مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 653|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پەخىرلىك ئالىم، تىلشۇناس - لىتىپ توختى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
پەخىرلىك ئالىم، تىلشۇناس - لىتىپ توختى
http://uyghur.people.com.cn/156001/15371784.html
  لىتىپ توختى، پروفېسسور، 1953-يىلى توقسۇن ناھىيەسىنىڭ قارا بۇلاق كەنتىدە تۇغۇلغان. 1975-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى مىللەتلەر تىللىرى فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپتەە ئۇقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئۇ 1982-يىلى مۇشۇ مەكتەپنىڭ تىل - ئەدەبىيات ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، 1985-يىلدىن 1994-يىلغىچە ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتىتىدا تىلشۇناسلىق، ئالتايشۇناسلىق بويىچە دۇكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىدا داۋاملىق ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللاغان.

  ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات كافىدىراسىنىڭ مۇدىرى، دوكتۇر يېتەكچى، قوشۇمچە جۇڭگو مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى ئالتايشۇناسلىق تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، جۇڭگو تۈركىي تىللىرى تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىملىق لىدىرى، «جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى» (خەنزۇچە)، «تىل-ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قۇش تىل ئۇقۇتۇش تەتقىقات ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىملىق لىدىرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل - ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى ئالتايشۇناسلىق مەركىزىنىڭ دائىملىق لىدىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئالىي مەكتەپ ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى، دۆلەتلىك چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن خادىملارنىڭ تەتقىقات يۈرشتۈرۈش فۇندىنىڭ باھالىغۇچىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام دىننى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

  پروفېسسور لىتىپ توختى مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۇ چەتئەلدىكى بىر نەچچە قىزنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، 1994-يىلى ئۆزىنىڭ ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 2002-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇيغۇر-قازاق-قىرغىز تىللىرى كافېدىراسىنىڭ (ھازىرقى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كافېدراسى) مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلىمەكتە. ئۇنىڭ تەتقىقات خىزمىتى جەھەتتىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «دۆلەت 9.5» نۇقتىلىق دەرسلىك تۈرى بولغان «ئالتاي تىلشۇناسلىقىغا مۇقەددىمە» كىتابى 2002-يىلى نەشىر قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالتايشۇناسلىق ساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ دەرسلىك 2003-يىلى دۆلەت كىتاب باھالىشىدا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ھازىرغىچە دۆلەت ئىچى نەشىر ئەپكارلىرىدا تەتقىقات قىممىتى زور بولغان ئىلمىي ماقالە تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن بۇلۇپ33 پارچىسى ئېلان قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە 22پارچىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نەشىر ئەپكارلىرىدا ئېلان قىلىنغان. بىر قىسىملىرى ئامېرىكىدىكى نۇپۇزلۇق تىل تەتقىقات نەشىر ئەپكارلىرىدا ئېلان قىلىنغان.

  ئۇ چەتئەل بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرۇشتىمۇ ناھايىتى پائالىيەتچان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن قازاقىستان،تۈركىيە، تەيۋەنلەرگە بېرىپ، ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ باردى. دۆلىتىمىزدە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپلا قالماي، ئېنگلىزچە ــ خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ھەر يىلى تەكلىپ بىلەن مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەتراپىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئۇقۇغۇچىلارغا ۋە چەتئەلدىن كەلگەن ئىلمىي زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرگە ئىلمىي دوكلات بېرىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى. قاتناشقۇچىلار ئەنگلىيە، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 1000 ئادەم قېتمغا يەتتى. ھەر قايسى جەھەتلەردىكى نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، 2003-يىلى كۆزگە كۆرۈنگەن چەتئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ئىلغار شەخس بولۇپ باھالىنىپ، دۆلەت 6 مىنىستىرلىك كومىتېتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:20 , Processed in 0.056469 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش