مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 14|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋىجدان ئازابى ** ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-5-3 23:38:32 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ۋىجدان ئازابى
**
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر
**
بۈگۈن قەلبىم گوياكى سوتچى ،
جاراڭلىدى ياڭراق ئاۋازى ،
يۈرەك بولۇپ ئەيىپلىگۈچى ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
قايرىپ قويۇپ ۋىجداننى چەتكە ،
سەل قاراپ ھەم ھايا - ئىپپەتكە .
بەندە ئۈچۈن كۆيۈپ يۈرگەچكە ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
ئاتا - ئانام ھايات تۇرۇپمۇ ،
قويمىغاچقا بىر رەت سۆيۈپمۇ .
ئەزىزلىگەچ يارنى بولۇپمۇ ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
ئويناش كىرەك ياشلىقىمدا دەپ ،
قۇۋۋىتى بار شاشلىقىمدا دەپ .
يۈرگىنىمگە غەپلەتتە ئەجەپ ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
نادانلىقتا شەيتان قۇچاقلاپ ،
ھەقىقەتتىن كەتكەچ يىراقلاپ .
شۇڭا مىنى بۈگۈن جازالاپ ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
ئېغىزىمدا ئىيتىپ قۇرۇق لاپ ،
ئەمىليەتتە خۇپسەن ،تىرىكتاپ .
يۈرگەچ شۇڭا ساخاۋەت سوراپ ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
بولىۋىلىپ ئالىم - پەيلاسوپ ،
باشقىلارنى توغرىغا بۇيرۇپ .
ئۆزەمنىچۇ قالغاچقا ئۇنتۇپ ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
بېلىپ تۇرۇپ توغرا خاتانى ،
قىلغانلىقىم ئۈچۈن ياماننى ،
ئايرىمىغاچ ھالال - ھارامنى ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
ئاجىز تېنىم تىتىردى بۈگۈن ،
نەپەسلىرىم قىسىلدى بۈگۈن .
لىكىن روھىم ئۇيغاندى بۈگۈن ،
دارغا ئاستى ۋىجدان ئازابى .
**
2016.5.3.كۈنى .
ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:40 , Processed in 0.056044 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش