ئومۇمىي پروگرامما
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17-قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2007-يىل 10-ئاينىڭ 21-كۈنى ماقۇللاندى
2010.06.25 10:32 مەنبە: خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
http://uyghur.people.com.cn/194903/195334/11970621.html
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيىنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ماركسىزم-لېنىنىزمنى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنامىسى قىلىدۇ.ماركسىزم-لېنىنىزم ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنتىلگەن كوممۇنىستىك ئالىي غايىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تولۇق تەرەققىي قىلغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە روناق تاپقان ئاساستىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان. ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن تاللىغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان يولغا ماڭغاندا، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىدۇ. يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنى بەرپا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىق قىلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيىۋى پرىنسىپ ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارقىلىق، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش جەريانىنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سوتسىيالىستىك سىياسى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى.
11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىنى تۇتۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى بەرپا قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ماركسىزم-لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا يېتەكلەيدۇ.
13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيىنى قانداق قۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيىنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ قىممەتلىك يېڭى تەجرىبىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈردى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، زامانىمىزدىكى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلەپنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇپارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئېلىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك نەزەرىيىۋى قورالى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيىنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشى شەرت بولغان يېتەكچى ئىدىيىسى. باشتىن-ئاخىر «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش پارتىيىمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نېگىزى، كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسى. 16- قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن پارتىيىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ھەم ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسى بىلەن تومۇرداش بولغان ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم يېتەكچى فاڭجېن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرىدىغان زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيە.
جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلىرىمىز ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيىمىز مىڭ بىر جاپادا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ يول ۋە بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇنىڭدا ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئورۇنداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز ھازىر سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە بۇ باسقۇچتا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ.
بۇ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان جۇڭگودا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تارىخىي باسقۇچ، ئۇنىڭغا 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش شەرت. ھازىرقى باسقۇچتا، جەمىئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىي ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئىچكى ئامىل ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەلۇم شارائىتتا كەسكىنلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىمىزنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئازاد قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە شۇ يولدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا لايىقلاشمىغان تەرەپلىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم رايونلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقنى پەيدىنپەي يوقىتىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا يېتىش، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلىنىش ۋە ئىجتىمائىي بايلىق كۆپىيىش ئاساسىدا خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەدەنىي ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. تەرەققىيات پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش-دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. تۈرلۈك خىزمەتلەردە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى ئومۇمىي باشلىنىش نۇقتىسى ۋە سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك.
يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش تېز ئالغا سىلجىيدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىستراتېگىيىلىك نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە يەتكەن ھاللىق سەۋىيىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىگە مەنپەئەت تىگىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مىقدارىنى ئوتتۇرا ھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈپ، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇشۇ مەركەزگە بويسۇندۇرۇشى ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشى شەرت. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسى، ئىختىساسلىقلار دۆلىتى ئىستراتېگىيىسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي پرىنسىپ دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، بۇرژۇئاچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش شەرت.
ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم؛ شۇنىڭغا يارىشا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئىنسانلار جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق مەدەنىيلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا دادىل ئىزدىنىش، باتۇرلۇق بىلەن يول تېپىش، ئىسلاھاتتا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى يول ئېچىش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شەھەر-يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرىدۇ، يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا ماڭىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرىدۇ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرىدۇ.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى كېڭەيتىپ ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرىدۇ، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە
تۈزۈمىدە ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پەيدىنپەي قانۇنچىلىق يولىغا سالىدۇ.
|