|
ئەتىراپىڭدا بىرتۈركۈم ئىنسانلار بار ئۇلار قوينىدا بىر جاھاندارچىلىق دەستۇرىنى ئېلىپ يۈرۈشىدۇ، ئۇكىتابنىڭ نامى : « خىجىل بولماڭ، قېلىنلارچە ياشاڭ» ! بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا گەرچە «دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر» دەپ يېزىپ قويۇلمىغان بولسىمۇ، تېراژىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بۇ كىتابتا ياشاشتىكى بىردىن –بىر مۇۋەپپەقىيەت – پەقەت ئېرىششتۇر دېيىلگەن بولۇپ، مىننەتدارلىق ۋە نۇمۇس تۇيغۇسىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى سەلبىي تەسىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن .
ئۇلار مۇنداق دېيىشىدۇ : قېيىن ئىش يوق ئالەمدە ، يۈزى قېلىن ئادەمگە !
ئەتىراپىڭدىكى ئاشۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان كىچىككىنە مەنپەئەت ۋە پۇرسەتلەر ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇمۇس ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان بايقۇشلاردىن سەسكەنگەن ۋاقتىڭدا، ئۆزۇڭنىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالمىغىنىڭغا شۈكۈر ئېيتقىن. |
|