تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
مۇشۇنداق ئاتاش توغرىمۇ؟
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2017-1-22 11:21
تېما:
مۇشۇنداق ئاتاش توغرىمۇ؟
لوساڭ جياڭسۈن شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى، چىزالا شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلاندى
http://uyghur.people.com.cn/155989/15641535.html
تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ 10-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 5-قېتىملىق يىغىنىدا، 1- ئاينىڭ 15-كۈنى لوساڭ جياڭسۈن شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى، چىزالا شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2017-1-22 11:23
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى خەنزۇچىدە غەربىي تىبەت ئاپتونوم رايونى، دېگەن سۆز. ئۇيغۇرچىدە خەنزۇچىدىكى "شىزاڭ" "غەربىي تىبەت" دەپ تەئەرجىمە قىلىنمايلا خەنزۇچىسى قوللىنىلغان. بۇنى شازاڭ زاڭزۇ ئاپتونوم رايونى، دېيىش مۇۋاپىقمىدۇ؟
يوللىغۇچى:
uyghurman
ۋاقىت:
2017-1-24 20:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئەركمان ئەپەندى،خەلقئارادا شىزاڭنى ‹‹تىبەت TIBET››دەپ ئالىدۇ،زاڭزۇ خەلقى بىزنىڭ يىراق -يىراق ئانا تىلىمىزدا ‹‹تۈبۈت،تىبەت.....››دەپ ئۇلۇغلارنىڭ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان،ھەم ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا شۇنداق ئالغان،ئەپسۇسكى كۆپىنچە تىلماچ يولداشلار بەلكىم سىياسىي ئېڭى بەك يۇقۇرى بولغاچقا خەنزۇچە ئاتاشقا ئادەتلەنگەن،خەنزۇچە ئالسا بەلكىم شۇ يولداشنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەسى بەك يۇقۇرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرسە كېرەك،يەنە بىرسى ئاۋۇ ھىندىستانلىقلار بېسىۋالغان تىبەت زىمىنى بىلەن ج خ ج گە تەۋە تىبەت رايونىنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن خەنزۇچىدە ‹‹ 西藏››يەنى ‹‹كۈنپاتمىش تىبەت،قىبلە تىبەت،غەربىي تىبەت،مەغرىب تىبەت.................››دەپ ئاتىغان مەنچە بولسا ‹‹西藏自治区››نى تىبەت ئاپتونۇم رايونى(تۈركچەسى تىبەت ئۆزئەرك بۆلگەسى)،زاڭزۇ مىلەت نامىنى ‹‹تىبەت››دەپ ئالساق تامامەن بولىدۇ،چۈنكى خەلق.ئارادىمۇ شۇنداق ئاتايدۇ،شەخسىي پىكرىم،قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
يوللىغۇچى:
uyghur
ۋاقىت:
2017-2-3 17:26
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى 2017-1-22 11:23
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى خەنزۇچىدە غەربىي تىبەت ئاپتونوم ...
بۇنى ئۆزگەرتىش سەل تەسكە چۈشەرمىكىن
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2