تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
ئەقىل روھنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ۋە كامالىتىنى تەمىن ئەتكۈچىدۇر
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
alma
ۋاقىت:
2017-4-5 22:56
تېما:
ئەقىل روھنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ۋە كامالىتىنى تەمىن ئەتكۈچىدۇر
ئەقىل روھنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ۋە كامالىتىنى تەمىن ئەتكۈچىدۇر.
— ئەبۇ نەسىر فارابى
ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۇسىن ۋە لاتافەت ھايا بىلەن ئىففەتتۇر ، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر .
— ئىبن سىنا
ئىلىم ھېكمەت ئىزدە ، ئۆگىنىشتىن چېكىنمە ، غادايما ، بىرەر نەرسىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپلا ئۆزىنى بىلىملىك چاغلىغان ئادەم سىناقتا ھۇدۇقۇپ قالىدۇ .
— مەھمۇد كاشغەرىي
كىشىنىڭ ئەيبىنى ئىزدەشنىڭ ئۆزى ئەيىبتۇر ،
كىشنىڭ ئەيبىنى سۆزلەپ يۈرۈش پەسلىكتۇر . بىلگىنكى ، ئەلنىڭ ئەيبىنى ئىچىش ، ئۆزنىڭ ئەيبىنى ئىچىشتۇر .
— يۇسۇف خاس ھاجىب
تەكەببۇرلانماق ئۆز قەدرىنى بىلمىگەن ئادەم، تەكەببۇرلۇق ھەممە تىلدا ئەيىبلىنىدىغان قىلىق، ئەڭ ياخشى ئادەت كىچىك پېئىللىقتۇر .
— ئەھمەد يۈكنەكى
ۋافا پاك يارالغان بىر مەھبۇبدۇركى، فاك كۆڭۈلدىن باشقىغا يېقىنلىقى ۋە ئۈلفىتى يوق . ئۇ فاك يارالغان بىر تىلەكتۇركى ، فاكىز يارالغاندىن باشقىسىغا مەيلى ۋە رىغبىتى يوق .
— ئەلشىر نەۋائى
بىلىڭلاركى بۇ زامان غەفلەت ۋە بىفەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس ، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر . جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس ، ئىلىم مەرىفەت دەۋرىدۇر ، سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس ، تىرىشىش ۋە ئىجتىھاد ۋاقتىدۇر.
img-591d71585334a8308f7d920d71c39de1.jpg
(76.46 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)
چۈشۈرۈش
2017-4-5 22:56 چىقىرىش
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2