يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 24 سائەت، قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن دەل بىر يىل ۋاقىت كېتىدۇ. مۇشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ ۋاقىتنى ھېساپلاشقا تىرىشقان. شۇنىڭ بىلەن، كۈنگە قاراپ ھېساپلىنىدىغان كالېندار، مەسىلەن: قەدىمكى پارس كالېندارى، مىلادىيە كالېندارى؛ ئايغا قاراپ ھېساپلىنىدىغان كالېندار، مەسىلەن: ھىجىرىيە كالېندارى؛ ئاي ۋە كۈنگە قاراپ ھېساپلىنىدىغان كالېندار، مەسىلەن: دېھقانلار كالېندارى، ھىندى كالېندارى ۋە يەھۇدى كالېندارى قاتارلىقلار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. "قەمەر" ۋە "شەمىس" سۆزلىرى ئەرەبچە "ئاي" ۋە "قۇياش" دېگەنلىك بولۇپ، "قەمەرىيە" ئايغا قاراپ ھېساپلىنىدىغان كالېندارنى، "شەمسىيە" بولسا قۇياشقا قاراپ ھېساپلىنىدىغان كالېندارنى كۆرسىتىدۇ.
قەدىمكى مىسىرلىقلارنىڭ كالېندار تۈزۈشى مىلادىدىن 2782 يىل ئىلگىرى باشلانغان بولۇپ، بىر يىلنى 365 كۈن ھېساپلىغان. بۇ كالېندار كېيىن يونانلىقلار ئارقىلىق رىملىقلارغا كۆچكەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 46-يىلى كالېندار خاتالىق پەرقى 80 كۈنگە يېتىپ بارغاچقا، رىم ھاكىمى يولىي تىسېزار ھەر تۆت يىل ئىچىدە بىر كەبىسە يىلىنى يولغا قويۇپ تەڭشىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ، "يولىئان كالېندارى" دەپ ئاتالغان. بۇ كالېندارنى خېلى كۆپ مەملىكەتلەر قوللىنىشقا باشلىغان. مىلادى 325-يىلى كىچىك ئاسىيادىكى نىكەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خرىستىئانلار يىغىنىدا "يولىئان كالېندارى ئاساسىدا "خرىستىئان كالېندارى" تۈزۈلگەن، ھەمدە پاسخا بايرىمىنى بەلگىلىگەن. 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كالېنداردا يەنە 10 كۈن پەرق كۆرۈلگەن. خرىستىئان كاتىۋاشلىرىدىن گرىگورى ⅩⅢ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ 1582-يىلى 5-ئۆكتەبىر كۈنىنى 15- ئۆكتەبىر قىلىپ بەلگىلەپ، ھېلىقى 10 كۈن پەرقنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ، "گرىگورىئان كالېندارى" دەپ ئاتالدى. بۇ كالېندار دەل بىز ھازىر قوللىنىۋاتقان مىلادىيە كالېندارىدۇر. "مىلادىيە" سۆزى "تۇغۇلۇش" دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ "ئەيسا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلانغان كالېندار" دېگەنلىك بولىدۇ.
بىر يىل 12 ئايغا، ھەر ئاي تەخمىنەن 30 كۈنگە، ھەر كۈن 24 سائەتكە بۆلىنىدۇ. پۈتۈن يەرشارى مېردىئان سىزىقلىرى بويىچە 24 ۋاقىت رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ۋاقىت ئالمىشىش سىزىقى ئەنگلىيەدىكى گرىنىۋىچ رەسەتخانىسىدىن باشلىنىدۇ.
تۈزىگۈچى: ئىسكەندەر جېلىل
|