مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1178|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«خەلق» سۆزىنى «خەلىق» دەپ يازساقمۇ بولامدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
«خەلق» سۆزىنى «خەلىق» دەپ يازساقمۇ بولامدۇ

«خەلق» سۆزى گەرچە ئومۇملاشقان بولسىمۇ بىراق يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر «خەلىق» دەپ ئوقۇش ۋە يېزىشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق سۆزلەرنى ھەر ئىككىلىسنى لۇغەتكە كىرگۈزۈپ، ھەر ئىككىلىسى خاتا دېيىلمىسە قانداق بولار؟

يالغۇز تاللاشلىق سايلام , قاتناشقانلار
سىز تەۋە ئەزا گۇرۇپپىسى بېلەت تاشلىيالمايدۇ

0

تېما

5

يازما

15

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
15
دىۋان
ۋاقتى: 2014-3-18 18:42:09 | ئايرىم كۆرۈش
«خەلق» دەپ يېزىقتا ئۆلچەملەشكەن. ئېغىز تىلى بويىچە يازىمىز دەپ قالساق، ئۇنداقتا، دەرىس، تېنىچ، راس، مەس دەپ ھەممىنى ئۆزگەرتەمدۇق؟ بەك قايمىقانلىشىپ كېتەر؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-18 19:15:45 | ئايرىم كۆرۈش
ئايتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 18:42
«خەلق» دەپ يېزىقتا ئۆلچەملەشكەن. ئېغىز تىلى بويىچە ياز ...

مېنىڭ ئويلىغىنىم، كىشىلەر، بولۇپمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر "ئۆلچەملىك" يېزىلىشى بويىچە ئىشلەتمىگەن ئىكەن، "ئۆلچەم"گە قارىتا ئاز تولا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارساق بولمايدىغان يېرى يوق.  ئۆلچەملىك تىل ئەمەلىيەتتە شۇ بىر تۈركۈم تىل بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار بېكىتكەن نەرسە. خېلى يىللار ئىلگىرى ئوقۇغان ئېنگىلىزچە بىر پارچە ماقالىدا، "ئۆلچەملىك ئېنگىلىز تىلى دەيدىغان نەرسە يوق" دېگەن نۇقتىئىينەزەر ئوتتۇرغا قويۇلغان.  ئېنگىلىزلارنىڭ، ھەتتا خەنزۇلارنىڭمۇ ھەم شۇ. يېڭىدىن سۆز، ھەتتا خەت ياسىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇنى لۇغەتكە كىرگۈزىدۇ، كونىسىنى يوقاتمايدۇ.  بىرى توغرا، يەنە بىرى خاتا دېمەيدۇ.
قائىدە تۈزۈم، ئۆلچەم دېگەنلەر ھەممىسى ئادەم تۈزگەن، ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان قانۇن ئەمەس، قانۇننىمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىردىن بىر يېزىقچە نەرسە ئىلاھىي كىتابىمىز.  ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئۆلچەم، قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. تىلشۇناسلىرىمىز مۇشۇ نۇقتىدا ئىدىيىنى يەنىمۇ ئازات قىلسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-18 19:18:20 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 19:15
مېنىڭ ئويلىغىنىم، كىشىلەر، بولۇپمۇ ئادەتتىكى كىشىلە ...

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، لۇغەتتىن خەلىق دەپ ئىزدىسە چىقمايدۇ. مېنىڭ ئويلىغىنىم، خەلىق سۆزىنىمۇ لۇغەتكە كىرگۈزۈش،  خەلىق سۆزى كەينىگە تىرناق ئېچىپ "ئېغىز تىلى" دەپ ئەسكەرتسە، مەنىسى دېگەن يەرگە "خەلق سۆزىگە قاراڭ" دەپ يېزىپ قويسا،  چوقۇم بىرى توغرا، يەنە بىرى خاتا دېگەندەك بۇخىل قاراشنى تاشلىسا دېمەكچى.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

11

يازما

28

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
28
5#
ۋاقتى: 2014-3-19 09:29:09 | ئايرىم كۆرۈش
«خەلق» دەپ يېزىقتا ئۆلچەملەشكەن. ئېغىز تىلى بويىچە يازىمىز دەپ قالساق، ئۇنداقتا، دەرىس(دەرس)، تېنىچ(تېنچ)، راس(راست)، مەس(مەست)، دوس(دوست) دەپ ھەممىنى ئۆزگەرتەمدۇق؟ بەك قايمىقانلىشىپ كېتەر؟
يازما بىلەن ئاغزاكى ئىككىسىنىڭ پەرقى بار.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

82

يازما

374

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
374
6#
ۋاقتى: 2014-4-1 13:24:55 | ئايرىم كۆرۈش
بەخت دېگەن سۆز چۇ؟
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-1 13:33:15 | ئايرىم كۆرۈش

ئەگەر كۆپىنچە كىشىلەر ئاسان ئارىلاشتۇرۇپ ياكى خاتا ئىشلىتىدىغان سۆزلەر بولسا، شۇ خاتا ئىشلىتىلىۋاتقان سۆزلەرنىمۇ لۇغەتكە كىرگۈزۈشنى ئويلاشسا بولىدۇ، باشقىلار خاتا ئىشلەتمەيدىغان بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىمۇ ئۆزگەرتىش كېرەك دېگەن گەپ ئەمەس.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

12

تېما

111

يازما

345

جۇغلانما

تەستىقلىغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
345
8#
ۋاقتى: 2014-4-1 15:13:20 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭچە خەلق ، دوست،مەست دېگەن سۆزلەر مۇشۇ ھالدا ئېلىنغىنى ياخشى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

17

يازما

76

جۇغلانما

تەستىقلىغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
76
9#
ۋاقتى: 2014-4-1 17:31:20 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئوتتۇرىسىدا بىر ھەرىپ چۈپ قالغاندەكلا تۇيۇلىدۇ ماڭا
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

82

يازما

374

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
374
10#
ۋاقتى: 2014-4-2 12:00:54 | ئايرىم كۆرۈش
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-4-1 13:33
ئەگەر كۆپىنچە كىشىلەر ئاسان ئارىلاشتۇرۇپ ياكى خاتا ئ ...

بەخىت  بەخت
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:51 , Processed in 0.068033 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش