋەسئوتلىرىدا يالت-يۇلت يېنىپ تۇرىدۇ، كۈچىنىشتىنگۆرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ، چېكىلىرى قىزغۇچ بولۇپ ۋىلىلدايدۇ، چىرايى بىر قىزغىنخۇشخۇيلۇق ۋە شوخلۇقتا يېلىجايدۇ. يىگىتجاراڭلىق ئاۋازدا كونا كۈينى سەلگىنە بۇزۇپ توۋلىماقتا:
چاسىنىڭ ئوتتۇراسىدا،
ئالتى كىشى بەڭ تاتىتۇ(تارتىدۇ)،
سېكىلەكلەر بىر بولۇپ،
يىگىتلىنى دەم تاتىتۇ...
كىشىلەر كەپتەر قوپقاندەك پاراققىدە كۈلۈشتى. مەنئۆپچۆرەمگە قارىدىم، ئون ئادەمنىڭ بىر-ئىككىسى كۆككۆز، سېرىقساقال، ھەممىسىنىڭلا
قاڭشىرى قىڭراقتەك، ساقال-بۇرۇتلۇق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭچاچلىرى سېرىق، كۆزلىرى كۆكۈش، ئۆڭى ئاق-قىزىل، بويلىرى زىلۋا! ھەممەيلەن قولتۇقىنىغىدىقلىغاندەك ئىرغىنىپ-ئىرغىنىپ كۈلۈشىدۇ:
ــــ ما كالۋانى!ھا ھا ھا!
ــــ ئۇگاتمايتقانئادەمكە (ئۇيالمايدىغان ئادەمكەن) موگۇندىۋى نېمە (مانېمە).
ــــھاي، توخۇي پوقىيەي!ھا ھا ھا!
دۇتارچى ناخشىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى:
ئېگىز تاغقا چىققاندا ياللا(يائاللا)ئۆلەي،
قولىڭىزنى مەن تارتاي خەسمەي(جېنىمەي).
بار ئويۇننى سىز ئويناڭ توخۇ پوقى،
دەردىڭىزنى مەن تارتاي كالۋېرەي(كالۋارەي).
ــــ ئونكوي(ئوھھوي)ھاي ھەمەراخمان، ماچاقانكۆز(كۆككۆز)نېمە دەيتتۇ(دەيدۇ)؟
ــــ ئەنىقەي(ۋاييەي)مومىنىڭ(بۇ نېمىنىڭ)ناخشىسىنىڭئوساللىقىنى قالا(قارا)! ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنا، تۈزۈكرەك ناخشىغا توۋلاپ بەسۇن(بەرسۇن)!
ــــ نۇكۇي(ھەيرانلىق مەناسىدىكى سۆز)ھەممە گەپنى مەنلاقىلاممە(قىلامدىمەن)؟
ــــ بولمايتقان(بولمايدىغان)ئىشنى قىلىپيۈرسەڭلە
بولمايتتۇ(بولمايدۇ)جۇمۇ؟!
ــــ ئاپاش-ئاپاش، نېمە بولداڭ(بولدۇڭ)؟
ــــ ئەگۈ(ئاۋۇ)كۈنى جاڭداپ(زۇكامداپ)قېپتىكەن؟
ــــ بۇ دۇتاچى كىمتۇ(كىمدۇ)؟
ــــ يۇقىرسى(يۇرت نامى) دىكى يۈدەكام(يۇنۇسكام)نىڭھەنەيۋاقىسى(بالاۋاقىسى)ھۇشۇ(ھوشۇر).
ــــ ھاي ھاۋدىللا(ئابدۇللاھ)! ھاۋدىللا دەيتمە(دەيمەن)!
ــــ ئايلىكا(ئاچا)، كىمنى قىشقىرتسە(چاقىرىسەن)؟
ــــ ئىگونى(ئاۋۇنى)قىشقىرتتىم؟
ــــ دۆلگىدە سۇۋامىكە(شارقىراتمىدا سۇ بارمىكەن)؟
ــــ ئىيشۇ قۇرۇغدا بېيكە(ئاشۇ ئېتىزلىقتا بار ئىكەن)!
ــــ ئۈرۈمچىگە باماممىز(ئۈرۈمچىگە بارمامدىمىز)؟
ــــ بۇ يىل بارتىمە دەيتمە(بۇ يىل باراي دەيمەن).
ــــ مەنمۇ بارىتتىمغۇ(مەنمۇ باراي دېگەن)!
بىر ياقتا ناخشا، توپ ئىچىدە گەپ، ناخشا ماڭا قانچىلىكيېڭى ئاڭلانسا، كەلپىنلىكلەرنىڭ گەپلىرىمۇ ماڭا مەن ئىلگىرى نەلەردىدۇر
ئاڭلىغان قەدىناس ناخشىدەك يېقىملىق ئاڭلىناتتى. بىردىنلامېڭەمدە، ياق يۈرىكىمنىڭ قېتىدا باشلوپ خەلق قوشاقلىرى ياڭراشقا باشلىدى:
ماڭغانغا تۈگىمەيدۇ،
توققۇز ئۆينىڭ يوللۇرۇ(يوللىرى).
تال چىۋىقتەك ئەشمەدۇر،
گۈل يارىمنىڭ بويلۇرۇ(بويلىرى).
ئۆيۈڭڭۈ(ئۆيۈڭنىڭ) ئارقاسىغا،
سېپىل سوقۇپ شەرىتەي(شەھەر ئەتەي).
سەن ئەمدى ئاڭا كەسسەڭ(كەتسەڭ)،
مەن ئەمدى قانداغ ئېتەي.
چوڭ خەققى ۋالاسى دەپ(باينىڭ بالاسى دەپ)،
تاما تۇتۇپ مەن سىززى(سىزنى).
ھەجەپ ياتىرقاپ(يېتىرقاپ) كەتتى ،
كۆزگە ئىلماي بىززى(بىزنى).
ئاسمانداغى ئاي غوقشۈش(ئوخشاش)،
كىم تۇغار شۇنداق قىززى(قىزنى).
ئارۇخلاپپا (ئورۇقلاپ) كېتىپسەن،
جېنىممى(جېنىمنى) ساڭا ۋەردىم(بەردىم).
ئىنەڭڭى(ئاناڭنى) رازى قىلغىن ،
تۇزۇڭڭۇ(تۇزۇڭنى) تولا يېدىم.
رەڭگىممى(رەڭگىمنىڭ) ساغاغانى(سارغايغىنى)،
بىر قاتلىمىغان(قۇچاقلىمىغان)دەردىم!
گۈل بۇجۇدۇم(چەكتىم) يۈرەككە،
تىل تورغۇيۇم(ئامرىغىم)سۆزۈڭدىن.
ساڭا بەرگەن كۆڭلۈمنى ،
كۆرگەنمىدىڭ كۆزۈمدىن.
ئۆلۈپ كەتسەم ئوتۇڭدا،
رازى بولغىن تۇزۇڭدىن.
سالىپ(سېلىپ) بەردىم قىياق ئوت ،
ھويلاداقى(ھويلىدىكى) ئۇلاققا.
يارنى سۇغا چىقار دەپ ،
ئارقاداقى(ئارقىدىكى) بۇلاققا.
ساقلاسام يار چىقمادى ،
تاقۇ (توخۇ) چىقتى قونداققا.
تىل تورغۇيۇم تىل تەگمىسۇن بويۇڭغا ،
قولۇم يەتسە گىرە سالسام بوينۇڭغا.
دىلخۇمارىم ئوتۇڭدا ئېرىپ كەتمەي ،
كېلىپ مېنى سالىۋالغىن(سېلىۋالغىن)قوينۇڭغا .
ئۆتەرمەن دەپ بىر ئارىقتىن(ئېرىقتىن) ئالتادىم(ئاتلىدىم)،
غۇنچە بوينى بىر گىرەلەپ باقمادىم(باقمىدىم).
كۈندە تۇرۇپ قەرەلىنى سوراغلاپ(سوراشتۇرۇپ)
بەرگەن ۋەدە سۆزلەرىنى يادلادىم.
كەلپىنلىكلەرنىڭناخشىسى، كەلپىنلىكلەرنىڭ شېۋىسىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، خۇددى چاقىلىقتا تۇرۇپچۈشىنىكسىزلا كەلپىن دېگەن يۇرتنى ۋە كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسلەپ قالغاندەك، بۇيەردىمۇ-كەلپىندىمۇئۇشتۇمتۇتلا ۋە تولىمۇ چۈشىنىكسىز ھالدا لوپ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شېۋىسىنى،قوشاق-ناخشىلىرىنى ئەسلەپ قالدىم. چىن سۆزۈمنىئېيتسام، شۇ تاپتا (شۇ تاپتىلا ئەمەس،ئاشۇ چاقىلىقتىن باشلاپ)مەن ئويغاق،سەگەك ۋە
ھەرىكەتتىكى ھالىتىمدە نېمىشقىدۇر چۈشسىمان تەپەككۇرقىلىۋاتاتتىم.تەپەككۇرۇم زامان-ماكان چەك ئارىسىنى يوقاتقان، زامان-ماكاندىن ھالقىپ كەتكەن، زامان-ماكان ئۇقۇمىنى يوقاتقانىدى!نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلاپ قالدىم؟ بۇنىڭغا مېنى كىممەجبۇر قىلىدى؟ مەن يا تىلشۇناس، يا ئانتروپولوگ (ئىنسانشۇناس)ئەمەس ۋە ياكى تارىخشۇناس ياكى ئارخېئولوگ ھەم ئەمەسمەن، پەقەت بىر يازغۇچىمەن، خالاس. مېنىڭ بۇ قاتارچە زورۇقۇشلىرىمنىڭھازىرچە كۆزكۆرۈ(رېئال) ئەھمىيىتى ۋە ئىشلىرىم بىلەن توغرىدىن توغرا ئالاقىسى يوق! ئۇنداقتا، مەن زادى قانداق قىلىپھازىرقىدەك تەپەككۇر ۋە روھىي ھالەتكە ئۆتۈپ قالدىم؟ بۇ بىر ۋەھىيمۇ؟ تارىخنىڭچاقىرىقىمۇ؟ ياكى مېنىڭ كەلگۈسىدىكىئىجادىي ئىشلىرىم موھتاج بولۇۋاتقان ئېھتىياجمۇ؟ ۋە ياكى يوشۇرۇن ئېڭىمدىكىچۈشىنىكسىز بىر خىل ئاڭ پارتلىشىنىڭ، بىر خىل ئەس-خاتىرە زاپىسىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ۋە تىلغا چاقىرىلىشىمۇ؟ ۋەياكى يوشۇرۇن ئېڭىمنىڭ ئىجادىمغا، ئىلھامىمغا، يارىتىش ئىستىكىمگە بېرىۋاتقان بىرخىل بىشارىتى ھەم ماڭا ئېچىپ بېرىۋاتقان بىر تېما،تەسەۋۋۇر بوشلۇقىمۇ؟ بىر يېڭى پىكەر-تەپەككۇر ئۇپىقىمۇ؟...
چىن سۆزۈمنى ئېيتسام گاڭگىراپ قالغان ئىدىم، ئۆزۈمنىڭنېمىشقا مۇنداق زورۇقۇپ يۈرۈۋاتقىنىمنى ھەم خۇددى ئۆزۈمدىن يات-يوچۇن
ئادەمدەك زادىلا ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم! لېكىن مەن شۇنىڭغاقەتئىي ئىشىنىمەنكى، بۇ خىل ئەخمىقانە ئىزدىنىشلىرىم ئۆزۈمنىڭ نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئىجتىمائىي، تارىخىي، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرئەلكۈنىنى چۈشىنىشكە، خەلقىمنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قاتلاملىرىنى، ئۇنىڭئۆلمەس ۋە ئۆچمەس ئۆزقۇنۇق(روھىي)زاپىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بىر خەيرلىك ئىش بولۇپ قالسائەجەب ئەمەس. مۇشۇ ئەرزىمەس ئەمگىكىم سەۋەبىبىلەن ئۇلۇغ ئاتاق ياكى يېتىلىۋاتقان كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ مۇبارەك نەزەر دېققىتىمۇشۇ ساھەگە ئېتىبار بىلەن تىكىلسە ئەجەب ئەمەس، ئەلھەمدۇلىللاھ! مېنىڭ ئاڭقىرىشىمچە، كەلپىن ئۆزقوشنىلىرى بولغان ئاقسۇدىكى قۇمقۇدۇق، ئۇچتۇرپان، ئاۋات، كاشغەردىكى مارالبېشى،ئارتىش ۋە ئاقچى قاتارلىق يەرلەر بىلەن مۈرىدىشىپ تۇرسىمۇ، كەلپىنلىكلەرنىڭ جىقتەرەپلىرى ئۇ يەر خەلقىنىڭ سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەپلىرىگە ئومۇمىيمىللىي(ئۇيغۇرلۇق) تەرىپىدىن شەك يوق ۋە مۇتلەق ئوخشىسىمۇ، مەھەللىۋىي تەرەپتىنئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە، ئاشۇ مىڭلاپ كىلومېتىر ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراقبولغان باشلوپ(كورلالوپ)، چاقىلىق، چەرچەن، نىيە، ئاياغلوپ(خوتەنلوپ) قاتارلىقجايلاردىكى خەلقلەرنىڭ سېلىشتۇرما تەرەپلىرىگە بەكلا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭتەقى-تۇرقى، چىراي-كۆركى، تىل شېۋىسى، تەلەپپۇز-ئاھاڭى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆزبىلەن كۆرگىلى بولىدىغان(تاشقى) تەرەپتىكى ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماي، كۆز بىلەنكۆرگىلى بولمايدىغان لېكىن ئوچۇق سەزگىلى بولىدىغان بىر مەھكەم ئىچكى باغلىنىش بارئىدى. مېنى قىزىقتۇرىۋاتقان، يېتەكلەۋاتقان، جوڭقۇرۇۋاتقان باشچى سېزىم دەل مۇشۇئىدى! مەن بۇ يەرگە دەل مۇشۇ ئوخشاشلىقنى ئوخشىمىغان تەرەپتىن ئىسپاتلاش ئىستىكىدەكەلگەن ئىدىم. مەن ئاچالدىن ئايرىلىپ كەلپىن ناھىيە بازىرىغا كىرگەن ئاخشىمىدىن باشلاپئەتىسى چۈشتىن كېيىنگىچە كەلپىن مەھەللىلىرىنى ئارىلىدىم. دېھقانلار ۋەئېلىپ-ساتارلار بىلەن مۇڭداشتىم. ئەڭ مۇھىمى، كەلپىننىڭ پىچاق ئۇچى زىيالىيلىرىدىنئابدۇساتتار ھامىددىن، سالىھ ئىبراھىم، جەلىل مۇھەممەد قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈشىدەئۇلار بىلەن يۇرەكلەر ئارقىلىق سۆزلەشتىم، ئۇلاردىن مەن ئۈچۈن يېپيېڭى ۋە تولىمۇقىممەتلىك بىلىم ھەم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم. شۇنى خوشاللىق ئىچىدە بىلدىمكى،كەلپىنلىكلەرنىڭ خۇش قىلىق، تۈرگۈن، ئەقىللىق، چېچەن، سۆزمەن، كۈچ-كۈسۈنلۈك،قامەتلىك، ياشاشقا باتۇر بولۇشتەك ئىرۇ-بەلگىلىرىنىڭ باشلوپ، چاقىلىق، چەرچەن،ئاياغلوپ ۋە نىيە ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاشلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تىل-شېۋە، تەلەپپۇز-ئاھاڭ،ناخشا-قوشاقلىرىدىكى تەڭداشلىقىدىن باشقا ئىنتايىن قىممەتلىك كۆزكۆرۈ پاكىتلىقئوخشاشلىقلار بار ئىكەن. بۇ ئوخشاشلىقلار مېنى بۇ ئاجايىپ زېمىنغا ۋە شۇ يەردەياشاپ تۇرغان «كەلپەكلەر» گە تېخىمۇ قىزىقتۇردى. چاقىلىق ۋە باشلوپتا ئۇشتۇمتۇتپەيدا بولۇپ ۋە مېنى ئاخىرىدا كەلپىنگە باشلاپ كەلگەن سەزگۈمنىڭ خاتاقىلمىغانلىقىنى، ھەتتا مۇشۇ سەزگۈمنىڭ مېنى خەقلەرگە ۋە ئۆزۈمگە ئانچىمۇ ئوچۇق ۋەيارقىن مەلۇم بولمىغان، ھەتتا ناتونۇش بىر سىرلىق تارىخىي ھادىسىنى ۋە ئۇنىڭبۈگۈنكى ئىرۇ-بەلگىلىرىنى تونۇۋېلىشىمغا ھەيدەك بولغىنىغا ھەمدە ئاشۇ سەزگۈمنىڭمېنى ئالدىمىغانلىقىغا تولۇقى بىلەن ئىشەندىم! بۇلارنى تۈگەللىسەم تۆۋەندىكىدەكتۈگۈچ بولدى:
ھازىرقىزامان ئۇيغۇر تىلىدا كەلپىن شېۋىسى ئالاھىدە شېۋە بولۇپ، بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتىغا پېئىللارنىڭ كەلگۈسى زامان ۋاسىتىچىلىك بايان رايى ۋەپۈتمىگەن سۈپەتداش قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن ئوخشايدۇ. چاقىلىق،بولۇپمۇ چەرچەن شېۋىسى ھوتەن دىئالېكتىغا تەۋە بولۇپ، كەلپىن شېۋىسى ئۇنىڭغاتېخىمۇ يېقىن. كەلپىن شېۋىسىدە: «يەپ تۇرىتۇ»،«ئۇخۇپ تۇرىتۇ»، خوتەنچىدە:«يەپتۇيىتۇ»،«ئۇقۇپ تۇيىتۇ» خوتەن ۋە كەلپىنچىدە «بارىتمەن»،«كېلىتمەن»،«ئۇخلاۋاتىتمەن»،«بارىتمىز»،«كېلىتمىز»،«ساتىتمىز»،«كۆرىتمىز»،«بىرىتۇ»،«كېلىتۇ»،«ئوينايتۇ»،«قىلىتۇ»،«ئىتىتۇ»،«بى(بىر)»،«كى(كىر)»،«يىگىمە(يىگىرمە)»،«تەتۈي(تەتۈر)»،«ئىتتى(ئىتتىر-ئىتتىرگىن)»،«دەييا(دەريا)»،«قىيغاق(قىرغاق)»،«قىغىز(قىرغىز)»،«كۆسەت(كۆرسەت)»،«ئۆدەك(ئۆردەك)»،«قىي(قىر)،«قىشقىماق(قىچقىرماق)»،«ئەزەن(ئەرزان)»قاتارلىقلار. باشلوپ شېۋىسى مەلۇم جەھەتلەردە تۇرپان شېۋىسىگەيېقىنراق بولۇپ، كەلپىن شېۋىسى بىلەن باشلوپ-تۇرپان شېۋىسىمۇ خېلى كۆپ ئوخشاشلىققائىگە، مەسەلەن: «ئۇگال(ئۇۋال)»،«زەدىگال(زەدىۋال)»،«سۇگا(سۇۋا)»،«ھاندۇگا(ھاندۇۋا)»،«يۇگاش(يۇۋاش)»،«ھايگانچا(ھاۋانچا)»،«گاخ(ۋاخ)»،«جۇگا(جۇۋا)»دېگەندەك. ئارىلىقى 1000 كىلومېتىرلاپ يىراق يەرلەردە ياشاۋاتقان ئەلكۈنلەرنىڭناھايىتى تىرەن كۆك-يىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا، شېۋىلىرىنىڭ بۇ قەدەر ئوخشاشياكى يېقىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. كەلپىن شېۋىسىدە «كەلپىن»سۆزى يەنە «كەلۋىن»دەپمۇتەلەپپۇز قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر تىلىدا «گ» بىلەن «ۋ»نىڭ، «ت»بىلەن «د» نىڭ، «ر» بىلەن«ز»نىڭ،«د» بىلەن«ي»نىڭ، «چ»بىلەن«ش»نىڭ نۆۋەتلىشىشى تولىمۇ ئادەتتىكى ھادىسەبولۇپ، بۇلار سۆزلەملەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەڭ قولاي، ئەڭ ئاكتىپۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئامىللاردۇر. مۇشۇ قانۇنىيەتكە كۆرە «كەلۋىن»نىڭ ئەسلىسىنى«كەلگۈن»دەپئەستىرىگە ئۆرۈسەك، ئۇ چاغدا «كەلگۈن»سۆزى خۇددى«سۈرگۈن»،«سۈرگۈنلەر»،«سۈرگۈندىلەر»دېگەندەك«كەلگۈن»، «كەلگۈنلەر»، «كەلگۈندىلەر»دېگەن مەنانى بېرىدۇ. دېمەك پەرىزىمچە «كەلپىن»نىڭئەسلىسى«كەلۋىن»، ئۇنىڭ ئەسلىسى«كەلگۈن»بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلىدە ھازىرقىدەك يەر-جاينامى بولماي، ئەكسىچە بۇ يەرگە يىراقتىن«كۆچ-كۆچ»بولۇپ كېلىپ قالغان«كەلگۈن»لەرگە-بىرەر كەلگۈندى ئەلكۈنگە يەرلىك ئۇيغۇر-ئەلكۈن تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولىدۇ.ئۇنداقتا «كەلگۈندى» ئەلكۈن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ جايلاردا ياشاپ تۇرغانيەرلىك ئەلكۈن بولۇشى كېرەكقۇ؟ خوش، بۇ يەردە يەرلىك ئەلكۈن بارمىدى؟ «كەلۋىن» (كەلگۈن)تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا ئىنتايىن قەدىمىي يۇرت بولۇپ، بۇ يەردەقەدىم-قەدىم زامانلاردىن بېرى ئەجدادلىرىمىز تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنىدى. كەلپىنناھىيەلىك تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، بىلىمدار ئابدۇساتتار ھامىددىن ئەپەندىئاساسلىق قەلەم تەۋرەتكەن، تەھرىرلىگەن ۋە تەرجىمە قىلغان، كەلپىن ناھىيەلىكپارتكوم سېكرىتارى ل ۋە كەلپىن ھاكىمى قاتارلىقلار «كىرىش سۆز» يازغان (1992-يىلىنەشىر قىلىننغان) «كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» نىڭ «ئومۇمىي بايان» قىسمىدا «كەلپىنناھىيىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق، بۇ يەردە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلارئولتۇراقلاشقان(ماددىي تېپىندىلار ئىسپات-ئا)، مىلادىدىن ئىلگىرى غەربكە كۆچكەنبىر قىسىم توخرىيلار، ساكلار ۋە ھۇنلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان» دەپيېزىلغان. يەنە«شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ جىڭگۇەن3-يىلى(مىلادى522-يىلى) تۈركلەرنىڭ»،«تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ 3-يىلى(744-يىلى) ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى» دەپيېزىلغان. يۇقىرىقى خاتىرىلەرگە كۆرە كەلپىندە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرقى زامانئۇيغۇرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئۆزەك بولغان ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن. كېيىن(مىلادى 400-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە) بۇ يەردە يەرلەشكەن بىرقەدەر چوڭراقئەلكۈنلەر دەل بىز ھازىر تونۇۋاتقان كەلپىنلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان «كەلگۈندى»ئۇيغۇرلاردۇر.ھازىرقى«كەلۋىن»دېگەن نام ئاشۇ يىراقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا يەرلىكئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولۇپ، كېيىن ئاستا-ئاستا يەر-جاي نامىغائايلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەزەلدىن ئۇيغۇرلاردا لەقەمسىز ئادەمبولمىغىنىدەك، ئادەتتە ھەر يۇرت ئادەملىرىنىڭ ئەل ئىچىگە تارقالغان بىر ئورتاقكۈسەمىشى (لەقىمى)بولىدۇ. بۇ لەقەم شۇ يۇرت ئادەملىرىنىڭ بىر خىل ئىرۇ-بەلگىسىبولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن:«كاۋىچى»(ئاقسۇلۇق) ، «بېلىقئۆپكىسىنى قۇيۇپ يەيدىغانلار»(شەھرىيارلىق)،«مۈشۈكنى پولوغا باسقانلار»(كورلىلىق)،«كالتاقۇيرۇق»(كۇچالىق)،«ئېشەك قېتىقى ئىچكەنلەر»(باي-سايراملىق)،«جاھىل»(خوتەنلىك)،«پوقاق»(ياركەنتلىك)،«ئۇششۇق»(ئاقسۇئايكۆللۈك) ۋەھاكازا. كەلپىن (كەلپىنلىكلەر)نىڭ لەقىمى«ئېزىتقۇ»،يەنى«جىنلار».كەلپىندە ئەل ئىچىدە «كەلپىنلىكلەرنىڭ ئاتىسىئاتۇشلۇق، ئانىسى جىن» دەيدىغان سەقىم بار ئىكەن. دېمەك،كەلپىنلىك ئۇيغۇرلارنىڭلەقىمى «جىن»بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئادەتتە ئىنسان بالىسىنىڭ جىن بىلەن جۈپلىشىشىياكى جىندىن تۇغۇلۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، بۇنى پەن ئەھلى ۋە ساۋادلىقلارلائەمەس، ئادەتتە قارا تۈرك ۋە ئەڭ نادان قارا باش خەلقمۇ ئاغزىدا دېگىنى بىلەنبۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ لەقەمنىڭيەنە باشقىمۇ مەناسى بارمۇ؟ ئادەتتە ئۇيغۇر تىلىدا«جىن»دېگەن سۆز «ئالۋاستى»،«روھ-ئەرۋاھ»دېگەندىنباشقا «ئاز»، «كىچىككىنە» (جىندەك ساقلاڭ)، «تۇيۇقسىز»، «ئۇشتۇمتۇت» دېگەنمەنادىمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ. بىز كەلپىنلىكلەرنىڭ«جىن»دېگەن لەقىمىنى دەل ئاشۇ«ئۇشتۇمتۇت»ۋە «تۇيۇقسىز» دېگەن مەناسى بىلەن قوبۇل قىلىمىز. يەنى بۇ لەقەم ئەسلىدە «جىندەكپەيدا بولۇپ قالدى»، «جىندەك يوقاپ كەتتى» دېگەن، بولۇپمۇ«جىندەك پەيدا بولۇپقالدى» دېگەن مەنادا كەلپىنلىكلەرگە سىڭگەن. تارىخىي خاتىرىلەرگە كۆرە، كەلپىندەئەسلىدىلا تاغ-جىرا، يايلاقلاردا بىر تۈركۈم چارۋىچى(ئاساسلىقى تۆگە، ئۆچكە، قويباقىدىغان) ئۇيغۇر ئەلكۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى. چۈنكى كەلپىنيېرىنىڭ سۇ ۋە ئوت-چۆپى بار يەرلىرى بەك ئاز بولۇپ، ئارتۇقچە چارۋىنى بېقىش مۇمكىنئەمەس. بۇ ئەلكۈنلەر ئۇيغۇر، ھۇن، ساك، توخرىي(توخار) قاتارلىق ئۇيغۇر ئەجدادلىرىئىدى. تەخمىنەن مىلادى 400-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بۇ يەردە ئېكىنچىلىك بىلەنشۇغۇللىنىدىغان بىر ئەلكۈن «جىندەك پەيدا بولۇپ» قالغان. بۇلار دەل چەرچەنتەرەپتىن تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەت، بالا-قازا تۈپەيلى يۇرتنى تاشلاپ قېچىپ چىققانئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىكى ئىدى. شۇڭا بۇ«كەلگۈنلەر»گە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان ئەسلىيئۇيغۇر «كەلپەكلەر» «ئېزىتقۇ»،«جىن»دېگەن لەقەمنى سوۋغا قىلغان ۋە بۇ پەقەت كېيىنكۆچۈپ كەلگەن تېرىقچى، باغچى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن لەقەم. زامانلارنىڭ ئۆتۈشىبىلەن كەلپىندە ياشايدىغان ئۇيغۇر ئەلكۈنلىرىنىڭ ئورتاق ۋە ئومۇمىي لەقىمى بولۇپقالغان. دېمەك، كەلپىنلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى سىرتتىن كۆچۈپ كەلگەن(«جىندەكپەيدا بولۇپ قالغان») تېرىقچى، باغچى ئۇيغۇرلاردۇر. كەلپىنلىكلەردە «ئاتا-بوۋىمىز چەرچەن تەرەپتىنكۆچۈپ كەپتىكەن» دېگەن قاراش ھازىرمۇ ئومۇمىييۈزلۈك مەۋجۇد. چوڭلاربالا-چاقىلىرىغا ئاشۇنداق ھېكايە قىلىدۇ. كەلپىنلىكلەرنىڭ بىر خىل مالخىيى بارئىكەن. بۇ مالخاينىڭ تىكىلىش نۇسخىسى ۋە گىرۋەك نەقىشلىرى ھازىرقى باسلوپ، چاقىلىقۋە چەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىگىز مالخىيى (ناھايىتى ئاز ئادەملەردە ساقلىنىپ قالغان) ئوخشاش ئىكەن. كەلپىننىڭ «قىسىل مازىرى» دەيدىغان بىر قەدىمىي مازىرىدا ئېچىلىپقالغان بىر گۆر بولۇپ، گۆر تىك تۆتچاسا قېزىلغان. بۇنداق جەسەت كۆمۈش شەكلىكروران، مىران(مىلان؟)، چاقىلىق قاتارلىق جايلاردا بايقالغان قەدىمىي جەسەت كۆمۈششەكلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. يۇقىرىقىلار كەلپىنلىكلەرنىڭ «ئاتا-بوۋىمىز چەرچەندىنكەلگەنىكەن» دېگەن قارىشىنىڭ ماددىي پاكىتلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا چەرچەن قايەردە؟قەدىمدىن ئۇيغۇر (غۇز،غۇر، يەنى 胡人لار يارىتىپ ياشاپ كەلگەنبىر پۈتۈن كروران ئېلى تارىخىي ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى77-يىلىغا كەلگەندە بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىككى خانلىققا، يەنى كروران ۋە چەرچەن (بۇرۇنپىشامشان ، دەپ ئاتالغان) خانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇنىڭ سەۋەبچىسى كرورانخاقانىنىڭ ئىنىسى ئۇتۇش ئىدى.«خەن سۇلالىسى فۇجېزى قاتارلىق خەنجەرۋازلارنىئەۋەتىپ، كروران خاقانى ئامگوكانى ئۆلتۈرۈۋەتتى ۋە ئامگوكانىڭ ئۆزلىرىدەتۇرغاقلىقتا تۇرۇۋاتقان ئۇكىسى ئۇتۇشنى يۆلەپ تەختكە چىقاردى. ئۇتۇشكرورانلىقلاردىن ئەيمىنىپ كرورانغا كىرىشكە پېتىنالماي ھازىرقى چاقىلىق بازىرى ۋەمىران(مىلان?)بوستانلىقىنىمەركەز قىلىپ، چەرچەن(善鄯)خانلىقىنىقۇرۇپ چىقتى. ئۇ خەن سۇلالىسىنىڭ ئوردا قىزلىرىدىن بىرىگە ئۆيلىنىپ، خەنسۇلالىسىدىن لەشكەر تۇرغۇزۇپ مۇھاپىزەت قىلىشنى ئۆتۈندى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭئۆتۈنۈشىنى قوبۇل قىلدى. مىلادى 1-يۈزيىل(ئەسىر)نىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپكۈچەيگەن بۇ خانلىق ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ھازىرقى چاقىلىق، چەرچەن، نىيەلەرنىڭ دائىرىسىنى،مىلادى 3-يۈزيىلغا كەلگەندە پۈتكۈل كروران خانلىقىنى ئۆز ئىدارىسىگە ئېلىپ، تارىمۋادىسىدىكى كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى». دېمەك «چەرچەن خانلىقى»ئىلگىرى ئىنتايىن يۈكسەك ئۇيغار (مەدەنىيەت) ياراتقان قۇدرەتلىك كروران دۆلىتىنىڭبىر پارچىسى، ئاخىردا بولسا نامى چەرچەن، دەپ ئۆزگەرگەن كروران ئېلىنىڭ دەل ئۆزىئىدى. بۇ ئەل ھەر خىل تەبىئىي ھەم كەرتى(سۈنئىي) ئاپەت ۋە سەۋەبلەر تۈپەيلى، مىلادى400-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ھالاك بولۇپ، ئاھالىسى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچۈپ كەتتى.«كۆچ-كۆچ»نىڭ بىر قىسمى تۇرپان، ھازىرقى پىچان، لۈكچۈن، قۇمۇل(قامىل-قامبىل؟)(لوپچۇق- لاپچۇق) ۋە شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر تىلىدا گامسى(ھازىرمۇ سېرىقئۇيغۇرلار گامسى، دەيدۇ) دەپ ئاتىلىدىغان گەنسۇ تەرەپلەرگە، يەنە بىر قىسمى بولساتارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ ھازىرقى شەھرىيار(شايار)،ئاۋات (غور چۆل-غۇر چۆلى - ئۇيغۇر چۆلى) ، مارالبېشى ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق كاشغەر، مەكىت،ياپچان، ياركەنت ۋادىلىرىغا كۆچۈپ كەتتى. بۇلار دەل تارىختا خۇ ــــ غۇز، غۇر-سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان كروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. كەلپىن ئۇيغۇرلىرىتارىمنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنى بويلاپ ئاۋات (غۇر چۆلى)، بارچۇق تەرەپلەرگە كۆچكەنكروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر كىچىك تارامى(تارمىقى) دۇر. مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇمئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن دولانلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ئۇزاق يىللار تەتقىققىلىپ، ئاخىردا دولانلارنىڭ قەدىمىي كروران، لوپ، مىران ئېلىدىكى كۆل، ئورمان،چۆللۈكلەر ئارىلىقىدىكى مۇنبەت زېمىندا ياشىغان قەدىمكى لوپ ئاھالىسى ــــ غۇز،غۇر (胡) ۋە سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتىلىدىغانئۇيغۇرلار بولۇپ، كېيىنكى ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە يۈرۈشلەر ھەمدە تەبىئىي ئاپەتلەرسەۋەبى بىلەن كورلا، ئاقسۇ، بۈگۈر، مەكىت قاتارلىق جايلارغا، قۇمۇلنىڭ نوم- لاپچۇقدېگەن يەرلىرىدىن تارتىپ ياركەنتنىڭ چەت ياقىلىرىغا قەدەر تارقىلىپ، ھازىرقى «دولان»نامى بىلەن ياشاۋاتىدۇ، دەپ يەكۈن چىقاردى. ئالىمنىڭ بۇ نوپۇزلۇق ئىلمىي يەكۈنىھازىرقى كەلپىن ئۇيغۇرلىرى نامىدا ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەلكۈنىنىڭ كۆكى ۋە ئوقيىلتىزىنىڭ كروران ۋادىسىدا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز ئۈچۈن بىزنى تېخىمۇئىشەنچلىك تەپەككۇر يولى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. تۈگەنچ بىر غەلىتە ۋە سىرلىق سەزگۈگەئەگىشىپ كەلپىندىن ئىبارەت تارىخچىلار ، ئانتروپولوگلار، تىلشۇناسلار ۋە سەيياھلارنىڭ نەزەرلىرىنىڭ تېشىدا قالغان چەت-ياقا تاغ ئىچىدىكى بۇ ئالقانچىلىك يۇرتقا كېلىپ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈل خوشلىقىغا ئېرىشتىم. مەن بۇ يەر ئادەملىرىنىڭ كۆۋتۈڭى(ۋۇجۇدى) ۋە روھىدىن ئاشۇ بۈيۈك ئويغار-مەدەنىيەت غەزىنىسىنىڭ ، ئۇلۇغ ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولغان كروران ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇقەددەسۋە ئۆلمەس روھىنى تېپىۋالدىم. بۇ روھ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈكنى ئۆزەك قىلغانپۈكۈلمەس، سۇنماس ياشاش ئىرادىسى ئىدى! بۇ روھ- ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن تولىمۇشەپقەتسىز ھەم مۇدھىش تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەر بىلەن ئارسلانلارچە ئېلىشىشى،ئاخىردا ھازىر «كەلپىن» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاشۇ ئۈچ تاغ ئارىسىدىكى نەچچىلا بۇلاقسۈيى بىلەن كۆكىرىپ تۇرىدىغان قۇتقۇزغۇچ زېمىنىگە ئۇلاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكىكۈلپەتلىك ۋە مۇشەققەتلىك ئۇزاق سەپەر داۋامىدا يېتىلدۈرگەن، كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسى-ئەسىرلەردىن ھالقىتىپ، بەرجەس، ساغلام ۋە ئەينى پېتى شەرەپلىك بۈگۈنگەئۇلاشتۇرغان بىر مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغۋار روھ ئىدى! كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپلىگەنتۆزلۈك ( خاراكتېر) خاسلىقى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئەڭ ئەزگۈ ۋە كىشىنىڭ سۆيۈنۈش-ھەۋىسىنى قوزغايدىغان يارقىن تۆزلىكى، ئۇلارنىڭ ئىناقلىق ، ئۆملۈك، بىرلىكئىتتىپاقلىقنى قەدىرلەش، ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە سۆيۈش تۆزلىكىدۇر. بۇ پۈتكۈلئۇيغۇر جەمئىيىتى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئوغلانى بىلىشكە ۋە ئىنتىلىشكە ھەم ئۆرنەكقىلىشقا تېگىشلىك گۈزەل خاراكتېر ۋە ئاددىي لېكىن تولىمۇ ئۇلۇغ كۆزكۆرۇ ھەقىيقەتتۇر. شۈبھىسىزكى، مانا مۇشۇ قەيسەرلىك ۋە ئۆملۈك ئۆز قونۇقىنى ھەم مانامۇشۇ ھەقىيقەتنى بايراق قىلغان مىللەت شەرەپ ۋە ماختاشقا لايىق، تەرەققىيات ۋەگۈللىنىشكە تالىق، ئۆلمەس، يىتمەس ۋە شەرەپلىك مىللەتتۇر. مەلۇم بولدىكى، كەلپىنئۇيغۇرلىرى بىز تېخى ئاڭلاپ تۈگىمىگەن، ئاڭقىرىپ پۈتمىگەن، ئۈلگە قىلىپ ئۈلگۈرۈپبولالمىغان بىر ئەزگۈ ۋە گۈزەل رىۋايەتتۇر!
2005- يىل فېۋرال، شەھرى ئۈرۈمچى
|