تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (4) [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى: alma ۋاقىت: 2016-3-10 14:17
تېما: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (4)
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (4)
2. 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەر ۋە چوڭ-چوڭ تەدبىرلەر
«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن «خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى (لايىھە)»نى تۈزۈپ، يىغىننىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا سۇندى.
«پىروگرامما لايىھەسى»دە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، تەڭكەش بولماسلىق، سىجىل بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ماسلاشتۇرۇش، تەرەققىيات يېشىل بولۇش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان بىر قاتار چوڭ-چوڭ سىياسەت، چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇش ۋە چوڭ-چوڭ تۈرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۆۋەندىكى ئالتە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردۇق.
− ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا ھال-يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 2010-يىلدىكىدىن بىر قاتلاش ئۈچۈن، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەن چېكى ٪6.5 تىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش-دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش لازىم. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ سالمىقى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇلىدۇ، بارلىق خادىملارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى 87 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ 120 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارى 90 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدۇ. بۇ جۇڭگوغا ئوخشاش نوپۇسى كۆپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئىنتايىن زور نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.
− يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش. يېڭىلىق يارىتىش ـــ تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇڭا ئۇنى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە يادرولۇق ئورۇنغا قويۇش شەرت. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش لازىم. دۆلەتنىڭ يېڭى بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك دۆلەتلىك پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا يېڭىلاش مەركەزلىرىنى قۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ئىجادچان باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرىمىز ۋە زورايتىمىز. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرىمىز. بۈيۈك مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، ئەشيا تورىنىڭ كەڭ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. كۈچلۈك سۈپەت دۆلىتى، كۈچلۈك ياسىمىچىلىق دۆلىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۇل تەتقىقات، ئەمەلىي تەتقىقات ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقىنى ٪2.5 كە، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپە نىسبىتىنى ٪60 كە يەتكۈزۈپ، ئىجادچان دۆلەتلەر ۋە كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرىمىز.
− يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون خاراكتېرلىك ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون پەرقىنى كىچىكلىتىش ـــ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىنى ئىشقا سېلىشنىڭ ئاچقۇچى. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، 100 مىليون ئۆپچۆرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسى ۋە باشقا دائىملىق ئاھالىنى شەھەر-بازارلاردا نوپۇسقا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەخمىنەن 100 مىليون نوپۇس ئولتۇراقلاشقان كەپە ئۆي رايونى ۋە شەھەردىكى كەنتنى ئۆزگەرتىشنى ئورۇنلاپ، تەخمىنەن 100 مىليون كىشىنى ئوتتۇرا-غەربىي رايوندىكى يېقىن جايدا شەھەر – بازارلىشىشقا يېتەكلەيمىز. 2020-يىلىغا بارغاندا، دائىملىق نوپۇسنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنى %60 كە، نوپۇستىكى ئاھالىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتىنى %45 كە يەتكۈزىمىز. سۇچىلىق، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق قاتارلىقلاردا بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملەشكەن ئىگىلىك، رايونلاشقان ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرىمىز. 2020–يىلىغا بارغاندا، ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرىمىز، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىمىز. رايون تەرەققىياتى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى ئاساس، «3 چوڭ ئىستراتېگىيە»نى يېتەكچى قىلىپ، دېڭىز بويى، دەريا بويى، يىپەك يولى ئەتراپى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئاساس قىلغان تىك ۋە توغرا لىنىيەلىك ئىقتىساد ئوق بەلبېغى شۇنداقلا تەسىر كۆرسىتىش كۈچى زور بىر تۈركۈم شەھەر توپى ۋە ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈرىمىز. زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ تىجارەت مۇساپىسىنى 30 مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈپ، %80 تىن ئارتۇق چوڭ شەھەرنى قاپلاپ، قاتناش مۇساپىسى تەخمىنەن 30 مىڭ كىلومېتىر كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى يېڭىدىن ياساپ ۋە ئۆزگەرتىپ، كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن شەھەر–يېزىلارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
− يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى تېزلىتىمىز. تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىش ئومۇمىي قىممىتىدە سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى %23، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %15، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد چىقىرىش مىقدارىنى %18 ئازايتىپ، ئورمان بىلەن قاپلاش نىسبىتىنى %23.04 كە يەتكۈزۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش نىسبىتىنى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلايمىز. بولۇپمۇ ئاتموسفېرادىكى تۇمان-تۈتەكنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەردە ھاۋا سۈپىتى ئەلا ۋە ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتىنى %80 تىن ئاشۇرىمىز. بىز ئۇزاققىچە بوشاشماي، كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا ياپيېشىل زېمىن جىلۋە قىلىپ، سۈپسۈزۈك سۇلار جىمىرلاپ تۇرىدىغان گۈزەل جۇڭگو قۇرىمىز.
− ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىمىز. تەرەققىيات ــ تۈپ جەھەتتىن ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرىمىز؛ ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. تاشقى سودىدا سەرخىللىرىنى كىرگۈزۈپ، سەرخىللىرىنى چىقىرىشقا يۈزلىنىپ، مۇلازىمەت سودىسى نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، چوڭ سودا دۆلىتىدىن كۈچلۈك سودا دۆلىتى تەرەپكە قەدەم تاشلايمىز. ئىجازەت بېرىشتىن بۇرۇن پۇقراۋى مۇئامىلىگە پاسسىپ تىزىملىك قوشۇلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىمىز. ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى، يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرىمىز.
− خەلق تۇرمۇشىدا بەخت-سائادەتنى سىجىل ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىمىز. خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئاساسىي كاپالىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى تىرىشىپ تولۇقلاپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەيمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېلىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئۆلچەمدىكى نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى تولۇق تۈگىتىمىز. دۆلەتنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تۈرى تىزىملىكىنى بەرپا قىلىمىز. تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە پەنلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيـەلىنىش يىلىنـى 10.23 يىلدىن 10.8 يىلغا يەتكۈزىمىز. شەھەر-بازارلاردا 50 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ئوتتۇرا ھال كىرىملىك ئاھالىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز. تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونىدا 20 مىليون يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىمىز. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنى بىر ياش ئۇزارتىمىز. زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويىمىز. ھەم خەلقنىڭ ماددىي تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشاتلاشتۇرىمىز، ھەم مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىمىز.
13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىنى كۈچەپ ئوبدان ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچىدىن، تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇش لازىم. تەرەققىيات − چىڭ قائىدە، ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. كەلگۈسى 5 يىل ــ «ئوتتۇرا ھال كىرىم توزىقى»دىن ھالقىپ ئۆتۈشتىكى مۇھىم باسقۇچ، بۇ باسقۇچتا تۈرلۈك زىددىيەت ۋە خەۋپ-خەتەرلەر كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. تەرەققىيات خۇددى ئېقىنغا قارشى كېمە ھەيدىگەنگە ئوخشايدۇ، ئىلگىرىلىمىسەكلا چېكىنىپ كېتىمىز. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىرىسقا جايىدا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور كېمىنى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىتىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ھازىر تەرەققىياتتا ئومۇمىي مىقدار مەسىلىسى بىلەن قۇرۇلما مەسىلىسى تەڭ مەۋجۇت، قۇرۇلما مەسىلىسى بەكرەك گەۋدىلىك، ئىسلاھات ئارقىلىق قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش، ئېلىش ئۇسۇلىنىمۇ، قوشۇش ئۇسۇلىنىمۇ قوللىنىپ، ئۈنۈمسىز ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك تەمىناتنى ئازايتىپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئوتتۇرا ھال، يۇقىرى دەرىجىلىك تەمىناتنى كۆپەيتىپ، جامائەت مەھسۇلاتلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، تەمىنات بىلەن تەلەپنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدىغان قىلىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئۈچىنچىدىن، تەرەققىياتنىڭ كونا قۇدرىتى ئورنىغا يېڭى قۇدرىتىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇقەررەر ھالدا كونا قۇدرەتنىڭ ئورنىنى يېڭى قۇدرەت ئالىدىغان جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ، ئەنئەنىۋى قۇدرەت كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىزلاشقاندا، يېڭى قۇدرەت بىردىنلا بارلىققا كېلىپ ۋە ئەنئەنىۋى قۇدرەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى «قوش موتور» ھاسىل قىلىدۇ-دە، ئىقتىسادنىڭ سىجىل يۈكسىلىپ، يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ھازىر ئېلىمىز تەرەققىياتى دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، شۇڭا، يېڭى قۇدرەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش شەرت. يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېز يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەھرىلىك ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈزۈلمە-مېخانىزمنى يېڭىلاش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، تەڭ بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ ۋە زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر توپىنى زورايتىپ، قۇدرىتى كۈچلۈك يېڭى موتور بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇچۇر تورى قاتارلىق زامانىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، باشقۇرۇش ۋە ماركېتىڭ ئەندىزىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى يېڭىباشتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى قۇدرەتنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش لازىم.
تۈپ ئاساسىدىن ئېيتقاندا، تەرەققىياتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچ-قۇدرىتى خەلق ئاممىسىدا. 900 مىليوندىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى، ئالىي مەلۇماتلىق ۋە كەسپىي ماھارەتكە ئىگە 100 مىليوندىن ئارتۇق ئىختىساس ئىگىسى بىزنىڭ ئەڭ زور بايلىقىمىز ۋە ئۈستۈنلىكىمىزدۇر. كونا قۇدرەت ئورنىغا يېڭى قۇدرەتنى دەسسىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقىغا ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغان تەرەپكە بۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم تولغاق ئەگىشىپ كېلىدىغان تەڭشەش جەريانى، ھەم ئۈمىدكە تولغان دەرىجە ئۆستۈرۈش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسەكلا، جەزمەن جۇڭگو ئىقتىسادىنى يېڭىباشتىن جانلاندۇرۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتالايمىز.
كەلگۈسى 5 يىلغا نەزەر سالغىنىمىزدا، چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز تولۇپ تاشىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قەرەلىدە يېتەلەيمىز، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىستىقبالى چوقۇم تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ!
يوللىغۇچى: alma ۋاقىت: 2016-3-10 14:17
二、"十三五"时期主要目标任务和重大举措
根据《中共中央关于制定国民经济和社会发展第十三个五年规划的建议》,国务院编制了《国民经济和社会发展第十三个五年规划纲要(草案)》,提交大会审查。
《纲要草案》紧紧围绕全面建成小康社会奋斗目标,针对发展不平衡、不协调、不可持续等突出问题,强调要牢固树立和贯彻落实创新、协调、绿色、开放、共享的发展理念,明确了今后五年经济社会发展的主要目标任务,提出了一系列支撑发展的重大政策、重大工程和重大项目,突出了以下六个方面。
——保持经济中高速增长,推动产业迈向中高端水平。实现全面建成小康社会目标,到2020年国内生产总值和城乡居民人均收入比2010年翻一番,"十三五"时期经济年均增长保持在6.5%以上。加快推进产业结构优化升级,实施一批技术水平高、带动能力强的重大工程。到2020年,先进制造业、现代服务业、战略性新兴产业比重大幅提升,全员劳动生产率从人均8.7万元提高到12万元以上。届时,我国经济总量超过90万亿元,发展的质量和效益明显提高。在我们这样一个人口众多的发展中国家,这将是非常了不起的成就。
——强化创新引领作用,为发展注入强大动力。创新是引领发展的第一动力,必须摆在国家发展全局的核心位置,深入实施创新驱动发展战略。启动一批新的国家重大科技项目,建设一批高水平的国家科学中心和技术创新中心,培育壮大一批有国际竞争力的创新型领军企业。持续推动大众创业、万众创新。促进大数据、云计算、物联网广泛应用。加快建设质量强国、制造强国。到2020年,力争在基础研究、应用研究和战略前沿领域取得重大突破,全社会研发经费投入强度达到2.5%,科技进步对经济增长的贡献率达到60%,迈进创新型国家和人才强国行列。
——推进新型城镇化和农业现代化,促进城乡区域协调发展。缩小城乡区域差距,既是调整经济结构的重点,也是释放发展潜力的关键。要深入推进以人为核心的新型城镇化,实现1亿左右农业转移人口和其他常住人口在城镇落户,完成约1亿人居住的棚户区和城中村改造,引导约1亿人在中西部地区就近城镇化。到2020年,常住人口城镇化率达到60%、户籍人口城镇化率达到45%。实施一批水利、农机、现代种业等工程,推动农业适度规模经营和区域化布局、标准化生产、社会化服务。到2020年,粮食等主要农产品供给和质量安全得到更好保障,农业现代化水平明显提高。以区域发展总体战略为基础,以"三大战略"为引领,形成沿海沿江沿线经济带为主的纵向横向经济轴带,培育一批辐射带动力强的城市群和增长极。加强重大基础设施建设,高铁营业里程达到3万公里、覆盖80%以上的大城市,新建改建高速公路通车里程约3万公里,实现城乡宽带网络全覆盖。
——推动形成绿色生产生活方式,加快改善生态环境。坚持在发展中保护、在保护中发展,持续推进生态文明建设。深入实施大气、水、土壤污染防治行动计划,加强生态保护和修复。今后五年,单位国内生产总值用水量、能耗、二氧化碳排放量分别下降23%、15%、18%,森林覆盖率达到23.04%,能源资源开发利用效率大幅提高,生态环境质量总体改善。特别是治理大气雾霾取得明显进展,地级及以上城市空气质量优良天数比率超过80%。我们要持之以恒,建设天蓝、地绿、水清的美丽中国。
——深化改革开放,构建发展新体制。发展根本上要靠改革开放。必须全面深化改革,坚持和完善基本经济制度,建立现代产权制度,基本建成法治政府,使市场在资源配置中起决定性作用和更好发挥政府作用,加快形成引领经济发展新常态的体制机制和发展方式。"一带一路"建设取得重大进展,国际产能合作实现新的突破。对外贸易向优进优出转变,服务贸易比重显著提升,从贸易大国迈向贸易强国。全面实行准入前国民待遇加负面清单管理制度,逐步构建高标准自由贸易区网络,基本形成开放型经济新体制新格局。
——持续增进民生福祉,使全体人民共享发展成果。坚持以人民为中心的发展思想,努力补齐基本民生保障的短板,朝着共同富裕方向稳步前进。坚决打赢脱贫攻坚战,我国现行标准下的农村贫困人口实现脱贫,贫困县全部摘帽,解决区域性整体贫困。建立国家基本公共服务项目清单。建立健全更加公平更可持续的社会保障制度。实施义务教育学校标准化、普及高中阶段教育、建设世界一流大学和一流学科等工程,劳动年龄人口平均受教育年限从10.23年提高到10.8年。实现城镇新增就业5000万人以上。完善收入分配制度,缩小收入差距,提高中等收入人口比重。完善住房保障体系,城镇棚户区住房改造2000万套。推进健康中国建设,人均预期寿命提高1岁。构建现代公共文化服务体系,实施公民道德建设、中华文化传承等工程。我们既要让人民的物质生活更殷实,又要让人民的精神生活更丰富。
做好"十三五"时期经济社会发展工作,实现全面建成小康社会目标,必须着力把握好三点。一是牢牢抓住发展第一要务不放松。发展是硬道理,是解决我国所有问题的关键。今后五年是跨越"中等收入陷阱"的重要阶段,各种矛盾和风险明显增多。发展如逆水行舟,不进则退。必须毫不动摇坚持以经济建设为中心,推动科学发展,妥善应对挑战,使中国经济这艘巨轮破浪远航。二是大力推进结构性改革。当前发展中总量问题与结构性问题并存,结构性问题更加突出,要用改革的办法推进结构调整。在适度扩大总需求的同时,突出抓好供给侧结构性改革,既做减法,又做加法,减少无效和低端供给,扩大有效和中高端供给,增加公共产品和公共服务供给,使供给和需求协同促进经济发展,提高全要素生产率,不断解放和发展社会生产力。三是加快新旧发展动能接续转换。经济发展必然会有新旧动能迭代更替的过程,当传统动能由强变弱时,需要新动能异军突起和传统动能转型,形成新的"双引擎",才能推动经济持续增长、跃上新台阶。当前我国发展正处于这样一个关键时期,必须培育壮大新动能,加快发展新经济。要推动新技术、新产业、新业态加快成长,以体制机制创新促进分享经济发展,建设共享平台,做大高技术产业、现代服务业等新兴产业集群,打造动力强劲的新引擎。运用信息网络等现代技术,推动生产、管理和营销模式变革,重塑产业链、供应链、价值链,改造提升传统动能,使之焕发新的生机与活力。
从根本上说,发展的不竭力量蕴藏在人民群众之中。9亿多劳动力、1亿多受过高等教育和有专业技能的人才,是我们最大的资源和优势。实现新旧动能转换,推动发展转向更多依靠人力人才资源和科技创新,既是一个伴随阵痛的调整过程,也是一个充满希望的升级过程。只要闯过这个关口,中国经济就一定能够浴火重生、再创辉煌。
展望今后五年,我们充满必胜信心。如期实现全面建成小康社会目标,人民生活将会更加美好,中国特色社会主义事业前景一定会更加光明!
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) |
Powered by Discuz! X3.2 |