«ئابرال ئۇنتۇمايدۇ» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقاتئىنستىتۇتىدىن) راستىمنىئېيتسام، ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇمىغىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قاپتىكەن، 2015- يىلى«كىتاب ئوقۇش يىلى» كېلىشى بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسى تەۋەسىدە خوتەندە بىر يىلتۇرۇشقا نىسىپ بولدى. «ئەتىگەن- ئاخشامدا كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىدىغان بولدى»دەپ خۇشال بولساممۇ، خوتەننىڭ ئەتىيازدىكى توزانى، ياتاقنىڭ زەي، گىرىمسەنلىكى،كىرىپ- چىقىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكىگە كۆزۈمنىڭ «دۇربۇن»لۇقى قوشۇلۇپ،خاتىرجەم كىتاب ئوقۇش تەشنالىقىمنى قاندۇرالمىدىم. «كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىمھاسىدىن ئايرىماپتۇ» دېگەندەك، ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ماڭا زورياردەمدە بولدى. بىر يىلنىڭ ئەتىگەن- ئاخشىمىنى تېلېفۇننى بېشىمغا قويۇۋېلىپ،نەچچە يىلدىن ئوقۇيالمىغان ھەم ئىلگىرى ئوقۇغان بولساممۇ، قايتا ئوقۇشنى ئارزۇقىلغان ئەسەرلەرنى تەپسىلىي ئاڭلاپ چىقتىم. كۈزدە ئۈندىداردىن مىركايىل نۇرئالىمنىڭ«ئابرال ئۇنتۇمايدۇ» ناملىق رومانىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ سۆيۈندۈم،ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرۇپتۇكى، بۇ روماندا چوقۇم ئابرال تېغىغا مۇناسىۋەتلىك بىرتارىخىي ۋەقە بايان قىلىنغانلىقى تەھقىق! قايتىشۋاقىتلىرىمىز يېقىنلاشقانسېرى كۈنلىرىمىز ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.خوتەن شەھىرىگە كىرىپ، «ئىنساب» كىتابخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى دۆلەتگۈل سىڭلىمىزبىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، «ئابرال ئۇنتۇمايدۇ» رومانى ھەققىدە سۆزلىشىپقالدۇق. «20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا ئالاقىدار رومان...» دېدى دۆلەتگۈل. شۇيەردىلا كىتابتىن بىرنى باشقا كىتابلارغا قوشۇپ سېتىۋالدىم. خوتەندە كىتابنىئوقۇشقا پۇرسەت بولمىغاچقا، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپلا ئوقۇشقا كىرىشتىم. ئارىدامىركايىل بىلەنمۇ ئۈندىداردا سۆزلىشىپ تۇردۇم. ئۇمۇ كىتابنى ئوقۇپ پىكىر بېرىشىمنىتەلەپ قىلدى. كىتابنىڭ بىرىنچى بابىنى ئوقۇپ، ھەم سۆيۈندۈم، ھەم ئەپسۇسلاندىم.نېمىشقا؟ كىتاب 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى نىلقا ناھىيەسى سۇپتاي يېزىسىدا ئۇيغۇريېڭى مائارىپىنىڭ بىخلىنىشى بىلەن باشلانغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتىكى يۇرت كاتتىلىرىبولغان بايلارنىڭ (ئابابەكرى شاڭيۇ، مەنسۇرباي)، دىنىي زاتلارنىڭ (توختاخۇن مەزىن)ئىلىم سۆيەرلىكى سۆيۈندۈرگەن بولسا، دەسلەپكى بابتىلا باش پېرسۇناژ مەھمۇدنىڭ بىربەت ئىچىدىلا بىردەم 10 ياشلارغا كىرىپ قالغانلىقى، بىردەم بۇرۇتى خەت تارتىپقالغانلىقى، زىياۋۇدۇننىڭ بىنەمدىكى سامان- مەڭگەنلىرىنى ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن ئاغىينىلىرىبىلەن تاماكا چېكىشكەچ دېگەن مەسلىھەتىنىڭ بىردەمدىلا مەھمۇدنىڭ سامان-مەڭگەنلىرىنى توشۇيدىغان ئاغىينىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشىدەك گادىرماچ ۋەقەلىك ھەمجۈملىلەردىكى بوشاڭلىق، تەكرار، ئارتۇقچە سۆزلەر ئەپسۇسلاندۇرغانىدى. ئەتىسىلا بۇپىكرىمنى مىركايىل بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئۇمۇ بېشىدا كېتىپ قالغان مەسىلىلەرنى تەنئالدى. شۇنىڭ بىلەن كىتابنى داۋاملىق ئوقۇشقا كىرىشتىم ھەم بارا- بارا كىتابئىچىگە شۇڭغىدىم. مانا كىتابنىمۇئوقۇپ تۈگەتتىم... كاللامدا تەگسىز خىياللار... كىتابنى ئۈچكۈندە ئوقۇپ تۈگەتكەنلىكىم، پىكىرلىرىمنى پىشۇرۇپ- رەتلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىمئۈچۈن بۇ يازمامنىڭ قايىل قىلىش كۈچىگە بىر نېمە دېيەلمەيمەن، يەنە كېلىپ ئەتەنىلقىدا ئېچىلىدىغان بۇ رومان ھەققىدىكى سۆھبەتكە ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن بۇ يازمامنىكىتاب ئوقۇش تەسىراتى تەرىقىسىدىلا تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا ئاساسىدا بايان قىلىشقاتىرىشىمەن. 1. روماننىڭ مەزمۇنىھەققىدە دەسلەپكى تەسىراتىم شۇكى، مىركايىل نۇرئالىمتەلەيلىك يازغۇچى بوپتۇ. چۈنكى ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكىنى ئۇنىڭبىر تەلىيى. لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئانا ماكان بولغان، ئىنقىلاب ئوتىغا ئوچاق بولغانسۇپتايدىكى ئاق كۆڭۈل، پاراڭچى دېھقانلارنىڭ ئارىسىدا بىر قەلەمگەر بولۇپ يېتىشىپچىققىنى يەنە بىر تەلىيى. رومانغا سۇپتايدىكى جەدىت مائارىپىنىڭ بىخلىنىشى بىلەنئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىنى مەزمۇن قىلغىنى يەنە بىر تەلىيى. رومان مەھمۇدنىڭ مەكتەپكە كىرىشى بىلەنباشلىنىدۇ، ئابابەكرى شاڭيۇ، مەنسۇرباي، توختاخۇن مەزىن، سادىق ھاجى... قاتارلىقيۇرت مۆتىۋەرلىرى مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان تالىپچاقلارنىڭبىرەرسىنىڭمۇ خەت يازالماسلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ، ئۆز يېزىسىدىمۇ غۇلجىدىكى يېڭىچەمەكتەپلەرگە ئوخشاش مەكتەپ ئېچىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئابابەكرى شاڭيۇئوغلى مەھمۇدنى غۇلجىدىكى مەدرىسەگە ئەكىرىپ بېرىدۇ. سۇپتايدا ھەر تەرەپنىڭ كۈچىشىبىلەن نوغاي داموللام پەننىي، دىنىي بىلىملەر تەڭ ئۆتىلىدىغان ئىپتىدائىي مەكتەپئاچىدۇ ھەم بۇ مەكتەپ ياڭ زىڭشېن پەننىي مەكتەپلەرنى تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈرگىچەداۋاملىشىدۇ. ئارىدىكى ۋەقەلىك مەھمۇدنىڭ مەھەللىسىدىكى ئىشلار، مۇھەببەتكەچۈرمىشلىرى بىلەن راۋاجلىنىپ، «ئاپرېل ئۆزگىرىشى»گە تۇتىشىدۇ. شېڭ شىسەينىڭدەسلەپكى «مېھرىبان، ئاق كۆڭۈللۈكى»، كېيىنكى نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغاندىكى ئەپتى-بەشىرىسى بىلەن سۇپتايدىكى ماھىيەت بىلەن كارى يوق، شەكىلنى ئېسىدە مەھكەمتۇتىدىغان نادان، جاھىل دىنىي كۈچلەرنىڭ يېڭىچە مەكتەپنى «بالىلارنى دىندىنچىقاردى» دەپ قارىشىغا نوغاي داموللامنىڭ سۇپتايدىن نىلقىغا كۆچۈپ كېتىشى قوشۇلۇپ،يېڭىچە مەكتەپ تاقىلىش گىردابىغا بارىدۇ. چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم- سىتەم سۇپتايدىكىھەممىگە بىپەرۋا قارايدىغان، «يازدا بىنەمگە ئۇرۇقنى چېچىپ قويۇپ، بىر يازنىسايىدا يانپاشلاپ يېتىپ ئۆتكۈزۈپ، كەچكۈزدە داننى قارغا مىلەپ ئېلىۋېلىپ، ھەتتاسامان- مەڭگەنلىرىنى توشۇۋېلىشقىمۇ ئېرىنىپ، بىنەمدىكى خامانغىلا كۆمۈپ قويۇپكېلىدىغان»، «قىشنى توي ئويناش، ئوۋ ئوۋلاش، ئوغلاق تارتىش، بەزمە- مەشرەپ بىلەنئۆتكۈزىدىغان» بىغەم تارانچىلارنىمۇ بېشىنى سىلكىۋېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئاقىۋەتتەنىلقا ئۇلاستايدا فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، غېنى باتۇر... قاتارلىقلارنىڭ بىريەرگە كېلىشى بىلەن ئىنقىلاب پارتلايدۇ... روماندا 20- ئەسىردە شىنجاڭدا، نىلقىدا يۈزبەرگەن يېڭىچە مائارىپنىڭ باشلىنىشى ۋە ئىنقىلابتىن ئىبارەت ئىككى زور ئىش مەھمۇدنىباش پېرسۇناژ قىلىپ تۇرۇپ بىر- بىرىگە ناھايىتى تەبىئىي باغلانغان. ۋەقەلىك كىشىنىھەم ھاياجانلاندۇرىدۇ، ھەم جىددىيلەشتۈرىدۇ. مانا بۇ رومان مەزمۇنىدىكىمۇۋەپپەقىيەت، بۇ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مىركايىل نۇرئالىم تەبرىكلىنىشكە،ئالقىشلىنىشقا مۇناسىپ. ئەگەر روماننىڭ بېشىغا نىلقىنىڭ جۇغراپىيەلىكمۇھىتى، سۇپتايغا ئالاقىدار رىۋايەتلىك بايانلار، يەنى بۇ يەرنىڭ تاغ- تاشلىرى،ئاب- ھاۋاسى، ساي- ئېدىرلىرى ھەققىدە ئىزاھات خاراكتېرلىك بايانلارمۇ تەپسىلىيرەكقوشۇۋېتىلگەن بولسا، رومان نىلقىنىڭ، سۇپتاينىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە تېخىمۇ مۇھىمرول ئوينىغان بولاتتى. روماندا مەھمۇد،غىياسىدىن، ئابابەكرى شاڭيۇ، مەنسۇرباي، توختاخۇن مەزىن، غېنى باتۇر، نوغايداموللام، مۇتائالى داموللام، نىيازئاخۇن، فاتىخ، ئەكبەر... قاتارلىق نۇرغۇنپېرسۇناژلار بار، بۇلارنىڭ بەزىلىرى بەدىئىي پېرسۇناژلار، بەزىلىرى رېئاللىقتائۆتكەن ھەقىقىي شەخسلەر. بۇلارنى قانداق ئىپادىلەش يازغۇچىدىن تارىخىي بىلىم،كۆزىتىش، ئىپادىلەش ئىقتىدارى، ئوتتۇرىغا چىقىرىش ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ. روماندىكى باشپېرسۇناژ مەھمۇد ئابابەكرى شاڭيۇنىڭ ئىككىنچى خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئەقىللىق، دىتىبار، ئامراق ئوغلى. ئۇ دەسلەپتە دىنىي مەكتەپكە كىرگەندە ھەممىگە تېڭىرقاپقارايدىغان بىر سەبىي. كېيىنچە غۇلجىدىكى مەدرىسەگە كىرىپ باشلانغۇچ پەننىي ساۋاقئالىدۇ، ئاندىن سۇپتايدا نوغاي داموللامنىڭ تەربىيەسىدە بولۇپ، تەدرىجىي خەلپەت(ئەپەندى) بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇ سۇپتايلىق دېھقان بالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەنبىنەم ئىشلىرىغا، ئوۋچىلىققا، تاغچىلىققا پىششىق. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىنكېيىن، ئامىنەمگە كۆڭلى چۈشۈپ، ئىشق ئوتىدا ئۆرتىنىدۇ. بۇ ئۆرتىنىش قانداقتۇرۋىسالىغا يېتەلمەسلىك، «ئېگىز شاختىكى شاپتۇلغا قولى يەتمەسلىك»تىن ئەمەس، بەلكىتۇنجى سۆيگۈنىڭ ئىزتىراپىدىكى ئۆرتىنىشتۇر. بۇ خۇددى مۇسۇلمان بالىلىرىغا پەرىزبولغان خەتنە تويدەك ھەممە يىگىتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان جىددىيلىشىش، قورقۇش،تەقەززا بولۇش، ھاياجانلىنىش قاتارلىق تۇيغۇلار ئارىلىشىپ كەتكەن ئىزتىراپ. بۇجەريانمۇ روماندا ناھايىتى تەبىئىي بايان قىلىنغان. لېكىن روماننىئوقۇپ دەسلەپتە شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەھمۇد ئوبرازىنى يارىتىشتا روماندا يەنە ئىككىباب كەم قالغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. بىرى، مەھمۇدنىڭ غۇلجا مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقانمەزگىلىدىكى بايان، يەنى ئابدۇمۇتائالى داموللام، نوغاي داموللاملار دەرس بەرگەنمەزگىلىدىكى كەچۈرمىش، ئوي- خىياللىرى. چۈنكى بۇ باب مەھمۇدنىڭ بىلىم ئېلىشجەھەتتىكى ئۆسۈپ- يېتىلىشىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىللە، ئابدۇمۇتائالى داموللامبىلەن نوغاي داموللامنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، شۇ ۋاقىتتىى ئوي- خىيالى، بۇلارنىڭمەھمۇدقا بەرگەن تەسىرى قاتارلىقلاردا تېخىمۇ رولى بولاتتى. يەنە بىرى، مەھمۇدبىلەن غىياسىدىننىڭ سۇپتايدا نوغاي داموللامدىن ساۋاق ئالغان مەزگىلى ھەققىدىكىبىر باب. بۇ مەزگىل مەھمۇدنىڭ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتقان ۋاقتى بولغاچقا،ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىدە، كېيىنكى ئىنقىلاب ئوتىغا ئۆزىنى ئۇرۇشقا ئاساسبولغان بولاتتى. مۇشۇ مەزگىلدە مەھمۇد بىلەن غىياسىدىننىڭ جەمئىيەت، ۋەزىيەت،ئەتراپىدىكى ئىشلار ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىك دىيالوگ- سۆھبەتلىرى ئاز بولۇپ قالغان.چۈنكى بۇ ئىككى ياش شۇ ۋاقىتلاردىكى سۇپتاينىڭ زىيالىيلىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلاردائامىنەنى كەلتۈرۈش پارىڭىدىن باشقا، ئىدىيە ئالماشتۇرىدىغان، بىر- بىرى بىلەنئۆتۈلگەن ساۋاقلار، داموللامنىڭ تەسىر قىلغان مۇاھىزىلىرىنى ھەزىم قىلىدىغان،ۋەزىيەت، جەمئىيەت ھەققىدە سۆزلىشىدىغان تېمىلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئىدى. بۇيەرلەر روماندا كەم قالغان. شۇڭا مەھمۇد روماننىڭ بېشىدا بەزى تەپسىلاتلارغامەجبۇرىي قىستۇرۇلغان بولسىمۇ (چوڭلار مەشرەپ ئوينىغاندا قوي بوغۇزلاشتەك)، باشپېرسۇناژدەك ئەمەس، يانداش سايىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. روماندىكىئابابەكرى شاڭيۇ بىلەن مەنسۇرباي شۇ دەۋرلەرگە نىسبەتەن سۇپتايدىكى بايلارنىڭۋەكىلى. ھازىرغىچە پەننىي مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىدا بايلارنىڭ رولى ئىلمىي، تارىخىيئەسەرلەردە بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۇلار تاماشىبىن ياكىپەننىي مەكتەپ ئېچىشنى توسىغۇچى كۈچ سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان. ئەمەلىيەتتەشىنجاڭدا پەننىي مەكتەپلەر مەيلى 20- ئەسىرنىڭ بېشىدىكى جەدىتچىلىك مائارىپىبولسۇن، ياكى 1935- يىلدىن كېيىنكى جەدىتچىلىك مائارىپى بولسۇن، تامامەن دېگۈدەكبايلارنىڭ تەشەببۇسى، مەبلەغ سېلىشى، تۈرلۈك ياردەملەردە بولۇشى بىلەن ئېچىلغان.مۇسابايوپلار جەمەتىنىڭ مەكتەپ ئېچىشى ۋە ھەرقايسى يۇرتلاردىكى باي، زەردارلارنىڭياردەمدە بولغانلىقى تارىخىي پاكىتلاردىن مەلۇم. روماندا بۇ ئىككى باي گەرچەزەردارلاردىن بولمىسىمۇ، ئۆز يېرىگە نىسبەتەن باي، يۇرت كاتتىلىرى، مانا مۇشۇنداقيۇرت كاتتىلىرىنىڭ بولۇشى شۇ يۇرت ئۈچۈن كاتتا نېمەت، شۇ يۇرتنىڭ ئامەت- تەلىيى!ئابابەكرى شاڭيۇ مەرد، مەردانە، خەلقچىل، مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولسىمۇ، ساۋاتسىزلىقى،نەزەر دائىرىسى سۇپتاي ۋە ئەتراپتىكى قوشنا يېزىلاردىن ھالقىپ كېتەلمەسلىكىسەۋەبلىك مەھمۇدنىڭ بېشىغا كەلگەن دىشۋارچىلىقلارغا ئارا تۇرالمايدۇ ھەمشاڭيۇلۇقتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن كېسەلچان بولۇپ يېتىپ قالىدۇ. لېكىن ئۇنىڭمەھمۇدنى غۇلجا مەدرىسىدە ئوقۇتقانلىقىنىڭ ئۆزى شۇ ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيتقانداتولىمۇ تەرەققىيپەرۋەرلىك. مەنسۇربايدەسلەپتە ئابابەكرى شاڭيۇ بىلەن يېقىن ئۆتىدۇ، كېيىن مەھمۇد بىلەن «ئاكامئاغىينەم، ئۇكام ئاغىينەم» بولۇشۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ مەرد، قاراملىقى، ئوۋغا، ئوغلاقتارتىشىشقا ھېرىسلىكى، ئۆز يۇرتى (سۇپتاي)نىڭ يۈز- ئابرۇيىنى ھەممىدىن ئۈستۈنكۆرۈشى ئادەمنىڭ ئېسىگە «ئانا يۇرت» رومانىدىكى مۇختەرباينى ئەسلىتىدۇ، لېكىن ئۇمۇختەربايدەك شەھۋەتپەرەس ئەمەس، ئاق- قارىنى پەرق ئېتىدۇ، يۇرتقا ئادىل مۇئامىلەقىلىدۇ. ھەتتا باج تۆلىيەلمىگەن دېھقانلارنى تۇتماقچى بولغان ھۆكۈمەت باجگىرلىرىغائۆز قوتىنىدىن 20- 30 تۇياقلاپ قوي، ئېشەك ئېلىپ چىقىپ، دېھقانلارنىڭ باجخىراجىتىگە ھېسابلاپ ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزىدۇ. جاڭ پېييۈەننىڭ پىترىغان ئەسكەرلىرى ئامىنەمنى ئېتىۋەتكەندە، يۇرتياشلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قاراگىر ئاتقا مىنىپ، ئۇلارنى قوغلايدۇ ھەم ئوۋ مىلتىقى بىلەنئەسكەردىن بىرنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىرىنى ئەسىر ئالىدۇ. ئۇ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغاقارىماي، ئىنقىلابقىمۇ باشتىن- ئاخىر قاتنىشىدۇ. مەنسۇرباينى روماندىكى ئەڭمۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان پېرسۇناژ دېيىشكە بولىدۇ. توختاخۇن مەزىنۋە نىيازئاخۇن ئىمام روماننىڭ بېشىدا خېلى گەۋدىلەنگەن بولسىمۇ، ياشىنىپ قالغانلىقىئۈچۈنمۇ ياكى دەۋرگە يېتىشەلمىگەنلىكىدىنمۇ روماننىڭ كېيىنكى بۆلىكىدە دېرەكسىزغايىب بولىدۇ. توختاخۇن مەزىن گەرچە دىنىي مەكتەپتە خېلى ئوقۇغان بولسىمۇ، خەتيازالمايدىغانلىقىغا قارىماي، خېلىلا تەرىقەتپەرۋەر، يېڭىچە مەكتەپنى ئابابەكرىشاڭيۇ، مەنسۇربايلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قوغدايدۇ ھەم ياردەمدە بولىدۇ. چۈنكى،ئۇمۇ خېلى ھاللىق دېھقانلارنىڭ تىپى. نىيازئاخۇن گەرچە ئىلگىرىكى ئىمام بولسىمۇ،نوغاي داموللام كەلگەندىن كېيىن ئىماملىقتىن چەتتە قالدۇرۇلغان، بۇ قورساق كۆپۈكىئۇنى يېڭىچە مائارىپقا ئۆچ قىلىپ قويغان. دېمەك، ئۇنىڭدا دىنىي بىلىم ئارقىلىقرەددىيە بەرگۈدەك ئۇماچ بولمىغاچقا، قورساق كۆپۈكىنى ئەرز قىلىش، چېقىمچىلىق بىلەنئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىماملىق ئورنىنى قايتۇرۇۋېلىش غەرىزىدە بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەرھازىرمۇ ئارىمىزدا بار، يالغۇز دىنىي ساھەدىلا ئەمەس، ھەممە ساھەدە ئالدىغائۆتەلمىسە كەينىدىن غاجاشنى كەسىپ قىلغان كىشىلەر نۇرغۇن. بۇ ئىككى پېرسۇناژمۇئىنقىلابتىن كېيىنكى ھالىتىدە بىزدىن خوشلاشقان بولسا، ھاردۇق تېخىمۇ چىقاتتى.بەلكىم ئاپتور بۇنى ئوقۇرمەننىڭ تەسەۋۋۇرىغا قويغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. فاتىخ، ئەكبەر،غېنى ئوبرازلىرى روماننىڭ كېيىنكى بۆلىكىدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇلار نىلقائىنقىلابىنىڭ سەركەردىلىرى. فاتىخنىڭ ئېغىر- بېسىق، تەمكىن، ئۇرۇش تاكتېكىسىغا بايقىياپىتى، ئەكبەرنىڭ پىلانلىق، باتۇر قورقماسلىقى، غېنىنىڭ قوپال، ئاغزى بىزەپ،قاراملىقى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تەسۋىرلەنگەن باشقا تارىخىي رومان ياكىماتېرىياللاردا كۆپلەپ ئۇچرىغاچقا، ئاپتور بۇلارنى تارىخىي چىنلىققا ماسئىپادىلەشتە قىينالمىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ پېرسۇناژلارنى باشقىلارتەسۋىرلىمىگەن نۇقتىدىن بايان قىلىش روماننى تېخىمۇ سۆيۈملۈك ۋە ئوقۇشچانلىققا ئىگەقىلغان. غىياسىدىن،ئامىنە، شاراپەت قاتارلىق مەھمۇدنىڭ دوست- يارلىرى گەرچە مەھمۇدنىڭ تۇرمۇشىدامۇھىم تەرەپ بولسىمۇ، روماندا ئۆز نۆۋىتىدە غىل- پاللا تەسۋىرلىنىپ، باش تېمىنىيورۇتۇشتا ياندىن ياردەمدە بولغان. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى ھەققىدە گەپبولغاندا، ئاۋۋال ئاپتور تىلى (بايان تىلى) بىلەن پېرسۇناژ تىلىنىڭ خاسلىقى بىرروماننىڭ بەدىئىيلىكىگە باھا بېرىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەن روماننى ئوقۇشجەريانىدا روماندا قوللىنىلغان تىلغا ئالاھىدە دىققەت- نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم ھەم بۇروماندىن ئەينى دەۋرگە خاس قويۇق تارانچى شېۋىسىنى ئىزدەشكە تىرىشتىم. بەلكىم بۇكەسپىمنىڭ تىل بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. لېكىن ھازىرقى نەشرىيات تەلىپى ۋە مۇھەررىرنىڭرەھىمسىز قەلىمى بۇ ئىنتىلىشلىرىمگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئويلىساملا كۆڭلۈم غەشبولىدۇ. چۈنكى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن كېيىن ھەرقايسى ناھىيەلەر ئۆز ئالدىغاخەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى «ئۈچ توپلام» (خەلق چۆچەكلىرى، خەلق قوشاقلىرى، خەلقماقال- تەمسىللىرى)نى توپلاپ، نەشر قىلىشقا كىرىشتى. لېكىن توپلاملارنى كۆرۈپھەيران قالدىم. توپلاملاردىكى يەر- جاي ناملىرىنى ئالماشتۇرۇپ قويسىلا، ھەممەيەرگە چۈشىۋەرگۈدەك ئەدەبىيلىشىپ، ھېچقانداق ئېغىز ئەدەبىياتى پۇرىقى قالمىغانىدى.بۇنىڭدىكى سەۋەبمۇ نەشرىياتنىڭ نەشر بۇيۇملىرىدا دىيالېكىت- شېۋىنى چىقىرىپتاشلاپ، ئەدەبىي تىل ئىشلىتىمىز دېگەن قارىشىدىن كەلگەن. مانا مۇشۇنداق قاراشتۈپەيلىدىن مەلۇم جاينىڭ شېۋە- دىيالېكىتلىرى بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ تۇرغان خەلقئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى كىم ئوغرىلاپ ئىشلەتسە بولىۋېرىدىغان ئورتاق بۇيۇمقىلىپ قويۇلغان. دىيالېكىت- شېۋە بولماي تۇرۇپ ئەدەبىي تىل ئاسماندىن چۈشەمدۇ؟ئەدەبىي تىل ھېچقانداق دىيالېكىت- شېۋە كىرەلمەيدىغان سىرلىق قورغانمۇ؟ ئۇنداقئەمەس، دىيالېكىت- شېۋىنىڭ كۆپ قىسمى ئابا- ئەجدادلىرىمىز قوللىنىپ كېلىۋاتقانسۆز- ئاتالغۇلار، بەزى كىرمە سۆزلەر «تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ» دېگەندەكئۇلارنى بويۇن قىستۇرىۋاتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇۋاپىق قوللىنىلغان دىيالېكىت-شېۋە سۆزلىرى ئەدەبىي تىلدىكى ئەبجەش، سۈنئىي سۆزدىن مىڭ ھەسسە ئەۋزەل. پېرسۇناژتىلىدىكى شېۋە- دىيالېكىت سۆزگە چېقىلىشقا مۇھەررىر- كوررېكتورنىڭمۇ ھەققى يوق!!! روماندا شۇ جايغىلا خاس بولغان، لايىقىدائىشلىتىلگەن سۆز- ئاتالغۇلار خېلى بار. مەسىلەن: ● - قارنىڭبۇنچىلىك قېلىن يېغىپ كېتىدىغىنىنى بىلگەن بولسام، بالدۇرراق بىر- ئىككى كۆشۈكتېپىپ، ھاشىمنىڭ ئۆكۈزىنى لاپقۇت قىلىپ ساماننى ئەكىلىۋالاتىمكەن، - دېدىزىياۋۇدۇن يانچۇقىدىن گۈل چېكىلگەن تاماكا خالتىسىنى ئېلىپ. (11- بەت) ● ئاسار قىلغان ئادەم بىر قوينى سويۇپ، تاماق قىلىپ ئاسارغاقاتناشقان بارلىق ئادەملەرنى مېھمان قىلىدۇ. (13- بەت) ● خاماننىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر دىڭگەكنى مىقتا قىلىپ ئورنىتىپ، ئات-كالىلارنى بىر- بىرىگە چېتىپ، كۆگەنلەپ، بۇغداينى خامانغا تەكشى يايىدۇ.(14- بەت) ● – مەن ھازىر بۇ يەردە بالا ئوقۇتۇۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش- قۇرۇنۋاقتى، ياز كەلسە ئاندىن بىر گەپ بولسۇن... (67- بەت) ● ئابرال تېغىنى قوۋۇرغىلاپ كەتكەن بىر يول بار. (104- بەت) بۇنداق مىساللارناھايىتى كۆپ، ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن مۇشۇنچىلىكلا مىسالنى دەپ تۇراي. يۇقىرىدىكىمىساللاردىكى ئاستى سىزىلغان «كۆشۈك، لاپقۇت، ئاسار، دىڭگەك، كۆگەنلەپ، قىش- قۇرۇن، قوۋۇرغىلاپ كەتكەن» دېگەن سۆزلەر تارانچىلارنىڭ،سۇپتايلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس شېۋە ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ يەرلىك تېمىدىكىرومانلارنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان تۈپ ئالاھىدىلىك. ئاپتور روماندا بەزىسۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا تىرناق ئېچىپ، مەنىداش سۆزىنى يېزىپ قويغان بولسىمۇ،بەزىلىرىنى ئۆزۈڭ چۈشەن دەپ ئۆتۈپ كەتكەن. ھازىر رومانلاردىكى بەزى تارىخىىي ۋەقەلىك، ئالاھىدە سۆز- ئاتالغۇلارغا ئىزاھبېرىلمەس بولدى، ئەسلىدە ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ خۇددى ئىلمىي ئەسەرلەرگە ئوخشاشئىزاھ بېرىلسە، مۇھەررىرلەرنىڭ «خەق چۈشەنمەيدۇ، ئورنىغا باشقا سۆزنىئالماشتۇردۇم» دەپلا ئوبدان جايىغا چۈشكەن بىر سۆز- ئاتالغۇنى خالىغانچە ئۆلۈمگەھۆكۈم قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولار ئىدى. روماننىڭ تىلىھەققىدە توختالغاندا، بىرمۇ- بىر ئوپىراتسىيە قىلىش لازىم ئىدى، ۋاقىت ئېتىبارىبىلەن ئاپتورنىڭ بايانى (بايان تىلى ياكى پېرسۇناژ تىلى)دا كەتكۈزگەن جايلىرى،مۇھەررىر- كوررېكتوردىن كەتكەن جايلىرى ─ بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى مۇھەررىر ۋە كوررېكتورنىڭ قەلىمى بىلەن ئوڭشىلىپ كېتىشىتامامەن مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇلارمۇ بۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارىغان، ─ ھەققىدە ئانچە- مۇنچە توختىلىپ قوياي. ● موللا ھەر كۈنى بالىلارغا ئاشۇ ئۇسۇلدا دەرس بېرىپ قويۇپ، بالىلارنىڭئارىسىدىن ياشتا چوڭراق بىرەر بالىغا بالىلارغا قاراشنى تاپىلاپ قويۇپ، چىقىپكېتىپ، ئۆز ئىشىنى قىلاتتى. (5- بەت) دىياگنوز: سۆزتەكرارلىقى جۈملە بوشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ● ئاتتىن سەكرەپ چۈشكەن ھاشىر پىچاقنى ئېلىپ، ئېلىكنىڭ گېلىغا «بىسمىللا،ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ پىچاق ئۇردى. (18- بەت) دىياگنوز: سۆزتەكرارلىقى كۆرۈلگەن. بىر جۈملىدە دەسلىپىدە «پىچاقنى ئېلىپ»، ئاخىرىدا «پىچاقئۇردى» يەنە كەلگەن. ● - ... ئاندا- ساندا بايلار، قول ئىلكىدە بارلار، بالىلىرىنى غۇلجىغا ئەكىرىپ،مەدرىسەلەردە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. قالغان خەلقنىڭ بالىلىرى بولسا، ئوقۇشسىز قېلىپ، كۆزىئوچۇق قارىغۇ بولدى، - دېدى ناھايىتى مەيۈس ھالدا توختاخۇن مەزىن قىسقاقىرقىم ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ، - بىزدە ھازىر دىنىي مەكتەپ بار، بولسا پەننىيمەكتەپ ئاچساق، سادىق ھاجى، سىز ياردەم قىلغان بولسىڭىز، - دېدى توختاخۇن مەزىن.(30-31- بەت) دىياگنوز: سۆزتەكرارلىقى. ئاخىرىدىكى «دېدى توختاخۇن مەزىن» ئارتۇقچە بولۇپ قالغان. ● ئادەم يالغۇز ماڭغان چاغلاردا شامال ھۇۋلىغاندا چىققان ھەرتۈرلۈك ئاۋازلار ئادەمگە قورقۇنچ سېلىپ ۋەھىمە پەيدا قىلاتتى. خۇددى جىن-ئالۋاستىلار ھەر تەرەپتىن ۋارقىراۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. شۇڭا، ئادەملەربۇ يەردە جىن- ئالۋاستى بار دېيىشەتتى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەمبۇ يەردىن يالغۇز ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ناۋادا يالغۇز ئۆتۈپ قالار بولسائۆزىنى سۈر بېسىپ، تېنى شۈركۈنەتتى. دېمىسىمۇ بۇ يەردە بىرقانچە ئادەمقىشتا يول تاپالماي توڭلاپ ئۆلۈپ قالغانىدى. بۇ يەردىن ئادەم ئۆتكەندە جىن-ئالۋاستىلار ئۆچكە بولۇپ كۆرۈنىدىكەن، دېگەن گەپلەر تارقالغاچقا بۇ خىل ۋەھىمە ئادەملەرگەتېخىمۇ قورقۇنچ سالاتتى. شۇڭا، بۇ يەرنى ئادەملەر «باياۋۇل» دەپ ئاتايتتى.(37- بەت) دىياگنوز: سۆزتەكرارلىقى زىيادە. بىر ئابزاس ئىچىدىكى باياندا «ئادەم» سۆزى سەككىز يەردەكەلگەن. ● سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن يىراقلاردىن مەسچىتكەكېلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئايىغىدىن چىققان قاردا غاچ- غۇچ قىلغان ئاۋازئاڭلىناتتى. (126- بەت) دىياگنوز: ئۇقۇمقالايمىقانلىقى. ئادەملەر سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن يىراقتىن مەسچىتكە كەلدىمۇ؟ سوغۇقنىڭتەسىرىدىن غاچ- غۇچ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندىمۇ؟ قار ياغسا سوغۇق تەسىر قىلمىسىمۇئاياغدىن غاچ- غۇچ قىلغان ئاۋاز چىقىۋېرىدىغۇ؟ ● – ھەي، ئابدۇرېھىم، - دېدى مەنسۇرباي چوڭ ئايالى سارەمدىن بولغان چوڭ ئوغلىئابدۇرېھىمنى چاقىرىپ، - سەن، ئاتچىلارغا دەپ قوي، ... تېقىمى مىختا بىرقانچەئوغلاقچىلارنى ئېلىۋالىمەن، - دېدى مەنسۇرباي ئوغلى ئابدۇرېھىمغا. (183-بەت) دىياگنوز: سۆزتەكرارلىقى. مەنسۇرباي بىر تىنىقتا دەۋاتقان سۆزلەرنىڭ باش- ئاخىرىغا «دېدىمەنسۇرباي ئابدۇرېھىمغا» دېگەن سۆزلەرنى ئارتۇقچە قىستۇرۇش ھاجەتسىز. ● بۇ ياشلار خۇشاللىق يېشىمۇ ياكى قايغۇ يېشىمۇ ھېچكىمبىلمەيتتى. چۈنكى، ئاياللار خۇشال بولسىمۇ، ئازابلانسىمۇ يىغلىشىدۇ ئەمەسمۇ!ئىلاھىم، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرى شادلىق ياشلىرىبولغاي!... (198- بەت) دىياگنوز: سۆزتەكرارلىقى. بىر باياندا بەش يەردە كۆز يېشى، بەزىلىرىنى قىسقارتىش تامامەنمۇمكىن. ● «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز» دەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم. «سۇپتايدىكىمەھمۇد بولىمەن، ئابابەكرى شاڭيۇنىڭ بالىسى» دەپ، تونۇشلۇق بەردىم. (200-بەت) دىياگنوز: سۆزتەكرارلىقى. ئارىلىقتىكى «دەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم» ئارتۇقچە. ● بۇ ئۆي غىياسىدىننىڭ دادىسى توختاخۇن مەزىننىڭ ئۆيى ئىدى. (262- بەت) دىياگنوز:ئارتۇقچە جۈملە. روماندا سۇپتايدا شۇ چاغدا بىرلا توختاخۇن مەزىن بار،غىياسىدىننىڭ ئۇنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئالدىنقى بايانلاردىن ئايان. جۈملىنىڭئالدىدىمۇ توختاخۇن مەزىن نەچچە يەردە تىلغا ئېلىنغان. ئاپتورنىڭ يەنە قايتائىزاھلاپ جۈملە قوشۇشى ئارتۇقچە. ● جاندىن ئۆتىدىغان سۇپتاينىڭ سېرىق شامىلىئوبدانلا مۇزلاتقانىدى. (264- بەت) دىياگنوز: سۆزئورنىغا چۈشمىگەن. سۇپتاي جاندىن ئۆتەمدۇ ياكى سېرىق شامالمۇ؟ ئەمىسە «جاندىنئۆتىدىغان» دېگەن بىرىكمە «سۇپتاينىڭ» كەينىدە تۇرسۇن. ● مەھمۇد دەماللىققا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ياغاچتەك قېتىپلا قالدى.كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ئۇزاق يىللار كېسەل تارتقان بىماردەك تۇرغان يېرىدە ئايلىنىپقېتىپلا قالدى. (268- بەت) دىياگنوز:تەكرارلىق ھەم مەنتىق خاتالىقى. مەھمۇد ئىككى خىل قېتىپ قالدى، بىرى ياغاچتەك،يەنە بىرى، ئايلىنىپ. كېيىنكى «قېتىپ قېلىشى» تېخىمۇ ئاجايىپ، «ئايلىنىپ»قالغانىكەن، يىقىلىشى، يېتىپ قېلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ قېتىپ قالدى. زادى«ياغاچ»تەك قاتتىمۇ ياكى «ئايلىنىپ» ياتتىمۇ؟ ● پارتىزانلارنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن دۈشمەن زەمبىرەكلىرى ئېبانىشنىڭئۆيىنى زەمبىرەك ئېتىپ تۈزلىۋەتتى. (462- بەت) دىياگنوز:مەنتىقىلىق خاتالىق. ئالدىدىكى «زەمبىرەكلىرى» دېگەن سۆز ئارتۇقچە قىستۇرۇلغان. بولدى، روماندىن ئاستىنى سىزىپ قويغان بۇنداقجۈملىلەرنىڭ ھەممىنى تىزسام گەپ ئۇزىراپ، تىرناقتىن كىر ئىزدىگەندەك تۇيغۇ بېرىپقويۇشۇم مۇمكىن. لېكىن بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىدەدىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىپ قويساملا بولدى. ئۇندىن باشقا روماندا كوررېكتوردىنكەتكەن تىنىش بەلگىلىرى ۋە بەزى سۆزلەرنى بۇزۇپ قويغان خاتالىقلارمۇ خېلى بار.بۇلاردىن بىرنەچچىنى مىسال قىلاي. قىرائەت ئوقۇپ 39 قىرائەت قىلىپ ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق 55 ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق بىر ئۇستىخان 75 بىر تېرە، بىر ئۇستىخان دوڭغاقلىشىپ 90 دوڭغاسلىشىپ قارا پۇتىغا 164 قارا پوتىغا ھالىڭ نېچۈن 240 ھالىڭ نېچۈك ئېتىشىپ 372 ئېيتىشىپ (بۇ سۆز بىرقانچەيەردە كامېرلىرىدىن 426 كامارلىرىدىن تىنىش بەلگىلىرىدىكى خاتالىقلارنى دېمىسەممۇبولار، بۇ مۇلاھىزىمىزدىن ساقىت بولسۇن. يۇقىرىقى تىل- يېزىقتىن كەتكەنسەۋەنلىكلەر مەيلى ئاپتوردىن كەتكەن بولسۇن ياكى تەھرىردىن كەتكەن بولسۇن، روماننەشرىياتتىن بېسىلىپ چىققانىكەن، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمىغا مۇھەررىر بىلەن كوررېكتورجاۋابكار، نېمىشقا؟ چۈنكى، ئاپتوردىن كەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق جۈملىلەرنىراۋانلاشتۇرۇش شۇلارنىڭ خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىش. مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ تۇيغۇسى،كەسپىي ئەخلاق دەپ كۈندە شوئار توۋلاپ، بۇ ھەقتە توم- توم كىتابلارنى چىقىرىۋاتقاننەشرىيات خادىملىرى ئاۋۋال ئىىشنى ئۆزىدىن باشلاش كېرەك-دە! بەس، رومان ھەققىدىكى دەسلەپكى تەسىراتىممۇشۇنچىلىك. چۈنكى، روماننى ئالدىراپ بىرلا ئوقۇدۇم، شۇڭا، خاتا كۆرۈۋالغان، خاتاتۇيغۇدا بولۇپ قالغان يەرلىرىم بولۇشىمۇ مۇمكىن. قايتا ئوقۇپ، مەزمۇن، پېرسۇناژلارۋە ئەسەر تىلى ئۈستىدە قايتا ئويلانسام يەنە باشقىچە تۇيغۇدا بولۇشۇممۇ مۇمكىن.ئاخىرىدا يازغۇچى مىركايىل نۇرئالىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگەخاتىرجەملىك، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق- نەتىجە تىلەيمەن! 2016- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى، سائەت 2، ئۈرۈمچى.
|