مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئۆزقولىمىز بىلەن بوغۇپ تۇنجۇقتۇرۇشتىن ساقلانمىقىمىز تەس...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-3-15 23:42:10 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش |چوڭ رەسىمنىلا ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
ئامېرىكىدا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى ئىككى شىركەت بولۇپ، بىرىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئىسمى روبەرت يەنە بېرىنىڭ خوجايىنىنىڭ ئىسمى ستېۋ ئىدى.
روبەت بولسا ھېساۋاتقا پىشقان بىر ئادەم بولۇپ، باشقىلاردىن يىراقنى كۆرەلەيدىغان بۇ ئادەم ھەتتا خىلى بۇرۇنلا 2008 –يىلىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىي كىرىزسنى ئالدىن پەرەز قىلىپ بولغان . ئۇنىڭ تەھلىلىچە بولغاندا، ئاز دېگەندە %30 كارخانا تاقىلىپ قالاتتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكىدەك بۇنداق كىچىك شىركىتى شۇ %30 نىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالماي قالمايتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىركەتنى تارقىتىۋىتىپ ئۆزى ۋە خىزمەتچىلىرىگە بىرقىسىم تۇرمۇش پۇلى تەييارلاپ قويۇشنى قارار قىلدى، بۇنداق قىلمىغاندا كىرزىس بىر باشلانسا ، زىممىسىدىكى «يۈك» لەر تېخىمۇ ئارتىپ كېتىدۇ-دە ..
سىتېۋ بولسا دەل روبەتنىڭ ئەكسى بولۇپ، ھېساۋاتقا پىششىق بولمىغاننى ئازدەپ، ھەتتا كىشىگە ئاز-تولا گالۋاڭدەكمۇ تۇيغۇ بېرەتتى. ناۋادا، سىز ئۇنىڭ ئالدىغا دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل تەرەققىيات پىلانىنى قويۇپ قويسىڭىزمۇ، ئۇ بۇ بىرپارچە قەغەزگە قىلچىمۇ كۆڭۈل بۆلمەيتى، چۈنكى ھەقىقى كېلەچەك مەۋھۈم بىرنەرسە بولۇپ، ئالدىن كۆپ ئويلىۋىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.
ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇنىڭ بۇ كىچىككىنە شىركىتى  يەنە بىركۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسا، دېمەك ئۇ يەنە داۋاملاشتۇرۇپ كېتەلەيتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىقتىسادىي كىرزىس خەۋىپىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتەلمىگىنى بىلەن بۇ بىرمەيدان ئالەمنى  مالەم قىلغان مالىمانچىلىقتىن ئامان- ئېسەن ئۆتۈپ كەتتى.
ئەجىبا بۇ « گالۋاڭنىڭ غىمىنى خۇدايىم قىلىدۇ» دېگەن شۇمۇ ؟
ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ھاياتى ئەزەلدىنلا بىر مۈجىمەللىك، بىز دائىم ئىزدەيدىغان بەخت ۋە خۇشاللىق دەل شۇ مۇجىمەللىك ئىچىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. كەلگۈسى ھەققىدە بەك زىل بولۇپ كېتىش ،  بىزنى بىلىپ –بىلمەي ھەممىدىن ئىھتىيات قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ، شۇنبىڭ بىلەن كەلگۈسىدىكى ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئۆزقولىمىز بىلەن بوغۇپ تۇنجۇقتۇرۇشتىن ساقلانمىقىمىز تەس...

mmexport1489592303217.jpg (93.05 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1489592303217.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:00 , Processed in 0.058452 second(s), 26 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش