تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
ئۆزۈمنى بىلەي
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
alma
ۋاقىت:
2017-5-3 23:39
تېما:
ئۆزۈمنى بىلەي
ئۆزۈمنى بىلەي
خىيالىمنى يىغىپ -يىغىپ ،ئۆزۈمگە سۈرەي…
ئۆزگىلەرنى سۆيكۈنۈمدەك،ئۆزۈمنى سۆيەي،
ئۆز ئىشىمغا ئاۋۋال ئۆزۈم ،كۆڭلۈمنى بىرەي،
باشقىلارغا دىگىنىمنى ،ئۆزۈمدە كۆرەي،
ئۆزگىلەرنى قۇيۇپ ئاۋۋال،ئۆزۈمنى بىلەي،
"ھەھە"دىسە ھەممىنى بىرىپ،ئۆزۈمدە يوققۇ؟
ئۈزۈم ئاچ-زار ،ئۆزگىلەرچە، تىقىلىپ-توققۇ!
مەن بۇياندا يىغلاپ يۈزسەم،ئۇلار بەك شوخقۇ!
يىغىپ كەلسەم،يانچۇق -پورتمال پۇلسىز قۇرۇققۇ،
ئۆزگىلەردىن ئېلىپ ئىبرەت،ئۆزۈمگە كىلەي!
ئەسلى مەنمۇ خانزادىدەك ،يۈرەلەيتتىمغۇ؟
ھەر يەرلەردە ئېچىلىپ يېيىلىپ كۈلەلەيتتىمغۇ؟
بەزى ئىشلارغا كۈزۈم يۇمۇپ،كۈنەلەيتتىمغۇ؟
ئەجەل كەلسە ئۆز پېيىمدە ئۆلەلەيتتىمغۇ!
بىر كۈنۈمگە بىر كۈن ئۈچۈن قۇياشتەك كۈلەي!
كىمكەن دېسە كىملەر كۆرسۇن كىيىن ھالىمنى،
ئەمما ھازىر كىم ئاڭلىسۇن ئاھۇ -زارىمنى؟
مەندەك ھالى يوقلار يايرىم دىسۇن يارىمنى،
مەن يايرىمغا بىرىپ بولغان يۈرەك پارىمنى!
چۈشلىرىمنىڭ چۈشلىرىدە كىملەرنى كۈرەي،؟
نىچۈن ئۆزىنى ئوتقا ھەردەم ئۇرار پەرۋانە؟
نىچۈن ھەرە،گۈل- تىكەندىن يىغار بال -شىرنە؟
كۆكتە بۈركۈت،يەردە سازاڭ،پەرىق بار يەنە،
مەنچۇ بەڭگى خىيالىدا ياتىمەن ئەنە،
ئەمدى چۆچۈپ،مەرۋايتقا -دېڭىزغا چۆكەي!
3-ماي غولجا ،ئالتۆي، UMT
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2