مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 395|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوكتاۋىئاننىڭ رىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى سىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 22:25  

  ئوكتاۋىئاننىڭ رىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى  سىر
   تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
قەيسەرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلىلىق سالاھىيىتىدىكى ئوكتاۋىئان ئاجايىب بىر شەخس، ئۇ ھەقىقىي رىم ئىمپېرىيىسىنى ئۆز قولى بىلەن قۇرۇپ چىققان، ھالبۇكى ئۇنىڭ مىجەزىدىكى تۇراقسىزلىق زامانىسىدىكى دۇنيا ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ئىكەن، ئۇ بىردەم زالىملىقتا ئۇچىغا چىقسا، بىردەم رەھىمدىللىكتە، مېھرىبانلىقتا ئابىدە تىكلەيدىكەن. زادى قايسى خىلدىكى مىجەزدىكىسى ھەقىقىي ئوكتاۋىئان ؟
رىمئىمپېراتورلۇقىنى ئوكتاۋىئان قۇرۇپ چىققان
   قەدىم زاماندىكى غەربنىڭ نۇرغۇن تارىخىيشەخسلىرى ئىچىدە، ئوكتاۋىئان ھەممىدىن بەكرەك جاھان ئەھلىگە تونۇشلۇق. مىلادىدىنبۇرۇنقى 44-يىلى، ئوكتاۋىئان قەيسەرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلىلىق سالاھىيىتىدە قەيسەرئۇنىڭغا قالدۇرغان سىياسىي دەسمايىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ رىم سىياسىي سەھنىسىدەباش كۆتۈرۈپ ئۆزىنىڭ شانلىق ھەم سىرلىق سىياسىي ھاياتىنى باشلىدى. مىلادىدىنبۇرۇنقى 43-يىلى ئوكتاۋىئان ئانتونىئۇس، لېپىدۇس بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا «كېيىنكىئۈچلەر سىياسىي ئىتتىپاقى» نى تۈزۈش ئارقىلىق سىناتنىڭ سىياسىي كۈچ تەسىرىگە زەربەبەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئوكتاۋىئان قەيسەرنىڭ كونا سەركەردىسى، رىم باشسەركەردىسى  لېپىدۇسنىڭ ھەربىي ھوقۇقىنىچاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان. لىپېدۇس قەيسەر زامانىسىدىلا، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى49-يىلى رىمنىڭ باش سوتچىسى، 48-يىلى ئىسپانىيە باش ۋالىيسى، 46-يىلى كونسۇل، 45-يىلىقەيسەر ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى بولغان كونا ئەزەمەت ئىدى. قەيسەر قەتلىقىلىنغاندىن كېيىن ئانتونىئۇسنىڭ «قەيسەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش ھەرىكىتى» گە ياردەمبېرىپ، بىر مەھەل رىمنى تېررورلۇق ئىچىگە غەرق قىلىۋەتكەن. 43-يىلى ئوكتاۋىئان،ئانتونىئۇسلار بىلەن «كېيىنكى ئۈچلەر سىياسىي ئىتتىپاقى» نى تۈزۈپ رىمئىمپېراتورلۇقىنىڭ بەرپا بولۇشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان. 42-يىلى فىلىپئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمپېرىيىنىڭ ئافرىقا ئۆلكىسىنى باشقۇرغان. سىياسىي ئىتتىپاقدىشىئوكتاۋىئان بىلەن چىقىشالمىغاچقا مىلادىدىن بۇرۇنقى 36-يىلى ئوكتاۋىئان ئۇنىھەربىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، پەقەت «باش كاھىن» لىق ھوقۇقىنىلا ساقلاپ قالغان.كېيىن لاتىنىئۇم قىرغىقىدىكى كىچىك بىر شەھەرگە كېتىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇيەردە تۇرۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 13-يىلى ئۆلگەن. ئوكتاۋىئان سىياسىي ئىتتىپاقدىشىلېپىدۇسنى ئاجىزلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاكسىئۇم دېڭىز ئۇرۇشىدا ئانتونىئۇسنى مەغلۇبقىلىپ، رىمنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھۆكۈمرانئاۋۋال ئۆزىنى ئىمپېراتور، دەپ ئاتىدى، كېيىن يەنە كۆرۈنۈشتە ھوقۇقنى خەلققەقايتۇرۇپ بېرىپ، ئەمەلىيەتتە ھەربىي، مۈلكىي ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى ھەمدەسىناتنى ئۆزىگە «ئاۋگۇستۇس» دەپ نام بېرىشكە قىستاپ بۇ نامغىمۇ ئېرىشتى، مانامۇشۇنداق بىرقاتار سىياسىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئوكتاۋىئان رىم ئىمپېرىيىسىنىقۇرۇپ چىقتى ھەم ئىمپېرىيەنىڭ تۇنجى پادشاھى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپتۇرۇپتۇكى، ئوكتاۋىئان مىجەز-خۇلقى تۇراقسىز بىر ئادەم ئىدى، بەزىدە ئىشنىناھايىتى پۇختا قىلاتتى، ھەتتا بۇنداق چاغلاردا تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتەتتى،بەزىدە تولىمۇ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپ قوياتتى، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
  تۇراقسىز مىجەزلىك ئوكتاۋىئان
   دەسلەپتە ئۇ كىشىلەرگە ناھايىتى ئەقىللىق،رەھىمسىز، زالىم سىياسىيئوندەك تەسىرات بەرگەن ئىدى. ئۇ ئانتونىئۇسقا سىياسىيرەقىبى سىسېرونىڭ كاللىسىنى ئېلىپ رىم نامايىش مەيدانىغا ئېسىپ قويۇش ھوقۇقىبەرگەن؛ ئۇ ھېچبىر ھېيىقماستىن رىمدىكى ھەرقايسى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى كاتتىلىرىنىڭدائىرىسىگە بىر قولىدا بۇلۇت سۆرەپ كىرسە بىر قولىدا يامغۇر ياغدۇرۇپ دېگىدەكھەيۋە بىلەن يۈرگەن، ئۇنىڭ بۇ تەڭداشسىز قورقماس مىجەزىدىن رىمدىكى ھەرقايسى گۇرۇھكاتتىلىرى تەپ تارتىشقا باشلىغان؛ ئۇ دوستلۇق ۋە ئادالەتنى قەدىرلىمىگەن، ئۆزىئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ئانتونىئۇس بىلەن كلېئوپاتراغا قىلچە رەھىمقىلمىغان. ئۇ ھوقۇقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان چاغدا ئۇنىڭ ئەسلىي ماھىيىتىئاشكارىلانغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا ئوخشاشمىغان پىكىردىكىلەرگە قاتتىقزىيانكەشلىك قىلغان، تارىخ كىتابلىرىنى بېسىپ تارقىتىشنى قاتتىق چەكلىگەن. يەنەشۇنىمۇ قەيت قىلىش زۆرۈركى، مىش-مىش مەزمۇنلار سەل-پەل جىقراق ئارىلاشقان بەزىتارىخىي مەنبەلەردىن ئايان بولۇشىچە، ئوكتاۋىئان پارىخورلۇقنى بەك رەھىمسىزلەرچەجازالىغان، شۇنداق مەزمۇندىكى يازمىلارنىڭ بىرىدە ئوكتاۋىئاننىڭ بىر كاتىپىنىڭپارا قوبۇل قىلغانلىق سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغاندا ئوكتاۋىئان ئۇنىڭ ئىككىپاقالچىكىنى چېقىۋەتكەن؛ ئوكتاۋىئان پاھىشىبازلىقنىمۇ قاتتىق جازالىغان، رىملىقبىر ئەركىن زاتنىڭ بىر ئايال بىلەن پاھىشە قىلغانلىقى پىتنە سەنئەتچىلىرىتەرىپىدىن پۇر قىلىۋېتىلگەندە ئوكتاۋىئان ھېلىقى زاتنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقامەجبۇرلىغان. ئوكتاۋىئاننىڭ ئادەم چۈشىنىپ بولمايدىغان قىلىقلىرى بۇلا ئەمەس ئىدى.شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن رىملىقلار ئوكتاۋىئانغا دىمىقىنى قاقسىمۇ ئەمما يەنە نۇرغۇنرىم پۇقرالىرى ئوكتاۋىئان پەم-پاراسەتتە ۋايىغا يەتكەن، بۇ جەھەتتە ئۇنىڭدەك جەلبكارھۆكۈمران بولغان ئەمەس، شۇ سەۋەبلىك ئۇ پۈتكۈل ئىمپېرىيە پۇقرالىرىنىڭ قوللىشىغائېرىشكەن ھەتتا ئەتراپتىكى پادشاھلىقلار ئالدىدىمۇ يۈكسەك ئابروي قازاندى،ئوكتاۋىئاندەك تېنى ئاجىز، كېسەلمەن بىر ئادەمنىڭ بارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپفېدراتسىيە ئىمپېراتولۇق قۇرالىشى دەل ئۇنىڭ مۇشۇ جەلبكارلىقىدىن، دەپ قارىشىدۇ.دېمىسىمۇ ئوكتاۋىئان قۇرغان بۇ فېدراتسىيە ئىمپېراتورلۇقى 200 يىلغىچە دۇنياتارىخىدا تەڭداشسىز كۈچ بولۇپ قالدى. مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، سەنئەتكارلارتالاي قىممەتلىك كۆك مىس ۋە گرانت تاشتا ئوكتاۋىئاننىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، ئۇنىڭغابولغان مەدھىيىسىنى ئىزھار قىلىشقان؛ بەزى ھەيكەللەردە ئوكتاۋىئان جىىدىيقىياپەتلىك، مەغرۇر ياشنىڭ ئوبرازىدا تەسۋىرلەنگەن؛ يەنە بەزى ھەيكەللەردە ئۇ بىرتەقۋادار قىلىپ تەسۋىرلەنسە يەنە بەزىلىرىدە ئۇ بەھەيۋەت سەركەردە ئوبرازىداتەسۋىرلەنگەن. سەنئەتكارلار نەزەرىدە ئوكتاۋىئان ھاكاۋۇر، رەھىمسىز، دۇنيانىبويسۇندۇرغان سىياسىيئون ئوبرازىدا ئەمەس بەلكى كەمتەر، مېھرىبان يولباشچىئوبرازىدا مەشھۇر. ئوكتاۋىئاننىڭ بۇنداق جەلبكارلىقىنى ئۇنىڭ كېيىنكى 40 يىللىقھاياتىدىكى تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
  ئوكتاۋىئاننىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ئىقتىدارى
   ئوكتاۋىئانبىر ئۆمۈر كېسەللىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان. ئىچكى نىزالارنى تىنجىتىشئۇرۇشىدا ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق غەلىبىسى ئۇنىڭ ئاغرىق ئازابىدا قالغان چاغلىرىداقولغا كەلتۈرۈلگەن. تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇنىڭ پۇلغا بولغان زىيادەخۇمارى بەزىدە ئۇچىغا چىقسا بەزىدە پۇلنى خالىغانچە ھەدىيە قىلىۋېتىشى ئۇچىغاچىققان، بۇ بىر خىل روھىي كېسەللىك سۈپىتىدە ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاسباغلانغان؛ ئۇنىڭ يەنە ئېغىر رېماتىزم كېسىلى بولۇپ، بەزىدە بۇ كېسىلى قوزغىلىپقالسا پۇت-قوللىرى ئىشلىمەي قالاتتى؛ ئۇ يەنە دوۋساققا تاش چۈشۈش كېسەللىكىگەگرىپتار بولۇپ قالغان؛ ئۇيقۇسىزلىق ئۇنى ھەممىدىن بەكرەك ئازابلىغان، ئۇنىڭ يەنەبەزگەك كېسىلىمۇ بولغان، مۇشۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتتە قالغان ئوكتاۋىئان نورمال ئادەمتەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر خىل روھ بىلەن تەن ئاجىزلىقىنى يېڭىپ ئۆزىنىڭ دۆلەتنىقۇدرەت تاپقۇزۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، بۇ روھ ئۇنىڭغا قەيسەردىن مىراسقالغان ئىدى. شۇنداق ئېغىر بىمار بولۇشىغا قارىماي دائىم سىنات كېڭىشىگەرىياسەتچىلىك قىلغان، تالاي يىغىلىشلارغا قاتناشقان، ئۆزى بىۋاسىتە نۇرغۇندېلولارنى سوتلىغان، سانسىزلىغان ئۇزاقتىن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان، شاۋقۇن-سۈرەنلىكزىياپەتلەردىن ھەرگىز بالدۇر قايتمىغان، كەلگۈسىدىكى سايلاملارنى پىلانلىغان،ئارمىيىنى كۈچەيتىشنى بىر مىنۇت ئەستىن چىقارمىغان، دۆلەت زېمىنلىرىنى ئارىلاپيۈرگەن، مۇستەملىكە زېمىنلىرىدە پات-پات زىيارەتتە بولۇشنى قولدىن بەرمىگەن،مۈلكىي خىزمەتلەرنى ناھايىتى ئىنچىكە، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىگەن، نەچچە يۈز مەيداننۇتۇق سۆزلىگەن، ھەر قېتىملىق نۇتۇق ئورېگىنالىنى ئالدىن تەييارلىغان ۋە ناھايىتىئىخچام، مېغىزلىق سۆزلىگەن، نۇتۇق سكزلىگەندە پات-پات ئورېگىنالغا قاراپ تۇرغان،مەسئۇلىيەتسىزلىك كەلتۈرۈپ قويۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدىغان قالايمىقانئىبارە-جۈملىلەرنى ئىشلەتمىگەن. ئۇنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك نۇقتىدانامايان قىلغان ئەستايىدىللىقى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا ئاساسسالغان.
  ئوكتاۋىئاننىڭ مېھرىبانلىقى
   شۇ زاماندا قالدۇرۇلغان بەزى تارىخ مەنبەلىرىدەخاتىرىلىنىشىچە، دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كەچكەن ئوكتاۋىئان خۇراپىيلىق يولىنى تۇتۇپھەرچاغ تيۇلېن (دېڭىزشىرى) تېرىسىنى چاقماق سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنئېلىۋالاتتى، پالغا ۋە چۈش تەبىرىگە بەك ئىشىنەتتى. پال ۋە چۈشتىن يامانلىق ئايانبولغان كۈنلىرى سىرتقا چىقمايتتى. ئەمما يەنە بىر جەھەتتىن ئوكتاۋىئان سوغۇققانلىقبىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ۋە ئەمەلىيەتچىل ئىدىيەگە ئىگە ئىدى. ئۇ دائىمياشلارنى بالدۇرراق بىرەر ئىش-ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتۇشقا ۋە كۆپرەك كىتاب ئوقۇپئۆگەنگەن كىتابىي بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا دالالەت قىلاتتى. ھەرۋاقتئېغىربېسىق، تېجەشچان، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلاتتى، «جىددىي ئىشنى ئېغىربېسىقلىق بىلەن قىلىش» دېگەن ئەقىلىيەنى ياخشى كۆرەتتى. سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋەتەنقىدنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلاتتى، قايسىبىر پەيلاسوپنىڭ «دەرغەزەبكەكەلگەندە ئاۋۋال 24 ھەرپنى بىرمۇبىر يادقا ئوقۇۋېتىپ ئاندىن سۆزلە ياكى ئىش قىل»دېگەن ئەقىلىيەسىنى زادىلا ئېسىدىن چىقارمايتتى، مانا بۇنداق ئىقتىدارنىڭ ھەرقانداقبىر ھۆكۈمراننىڭ ئەقلىدىن ئورۇن ئېلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى مۈشكۈل ئىدى. شۇزاماندا ئوكتاۋىئاننى بىلىدىغان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزەرىدە ئوكتاۋىئانئەدلۇ-ئادالەتنىڭ، ساداقەتنىڭ، مەردۇ-مەردانىلىكنىڭ، كۆكسى-قارنى كەڭلىكنىڭ،ئاددىي-ساددىلىقنىڭ ۋە ئەپۇ-مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى ئىدى. سىياسەتبازلار،ئەدىبلەرنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلىپ يازغان ماقالىلىرىگە ئۇ كۈلۈپلا قوياتتى ھەمئەزەلدىن ئۇلارغا ئاداۋەت تۇتمايتتى. ئۇ باشقىلارغا كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىككە تولغانمۇددىئالىرىنى دوستانىلىك بىلەن توسۇپ قېلىشتىن ئۆتە كۆڭۈللۈك ئىش بولمايدۇ، دەپنەسىھەت قىلاتتى ھەم شۇنداق كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلەرچە ئاداۋەتلەر بىلەن تولغانقۇتراتقۇلۇقلىرىنى قەتئىي باستۇرمايتتى. يەنە تېخى ئۇ باشقىلارنى ئۆزىگە ئوخشاشئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە زورلىمايتتى ھەم ئۇلارغا ئۇنداق تەلەپمۇ قويمايتتى.ھەر قېتىملىق زىياپەتتە ئوكتاۋىئان ساھىبخاندىن ئىجازەت ئېلىپ بالدۇرلا قايتاتتى،ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى زىياپەت ئەھلىنىڭ ئۆزىدىن قورۇنۇپ ئازادە بولالماسلىقىنىكۆرۈشنى خاھلىمىغانلىتىن ئىدى. سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داغدۇغاپەيدا قىلمايتتى، بەلكى ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى سايلىغۇچىلارنىڭ پېشىدىن تارتىپئۆزىنىڭ دانا سىياسىتىنى چۈشەندۈرەتتى. ئاددىي-ساددىلىقىدىن رىم شەھىرىگە كىرگەندەزادىلا داۋراڭ سالمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ تەبىقىلەر ئايرىمىچىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانھەرقانداق بەلگىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بەزى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كاللىسىدىنئۆتمەيتتى، ئۆزىمۇ ئاددىي رىملىقلاردەك كىيىنىپ يۈرۈۋېرەتتى، ئۇ ئەتىگىنىبەلگىلەنگەن ۋاقتتا پۇقرالار بىلەن كۆرۈشۈشنى زادىلا قولدىن بەرمەيتتى، بۇنداقچاغلاردا كىچىك پېئىللارچە پۇقرالارنى قوبۇل قىلىپ، پۇقرالارغا سەمىمىيەتنىڭ،يېقىنچىلىقنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.
  ئوكتاۋىئان قەيسەرنىڭ قەستلەنگىنىدىن خەۋەر تاپقاندا، قارايۈز تۇزكورلارنىڭقىلمىشىغا تولىمۇ غەزەبلەنگەن. ئۇ قەيسەرنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھرىبانلىقىنى،قەيسەرنىڭ رىمنى قايتا قۇرۇش يولىدىكى قۇربانلىقلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدەقىساسخورلۇقى كاللىسىغا تېپىپ، ئۇدۇل رىمغا يۈرۈش قىلغان، ئۇنىڭ يېقىنلىرى ئۇنىڭغاۋاقتىنچە يوشۇرنۇۋېلىشنى، ئانتونىئۇسنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنىئېيتقان. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ ئۇنى يوشۇرنۇۋېلىشقا، سىرتقا چىقماسلىققا دالالەت قىلغانھەمدە ئوغلىنىڭ ئەقلىنى ئىشقا سېلىشىنى، سەۋرچان بولۇشىنى، دۈشمەن تەرەپ بىلەنتىركىشىپ قالماسلىقنى تەلەپ قىلغان. ئوكتاۋىئان ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆزىنى بۇيرۇقبىلىپ زادىلا يىرمايتتى، شۇڭا ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، سۈيقەستچىلەرنى كۆزەتتى ھەمئاخىر ھۆكۈمرانلىقنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن زادىلا ئۆزبېشىمچىلىق قىلمىدى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ پىكرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى، ئۆزىگەقارىشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغىمۇ تاقەت بىلەن قۇلاق سالدى، ھەتتائۇلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ئۆزىگە پايدىلىقلىرىنى قوبۇلمۇ قىلدى.ئۇ ھەرچاغ ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، نەتىجىدە شۇ زامانسىياسەتبازلىرى چۈشىنەلمەيدىغان بىر ھۆكۈمران بولۇپ يېتىلدى. غەربلىكلەرنىڭ«ئۆزۈڭنىڭ ئىپادە قىلغانلىرى ھەقىقىي ئۆزۈڭدۇر» دېگەن ھېكمەتلىك ئىبارىسى بويىچەبولغاندا، ئوكتاۋىئاننىڭ مىجەزىدىكى تۇراقسىزلىقنى پەقەت ئۇ ئۆزىلا بىلىشى مۇمكىن.
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-17 00:29:24 | ئايرىم كۆرۈش
ساھىبىمۇنبەرنىڭ قاششاقلىق قىلغانلىقى، سۆزلەرنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ ئىرماش-چىرماش بولۇپ قالغانلىقى
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-12-17 00:57:50 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ مېنىڭ خاتالىقىمما؟ ئۇۋال بولدى
ۋاقىت چىقىرىپ تۈزىتەي ھە

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-17 17:18:20 | ئايرىم كۆرۈش
تەڭشەيدىغان بىرەر يېرى كەم قالغان چېغىۋا، سۆزلەر ئۇلىشىپ چىقىۋالىدىكەن ئەمەسمۇ ساھىبىمۇنبەر؟
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.065262 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش