مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 357|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تاش (ھەجۋىي) سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
تاش
(ھەجۋىي)
سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]
گەپتىن گەپ چىقىپ ئادەمزاتىنىڭ پەسكەشلىكى قانداق بولىدىغانلىقىغا بېرىپ تاقالدى.
ــــ رەھمان ئەلى دەيدىغان بىر ئاغىينەم بار ئىدى، ئۆزى ئۆمرىدە بىرەر جايدا مۇقىم ئىشلىمىگەن. ئەمما ھەرئايدا بىر قېتىم پوچتىكەش قىرىق ئىككى سوم يىگىرمە تىيىن ئەكىلىپ بېرەتتى.دەسلەپتە پىنسىيە مائاشى ئالسا كېرەك، دەپ ئويلىدۇق. ئۇنداق دەيلى دېسەك نېمە ئىش قىلغىنىغا پېنسىيە ئالىدۇ؟ ئۆزىمۇ ئانچە قېرى ئەمەس!ــــ دېدى بىرى گەپكە ئارىلىشىپ تەمكىن قىياپەتتە.
ئۇ پىنسىيە مائاشى ئېلىشتىن بىر ئاي بۇرۇن سەللە ئوراپ يۈرگەن ئىدى. بىر پىيەنچۈككە خۇدا ئىنساپ بېرىپتۇ، دەپ خۇلاسە قىلغان ئىدۈك. كېيىن بىلسەك ئۇ پىنسىيە مائاشى ئالماستىن نەپەقە پۇلى ئالىدىكەن. يەنە ھەممەيلەن ياقىسىنى تۇتۇشتى. توۋا خۇدايىم، بىر ئەر قانداقسىگە نەپەقە ئالىدىغاندۇ؟
دۇنيادا سىر دېگەن ھامان بىر كۈنى ئېچىلىدىكەن. رەھمان ئەلى رېستوراندا بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ قاپتۇ، ئۇ ئادەم ئاچچىقىدا رەھمان ئەلىنىڭ قۇلىقىدىن تارتقان ئىكەن، جىرتتىدە يىرتىلىپ كېتىپتۇ. سەللە ئوراپ يۈرۈشى شۇنىڭدىن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ رەھمانئەلى قۇلىقىنى يىرتىۋەتكەن كىشىنى سوتقا ئەرز قىپتۇ، سوت رەھمان ئەلىنى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقان، دەپ ئۇ كىشىنىڭ مائاشىنىڭ يىگىرمە پىرسەنتىنى رەھمان ئەلىگە ئىككى يىللىق بېرىشكە ھۆكۈم چىقىرىپتۇ.
رەھمان ئەلى ھەر ئايدا ئاشۇ نەپەقەنى يەپ، ساماۋارخانىلاردا كېرىلىپ يۈرۈپتۇ. بۇ گەپقۇ خېلى قىزىقكەن، ئەمما يەنەبىرەيلەن بۇنىڭدىن قىزىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ــــ شۇنىمۇ پەسكەشلىك دېگىلى بولامدۇ؟ بۇنى ئاڭلاڭ، ئىدارىنىڭ باشلىقى ساقسىز بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىغاكىرىپ قالدى. دوختۇرلار تەكشۈرسە بۆرىكىدە تاش باركەن، ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتتى. بىر بۆلۈم مۇدىرىمىز بار ئىدى، ئۇچىغا چىققان تەخسىكەش ئادەم ئىدى، ئۇ كېسەلخانىغا بېرىپ بۆرەكتىن چىققان تاشنى ئەستىلىك ئۈچۈن باشلىقىىمزدىن سوراپ ئاپتۇ. ھازىرمۇ بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ كىشى بۆرەكتىن چىققان شۇ تاشنى غىزا ياغلىقىغا تۈگۈپ،  يېنىدا ئاۋايلاپ ساقلاپ يۈرۈپتۇ!
ــــ قادىرجانوۋ ئىسىملىك زاپخوزىمىز بار ئىدى، قىزىق بولدى. ئۈچ-تۆت كۈنگىچە ئادەملەر بىلەن چەپ قولىدا كۆرۈشۈپ يۈردى. نېمە گەپ بۇ، قولىڭىز ئاغرىۋېتىپتۇ-ھە، دېسەك گەپ بار، دەپ باشقا بىر نېمە دېمىدى. بىر كۈنى ئۆزى ئېيتىپ بەردى.
ئۇ باشقارمىمىزنىڭ باشلىقى رەھىمقۇلوۋ بىلەن كۆرۈشۈپ قالغان ئىكەن. شۇنداق تەۋەررۈك قول تەگكەن بارماقلارئۈچ-تۆت كۈنگىچە راھەتلىنىۋالسۇن، دەپ بىراۋلارنىڭ قولىغا تەگكۈزمەي يۈرگەن ئىكەن.
مانا شۇنداق پەسكەشلىكلەر خۇسۇسىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ماڭا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى شۇ بولدى:
بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى پەرزەنت كۆردى. بالا تۇغۇلۇپ ئىككى ئايغىچە ئات قويۇلمىدى. دادىسى ھەر كۈنى مىنىستىرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشخانىسىغا كىرەلمەي قايتىپ كەلدى. شۇ تەرۈزدە ئون كۈنلەر قاترىغاندىن كېيىن ئەمدى كىرىدىغان بولغاندا، مىنىستىر كوماندىروپكىغا كېتىپ قالدى. كوماندىروپكىدىن ئون كۈندە قايتىپ كېلىپ دەم ئېلىشقا كەتتى. دەم ئالغىلى كەتكەن كۈننىڭ ئەتىسى ئىدارە باشلىقى مىنىستىرنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدى، مىنىستىر ئىستراھەت كەنتىگە كېتىپ قاپتۇ.
ئىدارە باشلىقى ئۇنى بىرئاي كۈتتى، مىنىستىر دەم ئېلىشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە ئىدارە باشلىقى قوبۇلغاكىردى.
ــــ خوش، نېمە خىزمەت! ــــ دېدى مىنىستىر.
ــــ خۇدا بىزگە بىر ئوغۇلبەردى، ئۇنىڭغا ئات قويماقچىدۇق، مەن شەۋكەتجان، دەپ ئات قويۇشنى نىيەت قىلدىم، كېيىن بىلسەم ئوغلىڭىزنىڭ ئېتى شەۋكەتجان ئىكەن. شۇ ئوغلىڭىزنىڭ ئېتىنى ئوغلۇمغا قويسام مەيلىمۇ، دەپ كەلگەن ئىدىم،ــــ دېدى ئىدارە باشلىقى تەۋەززۇ بىلەن ئېگىلىپ.
مىنىستىر ھەيران قالدى. دۇنيادا نېمە كۆپ، شەۋكەت ئاتلىق بالا كۆپ. قويسا قويۇۋەرمەمدۇ؟
ــــ مەيلى،ــــ دېدىمى نىستىر،ــــ بىمالال قويۇۋېرىڭ. خاھلىسىڭىز شەۋكەتبېك، خاھلىسىڭىز شەۋكەتئەلى، خاھلىسىڭىز شەۋكەت خوجا قويۇۋېرىڭ، ماڭا بەرىبىر!
ئىدارە باشلىقى كۆزىگە ياش ئالدى.
ــــ ياق، ياق. شەۋكەتجان دەپ قويۇشقا ئىجازەت قىلىڭ. شۇنداق بولسۇن، ئۆتۈنۈپ سورايمەن!
ــــ بېرىڭ، ئەنە،شەۋكەتجان بالام قالسۇن!
ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆزلىرى شادلىقتىن نۇرلىنىپ كەتتى. دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قۇللۇق بىلدۈرۈپ:
ــــ مەرتىۋىلىرى بۇنىڭدىنمۇ زىيادە بولسۇن. بۇ ياخشىلىقلىرىنى زادىلا ئۇنۇتمايمەن. ئوغلۇمنىڭ ئېتى سىلىدىن ئەبەدىي ئەستىلىك بولۇپ قالىدۇ!
ئىدارە باشلىقى ئۆيىگەقايتىپ كەلگەندە، بالىغا ئاللىقاچان خۇدايبەرگەن، دەپ ئات قويۇشۇپتۇ. ھەقاچان بۇتەرتىپسىزلىكنى دادىسى قىلدى، دەپ ئويلىدى ئىدارە باشلىقى.
ــــ ھېي، نېمە دەۋاتىسەن! بۇ ئاتنى مىنىستىر قويۇپ بەرگەن، مىنىستىرنىڭ بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشقا ھەققىم يوق!ــــ ئىدارە باشلىقى چېچىلدى.
ھازىر بالىنى ئانىسى خۇدايبەرگەن دەپ، دادىسى شەۋكەتجان دەپ چاقىرىدۇ. بالا شەۋكەتجان دېسىمۇ،خۇدايبەرگەن دېسىمۇ قارايدۇ.
ئويلاپ باقسام، پەسكەشلىكنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدىكەن!

ئەركمان تەرجىمىسى

خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

205

يازما

1081

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1081
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-6-23 10:42:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئەتراپىمىزدا بۇنداقلار خېلى بار، ئەمما سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندە ئادەمگە باشقىچە تەسىرى بېرىدىكەن
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:09 , Processed in 0.062636 second(s), 28 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش