مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 628|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«كروران» سۆزىنىڭ تەلەپپۇزدا «كورلا»غا ئايلىنىشى ھەققىدە قىياس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
«كروران» سۆزىنىڭ تەلەپپۇزدا «كورلا»غائايلىنىش جەريانى ھەققىدە قىسقىچە قىياس

ئىسكەندەر جېلىل

   كروران گۈزىلىچىققان كروران خارابىسى، شۇنداقلا قەدىمكى زاماندىكى كروران خانلىقى ھەممىگە تونۇشبولسا كېرەك. مەزكۇر خانلىقنىڭ ئاساسلىق دائىرىسى ھازىرقى بايىغۇلىن ئاپتونومئوبلاستىدا بولۇپ، مەزكۇر ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولغان كورلا شەھىرىنىڭ نامىقارىماققا «كروران» بىلەن ئاھاڭداشتەك، يەنە بىر قارىماققا ھېچقانداق ئالاقىسىيوقتەكمۇ كۆرىنىدۇ. ئۇنداقتا بىز تارىخىي نۇقتىنى قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ، تىلشۇناسلىقنۇقتىسىدىن، يەنى تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ۋە ئالمىشىشى قاتارلىق ئامىللارنىنەزەردە تۇتۇپ، «كروران» سۆزىنىڭ تەلەپپۇز جەھەتتىن «كورلا» سۆزىگە ئۆزگىرىشجەريانىنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈيلى.
   مېنىڭچە بۇ جەريانئاساسلىق 3 باسقۇچتىنتەركىب تاپىدۇ، يەنى 1-باسقۇچ: ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى؛ 2-باسقۇچ: «ر»تاۋۇشىنىڭ «ل» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشى؛ 3-باسقۇچ: «ر» تاۋۇشى بىلەن «ئو»تاۋۇشىنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى.

1-باسقۇچ: ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى:
   ئۇيغۇر تىلىدا، سۆزئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى دائىم كۆرىلىپ تۇرىدۇ، ھەتتا بەزىرايونلاردا بىر قەدەر ئېغىر. مەسىلەن:
- لەغمەن يەمسە ياكى سومەنمۇ؟
- لەغمەن يەيمە.
- توپ ئوينىغىلى بارامسە؟
   «ن» تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپقېلىشى قۇمۇل- تۇرپان رايونلىرىدا ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، ھەتتا «مەن» نى «مە:»،«سەن» نى «سە:»، «بولغان»نى «بۇغا:» دەپ تەللەپپۇز قىلىدۇ.
   شۇنداق بولغاندا،يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، «كروران» سۆزى يەرلىك تىلنىڭ خۇسىسىيىتى بويىچە،ئاخىرىدىكى «ن» تاۋۇشىنى تاشلىۋېتىپ، «كرورا» ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇ بىرىنجى باسقۇچھېساپلىنىدۇ.

2- «ر» تاۋۇشىنىڭ «ل» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشى
   «ر» تاۋۇشىنىڭ «ل»تاۋۇشىغا ئۆزگىرىش ئەھۋالى پەقەت ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس، باشقا كۆپلىگەن تىللاردىمۇمەۋجۇت. مەسىلەن: ياپۇن تىلىدىكى «را» تاۋۇشى بەزىدە «لا» تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،ياپۇنلۇقلار ئىجاد قىلغان كارائوكېي (Karaok)نى خەنزۇلار «كالائوكېي» دەپ ئوقۇيدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى «دانىيال»دېگەن ئىسىم بەزىدە يەنە «دانىيار» دەپمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ، ۋەھاكازالار.
   شۇنداق بولغاندا،بىرىنچى باسقۇچتىكى «كرورا» سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى «را» تاۋۇشى يىللارنىڭ ئۆتۈشىبىلەن «لا»غا ئۆزگىرىپ، «كرولا» ھالىتىگە كېلىدۇ، ھەمدە ئىككىنچى باسقۇچتاماملىنىدۇ. لېكىن ئىككىنچى باسقۇچ بىلەن ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ ئارىلىقى سەل يېقىن،ھەتتاكى ئارقىمۇ- ئارقا دېگۈدەك يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى «كرولا» سۆزىنىتۈركىي تىلدا ئەينەن تەلەپپۇز قىلماق سەل تەسرەك بولۇپ، بۇنىڭدا چوقۇم مەلۇمئۆزگىرىش ياسىلىشى مۇمكىن، بۇ ياسىلىش ئۈچىنچى باسقۇچتا كۆرىلىدۇ.

3- «ر» تاۋۇشى بىلەن «ئو» تاۋۇشىنىڭ ئورۇنئالمىشىشى
  ئىككىنچى باسقۇچنىڭمەھسۇلى بولغان «كرولا» سۆزى تۈركىي تەلەپپۇزىغا بىر قەدەر قۇلايسىز بولغانلىقتىن،«ر» تاۋۇشى بىلەن «ئو» تاۋۇشى ئۆز-ئارا ئالمىشىپ، ھازىرقى «كورلا» دېگەن ھالەتكەكېلىدۇ. سۆز ئىچىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئورۇن ئالمىشىشى قەدىمكى ۋاقىتلاردىمۇ يۈزبەرگەن. مەسىلەن: قەدىمكى «ياغمۇر» سۆزى ھازىرقى «يامغۇر» سۆزىگە ئايلىنىپ قالغان.بەزى ئۇيغۇرلار «ئۇيغۇر»نى «ئۇرغۇي» دەپمۇ تەللەپپۇز قىلىۋالىدۇ، ۋەھاكازالار.

   ئەلۋەتتە، «كروران»سۆزىنىڭ «كورلا»غا ئۆزگىرىپ قېلىشى ھەققىدىكى بۇ پىكىر، پەقەت تىلشۇناسلىقنۇقتىسىدىكى بىر تەسەۋۇردىنلا ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر ھادىسىنىڭ ھەقىقىتىنىئىسپاتلاپ بېرىشتە يەنىلا ئاجىزلىق قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ پەقەت بىر قوشۇمچەپايدىلانما بولالايدۇ. بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يەنىلا تارىخىي ۋەسقەلەردىكىمەزمۇنلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى شەرت.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:05 , Processed in 0.080898 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش