تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: «چى» قوشۇمچىسىنىڭ ماكان تەۋەلىكىگە ئىشلىتىلىشى [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: كۆكتاش    ۋاقىت: 2015-3-25 15:57
تېما: «چى» قوشۇمچىسىنىڭ ماكان تەۋەلىكىگە ئىشلىتىلىشى
«چى» قوشۇمچىسىنىڭ ماكان تەۋەلىكىگە ئىشلىتىلىشى
ئىسكەندەرجېلىل
  قۇمۇللۇقلار تاغدا ياشىغۇچى خەلقلەرنى «تاغچىلار» دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز«ئىز» رومانىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ ئىبارىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قويۇپ بەرسە،«تاغلىقلار» دەپ ئاتىشى مۇمكىن.
  قۇمۇلدا يەنە، بەزى يەر- جاي ناملىرىنىڭ ئاخىرى لىك\ لىق\ لۈك\ لۇققوشۇمچىلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، شۇ يەرلىك كىشىلەرنى ئىپادىلەشتە ئاخىرىغا«چى» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. مەسىلەن، قۇمۇلدا «جىگدىلىك» دەپ بىر يېزا باربولۇپ، بۇ يېزىدىكىلەرنى «جىگدىلىكچى» دەپ ئاتايدۇ، «جىگدىلىكچى ئابدۇرېھىم» دېگەنسۆز قۇمۇللۇقلارنىڭ نەزىرىدە «قەشقەرلىك ئابدۇللا» دېگەن سۆز بىلەن ماھىيەتجەھەتتە ئوخشايدۇ. قارادۆۋە يېزىسىنىڭ جەنۇبىدا «ئەللىك» دەپ بىر كەنت بار، ھازىربۇ كەنتتە ئانچە ئادەم قالمىدى، شۇنداقتىمۇ باشقىلار شۇ كەنتلىكلەرنى «ئەللىكچى»دەپ ئاتىشىدۇ. ئەگەر قاغىلىق، چاقىلىق دېگەندەك يۇرتلار قۇمۇل تەۋەسىدە بولۇپقالسا، قۇمۇللۇقلار ئۇلارنى «قاغىلىقچى»، «چاقىلىقچى» دەپ ئاتىۋېلىشى مۇمكىن.
  دېمەك، قۇمۇللۇقلارنىڭ «چى» قوشۇمچىسىنى ماكان تەۋەلىكىگە ئىشلىتىشى بىرقەدەر ئەپچىل بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەزىبىر تىل- تەرجىمە ۋە ئاتالغۇ سۆزلۈكلىرىمىزنىبېيىتىشىمىزغا پايدىسى تېگىشى مۇمكىن.
  مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ لوس- ئانجىلىس شەھىرىدە بىر داڭلىق ۋاسكىتبولكوماندىسى بار بولۇپ، بۇ كوماندىنى خەنزۇچە 湖人队، ئېنگلىزچە Lackers دەپ ئاتايدۇ.تەرجىمانلىرىمىز بۇنى خەنزۇچىغا ماسلاشتۇرۇپلا «كۆل ئادىمى كوماندىسى» تەرجىمەقىلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇنى يۇقارقى تىل ئەپچىللىكىدىن پايدىلىنىپ، «كۆلچىلەركوماندىسى» دەپ ئالسا، سۆز ئىخچام ۋە توغرا چىققان بولاتتى. يەنە بىر كوماندىنىڭنامى 步行者队، ئېنگلىزچىسى Pacers بولۇپ، Pace سۆزى ئادەتتە«ماڭغاندىكى قەدەم»نى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا بۇ كوماندىنىڭ نامىنى «قەدەمچىلەركوماندىسى» دەپ ئالسا، بىر قەدەر ئىخچام بولىدۇ.
  يەنە 沙漠人 دېگەن سۆزنىتەرجىمە قىلىشتا، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا «قۇملۇق ئادىمى» ياكى «قۇملۇقلۇق»دېگەن دەسلەپكى تەرجىمە كېلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز يۇقارقى تىل ئەپچىللىكىدىنپايدىلانساق، «قۇملۇقچى» ياكى «چۆلچى» دېگەن ئەپچىل سۆزگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
دېمەك، ماكان تەۋەلىكىگە ئائىت سۆزلەرنى ياساشتا ياكى ئاخىرىغا人 سۆزى قوشۇلغان خەنزۇچە سۆزلۈكلەرنىتەرجىمە قىلىشتا، «چى» قوشۇمچىسىنىڭ ئەپچىل سۆز ياساش ئىقتىدارىنى قوللىنىپ كۆرسەكبولىدۇ.

مەنبە: تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى 2014-يىللىق 1-سان


يوللىغۇچى: uyghurman    ۋاقىت: 2017-4-10 13:26
步行،步行者,步行街پىيادىلەر(قومۇل-تۇرپاندا :ياياقلىق،ياياقچى،ياياقچىلار دەپ ئ‍الىدۇ،بەزى ئ‍ەدەبىي ئ‍ەدەرلەردىمۇ شۇنداق ئ‍الىدۇ،پىيادىلەر كوچىسى،پىيادىلەر مەھەللىىسى،(
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2017-4-20 12:57
چىلىك-چىلىق دېگەن كەسپ-ئىگىلىكنى بىلدۈرۈدىغان قوشۇمچە بىلەن بەزى ھۈنەر-كەسپ ئەھلىنى ئاتايدىغان ئىسىملار بىللە كەلگەندە قانداق قىلىمىز؟ تەلىم بەرگەن بولسىڭىز!

مەسىلەن: باغۋەن، دېھقان، زەرگەر، ھۈنەرۋەن دېگەندەكلەر باغۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق، ھۈنەرۋەنچىلىك بولۇپ كەلسە بەكلا پالاكەت بولۇپ قالىدىكەن. يەنى باغۋەن تەربىيەلەيدىغان، دېھقان تەربىيەلەيدىغان، ھۈنەرۋەن تەربىيەلەيدىغان كەسپ بولۇپ قالماسمۇ؟
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2017-4-20 12:58
باغچىلىق، تېرىقچىلىق، ھۈنەرچىلىك دەرمىزمۇ؟
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2017-4-20 12:59
دېھقان بىر ئىسىم، چىلىق قوشۇمچە قوشۇلسا نېمە بولار دەيمەن!




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2