تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما: تەۋەككۈل قىل [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى: uyghur ۋاقىت: 2017-1-1 12:50
تېما: تەۋەككۈل قىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-1-5 00:01
تولىمۇ يىراق پىلىلداۋاتقان كىچىككىنە ئۈمۈد ،
ئۇنىڭغا يانداشقان غەلىتە بىر قورقۇنۇچ .
گۈزەل ئەمما پىنھان قەلپكە كۈمۈلگەن ئارزۇلار،
سۆزلىگىلى ئىيتقىلى بولـماس مەھكۇملۇق.
تۇلۇن ئاي كەبى ئۇچۇق بىلىنگەن ھەقىقەتلەر ،
يامغۇرنىڭ قارا بۇلۇتلىرىدەك تۇتۇق يالغانبىلەن يۆگەلگەندەك خۇددى ...
ئۈمۈد قۇرالىم سەبىر قالقىنىم دەركەن،
ئەمما بۇ يۈرەك دەپ تۇرۇپ كۆنمىكى تەسكەن.
بەلكىم كۆپ خىيال ۋە ئارزۇ ئارتۇقتۇر
ۋە تولىمۇ بىھۇدە .
ئويلىغاننى قىلىش ئارزۇغا قەدەم ئالالـمىساڭ
ئىملەكلەپ ئىملەكلەممىسەڭ سۆرۈلۈپ بولسىمۇقەدەم ئېلىش ،
پۇتى بولـمىسا ،
قولى بولـمىسا .
ئىزدا توختاش كىرەك ئەمەسقۇ ؟
يىلان كەبى ئۆمىلەپ سىلجىشنى ئۈگنۈش كىرەكتۇ؟!...
قورقۇنجىنى يىراققا تاشلاپ ،
نىم بولسۇن ئاۋال ئاتلان تەۋەككۈل قىل !!
مەغلۇپ بولساڭ ،
ئۇ دەرسىڭ .
غەلبە قىساڭ ،
ئۇ نەتىجەڭ .
قورقۇنۇچ ۋە ئىككىلىنىشكە خاتىمە بەر!
قورققان يولىرىڭدا ماڭ !!..
بەلكىم ئۇ يولدا ياخشىلىق ۋە سەن كۈتكەن
....... لەر باردۇر .
ئۇيقىدىن كىيىنكى ئويغۇنۇش كەبى ..
يامغۇردىن كىيىنكى پارلىغان قۇياش كەبى ..
دەسسىلىپ مىجىلسىمۇ سۇ قۇياش نۇردا
قايتا قەددىنى كۆتۈرگەن مايسا كەبى
تەۋەككۈل قىل
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) |
Powered by Discuz! X3.2 |