مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 1102|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر تىلىدىكى 3 دەرىجە پېئىل (ئەيلەم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
ئۇيغۇر تىلىدىكىئۈچ دەرىجە پېئىل (ئەيلەم)
ئىسكەندەر جېلىل

تۈركىي تىللار، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇنئەسىرلەردىن بۇيان ئەرەب، پارس، رۇس قاتارلىق تىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشجەريانىدا، گرامماتىكا جەھەتتىن ئۆزىدىكى پېئىللارنى باشقا تىللاردىكى پېئىللاربىلەن سېلىشتۇرۇپ كەلدى، ھەتتا يات تىللارنىڭ گرامماتىكىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ،ئۆزىدىكى پېئىللارنى چۈشەندۈردى. ئەلۋەتتە، گرامماتىكا قېلىپى ئوخشىمىغاچقا،ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىل (ئەيلەم)لار كىشىگە بەك «چېچىلاڭغۇ»دەك تەسىر بېرىدۇ.لېكىن، باشقا تىل گرامماتىكىسىدىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى كۈزىتىدىغان بولساق،تىلىمىزدىكى پېئىللارنىڭ ئىنتايىن مول ۋە رەڭگارەڭ بولۇشتىن باشقا، يەنە ئىنتايىنرەتلىك ۋە قائىدىلىك ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقىشىمىز مۇمكىن.
گەرچە مەن كەسپىي تىلشۇناس بولمىساممۇ، ئۇزۇنيىللىق ئىشتىن سىرتقى تەرجىمان ۋە تىل ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرتىلىنىڭ پېئىللىرىنى يات تىللار گرامماتىكىسىدىن خالىي ھالدا كۈزىتىپ بېقىشقاجۈرئەت قىلدىم، ھەمدە كۈزەتكەنلىرىمنى قەغەز يۈزىگە خۇلاسە قاتارىدا يېزىپ،تىلشۇناس ئۇستازلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇندۇم.

گەپنى ئاۋۋال تۈپ پېئىللاردىن باشلىساق:
كالتە پەمىمچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى تۈپپېئىللارنى 2 خىلغا بۆلۈش مۇمكىن. بىرسى بولۇم پېئىل، يەنە بىرسى قىلىم پېئىل،بولۇم پېئللار «نېمە بولدى؟» دېگەنگە جاۋاب بولۇپ كەلسە، قىلىم پېئىللار «نېمەقىلدى؟» دېگەنگە جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ. (ئاتاش ۋە چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن،ۋاقتىنچە بولۇم ۋە قىلىم دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ تۇردۇم، تىلشۇناسئۇستازلارنىڭ تەنقىدى پىكىرىنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمەن). مەسىلەن:
تاماق پىشتى (نېمە بولدى؟)
ئۇ تاماق يېدى (نېمە قىلدى؟)
باش قەھرىمان ئۆلدى (نېمە بولدى؟)
ئۇلار ئويۇن كۆردى (نېمە قىلدى)
دېمەك، تۈپ بولۇم پېئىللار شەيئىدە مەلۇمئۆزگىرىش بولغانلىقى ياكى ئىش- ھەرىكەتنىڭ شەيئىنىڭ ئۆزىگە قارىتابولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، تۈپ قىلىم پېئىللار مەلۇم ئىش- ھەرىكەتنىڭ شەيئىيگەقارىتا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇلارنى جەدىۋەللەشتۈرسەك:  1- جەدىۋەل
  
تۈپ  بولۇپ پېئىل
  
تۈپ  قىلىم پېئىل
بول-،  پىش-، توش-، تول-، ئۆل-، يەت-، مىخلا-، كۆللە-، چوڭلا-
قىل-،  ئەت-، ئۇت-، تۇت-، ئات-، سات-، كەت-، ئاڭلا-، ئاتلا-، تاشلا-


بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پېئىللىرى 5 دەرىجىگەبۆلۈنگەن ئىدى، لېكىن بىر قانچە يىللىق تەجرىبەمدىن ھېس قىلىشمچە، بۇنداق بۆلۈشرەتسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە، قانۇنىيەتلىك بىر تەرتىپكە ئىگە ئەمەس. ئۇيغۇر تىلىنىڭ5 دەرىجىسىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭ:

ئۆزەمنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا، ئۇيغۇرتىلىدىكى تۈرلەنمىگەن نېگىزلىك پېئىللارنى ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈش مۇمكىن. دەرىجەدېيىشتىكى سەۋەب، بۇ پېئىللار بەزى قوشۇمچىلار ئارقىلىق بىر دەرىجىدىن يەنە بىردەرىجىگە كۆتىلىرىلىدۇ ياكى چۈشىدۇ. بۇ ئۈچ دەرىجە يەنە 8 تارماققا بۆلىنىدۇ.بۇلارنى تۆۋەندە تەپسىلىي بايان قىلىمەن.
بۇ دەرىجىلەر تۆۋەندىكىچە:
1- دەرىجىلىك پېئىللار: شەيئىيلەردە ئۆزگىرىشبولغانلىقى ياكى ئىش- ھەرىكەتنىڭ ئۆزىگە قارىتا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغانپېئىللاردۇر. مەسىلەن: توش-، تول-، بول-، چان-، بوشا-، يۇيۇل- قاتارلىقلار. بۇ خىلپېئىللار قوشۇلغان بايانلار «نېمە بولدى؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بولۇپكېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىمۇ «بولۇم پېئىل» دەپ ئاتاپ تۇردۇم. بۇ ئەمەلىيەتتە تۈپبولۇم پېئىللار بىلەن بىر تۈر ۋە بىر دەرىجىگە كىرىدۇ.
²     چىلەككە سۇ توشتى.
²     يانچۇققا پۇل تولدى.
²     ئۈزۈملەر پىشتى.
²     بۈگۈن ئۇنىڭ تويى بولدى.
²     بۇ ساختىلىق چېنىپ قالدى.
²     ئىتنىڭ زەنجىرى بوشاپ قالدى.
²     كېيىملەر پاكىز يۇيۇلدى.
بۇ جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى «نېمە بولدى؟» دېگەنسۇئالغا جاۋاپ بولۇپ كېلىدۇ.

2- دەرىجىلىك پېئىللار: ئىش- ھەرىكەتنىڭباشقىلارغا قارىتا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان پېئىللاردۇر. مەسىلەن: ئال-، قال-،قىل-، كۈل-، سۆزلە-، ياسا- دېگەندەكلەر. بۇ پېئىللارغا «نېمە قىلدى؟» دېگەن سۇئالچۈشىدۇ، شۇڭا بۇنىمۇ «قىلىم پېئىل» دەپ تۇردۇم. ئەلۋەتتە بۇلار تۈپ قىلىم پېئىللاربىلەن بىر تۈر ۋە بىر دەرىجىگە چۈشىدۇ.
²     ئۇ بانكىدىن پۇل ئالدى.
²     ئالىم ئۆيدە قالدى.
²     ئامىنە تاماق قىلدى.
²     ئايشەمگۈل تېلىقىپ كۈلدى.
²     مۇدىر بۈگۈن لېكسىيە سۆزلىدى.
²     ئامېرىكا ئالىملىرى سۈنئىي كۆز ياسىدى.
يۇقارقى جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى «نېمە قىلدى؟»دېگەن سۇئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ.

3- دەرىجىلىك پېئىللار: ئىش- ھەرىكەتنىڭ شەخسدەرىجىسى ئاتلاپ بۇيرۇق بېرىلگەنلىكىنى ياكى مەجبۇرى قىلغۇزىلغانلىقى بىلدۈرىدۇ.بۇ دەل پېئىلنىڭ مەجبۇرى دەرىجىسىدۇر، لېكىن بۇنىڭ ئەسلىسى شەخس ئاتلاپ بۇيرۇقبېرىشتۇر. يەنى 1- شەخس بۇيرۇق بېرىدۇ، 2- شەخس ئاڭلايدۇ ياكى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،3-شەخس ئورۇنلايدۇ. بەزىدە 2-، 3- شەخسلەر بۇيرۇق قىلسا، 3-، 4- شەخسلەرئورۇنلايدۇ. (4-شەخس ھەققىدە ئايرىم ماقالىدە توختىلىشىم مۇمكىن). بۇ خىلپېئىللارغا قىلغۇز-، ئالغۇز-، ماڭدۇر-، يېگۈز-، ياشات-، سۆزلەت- قاتارلىقلاركىرىدۇ. بۇ خىل پېئىللار ئادەتتە قىلىم پېئىل (2-دەرىجىلىك پېئىل) نىڭ ئاخىرىغا–غۇز، -دۇر، -ت قوشۇمچىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. شۇڭا بۇ قوشۇمچىلارئىچىدىن «-غۇز» قوشۇمچىسىنى ۋەكىل قىلىپ، بۇ خىل پېئىلنى ۋاقتىنچە «غۇزۇم پېئىل»دەپ ئاتاپ تۇردۇم.
²     ئۇ ماڭا ئىش قىلغۇزدى. (مەجبۇرى تۈس)
²     سەن مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ قۇيغۇز. (شەخسئاتلاش، يەنى 1- شەخس 2-شەخس ئارقىلىق 3-شەخسكە بۇيرۇق قىلدى)
²     مەن دادامغا كومپىيۇتېر ئالغۇزدۇم. (مەجبۇرىتۈس)
²     مالنى ئۇددۇللۇق ماڭا ماڭدۇر. (شەخس ئاتلاش،يەنى 1-شەخس بۇيرۇيدۇ، 2-شەخس ئاڭلايدۇ، 3-شەخس ئورۇنلايدۇ)
²     يېمىگەننى يېگۈزۈپ، كەيمىگەننى كەيگۈزۈپ.(مەجبۇرى تۈس)
²     ياشا ھەم ياشات. (شەخس ئاتلاش)
²     ئۇلار گەپ كوچىلاپ، مېنى تولا سۆزلەتتى.(مەجبۇرى تۈس)
بۇ جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى «نېمە قىلغۇزدى؟»دېگەنگە جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ.

سۆزلەنگەن ئۈچ دەرىجىلىك پېئىللارنىڭ مۇشۇئاددى ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك ئاددى جەدىۋەللەشتۈرۈشمۇمكىن.  2-جەدىۋەل:
  
1-دەرىجىلىك  پېئىل
  
2-دەرىجىلىك  پېئىل
3-دەرىجىلىك  پېئىل
بول-
قىل-
قىلغۇز-،  قىلدۇر-، قىلىت-
پىش-
پىشۇر-
پىشۇرغۇز-
توش-
توشتۇر-
توشتۇرغۇز-
چان-
چاندۇر-
چاندۇرغۇز-
بوشا-
بوشات-
بوشاتقۇز-
كۆكلە-
كۆكلەت-
كۆكلەتكۈز-


بۇ ئۈچ دەرىجە پېئىللار بەزى ئالاھىدىلىكى ۋە تارماقلارغابۆلۈنۈشى ھەققىدە ئىچكىرىلەپ ئىزدىنىش
ئېغىزدا ئېيتماققا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، بۇ ئۈچدەرىجە پېئىلنى «1-پېئىل»، «2-پېئىل» ۋە «3-پېئىل» ئاتاپ تۇردۇم. بۇ ھەقتىكىئىزدىنىشلىرىم تېخى باشلانغۇچ بولغاچ، تېخى تىرەن يەرلىرىگە كەلمىگەن بولۇشۇممۇمكىن. شۇڭا بۇ ئۈچ دەرىجە پېئىلنىڭ ئۆزۈم بىلگەن قىسمەن ئالاھىدىلىكىنىلا سۆزلەپئۆتۈلەيمەن، ھەمدە بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ تىلشۇناس ئۇستازلار تەرىپىدىن يەنىمۇتولۇقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1-دەرىجىلىك پېئىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋەتارماقلارغا بۆلۈنۈشى:
1-دەرىجە دەپ ئاتالغان بولۇم پېئىلنى «ئەسلى»،«ئۆزلۈك» ۋە «ئۆزگەل» دەپ ئۈچ تارماققا بۆلۈش مۇمكىن (بۇ يەردىكى ئۆزگەل دېگىنىمىز«ئۆزگە» سۆزى بىلەن ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «-ل» نى قوشۇپ ياسالغان، مەنىسىئۆزگىلەر تەرىپىدىن بولۇنغان ئىش، يەنى بىز ئېيتىۋاتقان «مەجھۇل» شۇ).
ئەسلى بولۇم پېئىل: توش-، چان-، تول-، بول-،تول-، پىش- قاتارلىق تۈپ پېئىللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار پېئىللارنىڭ ئەسلىسىبولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئاتىلىپ تۇردى.
ئۆزلۈك بولۇم پېئىل: كۆرۈن-، ئاڭلان-، ئاچىن-(ئېچىن-)، تارتىن-، بوشان- قاتارلىق ئاخىرىغا «-ن» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ شەخسەن بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان پېئىللارنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن «گۈلئېچىل» سۆزىدىكى «ئېچىل»  قارىماققائۆزگەلدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۆزلۈك پېئىل بولىدۇ. «ئىشىك ئېچىلدى»دېگەنلەر ھەقىقىي ئۆزگەلدۇر.
ئۆزگەل بولۇم پېئىل: كۆرۈل-، ئاچىل- (ئېچىل-)،تارتىل-، ئارتىل-، يايىل (يېيىل)- قاتارلىق ئۆزگىلەر تەرىپىدىن بولۇنغان ئىش-ھەرىكەت ۋە ھالەتلەرنى ئىپادىلەيدىغان پېئىللاردۇر. بۇ تارماق پېئىل دەل «پېئىلنىڭمەجھۇل» دەرىجىسىدۇر، لېكىن بۇ يەردە ئايرىم دەرىجە بولماستىن، بەلكى 1-پېئىلنىڭئۆزگەل تارمىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۆزلۈك بولۇم بىلەن ئۆزگەل بولۇمنىڭسېلىشتۇرمىسى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دە سۆزلەنگەن، ئەمما بۇلارغا ھېچقانداق ئىسىم قويۇلمىغان.بۇ يەردە پەقەت پەرقلەندۈرۈش مەقسىتىدە ۋاقتىنچە ئىسىم قويۇلۇپ قالدى.
ئەمەلىيەتتە ئۆزلۈك بولۇم بىلەن ئۆزگەل بولۇمئىنتايىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ، لېكىن ھەر ئىككلىسى «نېمە بولدى؟» دېگەنسۇئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن:
قۇياش كۆرۈندى (قۇياش ئۆزى شەخسەن كۆرۈندى)
بۇ كىتاپ كۆرۈلدى (باشقىلار تەرىپىدىنكۆرۈلدى)
قىزچاق سورۇندىن تارتىندى (شەخسەن تارتىندى)
ئۆيگە پەردە تارتىلدى (پەردە باشقىلارتەرىپىدىن تارتىلدى)
ئۇ ئوغلىغا قىسىندى (شەخسەن قىسىندى)
ئۇ ئىككى ئارىدا قىسىلدى (مەلۇم ئىش تەرىپىدىنقىسىلدى)
ئايال تۇغۇتتىن بوشاندى (شەخسەن ئۆزى بوشاندى)
ئۇ تۈرمىدىن بوشالدى (باشقىلار تەرىپىدىنبوشىتىلدى)
2- دەرىجىلىك پېئىلدىمۇ «ئۆزلۈك» بار، لېكىن1- پېئىلدىكى ئۆزلۈك بىلەن 2-پېئىلدىكى ئۆزلۈك پەرقلىنىدۇ. 1- پېئىلنىڭ ئۆزلۈكىگە«نېمە بولدى؟» دېگەن سۇئال بولۇپ كەلسە، 2- پېئىلنىڭ ئۆزلىكىگە «نېمە قىلدى؟» دەپسۇئال كېلىدۇ، ھەمدە بۇ ئىككى ئۆزلۈكنىڭ تۈپ پېئىلىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن:
كۆرۈندى (نېمە بولدى؟ 1-پېئىل ئۆزلۈكى)
يۇيۇندى (نېمە قىلدى؟ 2- پېئىل ئۆزلۈكى)
بوشاندى (نېمە بولدى؟ 1- پېئىل ئۆزلۈكى)
ياساندى (نېمە قىلدى؟ 2-پېئىل ئۆزلۈكى)

2- دەرىجىلىك پېئىلنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋەتارماقلارغا بۆلۈنۈشى:
2-پېئىلنى «ئەسلى»، «ئۆزلۈك» ۋە «ئۆملۈك» دىنئىبارەت ئۈچ تاماققا بۆلۈش مۇمكىن. ئەسلى قىلىم دېگىنىمىز قىل-، ئات-، ئۇر-، چاپ-،ياز-، تۈزلە- دېگەندەك ئەسلى ھالەتتىكى تۈپ پېئىللارنى كۆرسەتسە، ئۆزلۈك قىلىمدېگىنىمىز يۇيۇن-، ياسان-، تۇتۇن-، ئۇرۇن-، سۇقۇن- دېگەندەك ئاخىرىغا «-ن» قوشۇلۇپشەخسەن ئۆزى مەلۇم ئىش- ھەرىكەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۇيرۇق پېئىللارنىكۆرسىتىدۇ.
ئۆملۈك بولسا ھەممىمىزگە ئايان بولغاندەك بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش ياكى ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىش- ھەرىكىتىنىبىلدۇرىدۇ. بۇ تارماق پېئى قىلىم پېئىلنىڭ ئاخىرىغا «-ش» قوشۇمچىسىنى قوشۇشئارقىلىق ياسىلىدۇ.  مەسىلەن:
كېلىپ ماڭا يادەملەش.
بېرىپ تاغاڭلارغا ئىشلىشىپ بەر.
جۈرە ئاداش، بازارغا بېرىشىپ بېرە.
چوڭلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈش.

دۇنيادىكى كۆپىنچە تىللاردا پەقەت 2-پېئىللابار بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدەك 1- ۋە 3- پېئىللارغا ئىگە ئەمەس. شۇڭا ئۇيغۇرچەيازمىلارنى باشقا تىللارغا ئەينەن تەرجىمە قىلىشقا ئۇرۇنسا، شۇ تىللار سەلقىينىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدا بىز سۆزلەۋاتقان نېگىزلىكپېئىللارنىڭ ھەممىسى 1-شەخسنىڭ 2- شەخسكە بولغان بۇيرۇق شەكلى بولۇپ، دۇنيادىكىكۆپىنچە تىللاردىكى پېئىللار مۇشۇ خىل بۇيرۇق شەكلىدە بولىدۇ.
مەسىلەن، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچىدىن مىسالئالساق:
快吃 (تېز يە)
Do it! (بۇنى قىل)
ئېنىقكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى 1- شەخسنىڭ 2-شەخسكە بولغان بۇيرۇقى، يەنى «مەن»نىڭ «سەن»گە بولغان بۇيرۇقى ھېساپلىنىدۇ.
لېكىن، ئۇيغۇر تىلى بىر قەدەر مول بولۇپ،1-شەخس «مەن» ئۈچ شەخسنىڭ ھەممىسىگە بۇيرۇق قىلالايدۇ. مەسىلەن:
1- شەخسنىڭ 1- شەخسكە بۇيرۇقى: قىلاي، يازاي،يەي
1- شەخسنىڭ 2- شەخسكە بۇيرۇقى: قىل، ياز، يە
1- شەخسنىڭ 3- شەخسكە بۇيرۇقى: قىلسۇن،يازسۇن، يېسۇن
(كالتە پەمىمچە، قىلغاي، يازغاي، يېگەيدېگەنلەر 1- شەخسنىڭ 4- شەخسكە بولغان بۇيرۇقى بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى 4- شەخسئەمەلىيەتتە 3- شەخستىن باشقا 3-شەخسنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھەقتە كېيىنچە ئايرىمتوختىلىمىز)
دېيىشكە ۋە چۈشىنىشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن،«1-شەخسنىڭ 1- شەخسكە» دېگەن سۆزلەرنىڭ سانلىق قىممىتىنىلا ئېلىپ، بۇلارنىۋاقىتىنچە 11- بۇيرۇق پېئىل، 12- بۇيرۇق پېئىل ۋە 13- بۇيرۇق پېئىل دەپ ئاتاپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى ئاتالغۇئۇزراپ كەتسە،  مەزمۇنغا ئۇۋال بولىدۇ.
يۇقىرىدىكى 2-جەدىۋەل ئەمەلىيەتتە «12-بۇيرۇقپېئىلنىڭ ئۈچ دەرىجە جەدىۋىلى» بولۇپ، قالغان يۆنلىشلىك بۇيرۇق پېئىللارنىڭ جەدىۋىلىمۇنداق بولىدۇ:
11- بۇيرۇق پېئىلنىڭ ئۈچ دەرىجە جەدىۋىلى
  
1-دەرىجىلىك  پېئىل
  
2-دەرىجىلىك  پېئىل
3-دەرىجىلىك  پېئىل
بولاي-
قىلاي-
قىلغۇزاي-،  قىلدۇراي-
پىشاي-
پىشۇراي-
پىشۇرغۇزاي-
توشاي-
توشتۇراي-
توشتۇرغۇزاي-

13- بۇيرۇق پېئىلنىڭ ئۈچ دەرىجە جەدىۋىلى
  
1-دەرىجىلىك  پېئىل
  
2-دەرىجىلىك  پېئىل
3-دەرىجىلىك  پېئىل
بولسۇن-  
قىلسۇن-
قىلغۇزسۇن-،
پىشسۇن-
پىشۇرسۇن
پىشۇرغۇزسۇن-
توشسۇن-
توشتۇرسۇن-،  توشقۇزسۇن-
توشتۇرغۇزسۇن-

تىلىمىزدىكى بۇيرۇق يۆنلىشلىرى 3 خىل بولسىمۇ،لېكىن ئاممىۋىيلىقنى ۋە دۇنيادىكى كۆپ قىسىم تىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، پەقەت 12-بۇيرۇق پېئىلنىلا ئۆرنەك قىلدىم. جۈملىلەرگە بولسا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دىكى«بولدى، ئالدى، سالدى» دېگەندەك 3- شەخسنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلىنى مۇقەددەس بىلىپ،شۇ بويىچە مىساللارنى ئالدىم.

3- دەرىجىلىك پېئىلنىڭ ئالاھىدىلىكى:
1) بۇ دەرىجىدىكى پېئىللار 2- پېئىلنىڭئاخىرىغا –غۇز\گۈز،-دۇر، -ت قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. مەسىلەن:
تارت+غۇز= تارتغۇز (تارتقۇز)؛ ماڭ+دۇر=ماڭدۇر؛ ياشا+ت= ياشات... قاتارلىقلار.
2) بۇ دەرىجىنى «ئارات» ۋە «غۇز» دەپ 2تارماققا بۆلۈش مۇمكىن. ئاخىرىغا -ت قوشۇلغان تۈپ قىلىم پېئىللار بەزىدە يېنىپكېلىپ، يەنە 2- دەرىجىلىك پېئىلمۇ بولالايدۇ. مەسىلەن:
ياسا- ياسات
سۆزلە- سۆزلەت
ئاڭلا- ئاڭلات
باشلا- باشلات
ئىبەر- ئىبەرت (كونا سۆز)
باشتا دەپ ئۆتكەندەك، 3- دەرىجىلىك پېئىللاردا1- شەخس بۇيرۇق قىلىدۇ، 2- شەخس ئاڭلايدۇ ياكى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، 3- شەخس ئورۇنلايدۇۋە ئىجرا قىلىدۇ. بەزى ئەھۋاللار 2- شەخسنىڭ رولى بولمايدۇ ياكى رولى نەزەردىنساقىت قىلىنىدۇ، بۇنداق چاغدا ياسات-، سۆزلەت- دېگەندەك سۆزلەر قايتىپ كېلىپ 2-دەرىجىگە چۈشۈپ قالىدۇ. (بەزىدە –دۇر، -غۇز لار قوشۇلغان پېئىللارمۇ 2- دەرىجىگەچۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنىسى ئۇستازلار ئورتاق ئىزدىنىشىگە مۇھتاج).
شۇڭا ياسات- دېگەندەك سۆزلەر ئارىداقالغانلىقى، يەنە كېلىپ –ت قوشۇمچىسى ئاخىرىغا قوشۇلغانلقى ئۈچۈن، بۇ تارماقنىۋاقتىنچە «ئارات» دەپ ئاتاپ تۇردۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخىرىغا –ت قوشۇمچىسى قوشۇپئاتالغۇ ياساش بولسا تۈركىي تىللار دىۋانىدىكى ئىسىم ياساش ئادەتلىرىنىڭ بىرسىدۇر.(تىلشۇناس ئۇستازلارنىڭ باشقىچە پىكىرى ياكى تېخىمۇ ياخشى نامزات ئىسمى بولسا،ئەلۋەتتە قارشى ئالىمەن).
3) 3-پېئىلنىڭ ئەسلى ئالاھىدىلىكى شەخس ئاتلاپبۇيرۇق قىلىشتۇر. يەنى 1- شەخس بۇيرۇق سوقىدۇ، 2- شەخس ئاڭلايدۇ، 3- شەخس ئىجراقىلىدۇ. مەسىلەن:
²     پۇل جىق كەتسىمۇ، ئۆينى پۇختا سالغۇز.
بۇ يەردە، 1- شەخس ئۆي سېلىش ھەققىدە بۇيرۇقسوقىۋاتىدۇ، 2-شەخس ئاڭلاۋاتىدۇ، لېكىن ئۆينى 2- شەخس سالمايدۇ، بەلكى ئۆي سېلىشپۇلىنى ئالىدىغان 3- شەخس ئۆي سېلىشتىن ئىبارەت ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىدۇ.
²     بالاڭغا تاماقنى ياخشى يېگۈز.
²     قىزىڭغا چىرايلىق كېيىملەرنى كەيگۈز.
²     ئايالىڭنىڭ قولىغىمۇ ئازراق پۇل تۇتقۇز.
بۇنىڭدىمۇ 1-شەخس سۆزلەيدۇ، 2- شەخس ئاڭلايدۇ،3-شەخس ئىش- ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىي ئوبېيكتى بولالايدۇ. بۇ پەقەت 1-، 2-، 3- شەخسلەرنۆۋەت بىلەن كەلگەندىكى ئۆلچەملىك ئەھۋال ئاستىدا شۇنداق بولىدۇ.
لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا، يەنى شەخسلەر رەتبويىچە كەلمىگەن ياكى ئىككى شەخسنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىگەندە، قارشىتەرەپنى مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالىدۇ. شۇڭا بۇ خىل پېئىل يەنە كېلىپ «پېئىللارنىڭمەجبۇرى» دەرىجىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
²     ئۇلار ئۆينى ماڭا سالغۇزدى.
بۇ جۈملىدە، 3-كۆپلۈك شەخس بىلەن 1-شەخسنىڭبىۋاستە مۇناسىۋىتى ئىپادىلەنگەن، يەنى شەخسلەرنىڭ ئورنى رېتىمسىز ۋە 2- شەخس يوقبولغانلىقى ئۈچۈن، بىر خىل مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان.
²     ئۇ ماڭا تاماق يېگۈزدى.
²     ئاپام ماڭا چىرايلىق كېيىم كەيگۈزۈپ قويدى.
²     ئۇ توپنى گارغا كىرگۈزدى.
بۇ مىساللاردىمۇ شەخسلىرى تەرتىپسىز ۋە ئىككىشەخسنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى ئىپادىلەنگەن.
4) ھەر قانداق پېئلغا «–غۇز\گۈز،-دۇر، -ت»قوشۇمچىلىرى قوشۇلسا، پېئىلنىڭ دەرىجىسى بىر دەرىجە ئۆسىدۇ. مەسىلەن:
«ئورنا-» سۆزى 1-پېئىل، ئاخىرىغا «-ت» قوشۇلسا«ئورنات» بولۇپ 2-پېئىلغان ئۆزگىرەيدۇ، يەنە ئاخىرىغا «-غۇز» قوشۇلسا، «ئورناتغۇز»بولۇپ 3- پېئىلغا كۆتۈرىلىدۇ.
«ياسا-» سۆزى 2-پېئىل، لېكىن ئاخىرىغا «ت»قوشۇلسا «ياسات» بولۇپ، 3-پېئىلغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بەزى ئەھۋالدا «ياسات» يەنىلا2- پېئىلغا ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ. «ياساتقۇز» بولسا دەرىجىسى چۈشمەيدىغان 3-دەرىجىلىك پېئىل ھېساپلىنىدۇ.  
«كۆر-» سۆزى 2-پېئىل، ئاخىرىغا «-گۈز»قوشۇلسا، «كۆرگۈز»گە ئۆزگىرىپ، 3-پېئىل بولىدۇ.
كونا تىلىمىزدىكى «ئىبەر» سۆزى 2- پېئىل بولۇپ،ئاخىرىغا «-ت» قوشۇلسا، «ئىبەرت»كە ئۆزگىرىپ، 3- پېئىل بولغان، لېكىن ھازىر«ئىبەرت» سۆزى «ئەۋەت»كە ئۆزگەرتىلىپ، 2-پېئىل دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭسەۋەبى مۇنداق: «ئىبەر» سۆزى ئەسلى شەخسنىڭ بىۋاستە ئېلىش- بېرىشىگە قارىتىلىدۇ.«ئىبەرت» كە ئارىدا بىر شەخس، يەنى پوچتىكەش قىسىلغان بولىدۇ.
²     مەن ساڭا دورا ئىبەردىم (دورىنى بىۋاستەبەرگەنلىكى ياكى ئاپىرىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ)
²     مەن ساڭا دورا ئىبەرتتىم (دورىنى بىراۋئارقىلىق ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ)
لېكىن ھازىرقى زاماندا، ئارىدىكى ۋاستىچى ياكىپوچتىكەش نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. شۇڭا ئۆزگەرگەن «ئەۋەت» سۆزى 2-پېئىل بولۇپھېساپلىنىدۇ. بۇنى 3- دەرىجىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، «-گۈز» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ،«ئەۋەتگۈز» دەپ ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ.
بەزىدە «ت» ۋە «غۇز»لار تەڭ قوشۇلۇپ كەلسىمۇ،يەنىلا 3- دەرىجىلىك پېئىل بولىۋېرىدۇ. مەسىلەن: «ئاتلا» 2-پېئىل، لېكىن «ئاتلات»،«ئاتلىغۇز» ۋە «ئاتلاتقۇز» ھەممىسى 3- پېئىل بولىۋېتىدۇ. (ئاتلات بەزى ئەھۋالدا2-پېئىلغا چۈشۈپ قالىدۇ)

ئاخىرقى جەدىۋەلدىن «پېئىللارنىڭ ئۈچدەرىجىسى»نى كۆرۈڭ. بۇ جەدىۋەلنى تولۇق ئاتاشقا توغرا كەلسە، «12-بۇيرۇقپېئىللىرىنىڭ ئۈچ دەرىجە جەدىۋىلى» دېيىش مۇمكىن.

ئېكىسل جەدىۋىلىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://share.weiyun.com/2fec70cf8266833d2e02136382e0b17d
يەنە بىر ئادرېس:
http://u.163.com/lXIw2JEx  
提取码: K0IEfEeD
يەنە تىلچىلار كيۇكيۇ توپىغىمۇ يوللاپ قويدۇم

ھۆرمەتبىلەن: قومۇل تارانچىدىن ئىسكەندەر جېلىل


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

6

تېما

121

يازما

387

جۇغلانما

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەزا

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
387
QQ
دىۋان
ۋاقتى: 2016-12-20 11:29:43 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ئ‍ەسسالام ئ‍ۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى دېگەن كىتابنى ئ‍وۇپ چىقىپ يازغان بولسا دەھشەت كاتتا چىقاتتىكەن،بۇ ئ‍اۋۇ ئ‍ۆزىنى رامكىغا ئ‍ېلىۋالغان تىلچىلارنىڭ يۈشىگە ئ‍ۇرۇلغان شاپىلاق بولۇپتۇ،ئاپىرىنلەر بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:06 , Processed in 0.085351 second(s), 24 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش