ئىلى شېۋىسىدىكى تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ۋە ئالاقىدار تىل ئادەتلىرى ھەققىدە
نىجات سوپى
(بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.)
قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا دىئالېكتشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىدىكى تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. ھەمدە بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى بىلەن سېلىشتۇرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاقلىق ۋە خاسلىقى شەرھىلىنىدۇ. بۇ رايون كىشىلىرىنىڭ تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى قوللىنىشىغا دائىر بەزى تىل ئادەتلىرى چۈشەندۈرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى توپلاش، تولۇقلاش، بېيىتىش، سېستىمىلاشتۇرۇش، ھەمدە ئۇلارنى توغرا قوللىنىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى؛ ئىلى شېۋىسى؛ تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى، تىل مەدەنىيىتى.
تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىجتىمائىي كوللېكتىپى دائىرىسىدە شۇ مىللەت، شۇ رايون كىشىلىرىنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە بولغان قارىشىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئېلىپ قارىغاندا، ئۇ بىر مىللەت تىلىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرى بىر قەدەر ئېنىق، ھەم گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىغان مۇھىم كاتىگورىيىلەردىن بىرىدۇر. ئۇيغۇرلار تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان خەلق. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تۇغقانچىلىققا ئائىت نۇرغۇن ئاتالغۇلار بار، بۇ ئاتالغۇلار ئۆز نۆۋىتىدە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مۇناسىپ تۈردە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بىر مىللەت تىلىدىكى تۇغقانچىلىققا ئائىت ئاساسىي ئاتالغۇلار ھەر قايسى دىئالېكت، شېۋىلەردە چوڭ جەھەتتىن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم ئۆزگىچىلىكلەرگىمۇ ئىگە. دىئالېكت، شېۋىلەردىكى بۇ تۇغقانچىلىققا ئائىت ئۆزىگە خاس ئاتالغۇلارنىڭ قوللىنىلىشىدىن شۇ رايون كىشىلىرىنىڭ تۇغقانچىلىق قاراشلىرى ۋە ئادەتلىرىدىكى مەلۇم ئۆزگىچىلىكلەرنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
ئىلى ــ شىمالىي شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئاساسىي رايونلارنىڭ بىرى. 2005-يىلىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا ھازىرقى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە (غۇلجا شەھرى، غۇلجا ناھىيىسى، چاپچال ناھىيىسى، قورغاس ناھىيىسى، نىلقا ناھىيىسى، كۈنەس ناھىيىسى، توققۇزتارا ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى)دە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 614064 نەپەر بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ ٪26.6 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ رايوندا يەنە ئۆزىگە خاس بىر قىسىم تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار تىل ئادەتلىرى بار. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قوللىنىلىشىدىن ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس تۇغقانچىلىق قاراشلىرى ۋە بەزى تىل ئادەتلىرىنى كۆرەلەيمىز.
تۆۋەندە ئىلى شېۋىسىدىكى ئاساسلىق تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار بىر قىسىم تىل ئادەتلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.
1. ئەجداد-ئەۋلاد مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى:
بوۋا (باۋا)، موما (ماما)، يوغان ئاپا؛ ئۇلۇغ بوۋا، ئۇلۇغ موما؛ قوشقار بوۋا، قوشقار موما؛ دادا (دام، داڭ)، ئاپا؛ كىندىك ئانا، سۈت ئانىسى؛ بالا (ئوغۇل، قىز)؛ ئۆگەي دادا، ئۆگەي ئاپا، ئۆگەي بالا (ئۆگەي ئوغۇل، ئۆگەي قىز)، جىيەن (جىيەن ئوغۇل، جىيەن قىز)؛ نەۋرە (ئوغۇل نەۋرە، قىز نەۋرە)، چەۋرە، ئەۋرە، كۆكۈن نەۋرە.
يۇقىرىدىن سانىغاندا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاتىسى «بوۋا»، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئانىسى «موما» دېيىلىدۇ. مەيلى ئاتا ياكى ئانا تەرەپ ئەجدادى بولسۇن ئوخشاش ئاتىلىدۇ. «تارانچى دىئالېكتى»نىڭ («تارانچى دىئالېكتى» رۇسىيەلىك تىلشۇناسلار تەرىپىدىن قوللىنىلغان نام بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىلى ۋە يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىئالېكتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىلى شېۋىسىنىڭ مۇھىم تارىخىي ئاساسىدۇر) ئالاھىدىلىكلىرى بىر قەدەر تولۇق ساقلانغان چاپچال ناھىيىسىنىڭ قاينۇق ۋە جاغىستاي يېزىسى قاتارلىق جايلاردا بۇ ئىككى سۆزنىڭ تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئېغىز تىلىدا لەۋ ھالىتى جەھەتتە يەنىمۇ ماسلىشىپ، «باۋا، ماما» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
بەزى جايلاردا نەۋرىلەر مومىسىنى «يوغان ئاپا» دەپ ئاتايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ نەۋرە كۆرگەن ئوتتۇرا ياشلىق بەزى ئاياللارنىڭ نەۋرىلىرى ئۆزلىرىنى «موما» دەپ ئاتىسا، ئۆزلىرىنى خەققە بەك چوڭ كۆرۈنۈپ كېتىدۇ دەپ قاراپ قوللانغان «موما» سۆزىنىڭ سىلىقلاشتۇرۇلغان بىر خىل شەكلىدۇر.
بوۋا، مومىلىرىنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئەجدادى «ئۇلۇغ بوۋا، ئۇلۇغ موما» ياكى «قوشقار بوۋا، قوشقار موما» دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئەجدادلار «مۇنچىنچى بوۋىمىز، مۇنچىنچى مومىمىز» دېگەندەك شەكىلدە سانلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش، «بوۋا، موما» سۆزلىرىگە سۆز ياسىغۇچى «ي» قوشۇمچىسى ئۇلانغاندىن كېيىن «بوۋاي، موماي» سۆزلىرى ياسىلىدۇ. ئىلى شېۋىسىدە بەزىدە «بىزنىڭ بوۋاي، بىزنىڭ موماي» شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىسى كۆرسىتىلىدۇ. لېكىن پەقەت باشقىلارغا سۆزلىگەندىلا قوللىنىلىدۇ، يۈزتۇرانە تۇرغاندا ئىشلىتىلمايدۇ.
پارسچە كىرمە سۆز «كەمپىر» بەزىدە «موماي» سۆزىنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ.
ئىلى شېۋىسىدە «دادا»، «ئاپا» سۆزلىرى ئەدەبىي تىلدىكى «ئاتا»، «ئانا» سۆزلىرىنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. «ئاتا» ۋە «ئانا» سۆزلىرى ئايرىم قوللىنىلمايدۇ، پەقەت جۈپ سۆز «ئاتا-ئانا» شەكلىدىلا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن: «ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇش»، «ئاتا-ئانىلار يىغىنى» دېگەندەك.
ئاتا-ئانىسى بىلەن قۇرداش كىشىلەر پەرزەنتلەر تەرىپىدىن كۆپىنچە جايلاردا «پالانچى دادا، پوكونچى ئاپا» دەپ شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «دادا، ئاپا» سۆزلىرى قوشۇپ چاقىرىلىدۇ. مەسىلەن: «تۇرسۇن دادا، گۈلسۈم ئاپا» دېگەندەك. لېكىن، قاينۇق يېزىسى قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا دادىسى بىلەن قۇرداش ئەر كىشىلەرنى ئاتىغاندا، بىرىنچى شەخس شەكلىدە «دادام» سۆزى قىسقىراپ «دام» شەكلىدە، ئىككىنچى شەخس شەكلىدە «داداڭ» سۆزى قىسقىراپ «داڭ» شەكلىدە ئېيتىلىدۇ. مەسىلەن: «تۇرسۇندام (تۇرسۇن دادام) كەلدى، مەمەتداڭ (مەمەت داداڭ) كەتتى» دېگەندەك.
يەنە «كىندىك ئانا»، «سۈت ئانىسى» دېگەن ئاتالغۇلارمۇ بار بولۇپ، قوللىنىلىشى ئەدەبىي تىلدىكى بىلەن ئوخشاش.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى «بالام» دەپ چاقىرىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل ئاتاپ چاقىرىدۇ ۋە ياكى جىنسىغا قاراپ «ئوغلۇم»، «قىزىم» دەپمۇ چاقىرىدۇ.
ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش، «دادا، ئاپا، بالا (ئوغۇل، قىز)» سۆزلىرىنىڭ ئالدىغا «ئۆگەي» سۆزىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن «ئۆگەي دادا، ئۆگەي ئاپا، ئۆگەي بالا (ئۆگەي ئوغۇل، ئۆگەي قىز)» قاتارلىق سۆزلەر ياسىلىپ، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئۆگەيلىك مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.
ئىلگىرى بىر قىسىم ئائىلىلەردە ياش ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا بالىلىرىغا ئۆزلىرىنى «ئاكا، ھەدە» دەپ چاقىرتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت بولغان، لېكىن ھازىرقى ياش ئاتا-ئانىلاردا بۇنداق ئادەت يوق.
ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى «نەۋرە» ئاتىلىدۇ، ۋاستىلىق ئاتىغاندا يەنە جىنسىغا قاراپ «ئوغۇل نەۋرە، قىز نەۋرە» دېيىلىدۇ. چاقىرغاندا بولسا «نەۋرەم»، «بالام» ياكى «ئوغلۇم»، «قىزىم» دەپ چاقىرىدۇ ۋەياكى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئۇدۇل ئاتاپ چاقىرىدۇ. نەۋرىنىڭ بالىسى «چەۋرە»، چەۋرىنىڭ بالىسى «ئەۋرە» ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆۋىنىدىكى ئەۋلادنى «كۈكۈن نەۋرە» دەيدىغانلارمۇ بار.
2. بىۋاستە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى:
قېرىنداش، ئاكا (ئاغا)، ھەدە، ئىنى، سىڭىل، ئۇكا (ئۈكە)، ئاغىنە؛ ئېمىلدەش.
بىر تۇغقانلار ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش «قېرىنداش» ئاتىلىدۇ. بىر تۇغقان ئەر قېرىنداشلار ياش پەرقىگە قاراپ چوڭلىرى «ئاكا»، كىچىكلىرى «ئىنى» دەپ ئاتىلىدۇ. قاينۇق يېزىسى قاتارلىق بەزى جايلاردا «ئاكا» سۆزى ئورنىدا قەدىمدە موڭغۇل تىلىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئاتالغۇ دەپ قارىلىۋاتقان «ئاغا» سۆزىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. قىز قېرىنداشلار ياش پەرقىگە قاراپ چوڭلىرى «ھەدە» ئاتىلىدۇ، ئەدەبىي تىل ياكى باشقا بەزى دىئالېكتلاردىكىدەك «ئاچا، ئايلا، ئىگىچە، ھەمشىرە» دېگەن ئاتالغۇلار ئىشلىتىلمەيدۇ. ياشتا ئۆزىدىن كىچىك قىز قېرىنداش ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش «سىڭىل» ئاتىلىدۇ.
رۇس ئالىمى رادلوف ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى ئاساسىدا توپلاپ، رەتلەپ نەشر قىلدۇرغان «شىمالدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر، 4-قىسىم: تارانچى دىئالېكتى» ناملىق ئەسىرىدە «ھەدە» سۆزى ئورنىدا «ئائىلە» سۆزى قوللىنىلغان. مەسىلەن: «ئائىلەسى مەنىسا خېنىم مەنى سىڭنىسىدىن <بەرگىن> دەپ تىلەدى، سىڭنىسى بەرمەدى»، «بىزنى سۇرايدىغان قازى مەنىڭ ئائىلەمگە كۆيۈپ ئاشىق بولۇپ يۈرگەن، ئائىلەم بېرىپ ئول قازىغا بىر مۇنچا پۇل بەرەي دەگەن بولسا، قازىنىڭ كۆڭنىنى خۇش قىلغان بولسا، ھەمرانى ئائىلەمغە بۇرىپ بەرۈر.» (رادلوف: «شىمالدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر، 4-قىسىم: تارانچى دىئالېكتى»، سانكتپېتېربۇرگ، 1886-يىل.)
«ئۇكا» سۆزى ئادەتتە «ئىنى» سۆزى بىلەن باراۋەر ئىشلىتىلىدۇ. ئۇندىن سىرت بەزىدە يەنە «سىڭىل» مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. «ئۇكا» سۆزىنىڭ تەركىبىدىكى «ئۇ، ئا» تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرىنىڭ «ئۈ، ئە» تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلىرىغا ئۆزگىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن «ئۈكە» شەكلىمۇ بار، لېكىن بۇ شەكىلدە كۆپىنچە مەنسىتمەسلىك تۈسى قوشۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
«ئاغا» ۋە «ئىنى» سۆزلىرىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن «ئاغىنە» سۆزى (بۇ سۆزنىڭ يەنە «ئاغىن\ئەغىن» تەلەپپۇزلىرىمۇ بار) ئەدەبىي تىلدىكىدەك «ئوغۇللار ئارا دوست» دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، قاينۇق يېزىسى قاتارلىق بىر قىسىم جايلاردا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكىگە ئوخشاش، «بىر تۇغقان قېرىنداش» دېگەن مەنىسى ھازىرمۇ بار. مەسىلەن: «بىز توققۇز ئەغىن» دېيىلسە، بۇ «بىز توققۇز قېرىنداشمىز» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاكا-ھەدىلىرى بىلەن قۇرداش چوڭلارنى ئاتىغاندا «پالانچى ئاكا، پوكۇنچى ھەدە» دەپ چاقىرىدۇ. ئادەتتە، بۇنداق چاقىرغاندا «ئاكا، ھەدە» سۆزلىرى قىسقىراپ «-كا، -دە» شەكلىگە چۈشۈپ قالىدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنى چاقىرغاندا «ئاكا، ھەدە» دېگەن سۆزلەر قىسقارتىلماي تولۇق ئېيتىلىدۇ. مەسىلەن: «ئازات» ئىسىملىك كىشى سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆز ئاكىسى بولسا، چوقۇم «ئازات ئاكا» دەپ چاقىرىدۇ؛ ئەگەر ئۆز ئاكىسى بولمىسا، «ئازاتكا» دەپ چاقىرىدۇ. «گۈلنىسا» ئىسىملىك ئايال سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆز ئاچىسى بولسا، «گۈلنىسا ھەدە» دەپ چاقىرىدۇ؛ ئۆز ئاچىسى بولماي باشقا كىشى بولسا، «گۈلنىسادە» دەپ چاقىرىدۇ.
ئىلى شېۋىسىدە، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ۋاستىلىق ئاتىغاندا يەنە «بىر تۇغقان قېرىندىشىم، بىر قوساقتا ياتقان قېرىندىشىم» دېگەندەك شەرھىلەش خاراكتېرىدىكى شەكىلمۇ قوللىنىلىدۇ.
يەنە «ئېمىلداش» ئاتالغۇسىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاشلا، ئىككى كىشى ئۆز ئارا قان قېرىنداش بولمىسىمۇ، لېكىن بوۋاق ۋاقتىدا بىر ئانىنىڭ سۈتىنى ئەمگەن كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدۇ.
3. ۋاستىلىق قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدىغان تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى:
چوڭ دادا، كىچىك دادا؛ تاغا، ھامما؛ چوڭ ئاپا، كىچىك ئاپا؛ نەۋرە ئاكا، نەۋرە ھەدە، نەۋرە ئىنى، نەۋرە سىڭىل؛ جىيەن (جىيەن ئوغۇل، جىيەن قىز).
ئاتىسىنىڭ ئەر قېرىنداشلىرى ئاتىسى بىلەن بولغان ياش پەرقىگە قاراپ، ئاتىسىدىن ياشتا چوڭلىرى «چوڭ دادا»، ياشتا كىچىكلىرى «كىچىك دادا» دېيىلىدۇ. ئاتىسىنىڭ ئايال قېرىنداشلىرى «ھامما» دېيىلىدۇ. ئانىسىنىڭ ئەر قېرىنداشلىرى «تاغا» دېيىلىدۇ. ئانىسىنىڭ ئايال قېرىنداشلىرى ياش پەرقىگە قاراپ، ئانىسىدىن چوڭلىرى «چوڭ ئاپا»، كىچىكلىرى «كىچىك ئاپا» دېيىلىدۇ. بۇ رايوندا «چوڭ دادا، چوڭ ئاپا» سۆزلىرى باشقا بەزى شېۋىلەردىكىدەك «بوۋا، موما» سۆزلىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلمەيدۇ.
ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش، «ئاكا، ھەدە، ئىنى، سىڭىل» سۆزلىرىنىڭ ئالدىغا «نەۋرە» سۆزى قوشۇلۇپ «نەۋرە ئاكا، نەۋرە ھەدە، نەۋرە ئىنى، نەۋرە سىڭىل» سۆزلىرى ياسىلىپ، نەۋرە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ. ئۇدۇل ئاتالغاندا «نەۋرە» سۆزى قىسقارتىلىپ، «ئاكا»، «ھەدە»، «ئىنى» ياكى «سىڭىل» دەپلا چاقىرىلىدۇ. نەۋرىلىك مۇناسىۋەتنى كۆرسەتكەندە يەنە «بىز بىر نەۋرە كېلىمىز» ياكى «ئىككى تۇغقان بولىمىز» دېگەندەك شەرھىلەش خاراكتېرىدىكى شەكىلمۇ قوللىنىلىدۇ.
بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىڭ پەرزەنتلىرى «جىيەن» دەپ ئاتىلىدۇ، جىنسىغا قاراپ يەنە «جىيەن ئوغۇل ، جىيەن قىز » دەپ ئايرىلىدۇ. لېكىن، ۋاستىلىق ئاتىغاندا يەنە «ئاكامنىڭ ئوغلى، ھەدەمنىڭ ئوغلى، ئىنىمنىڭ قىزى، سىڭلىمنىڭ قىزى» دېگەندەك شەرھىلەش خاراكتېرىدىكى شەكىلمۇ قوللىنىلىدۇ.
4. ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدىغان تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى:
ئەر (يولداش)، خوتۇن (ئايال)؛ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر، بىزنىڭ ئادەم، بالىلارنىڭ دادىسى (دادىسى)، بالىلارنىڭ ئاپىسى (ئاپىسى)؛ ئاغىچا، ئايىم، قۇشناچ؛ توقال، كۈندەش.
ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە ئاساسەن «ئەر (يولداش)، خوتۇن (ئايال)» سۆزلىرى قوللىنىلىدۇ. بۇ سۆزلەر شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ، «ئېرىم، يولدۇشۇم، خوتۇنۇم، ئايالىم» دېگەندەك شەكىللەردە قوللىنىلىدۇ. ئەر ئۆز خوتۇنىنى چاقىرغاندا «خوتۇن» سۆزىگە شەخس قوشۇمچىسى قوشماي چاقىرىش ئادىتىمۇ بار. مەسىلەن: «خوتۇن، بۈگۈن نېمە تاماق ئەتتىڭ؟». لېكىن ئاياللاردا ئېرىنى شەخس قوشۇمچىسى قوشماي «ئەر» دەپ چاقىرىش ئادىتى يوق. «ئەر» سۆزى سىلىقلاشتۇرۇلۇپ، كۆپىنچە «يولداش» شەكلىدە قوللىنىلىدۇ. ئىلى شېىۋسىدە «يولداش» سۆزى پەقەت ئايالغا نىسبەتەن ئېرىنىلا كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىي تىلدىكىدەك، ھەم ئېرىغا نىسبەتەن ئايالىنى، ھەم ئايالىغا نىسبەتەن ئېرىنى كۆرسىتىدىغان ئىككى ياقلىمىلىق ئەھۋال بۇ رايوندا يوق. بەزىدە يەنە «خوتۇن» سۆزى سەل قوپال دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەرەبچە كىرمە سۆز «ئايال» ئىشلىتىلىدۇ. ئاياللار ئېرىنى ۋاستىلىق ئاتىغاندا يەنە «بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر، بىزنىڭ ئادەم» دەپمۇ قوللىنىدۇ. ئۇدۇل چاقىرغاندا «ھەي، ئادەم» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئوخشاشلا ئەر ئايالىنى ۋاستىلىق ئاتىغاندا «بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر، بىزنىڭ خوتۇن» دەپ ئىشلىتىدۇ. «ئەر، خوتۇن» سۆزلىرى سىلىقلاشتۇرۇلغاندا، يەنە «بالىلارنىڭ دادىسى، بالىلارنىڭ ئاپىسى» ياكى قىسقارتىلىپ «دادىسى، ئاپىسى»مۇ دېيىلىدۇ. ئەر-خوتۇنلار ئائىلىدە بىر-بىرىنى چاقىرغاندا كۆپىنچە قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتايدۇ. بەزىدە ئەر ۋاستىلىق ئاتىغاندا «بىزنىڭ كەمپىر» دېيىش ئارقىلىق ئۆز ئايالىنى كۆرسىتىدىغان ئەھۋالمۇ بار، لېكىن بۇ سۆزگە بەلگىلىك دەرىجىدە چاقچاق تۈسى قوشۇلغان بولىدۇ.
ئىلگىرى ھۆرمەت يۈزىسىدىن شاڭيولارنىڭ خوتۇنلىرى «ئاغىچا» دەپ، ھاجىنىڭ ئايالى «ئايىم» دەپ، موللا، ئاخۇنلارنىڭ ئاياللىرى «قۇشناچ» (تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلغاندا «قۇشناچىم») دەپ ئاتالغان.
كونا جەمئىيەتتە كۆپ خوتۇنلۇق بولغانلارنىڭ كىچىك خوتۇنى «توقال» دەپ ئاتالغان. بىر ئەرنىڭ قولىدىكى بىر-بىرىگە رەقىپ خوتۇنلار ئۆزئارا «كۈندەش» ئاتالغان.
5. قۇدىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرىدىغان تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى:
قېينى ئاتا، قېينى ئانا\قېينى ئاپا؛ قۇدا (ئەر قۇدا\ئەركەك قۇدا؛ ئايال قۇدا\چىشى قۇدا\قۇداغى)؛ قوش قۇدا، قايچا قۇدا، قۇدا-باجا؛ كېلىن، كۈيئوغۇل (داماد)، ئىچ كۈيئوغۇل؛ يېزنە، يەڭگە؛ باجا، ئېپى يەڭگە؛ قېينى ئاكا، قېينى ھەدە، قېينى ئىنى، قېينى سىڭىل؛ كېلىن سىڭىل، كۈيئوغۇل ئىنى.
ئەر ياكى ئايال قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋاستىلىق تۈردە ئاتىغاندا «قېينى ئاتا، قېينى ئانا\قېينى ئاپا» دەپ، ئۇدۇل ئاتىغاندا «دادا، ئاپا» دەپ چاقىرىدۇ. پەرزەنتلىرى تويلاشقان تەرەپلەر ئۆزئارا بىر-بىرىنى «قۇدا» دەپ ئاتىشىدۇ. ۋاستىلىق ھالدا ئاتىغاندا جىنسىغا قاراپ «ئەر قۇدا\ئەركەك قۇدا؛ ئايال قۇدا\چىشى قۇدا\قۇداغى» دەپ ئاتايدۇ. قۇدا تەرەپتىكى ئەر-ئايال ياكى ئۇلارنىڭ باشقا يېقىن تۇغقانلىرى قوشۇپ ئاتالغاندا كۆپلۈك شەكلى بويىچە «قۇدىلار» دەپ ئېيتىلىدۇ. ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش، بىر ئائىلىدىن ئىككى قىز ئالغانلار «قوش قۇدا»، بىر ئائىلىدىن بىر قىز ئېلىپ، بىر قىز بەرگەنلەر «قايچە قۇدا» دېيىلىدۇ. قۇدىدارچىلىق مۇناسىۋىتى «قۇدا-باجا» سۆزى ئارقىلىقمۇ ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
ئاتا-ئانىلار ئوغلىنىڭ ئالغان ئايالىنى «كېلىن»، قىزىنىڭ تەككەن ئېرىنى «كۈيئوغۇل» دەپ ئاتايدۇ. «كېلىن» سۆزىنىڭ يەنە «كېلىنچەك» دېگەن ئەركىلەتمە شەكلى ۋە «كېلىن ئاغىچا» دېگەن ھۆرمەت شەكلىمۇ بار. ئاتا-ئانىلار كۈيئوغۇلنى ئۇدۇل ئاتىغاندا «بالام» ياكى «ئوغلۇم» دەپ چاقىرىدۇ، كېلىننى ئۇدۇل ئاتىغاندا «بالام» ياكى «قىزىم» دەپ چاقىرىدۇ. ئوغۇل پەرزەنتى يوق ئائىلىگە بالىچىلاپ كىرگەن كۈيئوغۇل «ئىچكۈيئوغۇل» دېيىلىدۇ. رۇس ئالىمى پانتۇسوف تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن تارانچى تېكىستلىرىدە يەنە پارس تىلىدىن كىرگەن «داماد» سۆزى بۇ رايوندا «كۈيئوغۇل» سۆزى بىلەن باراۋەر قوللىنىلغان. مەسىلەن: «ئەي فەرزەند، ئەگەر سەن ئاندا خار بولسەڭ، مەنىڭ قاشىمدا ئەزىز ۋە مۇھتەرەم بولغايسەن، قىزىمنى بەرىپ داماد قىلغايمەن» (پانتۇسوف: «تارانچى خەلق ئەدەبىياتىدىن ئۆرنەكلەر»، قازان شەھرى دارىلئۇلۇم ۋە ئەلفۇنۇن بەتبەسى، 1909-يىلى)، لېكىن ھازىر بۇ سۆز قوللىنىلمايدۇ.
ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش، ھەدىسىنىڭ ئېرى «يېزنە» دېيىلىدۇ، لېكىن كۆپىنچە يەنە «ھەدەمنىڭ يولدىشى» دېگەن شەرھىلەش خاراكتېرىدىكى شەكىل قوللىنىلىدۇ. ئاكىسىنىڭ ئايالى «يەڭگە» دېيىلىدۇ. ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئەرلىرى ئۆزئارا «باجا» دېيىلىدۇ، ئاكا-ئىنىلەرنىڭ ئاياللىرى ئۆزئارا «ئېپى يەڭگە» دېيىلىدۇ. لېكىن، ئۇدۇل چاقىرغاندا ئۇنداق ئاتالماستىن، جىنسىغا قاراپ ئۆزىدىن چوڭلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «ئاكا، ھەدە» سۆزلىرى قوشۇپ ئاتىلىدۇ، كىچىكلىرى ئۆز ئىسمى بىلەن بىۋاستە ئاتىلىدۇ. ئىنىسىنىڭ ئايالى «كېلىن سىڭىل»، سىڭلىسىنىڭ ئېرى «كۈيئوغۇل ئىنى» دېيىلىدۇ، ئۇدۇل ئاتىغاندا «سىڭىل، ئىنى» دەپلا چاقىرىلىدۇ. لېكىن قومۇل شېۋىسىدىكىدەك «كۈي ئاكا، كۈي ئىنى» دېگەندەك قېلىپلاشقان شەكىل يوق، بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ۋاستىلىق ئىپادىلىگەندە يەنە «ئىنىمنىڭ ئايالى»، «سىڭلىمنىڭ يولدىشى» دېگەندەك شەرھىلەش خاراكتېرىدىكى شەكىلمۇ قوللىنىلىدۇ.
ئىلى شېۋىسىدە ئۇرۇق-تۇغقانچىلىققا دائىر ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ئاتالغۇلاردىن يەنە ئەدەبىي تىلدىكىگە ئوخشاش، «ئۇرۇق-تۇغقان، جەمەت، جەددى-جەمەت، پۇشت، يەتمىش پۇشت، ئەۋلاد، ئەجداد» قاتارلىقلارمۇ بار. لېكىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە «پۇشت، يەتمىش پۇشت» سۆزلىرىگە كۆپىنچە مەلۇم دەرىجىدە سەلبىي تۈس قوشۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
6. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى:
1) ئاپئاق ئاپا\ئاق ئاپا، ئاپئاق ھەدە\ئاق ھەدە.
ئىلى شېۋىسىدە، چوڭ ئاپا، كىچىك ئاپا ياكى ھاممىلىرىنىڭ ئىچىدە ياشتا چوڭىنى ياكى كۆپچىلىك ئورتاق ھۆرمەت قىلىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى ۋە ياكى ئۆزى ئامراق چوڭ ياشتىكى باشقا ئاياللارنى «ئاپئاق ئاپا» ياكى قىسقارتىپ «ئاق ئاپا» دەيدىغان؛ ھەدىلىرىنىڭ ياكى كېلىن ھەدىلىرىنىڭ ئىچىدە چوڭىنى ياكى كۆپچىلىك ئورتاق ھۆرمەت قىلىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان بىرىنى «ئاپئاق ھەدە» ياكى قىسقارتىپ «ئاق ھەدە» دەيدىغان ئادەت بار، بۇ ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ئىپادىلىنىدۇ.
2) ساقا.
«ساقا» سۆزى ئەسلىدە ئوشۇق ئوينىغاندا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسىي ئوشۇقنى كۆرسىتىدۇ. ئىلى شېۋىسىدە بۇ سۆز تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى دائىرىسىدە كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىدۇ. ئائىلىدە ئاتا-ئانا ئوغلىنى، ئاكا، ھەدىلەر ئىنىسىنى كىچىك ۋاقتىدا ئەركىلىتىپ «ساقام» دەپ چاقىرىدۇ. ئادەتتە، ئۆز قېرىندىشىدىن سىرت باشقا كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىپ چاقىرىشتىمۇ بۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز مەلۇم كىشىگە قارىتا دائىم ئىشلىتىلىۋېرىپ، كېيىنچە شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي باسىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۈت. مەسىلەن: «ساقا ئاكا، ساقا دادا، ساقا بوۋا» دېگەندەك.
3) تاي.
بۇ ئەسلىدە ئاتنىڭ بالىسىنى ئاتايدىغان سۆز بولۇپ، ئىلى شېۋىسىدە تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى دائىرىسىدە كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىدۇ. يەنى ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ ئوغلى ياكى ئاكا، ھەدىلەر ئىنىسىنى ئەركىلىتىلىپ چاقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە «تۇرسۇنتاي، قۇربانتاي» دېگەندەك تەركىبىدە ئەسلىدىلا «تاي» سۆزى بار بولغان ئەرلەر ئىسمى قىسقىراپ، ھەم ئەركىلەتمە مەنىدە كېلىپ «تاي» ئاتىلىپ قالىدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ئوغۇل بالىلار شۇنداق ئاتىلىۋېرىپ، كېيىنچە «تاي» سۆزى خۇددى يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن «ساقا» سۆزىگە ئوخشاش، شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: « تاي ئاكا، تاي دادا، تاي بوۋا» دېگەندەك.
4) گۈلى، ئاي.
ئىلى شېۋىسىدە قىز پەرزەند كۆپىنچە ئەركىلىتىلىپ «گۈلى» ياكى «ئاي» دەپ ئاتىلىدۇ، بولۇپمۇ «گۈلمىرە، گۈلقىز»، «مېھرىئاي، شىرىنئاي» دېگەندەك تەركىبىدە ئەسلىدىنلا «گۈل، ئاي» سۆزلىرى بار ئىسىملار قىسقىراپ، ھەم ئەركىلەتمە مەنىنى بىلدۈرۈپ «گۈلى» ياكى «ئاي» ئاتىلىپ قالىدۇ. بۇ سۆزمۇ كېيىنچە يۇقىرىقىدەك شۇ ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ئەھۋالمۇ بار. مەسىلەن: «گۈلى ھەدە، گۈلى ئاپا، گۈلى موما» دېگەندەك.
5) سۇلتانبەگ.
غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چولۇقاي يېزىسى قاتارلىق جايلاردا نىكاھ توي مەزگىلىدە تويى بولىۋاتقان يىگىت ھۆرمەتلىنىپ، «سۇلتانبەگ» دەپ ئاتىلىدۇ.
6) يېڭى ھەدە.
قاينۇق يېزىسى قاتارلىق جايلاردا ئائىلىلەردە يېڭى كېلىن قېينى ئىنى-سىڭىللىرى تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ، «يېڭى ھەدە» دەپ چاقىرىلىدۇ.
7. تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىغا ئائىت بىر قىسىم تىل ئادەتلىرى:
ئىلى شېۋىسىدە، تۇغقانلار ياكى يات كىشىلەر ئارىسىدا بولسۇن، چوڭ ياشتىكىلەر كىچىك ياشتىكىلەرنى چاقىرغاندا ئىسمى بىلەن ئۇدۇل چاقىرىۋېرىدۇ ياكى ئالاقىدار تۇغقانچىلىق ئاتالغۇسى قوشۇلۇپ «بالام پالانچى، قىزىم پوكۇنچى» دەپ چاقىرىلىدۇ. كىچىك ياشتىكىلەر چوڭ ياشتىكىلەرنى چاقىرغاندا چوقۇم شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى قوشۇپ ئاتايدۇ، ئىسمىنى ھەرگىزمۇ ئۇدۇل ئاتىمايدۇ. ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتا ئىسمى قوشۇپ ئاتالغاندا كۆپىنچە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئۆز ئىسمىغا ئۇلىنىپ، ئاندىن ئاتا ئىسمى قوشۇپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: «مەمەتجىنكام سادىق» (مۇھەممەدجان سادىق ئاكا) ، «مەمەتجىنكام راشىدىن» (مۇھەممەدجان راشىدىن ئاكا) دېگەندەك.
قاينۇق يېزىسى قاتارلىق جايلاردا دادىسى ياكى ئاكىسى بىلەن قۇرداش كىشىلەرنى ئاتىغاندا قوللىنىلىدىغان «پالانچى ئاكا، پوكۇنچى دادا» دېگەن سۆزلەر ئادەت بويىچە ئىككىنچى شەخستە ئېيتىلسىمۇ، لېكىن نۇتۇقتا كۆپىنچە ئوخشاشلا بىرىنچى شەخس مەنىسىنى بىلدۈرىۋېرىدۇ. مەسىلەن: «تۇرسۇنداڭ كەلدى (تۇرسۇن دادام كەلدى)، غوپۇركاڭ كەمىدى (غوپۇر ئاكام كەلمىدى)» دېگەندەك.
شەخس ئالماشلىرىنىڭ 2-شەخس بىرلىك شەكلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلى شېۋىسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلار ياكى يات كىشىلەرگە ئارىسىدا بولسۇن، يېقىن مۇناسىۋەتتىكىلەر چوڭلار كىچىكلەرنى ئادەتتە «سەن» دەپ چاقىرىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ ھۆرمەت شەكلىدىكى «سىز» ئالمىشىنى ئىشلىتىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنى ئاتىغاندا «سىز» قوللىنىلىدۇ، يېڭى تونۇشقان كىشىلەر ئارا «سىز» كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا «سەن»نى، قىز ئوقۇغۇچىلارغا «سىز»نى كۆپرەك قوللىنىدۇ. شەخس ئالمىشىنىڭ 2-شەخس بىرلىك ھۆرمەت شەكلىنىڭ «سىلى، ئۆزلە» قاتارلىق شەكىللىرى ئىلى شېۋىسىدە ئاساسەن قوللىنىلمايدۇ. قاينۇق يېزىسى قاتارلىق بەزى جايلاردا ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھەممىسىلا ئۆزئارا «سەن»نى قوللىنىدىغان ئەھۋالمۇ مەۋجۈت.
بالىلار تىلىدا «دادا، ئاپا، ئاكا، ھەدە» سۆزلىرىنىڭ كەينىدە «ش» قوشۇمچىسىنى قوشۇش بىلەن «داداش، ئاپاش، ئاكاش، ھەدەش» سۆزلىرى ياسىلىدۇ. لېكىن بۇ سۆزلەرنى پەقەت بالىلارلا قوللىنىدۇ، چوڭلار قوللانمايدۇ.
دېمەك، ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدىغان تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەدەبىي تىلدىكى بىلەن بىردەك بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايوندا يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قىسىم تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ۋە تىل ئادەتلىرى بار. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە ھۆرمەت، ئەركىلەتمە ۋە ئۆزئارا يېقىنلىق تۇيغۇسى ئالاھىدە ئىپادىلىنىدىغان «ئاق ئاپا، ئاق ھەدە، سۇلتانبەگ، ساقا، تاي، گۈلى، ئاي» قاتارلىق ئاتالغۇلار باشقا رايونلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تۇغقانچىلىققا دائىر ئۆزگىچە ئاتالغۇلاردۇر. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم ئاتالغۇلاردىكى بەزى تاۋۇش ۋە بوغۇملارنىڭ قىسقىرىشىدىن بارلىققا كەلگەن شەكىللەردىمۇ باشقا جايلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تەرەپلەر بار، بۇ رايوننىڭ تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى ئىشلىتىشتىكى بەزى تىل ئادەتلىرىمۇ ئۆزگىچە تۈسكە ئىگە.
يۇقىرىقىدەك، دىئالېكت-شېۋىلەردىكى تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تىل ئادەتلىرىنى توپلاش، قېزىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى بېيىتىش، سېستىمىلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ھەمدە تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنى توغرا قوللىنىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا بەلگىلىك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي خىزمەتتۇر. بۇ جەھەتتە بىزنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. يوڭ سوڭلى (كورىيە): «Türk dillerinde akrabalik adlari» (تۈركىي تىللاردا تۇغقانچىلىق ناملىرى)، تۈرك تىللىرى تەتقىقات بىر يۈرۈش كىتابلىرىنىڭ 15-قىسمى، سىمۇرگ نەشرىياتى، تۈركىيە ئىستانبۇل، 1999-يىل نەشرى.
2. 王火、王学元:《汉语称谓词典》,辽宁大学出版社,1988年6月。
3.颜秀萍:《维汉亲属称谓对比研究》,西北民族研究,1994年第2期。
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئادەمىيات شۆبە ئىنىستىتۇتى، دوتسېنت، پوستدوكتور؛ ماگىستېر ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.
|