مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قانداق قىلغاندا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2015-5-11 10:22:05 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
  ‏قانداق قىلغاندا بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟



  ‏كىتابتىن يىراقلىشىپ قالغان مۇنداق بىر مىللەتنى كىتاب سۆيىدىغان، كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئالىدىغان ۋە كىتابنى ئەڭ ئايرىلماس ھەمراھىم دەپ تونۇيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىش ئۈچۈن بىر ئەۋلادنىڭ ئالمىشىشى ۋە بۇ ئەۋلادنىڭ كىچىكىدىنلا كىتاب سۆيەرلەردىن قىلىپ تەربىيىلىنىشى شەرت. بالىلارنىڭ روھى كىتاب بىلەن باغلانغان ھالدا دۇنيانى كۆزىتىدىغان بولۇپ يېتىلىشى لازىم.


  1976-يىلى 1-ئايدا نوبېل مۇكاپاتىغا ئىرشكەن 75 كىشى پارىژغا جەم بولغان . ئۇلارنىڭ بىرى سىز قايسى ئالىي مەكتەپتە ۋە قايسى تەجرىبە خانىدا ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغان نەرسىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟ دەپ سورالغىنىدا، چاچلىرى قاردەك ئاقارغان بۇ ئالىم:« بالىلار باغچىسىدا» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئاندىن ئۇنىڭدىن «بالىلار باغچىسىدا نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟» دەپ سورىغاندا ئۇ: «ئۆزۈمىنىڭ بىر قىسىم نەرسىلىرنى دوستلىرىمغا بېرىشنى، ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەرنى ئالماسلىقنى، نەرسە – كېرەكلەرنى رەتلىك قويۇشنى، تاماق يېيىشتىن ئاۋۋال قول يۇيۇشنى، خاتا ئىش قىلىپ قويغاندا ئەپۇ سوراشنى، قىسقىسى، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىقنى ئۆگەندىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ بۇ جاۋابى بۇ يەرگە جەم بولغان ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى بولۇپ چىققان.


  بۇ قىسسە بىزگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئىشنى كىچىكىدىن باشلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىققا كىچىكىدىن باشلاپ ئادەتلىنىشنىڭ لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا بالىلاردا كىچىگىدىن باشلاپلا ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بەكمۇ زۆرۈر.


  ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بىز بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا كىتابنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەيمىز؟ بۇ شۇنچىلىك قىيىنمۇ؟


  ياخشى كۆرۈش دېگەن تۇغما بولمايدۇ. ئۇ پەقەت تەربىيە ۋە مۇھىتنىڭ نەتىجىسى. ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىلىرىنى ياخشى ئادەتلەرگە كۆندۈرۈشى ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ۋەزىپىسىدۇر. بالىلاردا كىتابنى ياخشى كۆرۈش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، دىن ۋە مىللەتنىڭ ئىشىغا ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشىنىڭ ئاساسىدۇر.


  تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى بالىلارنى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:


  1. بالىلارنىڭ كۆزى ئەڭ دەسلەپ كىتابقا ئېچىلىشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقانلىقىنى ۋە كىتابقا زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر. چۈنكى بالىلار ھەر ئىشتا ئاتا-ئانىسىدىن ئۆرنەك ئالىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆيدە ھەمىشە كىتاب ئوقۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرىشى ۋە شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولىشى ئۇلارنىڭ كىتابنى سۆيىدىغان، كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلىپ يېتىلىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. قىسقىسى، ئاتا-ئانا كىتاب ئوقۇشتا بالىلارغا ئۈلگە بولىشى لازىم.


  2. بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، كىتابتىن ھۇزۇر-ھالاۋەت ئېلىشقا كۆندۈرۈش ئىشى ئۇلارنىڭ ئالدىدا كىتابنى ئېچىپ، قىزىقارلىق ھېكايە ۋە قىسسىلەردىن ئۇلارغا جاراڭلىق ئاۋازدا ئوقۇش بېرىش بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن كىتابتىن چۈشەنگەنلىرىنى سوراش ۋە شەرھلەپ بېرىش، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇلارنى ئوقۇتۇپ تىڭشاش كېلىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئۆزلىرى خالىغان كىتابلارنى ئولارغا زورلاپ تاڭماسلىقى لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش بالىلاردا ئەكسى تەسىر قوزغاپ، ئۇلاردا كىتاب ئوقۇشتىن نەپرەتلىنىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا كىتابنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئوقۇپ بېرىشنىڭ بالىلاردا ئوقۇشقا ۋە ئۆگىنىشكە بولغان رىغبىتىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.


  3. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ھەر كۈنى بىر قانچە مىنۇت بولسىمۇ كىتاب ئوقۇپ بېرىشى زۆرۈردۇر. خۇسۇسەن، كىچىك بالىلارغا ئاخشىمى ياتىدىغان ۋاقتىدا بېشىدا ئولتۇرۇپ بىر قانچە مىنۇت بولسىمۇ كىتاب ئوقۇپ بېرىش لازىم. بۇنى ئاتا بىلەن ئانا ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ئۈزمەستىن قىلىش لازىم.


  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۈندىلىك ئويۇنلارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياقتۇرۇپ تىڭشايدىغان كىتابلىرىدىن ئازراقتىن ئوقۇپ بېرىشى لازىم. ئاز بولسىمۇ ھەر كۈنى ئۈزمەستىن كىتاب ئوقۇپ بېرىش بالىلاردا كىتاب ئوقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكنى پايدا قىلىدۇ. بالىلارغا ئۇلار 11 ياشقا كىرگەنگە قەدەر ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بەك ياخشى كىتاب بولمىسىمۇ ياكى ئوقۇپ بولغان كىتاب بالىلار قىزىققا بولسا، ئۇنى ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىش لازىم. بالىلارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش جەريانىدا، بالىلار زېرىكىپلا قالمىغان بولسا، ئاتا-ئانا چارچاپ قالسىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ بېرىشنى داۋام قىلدۇرۇشى لازىم.


  4. بالىلارنىڭ ياتاقلىرىدا ھېكايە ۋە قىسسىلەردىن بولغان ھەر خىل كىتابلارنى ھازىرلاپ بېرىش لازىم. بالىلار ئۇيقۇغا بارغىنىدا ۋە ئۇيقۇدىن تۇرغىنىدا ھەمىشە كىتابلارنى كۆرۈپ تۇرسا، كىتابنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا چوڭ بولىدۇ. نەتىجىدە، كىتابقا ۋە كىتاب ئوقۇشقا مۇھەببىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئىمكانىيەت بولسا، بالىلارغا ئۆينىڭ ئىچىدە كىچىك بىر كۇتۇبخانا قىلىپ، ئۇنى چىرايلىق بېزەپ بېزەپ بېرىش كېرەك.


  5. بالىلارنى كىتابخانىلارغا، كىتاب يەرمەنكىلىرىگە ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ كۆزى چىرايلىق كۆرۈنگەن ۋە ئۇلار تاللىغان كىتابلاردىن ئۇلارغا ئېلىپ بېرىش لازىم. بالىلار بىلەن كىتاب سېتىۋېلىشتا كىتابنىڭ شەكلى، رەسىملىرى ۋە رەڭگى چىرايلىق، جەلب قىلارلىق بولغانلىرىنى تاللاش، ھەر بىر كىتابنى تاللاشتا ئاپتورىنىڭ، نەشىر قىلغان ئورۇننىڭ ئىسمىنى ئوقۇش، كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە ۋە بەزى بۆلۈملىرىگە تىز-تىز كۆز يۈگۈرتۈش، كىتابتا نېمىلەرنىڭ سۆزلىنىدىغانلىقىنى بىلىش زۆرۈردۇر. بۇ ئۇسۇل بالىلارغا كىتاب سېتىپ ئېلىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ.


  6. بالىلارغا ئوقۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇلارنى ئوقۇتىدىغان ھېكايە ۋە قىسسە كىتابلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇناسىپ ھالدا چۈشىنىشلىك ۋە تەربىيە خاراكتېرلىك كىتابلاردىن بولىشى شەرت.


  7. ھېيت-ئايەملەردە، بايرام كۈنلىرىدە، بالىلار دىپلوم ئالغان كۈنلەردە ياكى قانداقلا بىر مۇناسىۋەتنى پۇرسەت بىلىپ، بالىلارغا ئۇلار ياقتۇرىدىغان ۋە خوش بولىدىغان كىتابلارنى ھەدىيە قىلىش. مۇنداق قىلىش بالىلارغا كىتابنى سۆيدۈرىدۇ ۋە كىتابنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.


  8. بالىلارنىڭ ياتىقىغا ھەرگىز تېلېۋىزور قويۇپ بەرمەسلىك لازىم. مۇنداق قىلىش بالىلارنى كىتاب ئوقۇشتىن سوۋۇتۇپ، تېلېۋىزور بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە كۆندۈرۈپ قويىدۇ.


  9. ماشىندا كىتاب ۋە ژۇرناللاردىن خالى قىلماسلىق، بالىلار بىلەن ئۇزۇنراق يول يۈرگەندە ئۇلارنى ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلىش ياخشى ئادەت بولۇپ، بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشنىڭ چارىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.


  10. بالىلار ئوتتۇرىسىدا ئايلىق ياكى ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ، بىر ئاي ياكى بىر ھەپتە ئىچىدە كىم كۆپ كىتاب ئوقۇغان بولسا، ئۇنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەرسە بىلەن مۇكاپاتلاش ئادىتىنى يولغا قويۇشمۇ بالىلارنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇشنىڭ چارىلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ.


  مۇھەممەد يۈسۈف


  ‏‏مەنبە: ساجىيە تورى



بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:28 , Processed in 0.059080 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش