مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 40|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەي يالغانچىلار! ئايپۇجۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-2-14 09:36:08 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئەي يالغانچىلار!
ئايپۇجۇڭ

ئەي يالغانچىلار!
سىلەر ئاشىق قىياپىتىگە كىرىۋالـماڭلار!
سىلەر ئاشىقلار سېپىگە سۇقۇنۇپ  كىرىۋالـماڭلار!

ئەي يالغانچىلار!
شېئىرلىرىڭلاردا ئىككى كەلىمە چۇقان سېلىپ،مەن ئاشىق دەۋالـماڭلار!

ئەي يالغانچىلار!
ناخشىلىرىڭدا كۈيلەپ  قويۇپ،ئىككى پەدىگە چېلىپ قويۇپ،مەن ئاشىق دەۋالـماڭلار!

ئەي يالغانچىلار!
ياشلىرىم ئېقىپ تۈگىدى، تۈنلەرچە كىرپىڭ قاقمىدىم، يۈرەكلىرىم ئۆلدى دەپلا،مەن ئاشىق دەۋالـماڭلار!

ئەي يالغانچىلار،
ياشلىقىمنى ساڭا ئاتىدىم، ساڭا جان تەسەددۇق دەپ قويۇپلا، مەن ئاشىق دەۋالـماڭلار!

ئەي يالغانچىلار!
باغلىرىڭلاردا گۈل ئۆستۈرۈپ،بىردەستە گۈل تۇتۇپلا،مەن گۈزەللىك جارچىسى، مەن ئاشىق بېغىنىڭ  باغۋىنى دەۋالـماڭلار!

ئەي يالغانچىلار!
ئاشىقلىق چۆللىرىدە خىياللىرىڭلاردىلا كېزىپ، تومۈر كەشىڭلارنى تەشمەي تۇرۇپ،مەن ئاشىق دېمەڭلار!

ئەي يالغانچىلار!
تىللىرىڭلار كۆيمىدىمۇ؟
يۈزلىرىڭلار ئۇيالـمىدىمۇ؟
دىللىرىڭلار تىتىرمىدىمۇ؟

ئەي يالغانچىلار!
ئاشىقىلىق ئۇ نېمە؟
مۇھەببەت  ئۇ نېمە؟
سۆيگۈ ئۇ نېمە؟
ئاشىقىلىق ئۇ زاھىتلىق،
مۇھەببەت ئۇ ئىخلاسلىق،
سۆيگۈ ئۇ ھۆرمەت.

نەپىسلىرىڭلار پىنھانلاردا يىغىلدىمۇ؟
ئېتقادىڭلار ئاشىقلىق مەيدانىدا سىنالدىمۇ؟
ھەر تىنىقىڭلار زىكرىلاندىمۇ؟
كۆزلىرىڭلاردىن قىزىل قانلار ياش بۇلۇپ سىرغىدىمۇ؟
سەبرىڭلاردىن گۈللەر ئۈندىمۇ؟

تاشلارنى يېرىپ چىقىپ،گۈللىرى بىلەن سىلەرگە ھوزۇر ئاتاقىلغان ئۇرۇقنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىن ياشناۋاتقان
تىكەنلەرنى كۆرمۈدۈڭلارمۇ؟
قىشمۇ ياز تاغ چوققىلىرىدا ياشىرىپ، قەد كۆتۈرگەن قارىغايلارنى كۆرمۈدۈڭلارمۇ؟

ئەي يالغانچىلار!
ئەمدى يەنە مەن ئاشىق دېيەلەمسىلەر؟
مەن ئاشىقنىڭ ئاشىقى دەپ مىسرالىرىڭلارنى تىزالامسىلەر؟

مەن ئاشىق ئەمەس،
مەن ئاشىق سانالـمايمەن،
ئاشىق دېگەن بۇ ئۇلۇغ نامنى كۆتۈرەلـمەيمەن.
ئەمما، چىن ئاشىقلارنى،
شېئرلىرىمدا،
تىلەكلىرىمدە،
چىن دىلىمدىن كۈيلىيەلەيمەن، تامام!
2017.01.23
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:01 , Processed in 0.054352 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش