مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 493|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

گۈلخان يېقىلىپ بۇلتۇر قوغلانغانلىقى، ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
ئۈچىنچى،گۈلخان يېقىلىپ بۇلتۇر قوغلانغانلىقى، ھەمدەمبەگ لياۋ زىنىڭ ئۇشتۇمتۇت چىندىنقاچقانلىقى
كونايىلنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئاستانە شيەنياڭنىڭ كوچا-رەستىلىرىنىڭ ھەممىلا يېرىگەپانۇسلار ئېسىلدى، ھەممىلا يەرگە گۈلخانلار يېقىلدى، پۈتكۈل شەھەر ئوت دېڭىزىغائايلاندى.
بۇ، پۈتكۈل ئىقلىمغا ئورتاق بۇلتۇر قوغلاش بايرىمى ئىدى. ناھايىتىقەدىمىي رىۋايەتتە قەيت قىلىنىشىچە، ئادەم يەيدىغان بۇلتۇر ئاتلىق ئىنتايىن ۋەھشىيبىر يىرتقۇچ  ھايۋان بولغان ئىكەن، بۇيىرتقۇچ ھايۋان ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كونا يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسىنىڭ يېڭى يىلكىرىدىغان پەيتىدە پەيدا بولىدىكەن، كىشىلەر دەل شۇ پەيتتە ئۆيلىرىدىن چىقىپھەممىلا يەرگە گۈلخان يېقىپ، مىس-تۆمۈردىن ياسالغان ئەسۋاب-جابدۇق،قورال-ياراغلىرىنى داراڭلىتىپ يۈرۈپ بۇلتۇرنى قوغلايدىكەن. زامان-زامانلاردىن بېرىشۇنداق تەكرارلىنىۋېرىپ، بۇ بىر ئۇدۇمغا ئايلىنىپتۇ. شيا، شاڭ زامانىدا، كىشىلەررىيازەت چېكىپ ئۆتكەن ئاشۇ  بىر يىلنىڭ  ئىسمىنى «بۇلتۇر» دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ. جۇزامانىغا كەلگەندە، بۇلتۇر قوغلاش بىر ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ، پۈتكۈل ئىقلىمنىڭ  جاي-جايلىرىدىكى ئادەملەر ئۆتۈپ كەتكەن ئاشۇ «بۇلتۇر»نىقوغلاش  بايرىمى  ئۆتكۈزۈدىغان  بوپتۇ. كېيىنچە بۇ  بايرامنىڭ  مەناسى  تەدرىجىي   بۇلتۇرنى  قوغلاپ
كەتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىنكىقۇتلۇق كۈنلەرنى تەبرىكلەشكە ئۆزگىرىپ، يېڭى يىل بايرىمى، دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.ئەمىنىيە، يېغىلىق زامانىغا كەلگەندە، بۇلتۇر قوغلاش پۈتكۈل ئىقلىمغا يېڭى يىلغائۆتۈش بايرىمى بولۇپ ئومۇملىشىپ، شادلىق كەيپىياتى تەدرىجىي قويۇقلىشىپ، كىشىلەركۆڭلىنى قورقۇنچقا سالىدىغان سايىلەر ئاللىقاچان سۇسلاشتى. كىشىلەر بايرامئۆتكۈزۈش مەناسىدىكى «بۇلتۇردىن ئۆتۈش» دېگەن بىر سۆزدىن يىل ئاخىرىدىكى بۇلتۇرئاتلىق يالماۋۇزنى قوغلىۋېتىشنىڭ غۇۋا ئىزناسىنى كۆرۈۋالالايدۇ. شۇڭا، يېغىلىقزامانىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، گۈلخان يېقىپ بۇلتۇردىن ئۆتۈش پۈتكۈل ئىقلىمغاتارقالدى. بۇلتۇر قوغلاش ئەمەلىيەتە سەھرا-قىرلاردىن باشلانغاچقا، كىشىلەركەنت-كەنتلەردە ئوتقاش كۆتۈرۈۋېلىپ گۈلخان يېقىشىدۇ. يېغىلىق زامانىدا، سەھرا-قىرلاردىنباشلانغان گۈلخان يېقىپ بۇلتۇر ئاتلىق يالماۋۇز قوغلاش ئادىتى شەھەر-قەلئەلەرگەئومۇملىشىپ، بايرام شادلىقىنىڭ شەكلى بولۇپ قالغان، كاتتا خۇشاللىققا يولۇققاندىمۇگۈلخان يېقىپ تەبرىكلەش ئادەتكە ئايلانغان، ئەمما يىلنىڭ ئاخىرىدىكى بۇلتۇر ئاتلىقيالماۋۇزنى قوغلايدىغان چاغدا گۈلخان يېقىش بەكرەك ئومۇملاشقان. پۈتكۈل ئىقلىمبويىچە گۈلخان يېقىپ بۇلتۇرنى قوغلاش چىن دۆلىتىدە بەك داغدۇغا قوزغايتتى.بۇنىڭدىكى سەۋەب پۈتكۈل ئىقلىم بويىچە پەقەت چىن تەسەررۇپىدىكى گاۋنۇ دېگەن يەردىنلاتەبىئىي قاراماي چىقىدىغان بولغاچقا، قارامايدا يېقىلغان ئوتقاش-گۈلخانلار بەككۆيەتتى. گۈلخان يېقىپ بۇلتۇر قوغلاشنىڭ ۋاقت چەكلىمىسى بولمايتتى، ئەمما ئۇرۇشمالامەتلىرى بولمىغان تىنچ-ئاسايىش يىللاردا ياكى مولھوسۇللۇق يىللاردا ئۇداتۆت-بەش كۈن داۋام قىلاتتى. ۋاقتنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يىلنىڭ ئاخىرقى كېچىسىدىكى گۈلخانيېقىپ بۇلتۇر ئاتلىق يالماۋۇز قوغلاش چوقۇم بەلگىلەنگەن چاغدا ئېلىپ بېرىلاتتى،ئۇنداق بولمىغاندا، بۇلتۇر قوغلىغان ھېسابلانمايتتى.
بۇيىلقى بۇلتۇر قوغلاش ئادەتتىن تاشقىرى قىزىدى. جېڭ گو ئۆستىڭى پۈتۈپ، گۈەنجۇڭدائۇدا ئۈچ پەسىل مولھوسۇل ئېلىندى. چىن پادشاھلىقىنىڭ يېڭى سەلتەنەتىدەئەمەلدار-تابۇغچىلار تەرتىپكە سېلىنىپ، ئوردا ئىچى-سىرتى قۇۋناق ھايات پەيزىگەچۆمدى، ھەتتا ئەل باياشاد، دۆلەت قۇدرەتلىك بولۇشتەك كەيپىيات بارلىققا كەلدى. چىنلىقلارچەكسىز ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا بەختىيارلىققا چۆمۈلۈپ، ھەممەيلەننىڭ گۈلخان يېقىپبۇلتۇر قوغلاش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تاشتى. ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىلنىڭ ئاخىرقى تۈنپەردىسى زېمىنغا يېيىلىشى بىلەنلا ئاستانە شيەنياڭنىڭ چوڭ-كىچىك كوچا-رەستىلىرىدىنتوپ-توپ، رەت-رەت ئوتقاش كۆتۈرۈۋالغان قېرى-ياش، ئەر-ئايال، ئۆسمۈر-بالىلار ئېغىرھەم پالاكەت مىس دۇمباقلىرىنى گۈمبۈرلىتىپ ئاستانە ئاسمىنىنى يېرىۋەتكىدەكقىلىشىپ، ھەممىلا يەرنى چاڭ كەلتۈرۈۋېتىشتى، ياش-قېرى، ئەر-ئايال، ئۆسمۈر-بالىلارتۇشمۇ-تۇشتىن ئوتقاش كۆتۈرۈپ كوچىلارغا چىقىشىپ، شيەنياڭنىڭ  تۆت قوۋۇقىغا سەلدەك ئېقىشىپ، ئاستانە ئەتراپىدىكى گۈەنجۇڭنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىنئوتقاش كۆتۈرگىنىچە بۇلتۇر قوغلاپ كەلگەن سەھرالىقلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى، بۇئوتقاشلىق كىشىلەر توپى ھەررەڭ-سەررەڭ بولۇشۇپ، خۇددى ئىككى يانغا ئۆزلىرىنىتاشلاپ كېتىۋاتقان ئەژدەرھا توپىدەك، پادشاھلىق يوللىرىدا بەئەينى چاقماقتەك ئوتچاچرىتىپ، گۈلدۈرمامىدەك سۈرەن-چۇقان سېلىشىپ، كۆرگەن ئادەمنى ھەيرەتتە قويغىدەكغايەت ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىشتى.
ئوردۇبالىققاتۇتىشىپ كەتكەن جېڭياڭ رەستىسىدە بولسا كەمدىن-كەم كۆرۈلىدىغان تىمتاسلىق ھۆكۈمرانئىدى.
لى سىخوتۇنى بىلەن ئوغۇللىرىنى ئېلىپ شيەنياڭدىكى گۈلخان يېقىپ بۇلتۇر قوغلاشقائۈلگۈرۈپ بېرىشنى خېلى بۇرۇنلا ئويلاپ قويغان. نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ دېگەن ئۆتۈپكېتىۋاتقان بىر يىلدا ئائىلىسىنى چىنغا ئەكىلىۋالغاندىن كېيىن كەلگەن تۇنجىبايرام، خوتۇن-بالىلىرى چىن دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل ئىقلىمغا داڭلىق بولغان زىيادەقىزىيدىغان بۇلتۇر قوغلاش گۈلخانىنى تېخى كۆرۈپ باقمىدى. ئۇلار بوسۇغىدىنچىققىلىۋاتقاندا، قەسىرنىڭ يان سەيناسىدىكى خىزمەتكار ئالدىراپ-تېنەپ كىرىپ كېلىپ،ئۇستازنىڭ دورغاببەگنى تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. لى سى شۇھامانغوجىدارنى ئىككى قاۋۇل-چەبەر خىزمەتكارنى باشلاپ ئائىلىسىدىكىلەرنى قورۇقداپگۈلخان كۆرگىلى ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى
يان سەيناغا كىردى.
ھەمدەمبەگچىنغا كەلگەن ئۈچ ئايدىن بېرى قوناقسارايدا تۇرۇشقا ئۇنىماي لى سىنىڭ قەسرىدە تۇرۇۋاتاتتى.چىن دۆلىتىنىڭ ياسىقىدا، پادشاھنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن دانىشمەنلەر،ئەللامە-ئۆلىمالارغا بىردەك قوناق ئەمەلدارلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ، قوناقئەمەلدارلار رەسمىي ۋەزىپىگە تەيىنلەنمىسە ئۇلارغا قەسىر تەقسىم قىلىپ بېرىلمەي،قوناقسارايدا تۇرۇپ دۆلەت مېھمانلىرى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، دەپبەلگىلەنگەچكە، دۈن رو بىلەن ياۋ جيا ياساق بويىچە جايلاشتۇرۇلدى. ھەمدەمبەگ بودۇنجەمەتتىن يېتىلىپ ئىقلىمدا شان-شەرىپى تارقالغان نەچچە ئەۋلاد مەشھۇر سىپاھگەربولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە لى سى بىلەن بۇرۇندىنلا بۇرادەرچىلىكى بولغاچقا، لى سىئۆز ئالدىغا ياساقنى باھانە قىلىپ رەت قىلىشنى بىئەپ كۆرۈپ، ئالىيلىرىغا مەلۇمقىلدى. يىڭ جېڭ بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇستاز قەسىردە تۇرۇشنى خاھلاپ قالغانبولسا، تەڭلىكتە قويمايلى، بۇنىڭ بىر ئامالىنى قىلىپ كۆرسىلە، دېدى. شۇنىڭ بىلەنھەمدەمبەگ لى سى قەسىرىنىڭ كۈن چىقىش يان سەيناسىدىكى كاتتا خانىدا تۇرۇپ قالدى.ئىككىسى بىر قەسىردە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لى سى ھەر كۈنى ئۈچىنچى جىسەكتە قەسىرگەقايتىدىغان بولغاچقا، ئىككىيلەننىڭ جەم بولۇپ ھال-مۇلاقاتتا بولىدىغانغا پۇرسەتبولماي قالدى.
ـــــلياۋ بۇرادەر، پەقىر لى سى ھاللىرىدىن جايىدا خەۋەر ئېلىپ
بولالمىغىنىمدىن تولاخىجىلمەن!
ـــــبۇرادەر ھەرگىز ئۇنداق دېمىگەيلا! ھېلىمۇ ئائىلە ھوزۇر-ھالاۋىتىدىن كېچىپ دائىمپەقىرگە ھەمراھ بولىۋاتىدىلا، يەنە قانداقسىگە بۇنداق دەيدىلا؟ ـــــ ھەمدەمبەگبىرھازا كۈلدى.
ـــــبوپتۇلا، بۇلارنى دېيىشمەيلى! بۈگۈن كونا يىلنى ئۇزىتىدىغان بولغاچقا مەھكىمىگەبارمايمەن، بۇرادەر بىلەن قانغىچە ئىچىشەيلى!
ـــــياق، ياق بۇرادەر! بۈگۈن پەقىرنىڭ بىر ئىش خۇسۇسىدا سىلىگە دەيدىغان ئىككى ئېغىزلاگېپىم بار ئىدى، بۇرادىرىمنى كۆپ مالال قىلمايمەن، بۈگۈن ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھبولغايلا!
لىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ھەمدەمبەگ شىرەدىكى ئاللىقاچان تەييارلاپ قويغان مىسمەكتۇبداننى لى سىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ:
ـــــبۇ پەقىر تولۇقلاپ تۈزگەن ئەجداد مىراس لەشكەرىي تەدبىر كىتابى، ئالىيلىرىغاھەدىيە قىلماقچىمەن! ـــــ دېدى.
ـــــئەجداد مىراس لەشكەرىي تەدبىر كىتابىنى ھەدىيە قىلىش بىر كاتتا ئىش تۇرسا، پەقىرلى سى قانداقمۇ سىلىگە ۋەكالەتەن بۇ كاتتا  ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن  چىقالايمەن؟ـــــ  لى  سى  ھەيران
بولدى.
ـــــئالىيلىرى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن پەقىر ئالىيلىرى بىلەن بۇ خۇسۇستا مۇلاقاتتابولساممۇ بولىدۇ، بۇرادەرنى مالال قىلىدىغان بولدۇم، ـــــ ھەمدەمبەگ سەمىمىيلىكبىلەن كۈلدى.
ـــــبۇرادەرنىڭ بۇ قەدەر مەردانىلىقى بولسا، بوپتۇ ئەمىسە، پەقىر دەرھال ئوردىغاكىرەي، قايتىپ چىقىپلا سىلى بىلەن  قانغىچەبايراملىق ئىچىشىمەن!
لى سىئالدىراپ-تېنەپ ئوردۇبالىققا كىردى، ئوردۇبالىقتىكى تىمتاسلىقتىن لى سى بەكلاھەيران قالدى.
چىنياسىقىدا ۋەزىر-ۋۇزرالارنىڭ ئالىيلىرىنى مۇبارەكلىشىگە، ئەمەلدار-تابۇغچىلارنىڭئۆزئارا مۇبارەكلىشىشىگە بولمايدىغانلىقى خۇسۇسىدا ئېنىق بەلگىلىمە بار. مەيلىبۇلتۇر قوغلاش بايرىمى بولسۇن ياكى مەۋلۇد كۈنى بولسۇن، ۋەزىر-ۋۇزرا،ئەمەلدار-تابۇغچى ۋە ئاۋام-رەئىيەتلەر ئۆز قەسىرلىرىدە،  ئۆيلىرىدە بەزمە قۇرۇشىدۇ، ئەمما پادشاھنىسوۋغا-سالاملار بىلەن مۇبارەكلەش، بىر-بىرىنى مۇبارەكلەش ياكى ئەمەلدار-تابۇغچىلارئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىشىپ مۇبارەكلىشىش ياساققا مۇخالىپ. ئىلگىرىكى زامانلاردامۇشۇ ياساق ماددىلىرى بويىچە چىن خۇيۋاڭ بىلەن چىن جاۋۋاڭلار ئۆزىنىڭ مەۋلۇدكۈنىنى مۇبارەكلەپ كەلگەن ۋەزىر-ۋۇزرالارنى جازاغا تارتقانلىقتىن كۈن چىقىشتىكىئالتە دۆلەت پادشاھلىرىنىڭ رەھىمسىز، باغرى تاش، زالىم دېگەندەك ئەيىبلەشلىرىگەئۇچرىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي چىن دۆلىتىنىڭ ياسىقىدىكى  بۇ ماددا زادىلا  ئۆزگەرمەي، ئوردا-ئاۋام دىيانەت يولى تۇتۇپ كەلدى. مەشھۇر پىركالان ئۇستاز شۈن زىھەزرەتلىرى چىنغا كەلگەندە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «شۈن زى:ئەلنى قۇدرەت تاپقۇزۇش خۇسۇسىدا بايان» غا كىرگۈزۈپ «قورۇلدىن كىرىپلا بۇ دۆلەتنىڭئۆرپ-ئادەت، رەسم-يوسۇنلىرىنى كۆزەتتىم، بۇ دۆلەت بودۇنلىرى تولىمۇ ساددا-راستگۇيكېلىدىكەن، كۈي-نەغمىلىرى تولىمۇ ساپ، ئىشق-شەھۋەتتىن مۇستەسنا، لىباس-ئۈستىۋاشلىرىئاددىي-ساددا، جىلۋە-جەزىبىسىز ئىكەن، ئادەملىرى ئەمەلدارلىرىدىن بەكلا قورقىدىكەنھەم ئۇلارغا ئالاھىدە ئىتائەتچان كېلىدىكەن، ئۇلار ھەقىقەتەن قەدىمقى شاھىنشاھلارھۆكۈمرانلىقىدىكى رەئىيەتلەرگىلا ئوخشايدىكەن؛ چوڭ-كىچىك شەھەر-قەلئەلىرىدىكىمەھكىمىلىرىگە بارغىنىمدا تۈرلۈك چوڭ-كىچىك ئەمەلدار-تابۇغچىلارنىڭ ناھايىتىئەستايىدىل، ئىقتىسادچىل، راستگۇي، ئېھتىياتچان، ساداقەتمەن، لەۋزىدە تۇرىدىغان،كىچىكپېئىل، زىل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن قەدىمقى شاھىنشاھلارھۆكۈمرانلىقىدىكى ئەمەلدار-تابۇغچىلارغا ئوخشايدىكەن؛ بۇ دۆلەتنىڭ ئاستانىسىغابارغىنىمدا، ئەھلى ئىلىم، تۆرە-تارخانلارنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئۇدۇل مەھكىمىلىرىگەبېرىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئىشتىن چۈشكەندە مەھكىمىلىرىدىن ئۇدۇل ئۆيلىرىگەقايتىدىغانلىقىنى، بىر-بىرلىرى بىلەن خۇسۇسىي ئىشلىرى بولمايدىغانلىقىنى، دوستتارتىشىپ، پىرقە-مەزھەبلەرگە ئۇيۇشۇۋالمايدىغانلىقىنى بايقىدىم، ئۇلار ھاماقەتلىكقىلمايدىكەن، ئاڭقاۋ-قاششاقلاردىن ئەمەسكەن، دىيانەتنى ئەستىن چىقىرىشمايدىكەن،ئۇلار ھەقىقەتەن قەدىمقى شاھىنشاھلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى  ئەھلى ئىلىم، تۆرە-تارخانلارغا ئوخشايدىكەن؛ بۇدۆلەتنىڭ ئوردىسىنى كۆزەتتىم، پادشاھ ئوردا كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغان چاغدا،بىرياقلىق قىلىدىغان، قارار قىلىدىغان بىرەرمۇ ئىشلارنى قالدۇرۇپ قويماي، ھەممىنىناھايىتى جايىدا، ئىدىتلىق قىلىدىكەن، چىن ئوردىسى ھەقىقەتەن قەدىمقى داناشاھىنشاھ سەلتەنەت سۈرگەن ئوردىغىلا ئوخشايدىكەن. شۇڭا، تۆت ئەۋلاد چىنپادشاھلىرىنىڭ ئىشلىرى تامام ئوڭدىن كەلگەن، بۇ ئۇلارنىڭ تەلەيلىك ئىكەنلىكىدىنئەمەس بەلكى شۇنداق قابىل-چەبەرلىكىدىن  مۇقەررەرشۇنداق بولغان. مانا بۇ مېنىڭ چىندا كۆرگەنلىرىم» دەپ يازغان. مانا شۇنداقساپ-سەمىمىي كەيپىيات ھەقىقەتەن شۇ زاماندىكى ئوتتۇرا ئىقلىمدا يېگانە بولغان. شۇقەدەر دانا-دىيانەت بىلەن يۈرۈشۈۋاتقان سەلتەنەت ھۆكۈمرانلىقىدا،  ھەرقېتىم بايرام ياكى پادشاھنىڭ مەۋلۇد كۈنىدەشيەنياڭدىكى ئوردۇبالىق تاڭ ئاتقىچە پانۇسلار يېقىلغان بولسىمۇ، ئادەتتىكىگە زادىلائوخشىمايدىغان تىمتاسلىقتا قالىدۇ. دەرۋەقە، بۇ تىمتاسلىق سەۋەبسىز ئەمەس،ئوردۇبالىقتىكى نۆۋەتچىلىكتە تۇرمايدىغان ماڭالايدىغانلىكى شاھ ئۇرۇقىجەمەتىدىكىلەر ۋە ھەرەم ئاغىلىرى، دېدەك-كېنىزەكلەرنىڭ بەرى گۈلخان كېچىلىكىگەكېتىپ  قالىدۇ. چىن ياسىقى  گەرچە ناھايىتى قاتتىق  بولسىمۇ، ھەرھالدائوردۇبالىقتا ھەر يىلقى يېڭى يىل بايرىمى بىلەن باھار سەيلىسىدە ئەركىنلىكبولاتتى.
     يىڭ جېڭ ئەزەلدىن يېڭى يىلنىڭ ھارپا كېچىسىئوردۇبالىقتىن چىقمايتتى.
     بۇ، يىڭ جېڭنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن چىگىش ئىشلارتاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەندە تىنچلىنىدىغان ۋاقتى ئىدى. يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېچىسىئۆزى يالغۇز كۇتۇپخانا دەھلىزىدە ئۇ ياقتىن بۇياققا مېڭىپ خىيال سۈرگەچ،كوچا-رەستىلەردىكى ئادەم دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنىنى ئاڭلايتتى، تۈن ئاسمىنىنى يورۇتۇپيۇلتۇزلاردەك ئېسىۋېتىلگەن پانۇسلارغا قارايتتى، بۇنىڭدىن كۆڭلى ئالەمچە تەسكىنتېپىپ ئۆزىنى ناھايىتى راھەتلەنگەندەك سېزەتتى. پادشاھ بولغان ئادەم قانداقئىشلارنى يىراقتىن كۆزەتكەندە ئاۋامنىڭ شادىيانە تەنتەنىسىنى تېخىمۇ ئوبدان ھېسقىلالايدىغاندۇ؟ يىڭ جېڭ مانا مۇشۇنداق ئادەم كۆڭلىنى لال قىلىدىغان تاتلىق-شېرىنخىياللارغا مەستۇ-مۇستەغرەق بولۇپ، شۇ مەستۇ-مۇستەغرەقلىقنىڭ پەيزىدىنراھەتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە لى سى كىرىپ كەلدى.
ـــــشيەنياڭنىڭ گۈلخان يېقىپ بۇلتۇر قوغلىشى ئىقلىمدا ھەممىدىن بەك قىزىيدۇ، دورغابئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ تاماشا
كۆرمەي ئىشلىگىلىكەپتىلىغۇ؟ ـــــ يىڭ جېڭ ھەيران بولدى.
ـــــئۆيدىكىلەر ئۆزلىرى تاماشاغا بېرىۋەرسۇن، ۋەزىرلىرى ئالىيلىرىغا بىر  گۆھەر ئېلىپ  كەلدىم! ـــــ  دېدى لى سى بېشىنى
چايقاپ.
ـــــبۇلتۇر قوغلاۋاتقاندا گۆھەر ئېلىپ كىرگەنگە قارىغاندا، دورغاب قۇت-ئامەت ئېلىپكەلگەن ئوخشىماملا؟ ـــــ يىڭ جېڭ كۈلۈپ كەتتى.
ـــــۋەزىرلىرىنىڭ ئېلىپ كىرگىنى قۇرئەندازلارنىڭ گۆھىرى ئەمەس، بەلكى دۆلەت گۆھىرى!ـــــ لى سى سىرلىق كۈلۈپ ئازادە-پالاكەت يېڭىدىن مىس مەكتۇبداننى چىقاردى، ـــــمانا بۇ ھەمدەمبەگنىڭ ئەجداد مىراس لەشكەرىي كىتابى، ھەمدەمبەگ ۋەزىرلىرىدىنكىرگۈزدى!
ـــــھەمدەمبەگ ئۆزى خاھلىغان چاغدا ئوردىغا كىرىۋەرسە بولاتتىغۇ، سىلىگە ھاۋالە قىلىپيۈرگىنى نېمىسى؟ ـــــ يىڭ جېڭ مىس مەكتۇبداننى قوشقوللاپ ئالدى، ئۇنىڭگۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇچقۇنلار چاچرايدىغان زىيادە ئۆتكۈر كۆزلىرىگەچۈشىنىپ بولمايدىغان ئاللاقانداق بىر خىل تېڭىرقاش ئالامەتلىرى ئارىلىشىپ كەتتى.
ـــــھەمدەمبەگ  ئالىيلىرى  كىتابنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن
ئوردىغا كىرىپ، لەشكەرىيتەدبىر خۇسۇسىدا ئالىيلىرى بىلەن مۇتالىئە قىلىمەن، دەيدۇ. ئارىف-پازىل زاتلارشۇنداق مىجەزلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ، ۋەزىرلىرىمۇ ھەيران قالدىم، ـــــ دېدى لىسى.
ـــــھەمدەمبەگنىڭ چىنغا كەلگەنلىكىگە پۈتكۈل ئىقلىم كۆز تىكىۋاتىدۇ،  ۋېي دۆلىتى  ئاسانلىقچە بولدى  قىلمايدۇ. دورغاب كۆپرەك پەخەس بولغايلا، جېڭ گونىڭ ئىشلىرىدەك ھەرەج تارتىپ يۈرمەيلىيەنە! ـــــ دېدى يىڭ جېڭ كۈلۈپ.
     ـــــ ئالىيلىرى دانادۇر! ۋېي دۆلىتى خۇددىبىر مەجرۇھقا ئوخشاپ قالدى، ئالىلىرى غەم قىلمىغايلا! ـــــ لى سى ئالقانلىرىنىڭئۇچىنى جۈپتەكلەپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
لى سىچىقىپ كېتىشى بىلەنلا يىڭ جېڭ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا قولىدىكى « ھەمدەمبەگ لياۋ زى»نى ئاچتى.
يىڭجېڭ باشتىن- ئاياق بىرقۇر ۋاراقلاپ كۆرۈپ، كۇتۇپخانىسىدىن چىقتى. چىلىق-چىلىقتەرگە چۆمۈلگەن جاۋ گاۋ ئوردۇبالىقتا نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشقا يېتىپ كەلگەن چاغدا،يىڭ جېڭ كۇتۇپخانىسىدىن كېتىپ قالغان ئىدى. جاۋ گاۋ زېرەك ئاغۋات بولغاچقا،دېدەكتىن سورىمايلا كۈن چىقىش يانساراينىڭ مەخپىي خانىسىنى تاپتى، ئالىيلىرىمەخپىي خانىدىكى شىرە ئالدىدا پۈتۈن ئىشتىياق-ئىخلاسى بىلەن ئالدىغا يېيىۋالغانئورام پۈتۈكنى كۆرۈۋاتاتتى. جاۋ گاۋ تىۋىش چىقارماي داڭقان ئوچاققا ياغاچ كۆمۈرسېلىپ چاي قاينىتىشقا كىرىشتى. بىردەمدىن كېيىن، ناھايىتى يوغان ئىككى داڭقانئوچاقتىكى ياغاچ كۆمۈر قىپقىزىل چوغقا ئايلىنىپ، مەخپىي خانىنى پورۇخلاپ قاينىغانچاينىڭ خۇشھىدى بىر ئالدى. ھەممە شۇنچىلىك ئىدىتلىق جايلاشتۇرۇلدى، جاۋ گاۋ تىۋىشچىقارماي شىپىرلاپ ئاشخانىغا كىرىپ كېتىپ، بىردەمدىن كېيىن يەنە شۇنداق شىپىرلاپئاشخانىدىن قايتىپ چىقتى. داڭقان ئوچاققا تۆمۈر ئاسقۇ قويۇپ، ئاسقۇغا ساپال كورائېسىپ،  سېمىز پاخلان گۆشىدە شورپاتەييارلىدى، ئۇنىڭ يېنىغا تاۋا قويۇپ قىزىتىپ، ئىككى پارچە قېلىن قوتۇرماچپىشۇردى. جاۋ گاۋ ۋاقتنى شۇنچىلىك ئىدىتلىق مۆلچەرلىدىكى، ئالىيلىرى مەخپىيخانىدىن زادىلا چىقماي سۈبھىگىچە شىرە يېنىدا دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ «ھەمدەمبەگ لياۋزى» نى ئوقۇپ تۈگەتتى.
ـــــئىقلىمدىكى ئەڭ نادىر لەشكەرىي دەستۇر!ـــــ يىڭ جېڭ ھاياجاندىن كىتابنى ئوراپ،جاۋ گاۋ ئېلىپ كەلگەن بىر كورا شورپىنى قىزىقىدا پۈۋلەپ ئىچىپ، ئىككى تالقوتۇرماچنى يوغان-يوغان ئۈزۈپ چاينىغاچ ماختاپلا كەتتى، ـــــ پاھ، سېمىز پاخلانشورپىسى بىلەن قوتۇرماچنى جايىدا تەييارلاپسەن!
ئالىيلىرىنىڭكۈلكىسىنى ئاڭلاپ جاۋ گاۋمۇ ھىجاراپ كۈلدى.
ـــــسەن نېمىگە ھىجىيىسەن! ـــــ يىڭ جېڭ قەستەن قاپىقىنى تۈردى، ـــــ دەرھالدورغابنى چاقىر،  بۈگۈن كېچە  ھەمدەمبەگنى
يوقلاپ بارىمەن!
ـــــپەرمانبەردارمەن! ـــــ جاۋ گاۋنىڭ ئۈنى ئۆچۈپ بولغىچە قارىسىمۇ تەڭلا غايىببولدى.
«ھەمدەمبەگلياۋ زى» ساھىبقىران پادشاھنىڭ يۈرىكىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ئالۋۇندەك يېلىنجىتىشقاباشلىدى. يىڭ جېڭ كىچىكىدىنلا كىتاب ئوقۇش بىلەن ياراغ مەشق قىلىشنى بەك ياخشىكۆرەتتى. يىڭ جېڭ ۋەلىئەھد بولغاندىن تارتىپلا ئوردۇبالىقتىكى كىتاب-دەستۇرلارسارىيىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ كەلدى. لۈ بۇۋېينىڭ توققۇز يىللىق نائىبلىقھامىيلىقى مەزگىلىدىمۇ، ئىقلىمدىكى تۈرلۈك ئېقىمدىكىلەرنىڭ كىتابلىرىنى ئىزدەپتاپتۇرۇپ كۆردى، كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈلمەي تارقىلىپ يۈرگەن ئويما نۇسخىلار قولىغاچۈشۈپ قالغانلىرىدا، خۇددى ئاچ بۆرە گۆشكە  دۈم چۈشكەندەك، پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن بېرىلىپئوقۇدى. ئۇ ئادەتتىكى تالىبلار قىزىقمايدىغان ئىقلىمدىكى لەشكەرىي دەستۇرلارغا بەكقىزىقاتتى. ئەمىنىيە، يېغىلىق زامانىدىن بۇيانقى «سۈن زىنىڭ لەشكەرىي تەدبىرلىرى»،«ۋۇ چى ھاسىلاتلىرى»، «سۈن بىننىڭ لەشكەرىي تەدبىرلىرى» ئۇ دائىم قولىدىنچۈشۈرمەيدىغان نادىر ئەسەرلەر ئىدى. كۆپ يىللار ئىلگىرىكى چاغلاردا، قېرىپ قالغانبولسىمۇ تېخى كۈچ-ماغدۇرىدىن كەتمىگەن ئالىي سانغۇن مېڭ ئاۋ ئۆسمۈر يىڭ جېڭ بىلەندائىم ئىقلىمدىكى لەشكەرىي دەستۇرلار خۇسۇسىدا كۆپ مۇڭدىشاتتى.
ـــــسۈن زى، سۈن بىن، ۋۇ چىدىن ئىبارەت ئۈچ سىپاھگەر ئەللامەنىڭ لەشكەرىي دەستۇرىئىقلىمنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، ئالىيلىرى كۆپرەك تەتقىق-مۇتالىئە قىلىپ ئوقۇغايلا!ـــــ دېگەن ئىدى مېڭ ئاۋ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە. يىڭ جېڭ  بولسا ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا:
ـــــبۇ لەشكەرىي دەستۇرلارنىڭ ئېسىللىغىغۇ ئېسىلكەن، شۇغىنىسى ساپلا سىپاھگەرلەريېزىپتۇ! ـــــ دېيىشىگە مېڭ ئاۋ ھەيران بولۇپ:
ـــــلەشكەرىي تەدبىر-دەستۇر دېگەننى ئەزەلدىن سىپاھلار يازىدۇ، ئالىيلىرىنىڭ بۇگەپلىرىنى ھېچ چۈشىنەلمەيۋاتىمەن! ـــــ دېگەن ئىدى. شۇ چاغدا يىڭ جېڭ:
ـــــدۇنيادىكى لەكمىڭ-لەكمىڭ لەشكەر پادشاھلارنىڭ ئىلكىدە-يۇ، ئەمما بىرەرمۇ لەشكەرىيدەستۇر پادشاھلارنىڭ قولىدىن چىقمايدۇ! ـــــ دەپ كۈلۈپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا مېڭئاۋ بىرھازا خىيال سۈرۈپ، ئاندىن كۈمۈشتەك ئاقارغان چاچلىرى  ياراشقان پېشانىسىگە پاققىدە بىرنى ئۇرۇپ:
ـــــپادشاھلارنىڭ لەشكەرىي تەدبىر ئىشلىرىغا چات كەرىۋېلىشىنى سىپاھگەرلەر خاھلىمايدۇ.پادشاھلار مىڭ قىلغان بىلەنمۇ لەشكەرىي تەدبىرنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ!ـــــ دېگەندە، يىڭ جېڭ قاھقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپ:
ـــــناۋادا شۇنداق بولىدىغان بولسا جاھاندىكى سىپاھگەرلەرنىڭمۇ بازىرى كاساتلىشىپكەتكەن بولاتتى! ـــــ دېگەن ئىدى.
«ھەمدەمبەگ لياۋ زى» دېگەن بۇ لەشكەرىي دەستۇرنىڭ يىڭ جېڭنى شۇ قەدەر ئۆزىگەمەھلىيا قىلىۋالغىنى دەل ئۇنىڭ پادشاھلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئىدى.
ئەلمىساقتىنبۇيانقى لەشكەرىي تەدبىر-دەستۇرلاردا ساپلا لەشكەر ئىشلىتىش تەدبىر-رىجەلىرىسۆزلىنىدۇ، شۇڭا ھەممىسىدە پادشاھلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار بولماي قالمايدۇ.مەسىلەن، «سۈن زى. تۇنجى تەدبىر»، «ۋۇ چى ھاسىلاتلىرى. دۆلەتكە پىداكارلىق»قاتارلىقلاردا ئانچە-مۇنچە سۆزلەنگەن بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار دۆلەتنىڭ لەشكەرئىشلىتىش تەدبىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بېرەلمەيدۇ. « ھەمدەمبەگ لياۋ زى» بولسا،بۇنىڭغا ئوخشىمايتتى، يىگرىمە تۆت پارىگە بۆلۈپ تۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ بىرىنچىجىلدىنىڭ ئالدىنقى تۆت پارىسىدە مەخسۇس دۆلەتنىڭ لەشكەر ئىشلىتىش قائىدە-يوسۇنلىرىسۆزلەنگەن، ئەمەلىيەتتە بۇ پادشاھلارنىڭ لەشكەر ئىشلىتىش مەۋقەسى خۇسۇسىدىكىتەدبىرلەر ئىدى؛ كېيىنكى يىگرىمە پارىدە لەشكەر ئىشلىتىشنىڭ ئۇجۇر-بۇجۇرتەپسىلاتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان، بۇ بايانلار ھېلىدىن ھېلىغا ئوردىنىڭبىرتۇتاش جايلاشتۇرۇشىدەك ئومۇمىي بايان-ھۆكۈملەرگە چېتىلغان، شۇڭا بۇ كىتابئەلمىساقتىن بۇيانقى تۇنجى پادشاھلار لەشكەرىي دەستۇرى بولۇشقا لايىق ئىدى. يىڭجېڭ كىتاب ئوقۇغاندا  كىتابنىڭ ئىچىگەكىرىپلا كېتەتتى، شۇنچىلىك ئەستايىدىل ئىدىكى، بىرياقتىن ئوقۇۋېتىپ بىرياقتىن باھايېزىپ ماڭاتتى، شۇ تاپتىمۇ نەچچە پارچە تېرە قەغەزنى تولدۇرۇپ بولدى. « ھەمدەمبەگلياۋ زى» نىڭ ئەڭ مېغىزلىق جەۋھەر، دەپ قارىغان بۆلەكلىرىنى مۇتالىئە قىلىپبىلىۋالدى ھەم «ھەمدەمبەگ لياۋ زى» نىڭ شۇنداق بۆلەكلىرىدىن ئۈزۈپ ئالغانمەزمۇنلارنى «پادشاھنىڭ لەشكەرىي ئىشلار تەدبىرى» دېگەن تۆت سۆزگەيىغىنچاقلىدى،  ئۈزۈپ ئالغان مەزمۇندامۇنداق دېيىلگەن ئىدى:
«پادشاھنىڭلەشكەرىي ئىشلار تەدبىرى» نىڭ بىرىنچىسى: جەڭدە نۇسرەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشمۇنەججىملەرنىڭ قۇرئەندازلىق ئىلمىگە ئەمەس بەلكى ئادەمگە باغلىق.
مانابۇ «ھەمدەمبەگ لياۋ زى» نىڭ بارلىق لەشكەرىي دەستۇرلارغا ئوخشىمايدىغان مەۋقەسىـــــ پادشاھلارنىڭ لەشكەر ئىدارە قىلىشى بولۇپ، ئۇنىڭدا پال-رەملەرگە ئوخشاشسىرلىق بىدئەت تەرغىباتنى ئەمەس بەلكى ئادەمنى ئاساس قىلىش لازىملىقى،سانغۇن-سەركەردىلەرنى تاللاپ لەشكەر ئىدارە قىلىش زۆرۈرلىكى، شۇ ئارقىلىق نۇسرەتقازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭدابۇزرۇگۋار ھەمدەمبەگ لياۋ بىلەن ۋېي دۆلىتىنىڭ پادشاھى ۋېي خۇيۋاڭنىڭسۆھبەت-مۇلاقاتلىرى مىسال كەلتۈرۈلگەن. شۇ مەزمۇن يېزىلغان بەتكە يىڭ جېڭ«لەشكەرىي تەدبىردە جىن-ئىلاھلارنى شىپى كەلتۈرۈپ رىجە قىلىشتىن ساقلانماق كېرەك.ئەلمىساقتىن بېرى جىن-ئىلاھلار ئارقىلىق سانغۇن-سەركەردە تاللاپ جەڭ قىلغانپادشاھلارنىڭ نۇسرەت تىمسالى بولغان ئەمەس! شۇڭا بۇنىڭدىن مەڭگۈ قاتتىق ساقلانماقشەرت» دەپ باھا يازدى. يىڭ جېڭ بۇ نۇقتا سانغۇن-سەركەردىلەرگە قارىغانداپادشاھلارغا بەكرەك مۇھىمدۇر، سەركەردىلەر كۈن-تۈن جەڭگاھتا بولغاچقا، ھاۋانىڭئەلپازى، يەر شارائىتى قاتارلىقلار خۇسۇسىدىكى سىرلىق پەتىۋالارغا ئىشىنىپ،جەڭلەردە نۇسرەت قازىنىشنى ئىستەيدۇ. ناۋادا پادشاھلار بۇنداق نەرسىلەرگەئىشىنىدىغان بولسا، ئەسلى مەقسەت-مۇددىئالىرىغا يېتەلمەيدۇ. مەسىلەن جۇسۇلالىسىنىڭ پادشاھى ۋۇۋاڭ شاڭ سۇلالىسىنىڭ پادشاھى جۇ ۋاڭغا جازا يۈرۈشىقىلغاندا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ كەتكەن، ئوردا قۇرئەندازى  كۆكنىڭ ئەلپازىنى كۆرۈپ بۇ قۇت پەيت ئەمەس، دەپتەبىر ئېيتقان، ۋەزىر-سەركەردىلەر لەشكەرلەرنى يىغىش تەشەببۇسىنى قىلىشقان؛ شۇچاغدا، بۇزرۇگۋار لۈ شاڭ پادشاھلىق ئىبادەتخانىسىغا ئۈسۈپ كىرىپلا تاشپاقاقاسراغلىق ساۋۇتنى يەرگە ئېتىپ دەسسەپ، مەردانىلىق بىلەن «زالىملارنى يوقىتىپئاجىزلارنى قۇتقۇزۇش بۇ دۇنيادىكى ھىدايەت يولى تۇرسا، يەنە نېمانداق قورقۇنچاقلىققىلىدىغانسىلەر!» دەپ نىدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ۋۇ ۋاڭ دەرھال سەگەكلىشىپ ئېسىنىتاپقان ھەم دەرھال لەشكەر تارتقان. ئەگەر شۇنداق بولمىغان بولسا، قەدىمدىن مەشھۇرئاتالغان «تاڭ-ۋۇ ئىنقىلابى» دا مەشھۇر دانا پادشاھدىن بىرى ـــــ جۇ ۋۇ ۋاڭدەكبىرى بولمىغان بولاتتى. شۇڭا، پادشاھلار ئاشۇ سىرلىق نەرسىلەرگە ئىشىنىدىغانلابولسا ئەمەلىيەتتە قىلىش مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلغىلى بولمايدۇ. مۇشۇۋەجدىن، ئادەمنى جايىدا ئىشقا قويۇش پادشاھلارنىڭ لەشكەر ئىشلىتىشىدىكى مەۋقەسىدۇر.
«پادشاھنىڭلەشكەرىي ئىشلار تەدبىرى» نىڭ ئىككىنچىسى: لەشكەر ئوردىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
«ھەمدەمبەگلياۋ زى» دا دۆلەتلەرنىڭ لەشكەر تۇتۇش يولى تەكرار-تەكرار شەرھلىنىپ مۇنداقدېيىلگەن: لەشكەر ئىدارە قىلىشتا باي دۆلەتلەر پۇختا كېلىدۇ، نامرات دۆلەتلەشكەرلىرىنىڭ ھەيۋىسى بولمايدۇ. «دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر ئادەمئاۋام-رەئىيەتنى ھاشارغا سالمايدۇ، بۇنداق ئادەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەتنىڭلەشكەرلىرى جازا يۈرۈشىگە چىقمىسىمۇ ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن جاھان ئەيمىنىدۇ. دېمەك،لەشكەر ئوردىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. لەشكەرلىرىنىڭ ھەيۋىسىدىن پايدىلىنىپ نۇسرەتقازانغۇچى پادشاھنىڭ نۇسرىتى بولسا، لەشكەر تارتىپ جەڭگە كىرىش ئارقىلىق قازانغاننۇسرەت سەركەردىلەرگە خاس نۇسرەت». دېمەك بۇ ھەرگىزمۇ سەپ تۈزۈپ جەڭگە كىرىدىغانسەركەردىنىڭ ئىلكىدىكى لەشكەرىي ئىش ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ لەشكەر تۇتۇشتىكى تۈپتەدبىردۇر، يەنى پادشاھنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئىستېداتىدۇر. مۇنداقچەئېيتقاندا، ئوردىنىڭ لەشكەر تۇتۇشتىكى ئەڭ ئالىي تەدبىرى دۆلەتنى بېيىتىپ، ئەلنىكۈچلەندۈرۈپ، جەڭگە كىرمەيلا ھەيۋىسىدىن پايدىلىنىپ جاھاننى ئىلكىگە ئېلىشتىنئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر دۆلەت مەڭگۈ غالىب ئورۇندا تۇرماق بولىدىكەن، ئالدى بىلەنئوردىنى جايىدا تۇتۇش تەدبىرى ئۈستىدە باش قاتۇرمىقى لازىم.
«پادشاھنىڭلەشكەرىي ئىشلار تەدبىرى» نىڭ ئۈچىنچىسى: ياردەمگە قاراپ تۇرماي ئۆز كۈچىگەتايىنىپ جەڭ قىلىشتۇر.
ئەمىنىيە، يېغىلىق زامانىدا دۆلەتلەر بىر-بىرىگە ھۇجۇمقىلىدىغان ئۇرۇش قىيامەتلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، ئۇرۇش داۋامىدا خەتەرلىكقىيامەت قىسمەتلىرىگە يولۇققان دۆلەتلەرنىڭ لەشكەرلىرى  يات ئەللەرنىڭ ھېماتچى لەشكەرلىرىنى ساقلاپيېتىپ باشقىلارغا بېقىنىپ قالىدىغان ئەھۋالاتلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇردى، بۇ،ئاقىۋەتتە بېرىپ بىر يامان ئىللەتكە ئايلاندى. «ھەمدەمبەگ لياۋزى» بۇ ھەقتە توختىلىپ يات ئەلنىڭ ھېماتچى لەشكەرلىرىنى ساقلاپ يېتىش ـــــھەرقايسى دۆلەت لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا سەلقارايدىغان يامان ئىللەتنى پەيدا قىلىۋالدى، دەپ  يازدى.  شۇڭا،  ھەمدەمبەگ  لياۋ زى ئادەتتىكى سىپاھگەر-سەركەردىلەرنىڭخىيالىغىمۇ كىرمەيدىغان دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئۇرۇش قىلىش، تاشقىھېماتچى لەشكەرلەرنىڭ كېلىشىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك ھەم باشقىلارغا بېقىنىپقالماسلىق، دەيدىغان يېڭى بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىڭ جېڭ «ھەمدەمبەگ لياۋزى» دىكى بۇ مەزمۇنلار يېزىلغان بۆلەكنى ئالاھىدە كۆچۈرۈۋالدى، بۇ بۆلەكتە«ھازىرقى چاغلاردا دۆلەت تاجاۋۇزچىلارنىڭ تەھلىكىسىگە ئۇچرىغاندا، قىيممەت باھالىقگۆھەرلىرىنى سوۋغا قىلىدىغان، ئامراق ئوغلانلىرىنى تۇرغاقلىققا تۇتۇپ بېرىدىغان،مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى ھەدىيە قىلىش بەدىلىگە يەنە بىر دۆلەتتىن ياردەمتىلەيدىغان ئىش دائىم كۆرۈلمەكتە، ياردەمگە ھېماتچى لەشكەر ئەۋەتكەن دۆلەتلەر بىرلەك لەشكەر ئەۋەتتۇق، دېگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە نەچچە تۈمەنلا لەشكەر ئەۋەتىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھېماتچى لەشكەر يولغا چىقىدىغان چاغدا ھېماتچى لەشكەر ئەۋەتكەندۆلەتلەرنىڭ پادشاھى ھېماتچى لەشكەرلەرنىڭ سەركەردىلىرىگە ‹باشقىلاردىن بۇرۇنجەڭگە كىرمەڭلار›، دەپ جېكىلەيدۇ. دېمەك، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ياردەم تىلىگەنلەرگەجان پىدالىق كۆرسىتىپ جەڭ قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئىقلىمدىكىدۆلەتلەردىن ياردەمگە كەلگەن ھېماتچى لەشكەرلەر ئارقىلىق قانداقمۇ ئۆزلەشكەرلىرىنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇرغىلى بولسۇن؟» دەپ يېزىلغان ئىدى. ۋەھالەنكى،ياردەم تىلەش-تىلىمەسلىك، ھېماتچى لەشكەر ئەۋەتىش شەرتلىرى ۋە ھېماتچى لەشكەرگەچۈشىدىغان ئېھتىياجلار دەرىجىسى جەڭگاھتىكى سەركەردىنىڭ رىجە-تەدبىرلىرى بولماستىنبەلكى ئوردىدا كۇرستا ئولتۇرۇۋاتقان پادشاھنىڭ تەدبىرىدۇر. يىڭ جېڭ كىتابنىڭ يانتەرىپىدىكى ئاق يەرگە «دەرمانىغا چۇشلۇق ئۇرۇش قىلىش ئۆزىنى قۇۋۋەتلەندۈرىدۇ،دۆلەت ئۆزىنى ئۆزى قۇۋۋەتلەندۈرمىسە تەڭرىدىن ئىلتىپات كەلمەيدۇ!» دەپ يېزىپ قويدى.
«پادشاھنىڭلەشكەرىي ئىشلار تەدبىرى» نىڭ تۆتىنچىسى: ئېكىنچىلىك بىلەن ئۇرۇشنى تەڭ قىلىشلەشكەر ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى.
يىڭجېڭ «ھەمدەمبەگ لياۋ زى. تۈزۈم خۇسۇسىدا بايان:ئۈچىنچى» نى ئوقۇۋېتىپئارقا-ئارقىدىن شىرەگە مۇشتلاپ «بۇ دەل شاڭ تۆرىچە لەشكەر ئىدارە قىلىش ئەمەسمۇ!قالتىس، قالتىس!» دەپ ماختاپلا كەتتى. يىڭ جېڭ بۇيەردە ھەمدەمبەگنىڭ شاڭ ياڭنىڭئېكىنچىلىك بىلەن ئۇرۇشنى تەڭ قىلىپ لەشكەر ئىدارە قىلىش خۇسۇسىدىكى قارىشىنىناھايىتى ئوچۇقلا ھېمايە قىلىۋاتقانلىقىنى ماختاپ كەتكەن ئىدى. يىڭ جېڭ «شاڭ تۆرەتۈزۈكى» بىلەن شاڭ تۆرە تۈزگەن چىن ياسىقىنىڭ ئىخلاسمەن ھېمايىچىسى بولغاچقا،ھەمدەمبەگنىڭ بايانلىرىغا بەكلا قىزىقىپ قالدى. « ھەمدەمبەگ لياۋ زى» دا :«ئىقلىمدىكى بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تولۇقلاش،ئىقلىمدىكى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە پايدىلىق تۈزۈمتۈزۈش زۆرۈردۇر. ئەمر-مەرۇپلارنى توغرىلاپ، ئىنئام-جازانى ئېنىق بېكىتىپ، پۈتكۈلئىقلىمدىكىلەرگە ئېكىنچىلىك قىلمايدىغانلارغا ئاشلىق بېرىلمەيدىغانلىقىنى، جەڭدەتۆھپىسى يوقلارغا مەرتىۋە بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش زۆرۈر. ئاۋام-رەئىيەتنىبەس-بەستە ئېكىنچىلىك قىلىشقا، جەڭدىن باش تارتماسلىققا دالالەت قىلغاندىلا ئاندىنئىقلىمدا تەڭداشسىزلاردىن بولغىلى بولىدۇ» دەپ يېزىلغان. ھەمدەمبەگنىڭ بايانىدابىرى ياساق بويىچە لەشكەر ئىدارە قىلىشنى لەشكەرىي تۈزۈم قىلىش؛ يەنە بىرىئېكىنچىلىك بىلەن ئۇرۇشنى تەڭ تۇتۇشنى لەشكەر ئىدارە قىلىشنىڭ مەۋقەسى قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتائايدىڭلاشتۇرۇلغان. جاھاندا لەشكەر پەيدا بولغاندىن تارتىپلا لەشكەرىي ياساقنىڭبارلىققا كەلگەنلىكى، ھەرقانداق دۆلەت لەشكەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەسلىكى،ئەمما لەشكەرىي ياساقنى دۆلەت ياسىقى بىلەن بىرلەشتۈرەلىگەنلەرنىڭ تىمسالى بەك ئازئىكەنلىكى شەرھلەنگەن. يېغىلىق زامانىدىكى لەشكەرىي ئالىم-سىپاھگەرلەرنىڭئەسەرلىرىدە ھەمدەمبەگنىڭ ئەسىرى يېگانە ئەسەر ئىدى. يىڭ جېڭ بۇنىڭغا قول قويمايتۇرالمىدى، ئۇ كىتابنىڭ بەت چۆرىسىگە: «بۇنداق دۆلەت تەدبىرى قىلىشقاسانغۇن-سەركەردىلەر قادىر ئەمەستۇر، بۇنى پەقەت ئوردىلا قىلالايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈنپادشاھلارنىڭ يول ئېچىپ بەرمىكى لازىمدۇر!» دەپ يېزىپ قويدى.
«پادشاھنىڭ  لەشكەرىي ئىشلار تەدبىرى» نىڭ  بەشىنچىسى: ئاۋام لەشكەرىي ئىشلارنىڭ ھۇلى، جەڭھەيۋىسىنىڭ مەنبەسى.
مۇشۇكەمگىچە سىپاھگەرلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئاۋام-رەئىيەتنى ئۇرۇش رىجە-تەدبىرلىرىنىڭ  سىرتىدا قويمىدى. ھەمدەمبەگ بۇ ھەقتىمۇشەرھى-بايان ئەيلەشتە يول ئېچىپ: «ياساق بېكىتىپ، ئىنئام-جازانى ئېنىق قىلىپ،قورال-ياراغلارنى ياخشىلىغاندا، ھەممىلا ئادەمنىڭ جەڭگە كىرگۈسى كېلىدۇ، مانا بۇھەيۋە-جاسارەت بىلەن نۇسرەت قۇچۇشتۇر. سەركەردە-سانغۇنلار لەشكەرگە تايىنىپ جەڭ قىلىدۇ، لەشكەرلەرجاسارەت-ھەيۋىسىگە تايىنىپ جەڭگە كىرىدۇ. جاسارەت ئۇرغۇپ-تاشقاندا جەڭدەباھادىرلىق كۆرسەتكىلى بولىدۇ، جاسارىتى سۇنغان لەشكەر گۇمران-يەكسان بولىدۇ» دەپيازغان. ھەمدەمبەگ لياۋ زى ئاۋام-رەئىيەتنى نۇسرەت قازىنىشنىڭ ھۇلى قىلىش خۇسۇسىداتوختالغاندا «چېرىكلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ رەئىيەتكە غەمخورلۇق قىلىش» دۆلەتنىڭلەشكەر ئىدارە قىلىشىنىڭ مەۋقەسى قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمشۇنىڭغا ئاساسەن دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ تۆت خىل ھالىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ:«ھىدايەت يولى تۇتقان دۆلەت ئاۋام-رەئىيەتنىڭ روزغارىنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ؛زالىملىق يولى تۇتقان دۆلەت لەشكەر-چېرىكلەرنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەيدۇ؛زاۋاللىققا يۈز تۇتقان دۆلەت ئاقسۆڭەك-ئېسىلزادىلەرنىڭ بايلىقىنى ئاشۇرۇشھەلەكچىلىكىدە بولىدۇ؛ مۇنقەرزلىك گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەت پادشاھنىڭلابايلىقىنى ئاشۇرۇشتىن باشقىنى ئويلاشمايدۇ» دەپ يازغان. يىڭ جېڭ بۇ قۇرلارنى ئوقۇغىنىدا زىيادەھاياجاندىن قولىغا قەلەم ئېلىپ: «چىن دۆلىتى ئاۋام-رەئىيەتنىڭ قەدرىنى قىلغاچقاچاڭپىڭ ئۇرۇشىدا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قۇدرەتلىك جاۋ دۆلىتىنى يەڭدى! چىن دۆلىتىئاۋام-رەئىيەتنى قەدىرلىگەچكە ئىقلىمنى بىر قىلماقنى ئىستىمەكتە! ھىدايەت يولىتۇتۇپ ئاۋامنى بېيىتقاندا ئاۋام دۆلەت ئۈچۈن جان تەسەددۇق ئەيلەيدۇ، پادشاھ بولغانئادەم لەشكەر ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە يېڭىلىشمەسلىكى لازىم!» دەپ يازدى.
ـــــ تادانلىق بابىدا كامالەتكە يەتكەنھەمدەمبەگ پەقىرغە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ دىلىمنى يورۇتتىلا! ـــــ يىڭ جېڭئۆز-ئۆزىگە توختىماي سۆزلەپ ئارقا-ئارقىدىن شىرەگە مۇشتلاپ ھەمدەمبەگنى ماختاپكەتتى.
ـــــ ئالىيلىرى، ئالىيلىرى، ھەمدەمبەگچىندىن قېچىپ كېتىپتۇ، دورغاب قوغلاپ يەتكىلى كەتتى! ـــــ جاۋ گاۋ خۇددى شامالدەكتېز شىپىرلاپ مەخپىي خانىغا كىرىپ كەلدى.
ـــــ ! ـــــ يىڭ جېڭ شاققىدە تۇرۇپ، گېلىغاغىققىدە بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك نېمە دېيىشىنى بىلمەي داڭ قېتىپ قالدى.
ـــــ ئالىيلىرى، ھەمدەمبەگ قېچىپ كېتىپتۇ!
ـــــ تېز! ئۇچقۇر شاھ ھارۋىسى تەييارلاپقوغلايلى! ـــــ ئېسىنى تېپىپ ئۆزىگە كەلگەن يىڭ جېڭ مەخپىي خانىدا گۈركىرىدى.
ـــــ پەرمانبەردارمەن! ـــــ جاۋ گاۋنىڭئۈنى ئۆچمەي تۇرۇپلا سايىسى مەخپىي خانىدىن غايىب بولدى.
ھەمدەمبەگنىڭ تادانلىقتا ھەممىنى بېسىپچۈشىدىغان تەدبىرلىك سىپاھگەر تۇرۇغلۇق پالاكەتكە يولىقىدىغانلىقىنى لى سىخىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
كونا يىلنىڭ ئاخىرقى بۇ كېچىسى لى سىئوردۇبالىقتىن چىقىپ قەسىرىگە كېلىپلا ئۇدۇل يان سەيناغا كىرىپ ھەمدەمبەگ بىلەنمەيخورلۇق قىلىشتى. ئىككىيلەننىڭ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن دېيىشمىگىنى قالمىدى، شۇنداقخۇش سۆھبەت قىلىشتىكى، ئىككى خۇمرا لەنلىڭ ھارىقىنىڭ تۈگىگىنىنى سەزمەيلا قېلىشتى.ھەمدەمبەگ ھاياجاندىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۆزىنىڭ چىن ئېلىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنىسۆزلەۋېتىپ، ھېلىدىن-ھېلىغا خۇرسىنىپ «شۇغىنىسى پەقىر لياۋ زى چىنغا خىزمەتقىلالمىدىم، ئېسىت-ئېسىت!» دېگىنىدە، لى سى ھەمدەمبەگنى چىنغا تېخىمۇ كاتتاخىزمەتلەرنى كۆرسەتسەم بولاتتى، دەيدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ زىغىرلاپ يۈرمەي،ھەمدەمبەگ ئىقلىمنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەۋېتىپ مەس بولۇپ قالدى، دەپ قالغان ئىدى. ئۆزىئويغانغان چاغدا، كاراۋات قىرىدا ئۆزىنىڭ ئويغىنىشىنى ساقلاپ ئولتۇرغان خوتۇنىئۇنىڭ بىر كېچە-كۈندۈز ئۇخلىغانلىقىنى ئېيتتى. لى سى يۇيۇنۇپ ئۈستىۋاشلىرىنىيەڭگۈشلىگەن چاغدا، جاھان تۈن قوينىغا شۇڭغۇۋاتاتتى، لى سى دەرھال  يان سايناغا ھەمدەمبەگنى  مەيدىنيېشىلگەندە قانداقراق تۇردىكىن، دەپ يوقلاپ كەلدى. ھەمدەمبەگ كۆرۈنمەيتتى،خىزمەتكاردىن سورىۋىدى، بىرەر ئاش پىشىمى ئىلگىرى ئىككى بۇرادىرىنىڭ مۇھاجىرلاربازىرىغا گۈلخان كۆرگىلى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كەتكەنلىكىنى، بەلكىم بۈگۈن كېچەقايتىپ كەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. شۇ چاغدا لى سىنىڭ يۈرىكى قارتتىدەئاغقاندەك بولدى، ھەمدەمبەگ چىنغا خۇپىيانە كەلگەن تۇرسا، نەدىن كەلگەنبۇرادىرىكىنە؟ لى سى ئالدىراپ-سالدىراپ يان قەسىر كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ سەپ سېلىپقاراۋېتىپ، شىرەدە بىر پارچە بامبۇك تارشا تۇرغانلىقىنى كۆردى، ئېلىپ قارىۋىدى،بامبۇك تارشىدىكى «بارماي بولمىدى» دېگەن خەتنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.
كىرپىك قاققىچىلىك ئۆتكەن شۇ دەقىقىدە لى سىشۈركىنىپ كەتتى!
دەقىقە ئىككىلىنىپ تۇرماستىن غوجىدارنىدەرھال ھەمدەمبەگ مېڭ ۋۇغا خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۆزى ئۇچقۇر ئارغىماق بىلەنئاستانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدىن كۈرمىڭ يامان ئويلار كەچتى، ھەمدەمبەگچوقۇم چوڭ پالاكەتكە يولۇققان گەپ. ۋەلىئەھد چېغىدا چىن دۆلىتىدە بىرنەچچە يىلتۇرغاقلىقتا تۇرۇپ قالغان ۋېي دۆلىتىنىڭ پادشاھى ۋېي زېڭ تولىمۇ ھىيلىگەر ئادەم.ئۇنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ۋېي دۆلىتىنىڭ شيەنياڭدىكى «خۇپىيەلىرى» بىراقلاكۆپىيىپ كەتتى، كۈن  چىقىش  ئەللىرىنىڭ نۇرغۇن سودىگەرلىرى «ۋېي دۆلىتىنىڭ سودىگەرلىرى» تەرىپىدىن مەجبۇرىي ھالدابۇ خۇپىيەلەر تورىغا سۆرەپ كىرىلدى. ھەمدەمبەگنى ئېلىپ كەتكەن بۇ ئاتالمىش بۇرادەرچوقۇم ۋېي دۆلىتىنىڭ خۇپىيەلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەلگەن گەپ. لى سى شۇلارنىئويلاۋېتىپ بىردىنلا داۋاملىق ئويلاۋېرىشكە رەۋىتى قالمىدى، ئۇ كۆڭلىدە«ھەمدەمبەگنى چوقۇم خەنگۇ قورۇلىدا تۇتۇپ قېلىش كېرەك» دېگەنلەرنى ئويلىدى. خەنگۇقورۇلىدىن چىقىپ كەتمىسىلا، ۋېي دۆلىتىنىڭ خۇپىيەلىرى ھەمدەمبەگنىڭ ئەتراپىغاقانچىلىك كۆپ يوشۇرۇنغان بىلەنمۇ ھەمدەمبەگكە ئاشكارا چېقىلىشقا پېتىنالمايتتى. لىسى قوغلاپ يېتەلىسىلا، ھەمدەمبەگ مېڭ ۋۇ كەلگىچە لياۋ زىنى تۇتۇپ تۇرالايتتى؛ناۋادا، ئەھۋالات بۇنىڭغا يار بەرمىسە، خەنگۇ قورۇلىنىڭ قوۋۇق قاپقىقىغا بارغانداقورۇل لەشكەرلىرى توسۇپ قالالايتتى. لى سىنىڭ رىجەلىرى توغرا ئىدى، شۇغىنىسىقالدۇق قار تېخى توختىمىغاچقا، يول يۈرمەك قىيىنغا چۈشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پادشاھلىقيولىدا گۈلخان يېقىپ بۇلتۇر قوغلاۋاتقانلار سانجاق-سانجاق بولۇشۇپ قىيقاس-سۈرەنقىلىشىپ تۇرۇۋالغاچقا، ئاتلىق يۈرۈش قىيىن بولغاننىڭ ئۈستىگە ئادەم دېڭىزىدىكىھەمدەمبەگنى تونۇپ-تاپماقمۇ مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى. ھېلى ئاستا، ھېلى تېز يۈرۈپدېگۈدەك شيەنياڭدىن چىققىلى بىرەر ئاش پىشىمى بولاي دېگەندە، ئاستانە ئەتراپىدىكىئوتتۇز چاقىرىملىق كەنتكە كەلمەي تۇرۇپلا لى سى تىت-تىت بولغىلى تۇردى.
ـــــ دورغاب، ھارۋىغا چىقىۋالسىلا!
ئارقا تەرەپتىن ئاران ئاڭلانغان ئاۋازدىن لىسى كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئادەملەر توپى ئىچىدە گاھ-گاھ كۆرۈنۈپ كېلىۋاتقان تۆتئاتلىق ئۇچقۇر شاھ ھارۋىسىنىڭ پادشاھلىق يولىدىن يول قاسنىقىدىكى ئېتىزلىققا چۈشۈپ،خۇددى قۇيۇندەك كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. توغرا، بۇ جاۋ گاۋنىڭ ئاۋازى،ئالىيلىرىنىڭ تۆت ئاتلىق ھارۋىسى. لى سى ئويلىنىپ تۇرمايلا ئېتىنى بۇراپ يولدىنئېتىزلىققا چۈشتى. چىن دۆلىتىنىڭ كەڭرى-ئازادە پادشاھلىق  يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا يولغا يىغىلىپقالىدىغان سۇنى ئاققۇزىدىغان ئېرىق بويىدا بىر رەت تېرەك بار ئىدى. لى سى شۇيەردىن ئاتنى قاتتىق دىۋىتىپ ئېتىزلىققا چىقىۋاتقاندا، ئات بىر سەكرىۋىدى، لى سىموللاقچىلاپ ئۇچۇپ بېرىپ قار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئېتىزلىققا چۈشۈپ ھوشىدىن كەتتى.دەل شۇ چاغدا تۆت ئاتلىق شاھ ھارۋىسى ئاستىلاپ كەلدى، ھارۋىدىن قارا يېپىنچائارتىۋالغان بىر ئادەم چۈشۈپ، لى سىنى يۆلەپ ھارۋىغا چىقاردى.
ـــــ شياۋ گاۋزى، تېز، ئۇدۇل خەنگۇقورۇلىغا!
لى سى كۆزىنى ئاستا ئېچىپ ھوشىغا كەلدى،ئۇنىڭ ئاڭلاۋاتقىنى يىڭ جېڭنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئۇ ھوشىغا كەلگەن ھامان ئۆرە بولۇپئولتۇردى.
ـــــ دورغاب، چىڭ  ئولتۇرسىلا! ـــــ يىڭ جېڭ ھوشىغا كەلگەن
لى سىنى يۆلەپ ئولتۇرغۇزدى. لى سى قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئالىيلىرىغا تىكىلدىۋە:
ـــــ مېڭ ۋۇغا خەۋەر بېرىۋەتتىم،ئالىيلىرىنىڭ بېرىشى بىھاجەت، ۋېي دۆلىتىنىڭ خۇپىيەلىرى قۇتراپ يۈرۈپتۇ! ـــــدېدى.
ـــــ ئۇلارنىڭ خۇپىيەلىرى كۆپ بولسا، بىزنىڭچىنلىقلىرىمىز تېخىمۇ كۆپ، ئۇنىڭدىن قورقۇپ قالاتتىممۇ! ـــــ يىڭ جېڭ قىلىچىبىلەن پادشاھلىق يولىدا ئوت-گۈلخانلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈشكەن چىنلىقلارنى ئىماقىلدى، گەپ ئارىلىقىدا جاۋ گاۋ ھارۋا شوتىسىدا تۇرۇۋېلىپ، قامچىسىنى بىرقارسىلدىتىۋىدى، جاھاندا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان تۆت ئاق ئارغىماق خۇددى يادىنئۈزۈلگەن ئوقتەك ئۇچتى، كەڭرى-ئازادە مىس ھارۋا شۇنچىلىك تېز يۈردىكى، توپ-توپگۈلخانلار، مىغ-مىغ ئادەملەر، چەكسىز قارلىق دالىلار ئارقىدا قالدى.
ـــــ خۇپىيەلەر بەك قۇۋ كېلىدۇ، باشقايوللار بىلەن كەتمەس-ھە؟ ـــــ دېدى لى سى بىردىنلا ئەنسىرەپ.
ـــــ مېڭ ۋۇ ئۇچقۇر چەۋەندازلىرى بىلەنتۇڭشەندىكى تاغ يوللىرى ۋە خېشى يولىغا ئاتلاندى، بىز ئۇدۇل خەنگۇ قورۇلىغابارايلى!
باش توخۇ چىللىقىدا قورۇل قاپقىقى ئېچىلىشتىنبۇرۇن لاي-پاتقاققا مىلەنگەن ئۇچقۇر ئارغىماقلىق شاھ ھارۋىسى خەنگۇ قورۇلىغا يېتىپكەلدى. شاھ ھارۋىسى ئاستا كېلىپ يول چېتىدە توختىغاندا، يىڭ جېڭ جاۋ گاۋنى قورۇلھېماتچىلىرى سانغۇنىغا خەۋەر قىلىشنى بۇيرۇدى. سانغۇن ئالدىراش يېتىپ كەلگەندە،يىڭ جېڭ سانغۇننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىۋىدى، سانغۇن يەنە ئالدىراپلا كېتىپ قالدى.ھايالشىمايلا خوراز ئۇزاقتىن-ئۇزاق سوزۇپ چىللاشقا باشلىۋىدى، قورۇل ئىچىدىكىقوناقسارايلاردىن يولۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن چىقىشتى، كۈن پېتىش تەرەپتىنمۇ ھېلىدىنھېلىغا ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىشىۋاتقان ئات-ھارۋىلىقلار ئارقا-ئارقىدىن كېلىپ قورۇلقاپقىقى ئالدىغا توپلىنىپ، قورۇل قاپقىسىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى.
ـــــ قارىسىلا دورغاب، ئاۋۇ بىر توپئادەملەرنىڭ تەقى-تۇرقى سەل غەلىتە تۇرىدۇ! ـــــ ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن ھېچنەرسەقېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جاۋ گاۋ لى سىنىڭ يېنىغا كېلىپ پىچىرلىدى. لى سى جاۋ گاۋئىما قىلغان تەرەپكە قارىدى، كۈن پېتىشتىن كېلىۋاتقان ئات-ھارۋىلىقلار ئىچىدە سودىگەرسىياقىدىكى بىر توپ چەۋەنداز كېلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەم بېشىنىئورىۋالغان بولۇپ، چىرايىنى پەرق ئەتكىلى بولمىدى. ھۇشقۇيتىۋاتقان قەھرىتانبورىنىدا بېشىنى ئورىۋالغان يولۇچىلار خېلى كۆپ بولغاچقا، بۇنىڭ ھەيرانقالغۇچىلىكىمۇ يوق ئىدى. لى سى سىنچىلاپ كۆزەتتى، بۇ بىر توپ چەۋەنداز بېشىنىئورىۋالغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇراتتى، ئۇلار ئوغرىنىڭكىدەك كۆزلىرىبىلەن ئەتراپنى كۆزەتكىلى تۇردى، بۇنىسى لى سىغا ھەقىقەتەن غەلىتە تۇيۇلدى. دەل شۇئەسنادا، خەنگۇ قورۇلىدا ئەتىگەنلىك بۇرغا چېلىنىپ تۇرۇشىغا، قوۋۇقبېگى:
ـــــ قورۇل قوۋۇقىنىڭ ئىككى يولىياسىلىۋاتقاچقا، بۈگۈن بىرلا يول ئېچىلىدۇ، يولۇچىلار رەتكە تۇرۇپ تەرتىپ بويىچەقورۇلدىن چىقىڭلار، قىستاشماڭلار! ـــــ دەپ ۋارقىراپ جار سالدى. ئۇنىڭ ئاۋازىبېسىقىپ تۇرۇشىغا، خەنگۇ قورۇلى سانغۇنىغا ئەگەشكەن ئىككى رەت ئۇزۇن نەيزىلىكشىرمەتلەر قوۋۇق سېپىلىدىن گىدىيىپ چىقىپ كەلدى، بۇ ئىككى رەت شىرمەتلەر يۇقىرىتەرەپتىكى قوۋۇق يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تىزىلىپ تۇرۇشۇپ، ھارۋا پاتقىدەك تار بىريول ھاسىل قىلدى. قورۇلدىن چىقىدىغان ئاتلىقلار ياكى پىيادىلەر شىرمەتلەرنىڭئوتتۇرىسىدىن ھاسىل بولغان يولدىن ئىككى-ئۈچتىن  ئۆتۈشەلەيتتى، ھارۋىلىقلار بىر-بىردىنئۆتەلەيتتى. ئۇچقۇر ئارغىماقلىق شاھ ھارۋىسى دەل ئىككى رەت شىرمەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈدىغان يولنىڭ ئارقاتەرىپىدىكى دۆڭگە توختىتىپ قويۇلدى، بۇ ھارۋىدىكىلەر پەستىكىلەرنى ناھايىتى ئېنىقكۆرەلەيتتى. تامام لاي-پاتقاققا مىلىنىپ قارىغۇسىز بولۇپ  كەتكەن، شۇ تاپتا ئۇستاملار ئۇ يەر-بۇيەرلىرىنى ئوڭشاۋاتقان شاھ ھارۋىسىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئادەم بۇنى چىن دۆلىتىپادشاھىنىڭ ھارۋىسى، دەپ بىلمەيتتى.
ـــــ لياۋ بۇرادەر! سىلى پەقىر مەست بولۇپ قالغان پۇرسەتتىنپايدىلىنىپ كېتىپ قاپتىلا، تازىمۇ بىر شەپقەتسىز ئادەمكەنلا جۇمۇ!
لى سى ئۇشتۇمتۇت لاي-پاتقاققا  مىلىنىپ كەتكەن ھارۋىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، شىرمەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولدىن بۆسۈپئۆتكىنىچە بېشىنى ئورىۋالغان ھېلىقى گەۋدە مىنىۋالغان ئاتنىڭ چۇلۋۇرىغا ئېسىلىپۋارقىرىدى. لى سى ئېسىلغان ئاتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى چەۋەندازلارنىڭ ئۆتكۈر نەزەرىلى سىغا مىقتەك قادالدى. بېشىنى ئورىۋالغان ھېلىقى گەۋدە ئەندىكىپ تۇرۇپ قالدى-يۇ:
ـــــ سىلى كىم بولىدىلا؟ ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ يولدىن قويمىسىلىچۇ!ـــــ دېدى قوپاللا.
ـــــ لياۋ بۇرادەرنىڭ تەقى-تۇرقى، ئاۋازىدىن پەقىر لى سى  قانداقمۇ خاتا تونۇپ قالاي؟ كەتسىلىمۇ مەيلى،ئەمما ئاۋۇ مەيخانىدا پەقىر بىلەن ئاخىرقى قېتىم خۇماردىن چىققىچە بىر ئىچىشىۋېلىپئاندىن ماڭسىلىمۇ مەيلى! ـــــ لى سى قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئالدى-كەينىدىكىچەۋەندازلار «لى سى» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ سەل چۆچۈپ كەتتى. كىرپىك قاققىچە بولغانئارىلىقتا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغان بىر چەۋەنداز بېشىنى ئورىۋالغان گەۋدە ئېغىزئاچقىچە ھاپىلا-شاپىلا ئېغىز ئېچىپ:
ـــــ سەپەرداشلار تاشلاپ كەتمەيمىز، بىز ئاۋۇ يول بويىدا  ئۇستازنى ساقلاپ تۇرايلى! ـــــ دېدى.چەۋەندازنىڭ سۆزى  تۈگىمەي تۇرۇپلا باشقائون نەچچە چەۋەنداز ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتىپ ئۆتۈشكە تەييارلىنىپ تۇرۇشقانيولدىن قايتىپ چىقىشتى.
ـــــ سەپەرداشلىرى ساقلايمىز، دېگەندىكىن لياۋ بۇرادەر يەنە نېمىدىنئەنسىرەيدىلا، يۈرسىلە! ـــــ لى سى قاھقاھلاپ كۈلگىنىچە بېشىنى ئورىۋالغان كىشىنىيېتىلەپ يول ياقىسىدىكى بىر مەيخانىغا كىردى.
ـــــ ئۇستازنى چۆچۈتۈپ قويدۇق، پەقىر يىڭ جېڭ كېچىكىپ قالدىم!
مەيخانە ئىشىكىدىن كىرىشىگىلا، قارا يېپىنچىسى لاي-پاتقاققا مىلىنىپكەتكەن يىڭ جېڭ كېلىپ بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تازىم قىلدى. بېشىنى ئورىۋالغان كىشىئوپۇل-توپۇل يۈزىنى ئېچىپ:
ـــــ پەقىر لياۋ زى چىنغا خىزمەت قىلغۇم يوق ئەمەس، بەلكى ساداقىتىمبولسىمۇ كۆرسىتەلمىدىم! ئالىيلىرى قانداق جازا بەرسىلىرىمۇ پەقىر جازا قوبۇلقىلىشقا تەييارمەن! ـــــ دەپ خۇرسىندى.
ـــــ ئۇستاز ئىقلىمدىكى كاتتا دانىشمەندىن بولىدىلا، ئۇشتۇمتۇتكەتمەك بولغانلىقلىرىنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بار. باھادىرلارنىڭمۇ باشقىلاردىنپىنھان تۇتىدىغان سىرلىرى بولىدۇ. ئۇستازدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ۋەج-سەۋەبلىرىنىئېنىق  سۆزلەپ بەرگەيلا، ناۋادا پەقىر يىڭجېڭ ھەل قىلالمىسام، ئۇستازنى كۈن چىقىشقا لايىقىدا ئۇزىتىپ يولغا سالىمەن! ـــــدېدى يىڭ جېڭ.
ـــــ ۋېي  پادشاھى  تولا شەپقەتسىز بىر خۇنخور، ناۋادا  پەقىر
قايتمىسام،جەددى-جەمەتىمنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ، ـــــ دېدى ھەمدەمبەگ لياۋ زى.
ـــــ ۋېي زېڭ دېگەن بۇ ئادەم ئۇچىغا چىققان چۈپرەندە بىر نېمە! ـــــلى سىنىڭ چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى.
ـــــ خۇپىيە-چەۋەندازلار ئۇستازغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزدىمۇ نېمە؟ـــــ يىڭ جېڭغا ھەمدەمبەگنىڭ چىرايى سەل باشقىچە تۇيۇلۇپ، كۆزلىرى چەكچىيىپكەتتى.
ـــــ سەپەر ئۈستىدە بىر ۋاقلا غىزالاندۇق، شۇنىڭدىن كېيىن مېڭەمچېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، باشلىرىم قېيىپ ئۇخلاپ قالغىلى ئارانلاتۇرۇۋاتىمەن ... ـــــ دېدى ھەمدەمبەگ بىردەم تۇرۇۋېلىپ غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازدا.
ـــــ ئالىيلىرى، چوقۇم خۇپىيەلەر زەھەر بېرىپتۇ! ـــــ لى سىغەزەبتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا قالدى.
بىردىنلا يىڭ جېڭنىڭ چىرايى تۆمۈردەك قارىداپ غەزەبتىن تىترەپ كەتتىۋە:
ـــــ مۇدھىش ئوغرى خۇپىيەلەرنىڭ بىرىنى قويماي كاللىسىنى ئېلىڭلار!ـــــ دەپ بۇيرۇق قىلدى.
ـــــ پەرمانبەردارمەن! ـــــ ئىشىك ئالدىدا  ساقلاۋاتقان جاۋ گاۋئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى. ھايال ئۆتمەي مەيخانە سىرتىدىن ئارقا-ئارقىدىنقۇلاقنى يارغىدەك قاتتىق چېلىنغان بۇرغا ئاۋازى كەلدى، ئۇزۇن نەيزىلىكشىرمەتلەرنىڭ غەزەبتىن ۋارقىرىغان ئاۋازى خېلىغىچە ئۆچمىدى.  ئارقىدىنلا خەنگۇ قورۇلىنىڭ سانغۇنى چوڭ-چوڭقەدەملىرى بىلەن كىرىپ:
ـــــ ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغايكى، ئون ئالتە خۇپىيەنىڭ كاللىسىنىئېلىپ، پېشايۋانغا ئېسىپ قويدۇق! ـــــ دەپ مەلۇمات بەردى. دەل شۇ ئەسنادا، لىسىنىڭ چۆچۈگەن ئاۋازى بىلەن تەڭلا ھەمدەمبەگنىڭ پۇت-قوللىرى بوشىشىپ يەرگەيىقىلدى. يىڭ جېڭ ئارتۇق گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي، ھەمدەمبەگنى كۆتۈرۈپ مەيخانىدىنچىقتى.
گىرىمسەن تاڭ بىلەن تەڭ ئۇچقۇر ئارغىماقلىق شاھ ھارۋىسى ھايت-ھۇيتدېگۈچە خۇددى قۇيۇندەك ئېتىلىپ قوزغىلىپ، ئاستانە شيەنياڭغا قاراپ چېپىپ،بىردەمدىلا كۆزدىن غايىب بولدى.
驱年社火中尉缭突然逃秦
。岁末之夜,大咸阳变成了一片灯火之

这是天下共有的大节,年。在古老的传说里,年是一种凶猛的食人兽,每逢岁末而出,民众必举火鸣金大肆驱赶。岁岁如此,久远成俗。夏商两代,天下只知有岁有祀,不知有年。及至周时,驱年成为习俗,天下方有岁末“年”节之说。其意蕴渐渐变为驱走年兽之后的庆贺,是谓过年。及至春秋战国,驱年已经成为天下度岁的大节,喜庆之气日渐浓厚,恐惧阴影日渐淡化。人们只有从“过年”一说的本意,依稀可见岁末驱害之本来印迹。唯其如此,战国岁末的社火过年通行天下。社火者,村社举火也。驱年起于乡野,是有此说。以至战国,社火遂成乡野城堡共有的喜庆形式,但遇盛大喜事,皆可大举社火以庆贺,然终以岁末社火最为盛行。天下过年之社火,犹以秦国最为有名。究其实,大约是秦国有天下独一份的高奴天然猛火油,其火把声势最大之故。驱年社火时日无定,但遇没有战事没有灾劫的太平年或丰收年,连续三五日也是寻常。但无论时日长短,岁末之夜的社火驱年都是铁定不移的,否则不成其为过年。

今岁社火,犹见热闹。郑国渠成,关中连续三季大收。秦王新政,吏治整肃,朝野一片勃勃生机,堪称民富国强之气象。老秦人大觉舒畅,社火便更见气势了。岁末暮色方临,大咸阳的街巷涌流出一队队猎猎风动的火把,铜锣大鼓连天而起,男女老幼举火拥上长街,流出咸阳四门,轰轰然与关中四乡的驱年社火融会在一起,长龙般飘洒舞动在条条官道,呐喊之声如沉沉雷声,火把点点如遍地烁金,壮丽得教人惊叹。

临近王城的正阳坊,却是少见的清静。

李斯本欲携带妻儿去赶咸阳社火。毕竟,今岁是家室入秦的第一个年节,家人还没有见过闻名天下的秦国年社火。正欲出行,却有偏院老仆匆匆赶来,说先生有请大人。李斯恍然,立即吩咐家老带两个精壮仆人领着家人去看社火,自己转身便到了偏院。

尉缭入秦三月,坚持不住驿馆,只要住在李斯府邸。秦国法度:见王名士一律当做客卿待之,若任职未定而暂未分配府邸,入住驿馆享国宾礼遇。顿弱、姚贾,皆如这般安置。尉缭赫赫兵家,虽布衣之士而名动天下,又与李斯早年有交,李斯自感不便以法度为说辞拒之,便禀报了秦王。嬴政听罢豁达地笑了,先生愿居府下,难为也,开先例何妨!如此,尉缭便在李斯府邸的东偏院住了下来。虽居一府,李斯归家常常在三更之后,两人聚谈之机却是不多。

“缭兄,李斯照应不周,多有惭愧。”

“斯兄舍举家之乐来陪老夫,安得不周哉?”尉缭一阵笑声。

“好!岁末不当值,今日与缭兄痛饮!”

“非也!今日老夫一件事两句话,不误斯兄照应家人。”

不管李斯如何瞪眼,尉缭径自捧起案上一方铜匣道:“此乃老夫编定的祖传兵书,呈献秦王。”李斯惊讶道:“呈献祖传兵书乃至大之举,李斯何能代之?”尉缭朗然一笑道:“秦王观后,老夫再与之论兵可也,斯兄倒是拘泥。”李斯恍然道:“如此说倒是缭兄洒脱。也好,我立即进宫呈进,转回来与缭兄做岁末痛饮。”

李斯匆匆走进王城,那一片难得的明亮静谧实在教他惊讶。

秦法有定:臣民不得贺君,官吏不得私相庆贺。无论是年节还是寿诞,臣民自家欢乐可也,若是厚礼贺君或官吏奔走庆贺上司,是为触法。秦惠王秦昭王都曾惩治过贺寿臣民,而被山东六国视为刻薄寡恩。可秦国的这一法度始终不变,朝野一片清明。大师荀子入秦,将其见闻写进《荀子·强国篇》曰:“观秦风俗,其百姓朴,其声乐不流污,其服不佻,古之民也。官府百吏肃然,莫不恭俭敦敬忠信而不楛,古之吏也。入其国,观其士大夫出于其门,入于公门,出于公门,归于其家,无有私事也。不比周,不朋党,倜然莫不明通而公,古之士大夫也。观其朝廷,其朝闲,听决百事不留,恬然如无治者,古之朝也。故四世有胜,非幸也,数也!”如此纯厚气象,实在是当时天下之绝无仅有。此等清明传统之下,每遇年节或君王寿诞,咸阳王城自然是一片宁静肃然,与寻常时日唯一的不同,便是处处***通宵达旦。当然,之所以宁静还有另一缘由:王城之内凡能走动而又不当值的王族成员与内侍侍女,都去赶社火了。秦法虽严,王城一年也有两次自由期:一是春日踏青,一是年节社火。

秦王嬴政,从来没有在岁末之夜出过王城。

这便是嬴政,万物纷纭而我独能静。岁末之夜,独立廊下,听着人潮之声,看着弥漫夜空的***,嬴政的心绪分外舒坦。身为一国之君,能有何等物事比远观臣民国人的喜庆欢闹更惬意?正在年青的秦王沉醉在安宁美好的心绪中时,李斯匆匆来了。嬴政有些惊讶:“咸阳驱年社火天下第一,长史不带家人观瞻,如何当值来也?”李斯摇头道:“老妻儿子自家去便了,臣有一宝进王。”嬴政不禁大笑:“年关进宝,长史有祥瑞物事?”李斯颇显神秘地一笑:“臣所进者,非阴阳家祥瑞之宝,乃国宝一宗。”说罢从大袖中捧出一方铜匣,“此乃尉缭兵书,托臣代进。”嬴政双手接过,惊喜的目光中有几分疑惑:“尉缭可随时入宫,何须如此代进?”李斯道:“尉缭说,待王观后再进见论兵。或是名士秉性也,臣亦不甚了了。”嬴政笑道:“尉缭入秦,天下瞩目,魏国不会轻易罢休。长史多多上心,不能教尉缭又做一回郑国。”李斯一拱手道:“君上明断!魏国老病甚深,臣不敢大意。”

李斯一走,嬴政立即急不可待地打开了《尉缭子》。

方翻阅片刻,嬴政便起身离开了书房。及至赵高一头汗水地回到王城当值,嬴政已经不在大书房了。赵高机敏异常,也不问当值侍女,立即找到了东偏殿后的密室,秦王果然在案前心无旁骛地展卷揣摩。赵高一声不响,立即开始给燎炉添加木炭,并同时开始煮茶。片刻之后,两只大燎炉的木炭火红亮红亮,酽茶清香也弥漫开来,春寒愈显阴冷的密室顿时暖和清新起来。一切就绪,赵高悄没声地到庖厨去了。又是片刻之后,赵高又悄没声回来。燎炉上有了一副铁架,铁架上煨着一只陶罐,铁架旁烤着两张厚厚的锅盔。赵高估量得分毫不差,秦王一直没出密室,昼夜埋首书案一口气读完了《尉缭子》。直到合卷,嬴政才狼吞虎咽地咥下了一罐肥羊炖与两张烤得焦黄的锅盔。

“天下第一兵书!唯肥羊锅盔可配也!”

听着秦王酣畅的笑声,赵高也嘿嘿嘿不亦乐乎。

“笑甚!”嬴政故意沉下脸,“立即知会长史,今夜拜会尉缭。”

嗨的一声,赵高不见了人影。

一部《尉缭子》,在年青的秦王心头燃起了一支光焰熊熊的火把。

自少时开始,嬴政酷好读书习武两件事。论读书,自立为太子,嬴政便是王城典籍库的常客。及至即位秦王虚位九年,嬴政更是广涉天下诸子百家,即或是那些正在流传而尚未定型的刻本,嬴政也如饥似渴地求索到手立马读完。对于天下兵书,嬴政有着寻常士子不能比拟的兴味。春秋战国以来的《孙子》、《吴子》、《孙膑兵法》,更是他最经常翻阅的典籍。昔年,上将军蒙骜多与年青的嬴政谈论天下兵书。蒙骜尝云:“孙吴三家,世之经典也,王当多加揣摩。”嬴政却感喟一句:“三家精则精矣,将之兵书也!”蒙骜讶然:“兵书自来为将帅撰写,秦王此说,人不能解矣!”嬴政大笑云:“天下大兵,出令在王。天下兵书,宁无为王者撰写乎!”蒙骜默然良久,拍了拍雪白的头颅:“论兵及王,兵家所难也。王求之太过,恐终生不复见矣!”嬴政又是一阵大笑:“果真如此,天下兵家何足论耳!”

这部《尉缭子》令嬴政激奋不能自已者,恰在于它是一部王者兵书。

自来兵书,凡涉用兵大道,不可能不涉及君王。如《孙子·始计篇》、《吴子·图国篇》等,然毕竟寥寥数语,不可能对国家用兵法则有深彻论述。《尉缭子》显然不同,全书二十四篇,第一卷前四篇专门论述国家兵道,实际便是君王用兵的根基谋划;其后二十篇具体兵道,也时时可见涉及庙堂运筹之总体论断,堪称史无前例的一部王者兵书。嬴政读书历来认真,边读边录,一遍读过,几张羊皮纸已经写满。《尉缭子》的精辟处已经被他悉数摘出归纳,统以“王谋兵事”四字,所列都是《尉缭子》出新之处:

王谋兵事第一:战事胜负在人事,不在天官阴阳之学。

这是《尉缭子》不同于所有兵书的根本点——王者治军,必以人事为根基,不能以占卜星相等神秘邪说选将治兵或预测胜负。其所列举的事例,是第一代尉缭与魏惠王的答问。嬴政在旁批曰:“笃信鬼神,谋兵大忌也。君王以鬼神事决将运兵而能胜者,未尝闻也!恒当戒之。”嬴政认定,这一点对于君王比对于将领更为重要。将领身处战场,纵然相信某些望气相地等等征候神秘之学,毕竟只关乎一战成败。君王若笃信天象鬼神之说,则关乎根本目标。譬如武王伐纣,天作惊雷闪电,太卜占为不吉,臣下纷纷主张休兵;其时太公姜尚冲进太庙踩碎龟甲,并慷慨大呼:“吊民伐罪,天下大道,何求于朽骨!”武王立即醒悟,决然当即发兵。若非如此,大约“汤武革命”便要少去一个武王了。唯其如此,君王一旦笃信神秘之学,一切务实之道都将无法实施。所以,立足人事乃君王务兵之根基。

王谋兵事第二:兵胜于朝廷。

《尉缭子》反复陈述的邦国兵道是:治军以富国为先,国不富而军不威。“富治者,民不发轫,甲不出暴,而威制天下。故曰,兵胜于朝廷。不暴甲而胜者,主胜也;阵而胜者,将胜也。”显然,这绝不是战阵将军视野之内的兵事,而是邦国成军的根本国策,是以君王为轴心的庙堂之算。也就是说,朝廷谋兵的最高运筹是:国富民强,不战而威慑天下,不得已而求战阵。故此,一国能常胜,首先是朝廷总体谋划之胜。

王谋兵事第三:不赖外援,自强而战。

春秋战国多相互攻伐,列国遇危求援而最终往往受制于人,遂成司空见惯之恶习。《尉缭子》以为,这种依赖援兵的恶癖导致了诸多邦国不思自强的痼疾。是以,尉缭提出了一个寻常兵家根本不会涉及的论断:量国之力而战,不求外援,更不受制于人。嬴政特意抄录了《尉缭子》这段话:“今国之患者,以重金出聘,以爱子出质,以地界出割,而求天下助兵。名为十万,实则数万。且其君无不嘱其将:‘援兵不齐,毋做头阵先战。’其实,终究不力战……天下诸国助我战,何能昭吾士气哉!”而求援与否、援兵出动之条件及对援兵的依赖程度,也是庙堂君王之决策,并非战场将领之谋划。嬴政在旁批下了大大十六个字:“量力而战,是谓自强,国不自强,天亦无算!”

王谋兵事第四:农战法治为治兵之本。

嬴政读《尉缭子·制谈第三》,连连拍案赞叹:“此说直是商君治兵也!大哉大哉!”嬴政所赞叹的,是尉缭子明确拥戴商鞅的农战法治论。嬴政自己是《商君书》与商君秦法的忠实追随者,对尉缭的论说自然大大生出共鸣。《尉缭子》云:“吾用天下之用为用,吾制天下之制为制。修我号令,明我刑赏,使天下非农无所得食,非战无所得爵,使民扬臂争出农战,而天下无敌矣!”尉缭之论,明确两点:一是依法治军,是为形式;一是重农重战,是为治军基础。天下自有甲兵,便有军法,任何国家任何大军皆然。但是,自觉地将军法与邦国变法融为一体推行者,寥寥矣!至少在战国兵家著述中,尉缭子史无前例。嬴政感喟不已,在旁批下两行大字:“如此国策,将军不能也,唯庙堂朝廷能行也,宁非君道哉!”

王谋兵事第五:民为兵事之本,战威之源。

自有兵家,鲜有将民众纳入战事谋划视野者。这一点,也是尉缭子开了天下先河。“审法制,明赏罚,便器用,使民有必战之心,此威胜也……夫将之所以战者,民也。民之所以战者,气也。气实则斗,气夺则走。”基于将民众看作战胜之本,尉缭子提出“励士厚民”为国家治军之本,并据以划分出国家强盛的四种状态:“王国富民,霸国富士,仅存之国富大夫,亡国富仓府。”嬴政读之奋然,大笔批曰:“秦不赖民,安得长平之战摧强赵乎!秦不赖民,安得一天下乎!王国富民,而民能为国战,君王谋兵之大道也!”

“醍醐灌顶,尉缭子也!”嬴政一次又一次拍案赞叹着。

“君上君上,尉缭子逃秦,长史去追了!”赵高风一般飞进密室。

“!”嬴政霍然起身,愣怔着说不出话来。

“君上,尉缭逃!”

“快!驷马王车,追!”蓦然醒悟,嬴政一声大吼。

“嗨!”赵高脆亮一应,身影已经飞出。

李斯实在没有料到,兵家妙算的尉缭竟能出事。

岁末之夜,李斯出王城回到府邸,立即到偏院与尉缭聚饮过年。两人海阔天空,两坛兰陵老酒几乎见底。尉缭说了许许多多在秦国的见闻感慨,反反复复念叨着一句话,尉缭无以报秦,惜哉惜哉!李斯想去,此等感慨只是尉缭报秦之心的另一种说法而已,浑没在意,只与尉缭海说天下,竟是罕见的自己先醉了。蓦然醒来,守在榻边的妻子说他已经酣睡了一个昼夜了。李斯沐浴更衣用膳之后天已暮色,便来到偏院看望尉缭酒后情形。尉缭不在,询问老仆,回说先生于一个时辰前被两个故人邀到尚商坊赶社火去了,今夜未必回来。李斯当时心下一动,尉缭秘密入秦,何来故人相邀?走进书房,不意却见案头一支竹板有字,拿起一看,只草草四个字——不得不去。

骤然之间,李斯浑身一个激灵!

几乎没有片刻犹豫,李斯立即派出家老知会国尉蒙武,而后跳上一匹快马飞出了咸阳。尉缭肯定是遇到了前所未有的麻烦。魏国目下这个老王叫做魏增,太子时曾经在秦国做过几年人质,秉性阴鸷长于密谋。魏增即位,魏国在咸阳的“间人”数量大增,许多山东商贾都被“魏商”裹挟进了间人密网。所谓故人相邀,定然是魏国间人受命所为。李斯来不及多想,心下只有一个念头:一定要在函谷关之内截住尉缭!只要不出函谷关,不管魏国秘密间人有多少隐藏在尉缭四周,他们都不敢公然大动干戈。只要李斯能追赶得上,拉住尉缭磨叨一时,蒙武人马也许就能赶到;若形势不容如此,便可先行赶到函谷关知会守军拦截。李斯谋划得没错,可没有想到残雪夜路难行,官道又时有社火人流呼喝涌动,非但难以驰马,更难辨识官道上时断时续的火把人群中有没有尉缭。如此时快时慢,出得咸阳半个时辰,还没有跑出三十里郊亭,李斯不禁大急。

“长史下道!上车!”

身后遥遥一声尖亮的呼喊,李斯蓦然回头,隐隐便见一辆驷马高车从官道下的田野里飓风一般卷来。没错,是赵高声音,是驷马王车!没有片刻犹豫,李斯立即圈马下道。秦国官道宽阔,道边有疏通路面积水的护沟,沟两侧各有一排树木。李斯骑术不佳心情又急,刚刚跃马过沟便从马背颠了下来,重重摔在残雪覆盖的麦田里晕了过去。正在此时,驷马王车哗啷啷卷到,稍一减速,一领黑斗篷飞掠下车两手一抄抱着李斯飞身上了王车。

“小高子!快车直向函谷关!”

李斯被掐着人中刚刚开眼,听得是秦王嬴政声音,立即翻身坐起。嬴政摁住李斯高声道:“长史抓住伞盖,坐好!”李斯摇着手高声道:“我已告知蒙武,君上不须亲临,魏国间人多!”嬴政长剑指着官道火把高声道:“他间人多,我老秦人更多,怕他甚来!”说话间驷马王车全力加速,赵高已经站在了车辕全神贯注地舞弄着八条皮索,四匹天下罕见的雪白骏马大展腰身,宽大坚固的青铜王车恍若掠地飞过,一片片火把便悠悠然不断飘过。

“间人狡诈,会不会走另路?”李斯突然高声一句。

“蒙武飞骑已经出动,赶赴潼山小道与河西要道,我直驰函谷关!”

鸡鸣开关之前,驷马王车终于裹着一身泥水飞到了函谷关下。王车堪堪停在道边,嬴政立即吩咐赵高宣守关将军来见。将军匆匆赶到,嬴政一阵低声叮嘱,将军又匆匆去了。过得片刻,雄鸡长鸣,关内客栈便有旅人纷纷出门,西来官道也有时断时续的车马人流相继聚来关下,只等关门大开。

“长史,那群人神色蹊跷!”眼力极好的赵高低声一句。

李斯顺着赵高的手势看去,只见西来车马中有一队商旅模样的骑士走马而来,中间一人皮裘裹身面巾裹头,相貌很难分辨。寒风呼啸,路人裹身裹头者多多,原不足为奇。可这队骑士若即若离地围着那个裹身裹头者,目光不断地扫描着四周,确实颇是蹊跷。正在此时,函谷关城头号声响起,城门尉高喊:“城门两道失修,今日只能开一道门洞,诸位旅人排序出关,切勿拥挤!”喊声落点,瓮城赳赳开出两队长矛甲士,由函谷关将军亲自率领,在最北边门洞内列成了一条甬道。出关车马人流只有从甲士甬道中三两人一排或单车穿过。驷马王车恰恰停在甲士甬道后的土坡上,居高临下看得分外清楚。好在王车已经一身泥水脏污不堪,任谁也想不到这辆正在被工匠叮当敲打修葺的大车是秦王王车。

“缭兄!你趁我醉酒而去,好无情也!”

李斯突然一声大呼,跳下泥车冲过了甲士甬道,拉住了那个裹头裹身者的马缰。前后游离骑士的目光立即一齐盯住了李斯。裹头裹身者片刻愣怔,冷冷一句飞来:“你是何人?休误人路!”李斯一阵大笑:“缭兄音容,李斯岂能错认哉!你要走也可,只须在这酒肆与我最后痛饮一回!”前后骑士一听李斯报名,显然有些惊愕。瞬息犹豫,不待裹头裹身者说话,一骑士便道:“同路不弃,我等在道边等候先生。”一句话落点,前后十余名骑士一齐圈马出了甲士甬道。李斯哈哈大笑:“同路等候,缭兄何惧也,走!”说罢拉起裹头裹身者便进了路边一家酒肆。

“先生受惊,嬴政来迟也!”

一进酒肆,一个一身泥斑的黑斗篷者便是深深一躬。裹头裹身者一阵木然,缓缓扯下面巾一声长叹:“非尉缭无心报秦也,诚不能也!秦王罪我,我无言矣!”嬴政肃然道:“先生天下名士,骤然离去必有隐情。纵然英雄丈夫,亦有不可对人言处。敢请先生明告因由,若嬴政无以解难,自当放先生东去。”尉缭木然道:“魏王阴狠,我若不归,举族人口有覆巢之危。”李斯切齿骂道:“魏增老匹夫!卑鄙小人!”嬴政似觉尉缭神色有异,目光一闪道:“间人武士可曾伤害先生?”尉缭默然片刻,嘶哑着声音道:“只路途一饭,此后我便头疼欲裂,昏昏欲睡……”李斯不禁大惊:“君上,定是间人下毒所致!”

骤然之间,嬴政脸色铁青一声怒喝:“间贼首级!一个不留!”

守在门廊的赵高嗨的一声飞步而去。片刻之间,只听店外尖厉的牛角号连绵起伏,长矛甲士声声怒喝噗噗连声。函谷关将军大步来报:“禀报君上,全部十六名间人首级已在廊下!”正在此时,随着李斯一声惊呼,尉缭软软地倒在了地上。嬴政顾不及说话,狠狠一跺脚抱起尉缭冲出了酒肆。

最黑暗的黎明,驷马王车又飓风一般卷回了咸阳。

مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:10 , Processed in 0.078400 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش