تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇنى تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
uyghur
ۋاقىت:
2016-9-21 00:07
تېما:
قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇنى تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى
قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇنى تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى
يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر ئىلگىرى بېكىتىلگەن بىرقىسىم سىياسىي نەزەرىيە سۆز - ئاتالغۇلىرىغا قايتا قاراپ چىقىپ، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008 - يىلى نەشر قىلىنغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆز - ئاتالغۇلار لۇغىتى»نىڭ 503-بېتى 2-ئىستون ئۈستىدىن تۆۋەنگە سانىغاندا 4-، 5-، 6-قۇرلىرى ۋە 2013-يىلى بېسىپ تارقىتىلغان «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سىياسىي نەزەرىيە سۆز - ئاتالغۇلىرى قوللانمىسى»نىڭ 98-بېتى 2-ئىستون ئۈستىدىن تۆۋەنگە سانىغاندا 1-، 2-، 3-قۇرلىرىدىكى "宗教与社会主义社会相适应" نىڭ «دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» دەپ بېكىتىلگەنلىكىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى، ئۇنى «دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» دەپ تۈزىتىشنى بېكىتتى. بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەر بۇنىڭدىن كېيىن بىردەك تۈزىتىلگىنى بويىچە قوللانسۇن.
ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى (تەرجىمە ئىدارىسى)
ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كومىتېتى
2016-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
يوللىغۇچى:
ئەركمان
ۋاقىت:
2016-9-23 14:43
مەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان «دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» دەپ ئېلىپ كەلگەن، تىلكومنىڭ بەزى بېكىتكەنلىرىگە پىسەنت قىلىپ كەتمەيمەن!
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2