تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: 饺子:جۇۋاۋا، پۆرە، تۈگۈر، بەنشىر— قايسىسىنى تاللايسىز؟ [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2014-3-28 01:38
تېما: 饺子:جۇۋاۋا، پۆرە، تۈگۈر، بەنشىر— قايسىسىنى تاللايسىز؟

يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2015-3-30 21:12
پۆرە، دېگەن باشقىلا بىر تاماق تۈرى تۇرسا، بۇنى تۈگۈر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالمايلىيا ...
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2015-3-30 21:14
بىزدە چۆچۈر، ئۈگۈر، تۈگۈر (بەزى يۇرتلاردا چۆچۈرە، تۈگرە، ئۈگرەمۇ دېيىلىدۇ) دەيدىغان خاس ناملىق غىزا بار، ئەمما شەرقىي تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى "بەنشىئر" دەپمۇ قويىدۇ!
يوللىغۇچى: كۆكتاش    ۋاقىت: 2015-3-30 22:18
بەنشە دەپ يازسا توغرا بولامدىكىن دەيمەن.
بەنشە قومۇلدا يەنە كېلىپ قىزلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئۇنى بىۋاستە بەنشە دېمەي، بەشەك دەپ قويىدۇ، كېلىش مەنبەسى بىر بولمىسىمۇ، ئوخشاتماي ئېيتىدۇ.
جۇۋاۋا بىلەن بەنشە ئوخشاش، پەقەت ئوخشىمىغان يۇرتلاردا قوللىنىلىدۇ خالاس، تۈگرە دېگىنىنى يېڭى ئىجاد قىلىنغاندەك كۆردۈم، ئىشقىلىپ تۈگۈپ قىلىدىغان تائاملارنى كۆرسەتسە كېرەك.
بەنشە سۆزىنى شىمالدا كۆپرەك قوللىنىدۇ، ئىچىگە گۆشتىن باشقا ھەرخىل كۆكياشلار سېلىنىدۇ،  گۆشنىڭ نىسبىتى سەل ئازراق. جۇۋاۋانى جەنۇبتا كۆپرەك قوللىنىدۇ، ئىچىگە ئاساسەن گۆش بىلەن پىياز تىقىدۇ. جەنۇبتىكى بەزى يۇرتلاردا يەنە بوجوزى دەپمۇ قويىدۇ، بۇ خەنزۇچە 包饺子 دېگەندىن كەلگەن سۆز، شۇڭا بۇنى ئويلاشمىساقمۇ بولىدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، قىيمىسىغا كۆكتات ئاساسلىق تىقىلغانلىرىنى بەنشە، گۆش ئاساسلىق تىقىلغانلىرىنى جۇۋاۋا، سۇغا سېلىپ شورپىلىق پىشۇرغانلارنى چۈچۈرە دەپ ئاتىساق بولىدۇ. تۈگرە دېگىنى مۇشۇن خىلدىكى تۈگۈپ ئېتىلگەن تائاملارنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوللانساق بولىدۇ.

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2015-3-31 09:10
كۆكتاش يوللىغان ۋاقتى  2015-3-30 22:18
بەنشە دەپ يازسا توغرا بولامدىكىن دەيمەن.
بەنشە قومۇلد ...

قۇمۇلنىڭ گەپلىرى ئاجايىپ ھە
بەنشە، بەنشىر دېگەننى 伴心儿، 伴馅儿دېگەن سۆزدىن كەلگەن، دەپ ئاڭلىغانتىم، يەنى قىيمىلىق دېگەن مەنىدە. شۇڭا بەنشىر دېگەننى ئويلاشمىساق بولماسمىكىن.
تۈگرە، تۈگۈر سۆزى تۈگ دېگەن پېئىلدىن كەلگەن بولغاچقا  تېخىمۇ ماس كېلەمدىكىن دەيتمە
يوللىغۇچى: كۆكتاش    ۋاقىت: 2015-4-1 11:42
alma يوللىغان ۋاقتى  2015-3-31 09:10
قۇمۇلنىڭ گەپلىرى ئاجايىپ ھە
بەنشە، بەنشىر دېگەننى  ...

ئەسلىسى بەنشە، قومۇل يەرلىك تىلىدە بەزى ئىسىملارنىڭ كەينىگە ئېر قوشىۋالىدۇ. مەسىلەن: بەزى قومۇللۇقلار 电脑 نى دەننور دەۋالىدۇ. يەنە بىزە (ئازراق مەنىسىدە) دېگەننى بىزىر دەپ ئېيتىدۇ دېگەندەك.
خەنزۇچىنىڭ ئوخشاش تەلەپپۇز لېكىن ئوخشىمىغان مەنىدىكى سۆزلىرى كۆپ. دىخان دېگەننى خەنزۇچە 地汗 دەپ يېزىپ، بۇنى خەنزۇچىدىن كەلدى دېگىلى بولماس.
ئەگەر خەنزۇلار، بولۇپمۇ گەنسۇ چىڭخەيدىكى خەنزۇلار 拌芯 نى ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتقان بولسا، ھېچ بولمىغاندا كونا كىتاپلىرىدا شۇ سۆز بولسا، ئاندىن خەنزۇدىن كەلدى دەپ ئېيتساق بولىدۇ.
يوللىغۇچى: oghuztigin    ۋاقىت: 2015-8-28 16:03
ئەسسالمۇ ئلەيكۇم قېرىنداشلار:ش ئۇ ئا ر تىل كومېتىتى ئېلان قلغان ھەم ئەڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان سۆز:تۈگۈر(饺子),ئەجابا سىزلەر كۆرگۈ(ش ئۇ ئا ر تىل-يېزىق كومېتىتى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئاتالغۇسى)كۆرممسىزلەرما؟
تىنچلىق ئوغلى كۆ خىل تىللار تەرجىمە-تەھرىرلىك سالونى
كۆپ خىل تىللار ئاچۈرى多语种大师
ئانا تىلچە يېڭى سۆزياساش ئاچۇرى母语新词原创大师
دۆلەت تىلى ئوقۇتقۇچىسى国语教师
قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى双语教师
ئورۇن باسار باش بىلگە副教授
2015-8-28
يوللىغۇچى: چەۋگەن    ۋاقىت: 2015-12-11 18:06
oghuztigin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-28 16:03
ئەسسالمۇ ئلەيكۇم قېرىنداشلار:ش ئۇ ئا ر تىل كومېتىتى ئې ...

تىل-يېزىق كومىتىتى ئاتالغۇلارنى نەدە ئېلان قىلىدۇ؟ئورگان تور بېتى قايسى؟
يوللىغۇچى: uyghurman    ۋاقىت: 2016-12-16 11:39
شىنجاڭ گېزىتى،ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى................
يوللىغۇچى: uyghurman    ۋاقىت: 2016-12-16 11:49
تۈگۈر-ئۇيغۇر قۇمۇل ۋاريانتىدا ئ‍ەزەلدىن بار سۆزغۇ،مەنبە:غۇ،مەنبە:غۇلام.غوپۇرى  تۈزگەن "ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈگى-简明维吾尔方言词典 /1986年1月第一版 1986年1月第北京第一次印刷" ت ھەرىپىگە قارالسۇن،




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2