مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 231|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تىل دېسەڭ چىقاردىم قىزىل تىلىمنى--ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم 

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-5-18 19:22:10 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
تىل دېسەڭ چىقاردىم قىزىل تىلىمنى

ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم 


كۆڭلۈم قۇشلارغا بولغاچقا خۇشتار،

تۈن بەھرىگە يېيىلدىم نۇردەك.

جىمجىت تېڭشىدىم ئۈنسىز ئۈنۈڭنى،

تاڭ نۇرىغا ئۈزدۈم ياپراقتەك.



كۈزدىكى سارغايغان ئوتلار مىسالى

باھار ئاپتىپىغا ئۇلاشتىم ئاخىر.

سېنىڭ بارمىقىڭنى سۆيگەن يېشىللىق،

مېنىڭ لەۋلىرىمدۇر لەززەتتە ئۈنسىز.



سەن مەستانە بولدۇڭ ئاقىۋەت،

سېنى كۆيدۈرگەن قۇياش ئۇ نېمە؟

سەن ئاڭسىز،بەلەن،ئىشقىۋاز مەخلۇق،

ھەيرانمەن يىراققا كۆزۈڭ تىكىلسە.



ئەي،سۆيۈملۇك ئىلى تورغىيى،

ئۇركىمەي قولۇمغا قونۇپ تۇر بىر پەس.

ياپيېشىل شاخ بولسۇن كەپسىز پۇتلىرىم،

تەڭرىم دەرەخ قىلغىن كۆركەم ،زەبەردەست.



تىل دېسەڭ چىقاردىم قىزىل تىلىمنى،

مەن زەھەر ئەمەس شەربەت بېرىمەن.

سەنمۇ تاتلىق سۆزلەرنى ئۆگەنگىن دوستۇم،

مەن نۇردەك قوينۇڭغا ئۈچۈپ كىرىمەن.



پۇتكۇل غېرىبلىقنى سىغدۇرالايمەن،

تېنىمىز-رىئاللىق،تامدا ،كارۋاتتا.

ۋۇجۇدۇم ئۆركەشلەر قاراڭغۇلۇقتا،

دالىدا قۇش ئۇچار غەمكىن بىناۋا.



دەل-دەرەخلەرنىڭ ياپيېشىل تېنى،

تاڭ قىيامىغا چۆمۈپ بىر لەھزە.

شاتلانغان چىغىدىكى ئەسەبىيلىكنى،

كۆردۈم سېنىڭ كۆزلىرىڭدە.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:24 , Processed in 0.053964 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش