تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
alma
ۋاقىت:
3 كۈن بۇرۇن
تېما:
ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن
ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن.
ئاتام مېنىڭ غېمىمنى بەكلا بالدۇر يەپتىكەن.
ئانام ئاڭا قوشۇلۇپ ئۆيلەپ قوياي دەپتىكەن.
خوتۇن جاپا ئىت ۋاپا كونىلارمۇ دەپتىكەن.
ئۇشبۇ ماقال تۇرمۇشقا ئەجەپمۇ ماس كەىپتىكەن.
تۇيۇپ كەتتىم خوتۇندىن.ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
ھالىمىزغا قارىماي بولدى كاتتا تويىمىز.
كاتتا توينىڭ دەستىدىن تۈگەپ كەتتى قويىمىز.
يا يەتمىدى ئاسمانغا بىزنىڭ پاكار بويىمىز.
يوقتۇر ھازىر يانچۇقتا 5 6 يۈز كويىمىز.
تويۇپ كەتتىم خوتۇندىن ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
ئايان بولدى توي قىلىپ ئۆي تۇتماقنىڭ تەسلىكى.
ئەمدى ھازىر كىمنىڭمۇ كەلسۇن بىزگە مەستلىكى.
قويدى مېنى ئىزاغا خوتۇنۇمنىڭ پەسلىكى.
بۇ خوتۇنغا يولۇقۇش پېشانەمنىڭ نەسلىكى.
تۇيۇپ كەتتىم خوتۇندىن ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
ئۆينى پاكىز تۇتمايدۇ قاقماي گىلەم كىگىزنى.
ياراتمايدۇ ئۆزىچە مەتۇ كۆرۈپ ئېگىزنى.
ئىشنى خالاپ قىلمايدۇ سانجىمىسام بېگىزنى.
سەۋەب زادى نەدىدۇر تاپالمىدىم نېگىزنى.
تۇيۇپ كەتتىم خوتۇندىن ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
ئۆيدە ئەتكەن تامىقى ھېچ ئوخشىماس تاماققا.
قولدا يىڭنە توختىماس ئەپلەشمەيدۇ ياماققا.
پىيى چۈشسە ۋاقىتسىز.تويلۇق ئېسىل تۇماققا.
ئوخشاپ قالدى ئۆيىمىز بوشلۇقى يوق قاماققا.
تويۇپ كەتتىم خوتۇندىن ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
كىيىمنى كۆپ كېيىدۇ باشقىلارغا بەسلىشىپ.
قىممىتىنى يوقىتىپ كەتتى بەكلا خەسلىشىپ.
گەپ سۆزلىرى چاكىنا يۈرەر دائىم پەسلىشىپ.
ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇش ماڭا قالدى تەسلىشىپ.
تويۇپ كەتتىم خوتۇندىن ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
ئۆيدە مەنلا بولمىسام باقالمايدۇ بالىنى.
ئۇسسۇزلۇقتا ئۆلسىمۇ سۇغارمايدۇ كالىنى.
مەن ئوڭشايمەن ھەمىشە ئۇ قالدۇرغان چالىنى.
لىللا گەپنى مەن قىلسام چاچرىتىدۇ شالىنى.
تويۇپ كەتتىم خوتۇندىن ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
كەچ قالسام، گەر گاھىدا كېتىدۇ ئۇ كوتۇلداپ.
يۈرەر ئۆزى، كۈندۈزى كوچىلاردا سوكۇلداپ.
ئەگەرئىشقا بۇيرۇسام ماڭار تەستە غۇتۇلداپ.
ئاچچىقتىن ياش تۆكىمەن كېچىلىرى بۇقۇلداپ.
تۇيۇپ كەتتىم خوتۇندىن ئۆيلەنمىسەم بولۇپتىكەن.
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2