مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇھەببەت ناتۇنۇش! * پەرھات تۇرسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-4-7 20:01:32 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
مۇھەببەت ناتۇنۇش!
*
پەرھات تۇرسۇن
*
مۇھەببەت ناتۇنۇش، قەلبلەر خىلۋەت،
كۆز ياشلار ياش ئەمەس، تامچە سۇ ئاڭا،
مۇھەببەت مەنزىلسىز، ئېنىق ئاقىۋەت،
ئۈن - تىنسىز ماڭىمەن لېكىن شۇ يولدا.
*
پەقەتلا شىرىن چۈش ئويغىتار دائىم،
ۋە لېكىن ئويغىنىش كۈلپەتتۇر چەكسىز.
بولسىمۇ يۈرىكىڭ قىلچە سۆيگۈسىز،
ئۇنتۇپ كەتمىگىن سەن مېنى ھەرگىز.
*
كۆكلەرگە سىڭىپلا يۈرەكنىڭ ساداسى،
يوقامدۇ قالدۇرماي ھېچقانداق بىر ئىز؟!
كۈلكىمىز ئۆچەرمۇ لەۋلاردىلا ھەم
ئورنىمۇ  يىغىنىڭ پەقەت قەلبىمىز؟!
*
ئۆرتىنەر يۈرىكىم، ئۇندا يالقۇنلار
بولغاچقا گوياكى پىنھان بىر دېڭىز.
شۇنچە ئوت يېلىنجاپ تۇرسىمۇ لېكىن
ئۇ پىنھان، زۇلمەتلىك، سوغۇق ۋە نۇرسىز.
-
1988 - يىل مارت، بېيجىڭ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:09 , Processed in 0.053784 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش