مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 782|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرىپلەر توغرىسىدا دەسلەپكى بايان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرىپلەر توغرىسىدا دەسلەپكى بايان
http://bbs.misranim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=120471&fromuid=3330
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوستلار، بىر ياۋرۇپالىق بىر ئاسترونۇم ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى ساناپ كېتىۋېتىپ چوڭقۇر بىر كاتەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئۇ كاتەكتىن ئۆمىلەپ چىقىپ كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇۋاتسا يولدىن ئۈتۈۋاتقان بىر ھاماقەت ئۇنىڭغا:
-سەن يۇلتۇز سانايمەن دەپ ئاسمانغا قاراپ مېڭىپ كۆزئالدىڭدىكى بۇ كاتەكنى كۆرەلمىدىڭمۇ؟- دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى ئۇ ھاماقەتكە:
-پەقەت يىقىلغان ئادەمنىڭلا ئورنىدىن تۇرۇش پۇرسىتى بولىدۇ،-دەپتۇ ۋە كېتىپ قاپتۇ.

مىسالدىكى ھەرئىككىيلەننىڭ ئېيتقىنى توغرا، ئاسترونۇمنىڭ ئېيتقان ئاخىرقى سۆزى گەرچە ئالىجاناپلارچە ئېيتىلغاندەك قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى تەن ئالمىغان.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم، ئالدىنقى يىلى بىر كەسىپدېشىمنىڭ خەنزۇچە مەكتەپتنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا  ئوقۇيدىغان قىزىغا ئانا تىل ئېلىپبەسى ئۈگىتىش ۋەزىپىسى ئۇنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ۋىجدانەن زىممەمگە يۈكلەندى، مەن ئۇنىڭغا ئېلىپبە ئۈگىتىش ئۈچۈن ئابدۇسالام توختى ئەپەندى تۈزگەن «ئېلىپبە»، ۋاھىتجان ئوسمان ئەپەندى تۈزگەن «ئېلىپبە» دىگەندەك كىتابلاردىن پايدىلىنىش بىلەن بىر چاغدا يانا باشقا ماتېرىياللارنى كۈرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى، مەن ھەر قايسى توربەتلىرىدىن، جۈملىدىن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور بەتلىرىدىن، بەيدۇ، گۇگىل تورلىرىدىن ئېلىپبەيىمىزگە ئائىت ماتېرىيال ئىزدەپ باقتىم، گۇگىل تورىدىن قىسمەن رەسىم ۋە باشقا مۇناسىپ رەسىم، يېزىق ماتېرىيالى دىگەندەك ماتېرىياللار تېپىلغاندىن باشقا كۆڭلۈمدىكى نەرسىلەرنى ئانچە كۆپ تېپىلمىدى. شۇ چاغدىلا كۆڭلۈمگە بىر غەشلىك ۋە شۇ غەشلىكتىن تۇغۇلغان بىر ئوت كىرىۋالدى. نىمە ئۈچۈن؟ بىز تىلىمىز يېزىقىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە كۆپ تالاش- تارتىشلارنى قىلىپ كەلدۈك ھەم كېلىۋاتىمىز، ئەجەبا، بىز ھەممىمىز ھېلىقى ئاسترونۇمدەك ئاسماندىكى يۇلتۇزنى ساناپلا ئۆتەمدۇق ياكى كۆز ئالدىمىزدىكى كاتەككىمۇ قاراپ قۇيامدۇق؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىم، ئەرەب تىلى ئېلىپبەسىگە ئائىت ماتېرىياللارنى كۈرۈپ باقتىم، ئېنگىلىز تىلى، تۈرك تىلى ئېلىپبەلىرىگە قاراپ باقتىم، ھېس قىلغىنىم، بىزنىڭ بۇ ساھەدە يېزىقىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇش، تىلىمىزنى يېزىقىمىزنىڭ قېلىپىغا ماسلاشتۇرۇش دىگەندەك ساھەلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىز يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن، مەنچە بۇنى تىل-يېزىق كومتىتىدىكى بىرنەچچە جاپاكەشكە يۈكلەپ قويۇش سەل ناھەقچىلىق بولىدىغاندەك تۇيۇلدى.
تىلىمىزدىكى «ئا،ئە» تاۋۇشلىرىنىڭ «ئې،ئى»غا ئاجىزلىشىش مەسىلىسىغۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە ئىكەن.  سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئۇرنى، لەۋ ھالىتى جەھەتلەردىن ماسلىشىشى توغرىسىدىكى قائىدىلەردىمۇ تىل ئادىتىمىزنىڭ قائىدىگە چۈشمەيدىغان يەرلىرى خېلى بار ئىكەن، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇزدىكى جاراڭسىزلىشىش، نۆۋەتلىشىش قائىدىلىرىنى دىمەيلا قۇيايلى.

_نۆۋەتتە ، بىرى، بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئىلھام ئېلىپ باش-ئايىغى يوق مۇنازىرىلىرىمىزنى داۋام ئەتكەچ ئاممىباب بولغان، بالىلىرىمىزنىڭ، بولۇپمۇ، غەيرىي تىلدا ساۋاد چىقارغان بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىل توغرىسىدا دەسلەپكى ئاساسىنى سېلىش رولى ۋە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئۆزى ئويغۇر بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئويغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە دەسلەپكى ۋە تولۇقسىز ئاساس ماتېرىيال بولالىغۇدە بىر ماتېرىيال بەرپا قىلىش ئوينى ئويلاپ كەلگىلى خېلى بولدى، ئەقىللىق بوۋىلىرىمىزنىڭ: «كۆپنىڭ كۈچى كۆپ»، «بىرلەشكەن ئۇزار، بىلەشمىگەن تۇزار» دىگەنلىرىدەك ھېكمەتلىرى ھازىرقى تور دەۋرىدە ھەممىمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن مۇش چىقىرىپ بىر ئېغىز- بىرئېغىزدىن، بىرجۈملە- بىر جۈملىدىن، بىرئابزاس- بىربۆلەكتىن كۈچ قوشۇشىغا تامامەن ئىمكانلىقتۇر. مەن نۆۋەتتە ئۆزەم دەسلەپتە باشلىغان ماتېرىيالنىڭ بىرىنچى دەرۋازا، بىرىنچى ئىشىكى بولمىش «ئۇيغۇرتىلىدىكى ھەرپلەر توغرىسىدا دەسلەپكى بايان» نىڭ بىرىنچى ھەرپىنى باش بولۇپ يوللىدىم، كۆپچىلىكنىڭ «تامچە تېمىپ تاشنى تېشەر» دىگەندەك تامچە- تامچىدىن كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىلدۇر.

ئا ھەرىپى توغرىسىدا

ئا ھەرپى ئۇيغۇر تىلىمىز ئېلىپبەسىدىكى بىرىنچى ھەرىپتۇر، شۇنداقلا ئەڭ ئاكتىپ سوزۇق تاۋۇشتۇر. تىلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئۇلۇغ ئاتالمىلار بۇ ئا ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ ھەرپ تىلىمىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئوقۇغاندىكى  تىلنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى جەھەتتىن تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشقا مەنسۇبتۇر. ئورنى جە بۇ ھەرپنىڭ خەلقئارا تىرانسىكىرىپسىيەدە ئوقۇلۇشى { ɑ,a } بۇ ھەرىپ تۆت دانە ھەرپ شەكلىدىن تۈزۈلگەن.
ئا ھەرىپىنىڭ ئايرىم-يالغۇز يېزىلىدىغان ئىككى خىل شەكلى ۋە ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان ئىككى خىل جەمئىي تۆت خىل شەكلى بولىدۇ.
ئا: بۇ مەزكۇر ھەرىپنىڭ باشتىن ئۇلىنىدىغان شەكلى بولۇپ بۇشەكىل ھەرۋاقىت سۆزلەرنىڭ بېشىدا سۆز بېشى بولۇپ كېلىدۇ، شۇڭا بۇ باش ئا دەپ ئوقۇلىدۇ.
ا: بۇ مەزكۇر ھەرپنىڭ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا يالغۇز ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەكلى بولۇپ بۇ شەكىل سۆزلەرنىڭ ۋە بوغۇملارنىڭ ئاخىرىغا يالغۇز ھالەتتە ئۇلىنىپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇ يالغۇز ئا دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ ئىككى خىل شەكىل سۆزلەرگە بىۋاستە ئۇلانماي ئايرىم ھالەتتە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. ئەمدى قالغان ئىككى خىل شەكلى (كومپىيۇتېردا ئايرىم يېزىلمىغاچقا ) چۈشەندۈرۈشلىرىلا بېرىلدى. بىرسى ھەمزىلىك ئاياق ئا، يەنە بىرسى ھەمزىسىز ئاياق ئا دەپ ئوقۇلىدۇ. ھەمزىلىك ئاياق ئا سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇغۇم بېشى بولۇپ كېلىدۇ، ھەمزىسىز ئاياق ئا بولسا سۆز ۋە بۇغۇملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىدۇ.مەسىلەن: ئات (باش ئا)، ئارا(يالغۇز ئا)، ئانا (ھەمزىسىز ئاياق ئا)، تاشئالما (ھەمزىلىك ئاياق ئا)
مەشىق: 1.تۈۋەندىكى جۈملىلەردىكى ئا ھەرپىنىڭ ھەرقايسى ھەرپ بەلگىلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ بېقىڭ.
ئاپام ئايغا ئوخشايدۇ، ئاي ئۆگزەمدە توختايدۇ. (2) ئۆردەك ئارا كۈتىرىپ ئىشتىن ياندى، ھېرىپ كەتكەچ بىر ھازا يىغلىۋالدى. (3) شار… شار… شار، شار ئۇچىدۇ، ئېتىلمىغۇچە يەرگە چۈشمەيدۇ.( 3) ئابلىكىمنىڭ ئۈنئالغۇسى ناخشا ئېيتىدۇ، ئاپئاق تۇشقان خاپا بولۇپ يىراق كېتىدۇ.
ئا ھەرپىنىڭ تۆت خىل شەكلىنى پەرقلەندۈرۈپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ مۇلاھىزىلەرنى بولسا ھەرقايسى تور بەتلىرىگە يوللاپ قويساق، بۇنىڭ ئاممىۋىيلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولاتتى.

0

تېما

1

يازما

19

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
19
QQ
دىۋان
ۋاقتى: 2014-5-16 12:41:21 | ئايرىم كۆرۈش
   ياخشىمۇسىز قېرىندىشىم. بۇ يازمىنى ياخشى يوللاپسىز. " ئا " ھەرىپىنىڭ تۆت خىل شەكلىنىڭ نامى ھەققىدە ئۆزەمنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەقسىدىدە بۇ ئىنكاسنى يازدىم.
   يازمىڭىزدا " ئات "  ئا نى (باش ئا)،  ئارا سۆزىنىڭ " را " بوغۇمىدىكى  ئا نى (يالغۇز ئا)، ئانا سۆزىنىڭ " نا " بوغۇمىدىكى ئا نى (ھەمزىسىز ئاياق ئا)،  تاشئالما سۆزىنىڭ " ئال " بوغۇمىدىكى ئا نى  (ھەمزىلىك ئاياق ئا) دەپسىز. " ئا " ھەرىپىنىڭ تۆت خىل شەكلىنى باش ئا ، ئوتتۇرا ئا ، ئاخىر ئا ، ھەمزىلىك ئاخىر ئا دەپ ئاتاش مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن. ئادەتتە مەيلى تىلىمىزدىكى 32 ھەرپنىڭ يالغۇز شەكلىنى كۆرسىتىشتە ھەرگىز " را " بوغۇمىدىكى شەكلى ئىشلىتىلمەستىن ، " ئات " سۆزىدىكى " ئا " شەكلى ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا  " را " بوغۇمىدىكى ئا ھەرىپى يالغۇز ئا دېيىلسە مۇۋاپىق بولمايدۇ.
   تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش، يازمىڭىزنى " ئىملا " سەھىپىسىگە يوللاپسىز، يەنە بىر تەرەپتىن يازمىڭىز ساۋات چىقىرىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەزمۇن ئىكەن. لېكىن يازمىڭىزدا ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. مەسىلەن، " ئاياق " سۆزىنىڭ ئىملاسى " ئاياغ " بولىدىغۇ دەيمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئىملاغا دىققەت قىلساق.

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2016-12-26 01:40:47 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھاھا،خېيمەن ھەركىتىڭنى داۋاملاشتۇر،ئالغا.......
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:05 , Processed in 0.095282 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش