تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
پىنيىن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى خۇسۇسىدا گەپ
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2016-6-11 00:05
تېما:
پىنيىن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى خۇسۇسىدا گەپ
[attach]7323[/attach]
بۇ سۈرەتنى بىر چاغلاردا مىسرانىمدىن ساقلىۋالغان ئىكەنمەن، ھازىر كۆرسەم تولا كۈلكىلىك تۇيۇلدى. كوت-كوتچىلارنىڭ " شۇ ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگىلى بولمايدىكەن " دېگىنى بەكلا بىچارىلىك تۇيۇلدى.
ئالاھەزەل يىگرىمە نەچچە يىل قوللىنىلغان " يېڭى يېزىق " (پىنيىن يېزىق) ئەسلىدە تىلىمىزنى ئىپادە قىلالىغان، لېكىن بەزى ھەرپلەرنى كومپيۇتېردا بىرياقلىق قىلىش كۈنىمىزدە ئىشلەنمىگەن خىزمەت بولۇپ قالغاچقا، ئالدىرىغاندا باش-ئاخىرىنى ئويلاپ يۈرمەي قانۇنىيەتسىز ھالدا قالايمىقان ئىشلىتىۋەردۈك، بۇنى ئاخىرى تۇججارلىرىمىز (سودىگەر-تىجارەتچىلىرىمىز)، كارخانىچىلىرىمىز خۇددى باشقىلار ئالدىرىغاندەك باش-ئاخىرىنى ئويلاپ يۈرمەي ئالدىراپ-سالدىراپلا ماركا-ئىسىملارغىچە كېڭەيتىپ سالدى. نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار چىقىپ تىلىمىز بۇزۇلۇۋەردى. تىل ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا نۇرغۇنلىرىمىز گۈرەن تومۇرلىرىمىزنى كۆپتۈرۈپ، قىزىشىپ-كۆبجۈشۈپ دەتالاشلار قىلىشتۇق، ئەمما يەنىلا ئىش ئەپلەشمىدى. كۈنىمىزدە ماركا-ئىسىملار تىلىمىزنى بۇزغان مىساللارنى كۆپلەپ كەلتۈرۈش مۇمكىن، ئالايلۇق:
" Abida " (ئابىدا، بۇنى "ئابىدە" دەپ ئوقۇشنىڭ ھېچ ئاساسى يوق)؛ " Sanam " دەپ يېزىپ نېمىگە ئاساسەن " سەنەم " دەپ ئوقۇغۇدەكمىز؟ " MOTUWAR " نىمۇ " مۆتىۋەر" دەپ ئوقۇغىلى بولمىدى. " EFRANA " (گەرچە نېمە سۆزلىكىنى بىللمىسەممۇ) ئۇيغۇرچە يېزىلغان " ئېفرانە " دەپ ئوقۇشقا بولمىدى، نېمىشقا " ئېفرانا" دەپ ئوقۇمىغىدەكمىز؟ " ISTIKBAL " نىمۇ "ئىستىقبال " دەپ ئوقۇشقا ئىمكان تاپالمىدىم. زىغىرلاپ-ئەزۋەيلەپ كەلسەم نەچچە بەت ساناشقا توغرا كېلىدۇ، دېمەك مۇشۇنداق تىل بۇزۇشلارنى كۆزدە تۇتۇپ تىل-يېزىق كومىتېتى 10 نەچچە يىللار بۇرۇنلا ئۆلچەملىك
ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
جاكار قىلغان ئىدى، بۇنىڭغا نۇرغۇنلار دۇرۇست يۈز تۇتمىدى، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىدى، بۇنىڭ ئۆزى تولا ئاچچىق كۈلكىگە سەۋەب بولدى!
قالدى-قاتتى گەپلەرگە بەگ-بېگاتلار بار!
[attach]7324[/attach]
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2016-6-11 00:05
http://terjime.88448.com/redirec ... o=lastpost#lastpost
يوللىغۇچى:
چەۋگەن
ۋاقىت:
2016-6-19 12:50
قالدى-قاتتى گەپلەرگە بەگ-بېگاتلار بار دېگەن نېمە گەپ؟
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2016-6-22 15:08
چەۋگەن يوللىغان ۋاقتى 2016-6-19 12:50
قالدى-قاتتى گەپلەرگە بەگ-بېگاتلار بار دېگەن نېمە گەپ؟
ۋەزىر-ۋۇزرا، ئەمرۇل-ئۆمەرا، قازى-قۇززات، بەگ-بېگات، ئەكابىر-تەكابىر، ئەكابىر-ئەشرەپ ... دېگەندەك گەپ!
مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەرقايسىلىرىنى شۇنداق بەگ-بېگات، دەپ ئاتىدىم، خۇددى تەقسىر، جاناب دېگەندەكلا گەپ
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2