中国舰船向南调整任务海区协同搜索 新华网井冈山舰4月13日电(白瑞雪 郭良川 肖永)按照统一部署,由井冈山舰、昆仑山舰、海口舰组成的海军舰艇编队13日调整南印度洋任务海区,与东海救101轮、南海救115轮等船只协同划区行动,加大马航失联客机的机动搜索力度。 12日19时许,编队指挥所接到海上搜救中心通报后,连夜组织所属任务舰艇紧急南下数百海里,赶赴南纬23-25度、东经93-95度、面积约5100平方海里的新任务区。13日下午相继抵达任务海区后,井冈山舰、海口舰、昆仑山舰负责东南区域近3100平方海里的搜寻任务,东海救101轮、南海救115轮在西北区域搜索。 جۇڭگو ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ۋەزىپە رايونى جەنۇبقا سۈرۈلدى خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل جىڭگاڭشەن ناملىق ھەربىي پاراخوتتىن بەرگەن خەۋىرى: بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 13-چېسلا جىڭگاڭشەن، كۇئېنلۇن، خەيكوۋ ناملىق ھەربىي پاراخوتلاردىن تەشكىللەنگەن ھەربىي پاراخوت ئەترىتى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندىكى ۋەزىپە رايونىنى تەڭشەپ، دۇڭخەي قۇتقۇزۇش- 101، نەنخەي قۇتقۇزۇش-115 ناملىق پاراخوتلار بىلەن بىرلىكتە مالايشىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئايروپىلانىنى ماسلىشىپ ئىزدەش سالمىقىنى ئاشۇردى. 12-چېسلا سائەت 19 لاردا، قوماندانلىق ئىشتابى دېڭىزدا قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بارلىق پاراخوتلارنى تەشكىللەپ، نەچچە يۈز دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى جەنۇبىي كەڭلىك 25~ــ23 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 95~93 گىرادۇسقا توغرا كېلىدىغان، تەخمىنەن 5100 كۋادرات دېڭىز مىلى كۆلەمدىكى يېڭى ۋەزىپە رايونىغا كېچىلەپ ئاتلاندى. 13-چېسلا چۈشتىن كېيىن يېڭى ۋەزىپە رايونىغا يېتىپ كېلىپ، جىڭگاڭشەن، كۇئېنلۇن، خەيكوۋ ناملىق ھەربىي پاراخوتلار ۋەزىپە رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى 3100 كۋادرات دېڭىز مىلى كېلىدىغان رايوندىكى ئىزدەش ۋەزىپىسىگە، دۇڭخەي قۇتقۇزۇش-101، نەنخەي قۇتقۇزۇش-115 ناملىق پاراخوتلار غەربىي شىمال قىسمىدىكى ئىزدەش ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولدى. (بەي رۈيشۆ، دۈن لياڭچۇەن، شياۋ يۇڭ خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى) |