مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 509|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تارىخشۇناس توختى مۇزارت (2015-1959) ئەپەندىنى خاتىرىلەيمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-8 00:42  

تارىخشۇناس توختى مۇزارت (2015-1959) ئەپەندىنى خاتىرىلەيمىز
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي
http://www.teklimakaniy.com/?p=595

   توختى مۇزارت 1959-يىل 10-ئايدا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى مۇزارت ئۆستىڭى بويىدا گۈزەل بىر يېزىدا تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەبلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنىدن كېيىن، 1978-يىل 9-ئايدا، پايتەخت بېيجىڭدىكى مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. كىچىكىدىن تارتىپلا تارىخ ئىلمىغا ئوتتەك قىزىقىدىغان توختى مۇزارت ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مەزگىلىدە، خەنزۇ تىل-يېزىقىنى پىششىق بىلگەندىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك چەتئەل تىللىرىنى ياخشى ئۆگەنمىسە چەندىكىدەك تارىخ كىتابى يېزىپ چىققىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان. شۇ ۋەجدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ تارىخ كەسپىگە دائىر رەتتىكى خەنزۇچە دەرسلەرنى پىششىق ئۆگىنىپ، سىنىپ ئەلاچىلىقىنى قولدىن بەرمىگەندىن باشقا، ئېنگلىز تىلى ۋە ياپون تىلى قاتارلىق چەتئەل تىللىرىنى پىلانلىق ۋە جىددىيەت بىلەن ئۆگىنىپ ماڭغان. نەتىجىدە، 1982-يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن چېغىدا، ھەم خەنزۇچە سەۋىيەسى، ھەمدە چەتئەل تىل سەۋىيەسى ئوخشاشلا ئەلىيۇلئەلا بولغاچ، جۇڭخۇا خەلق جمھۇرىيىتى دائىمىي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىغا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغان. 1990-يىلى، تەشكىلنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن، ياپونىيەگە بېرىپ، ياپونىيە دۆلەتلىك مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شەرقىي ئوكيان ۋەسىقە ساقلاش مەركىزىدە، بىر يىل تەكلىپلىك تەتقىقاتچى بولغان. 1994-يىل 10-ئايدا، دۇنيادىكى مەشھۇر ئۇنۋېرسىتېتلاردىن توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىيەت فاكۇلتېتىغا غەربىي ئاسىياشۇناسلىق كەسپى بويىچە ئوقۇيدىغان دوكتور ئاسپرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە، بىر تەرەپتىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى تولۇقلىغاندىن باشقا، ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىغا رەسمىي كىرىشىپ، 1995-يىلى 9-ئايدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيىتىگە دائىر تۇنجى يىرىك ئەسىرى بولغان «ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقاتى» ماۋزۇلۇق خەنزۇچە تەتقىقات كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان.
  2009-يىل ئۇنىڭ سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بېيجىڭدىكى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە قىلغان غەمخورلۇقىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، تارىخ تەتقىقات خىزمىتىگە تېخىمۇ چوڭ غەيرەت ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن كىرىشىپ، 2010-يىلدىن 2015-يىلغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە، «ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى»، «ياركەند خانلىقىدىن كېيىنكى ئۈچ يۈز يىل» قاتارلىق بىر مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق تۆرت پارچە خەنزۇچە تارىخ تەتقىقات كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈرگەن.
   توختى مۇزارت ئەپەندى جۇڭگودا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ئاتمىش ئالتە يىل ۋە شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان ئاتمىش يىلدىن بۇيان، كومپارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى غەمخورلۇقىدا، ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس تارىخ كەسپىدە مەخسۇس ئوقۇپ تەربىيىلەنگەن، خەنزۇ يېزىقى بىلەن كىتاب يازالايدىغان، چەتئەل تىل-يېزىقى بويىچىمۇ تەلەپكە ئۇيغۇن يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشكەن تەتقىقاتچى، يازغان تارىخ كىتابلىرى خەنزۇ ئالىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىخ كەسپى ئەھلىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە سەمىمىي قايىللىقىغا ئېرىشكەن ئىسمى جىسمىغا لايىق تارىخشۇناس ئالىمدۇر.
   توختى مۇزارت ئەپەندى ئۆزىنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ئەمگەك نەتىجىلىرى ئارقىلىق، مۇشۇ پارلاق دەۋرىمىزدە، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىدا، تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان كەڭ ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇشقا مۇناسىپتۇر. شۇڭلاشقا، بىز بۈگۈنكى ياشلىرىمىزغا، خۇسۇسەن ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ بىلىم ئېلىۋاتقان ئەۋلادلىرىمىزغا تارىخشۇناش توختى مۇزارت ئەپەندىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ ھەر مىنوت-ھەر سىكونتىنىمۇ قەدىرلەپ، سىستېمىلىق بىلىم ئېلىش روھىدىن، ئۆز ئانا تىلىدا ۋە خەنزۇ تىلىدا كەسپىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلەش بىلەن بىر چاغدا، مۇناسىۋەتلىك چەتئەل تىللىرىنى ماس قەدەمدە ئىمكان بار پىششىق ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش تەجرىبىسىدىن ۋە تۈرلۈك بىلىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆگىنىش ئۇسلۇبىدىن سەمىمىيلىك بىلەن ئۆگىنىشلىرىنى، شۇ ئارقىلىق، زامان-دەۋرنىڭ ۋە ۋەتەن-خەلقنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاش ئۈچۈن، جىددىيەت بىلەن تىرىشىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمىز!
   توختى مۇزارت ئەپەندى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، كۈنىمىزدىكى ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە ئىشلەۋاتقان ياش، ئوتتۇرا ياش ۋە قېرى تەتقىقات خادىملىرىنىڭمۇ ئۆگىنىشىگە ۋە ئۆرنەك ئېلىشىغا ئەرزىيدىغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان ۋە مول ھوسۇلچان ئىلىم ساھىبىدۇر. ئۇ تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان چاغدىمۇ، ئۆزى سۆيگەن ئىلىمي كەسپىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى يوقىتىپ قويمىغان؛ 2009-يىلى، سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىدا، كىتاب يېزىش ۋە ئەسەر ئېلان قىلىش ئىمكانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بولسا، قايتا ئېرىشكەن ئىلمىي ھاياتنى بۇرۇنقىدىن يۈز ھەسسە بەك قەدىرلەپ، زېھىن-زۇكاۋىتىنىڭ ھەممىسىنى ئىلمىي تەتقىقاتقا، ۋاقىت كۈنلىرىنىڭ جىمىسىنى ئەسەر يېزىشقا سەرپ قىلىپ، قىسقىغىنە بەش يىل ئىچىدە، مىليون خەتلىكتىن ئارتۇق تۆرت توم كىتابنى خەنزۇچە يېزىپ پۈتتۈرگەن. ھالبۇكى، بىز بۈگۈنكى زامان ئىلىم ساھەسى خادىملىرى تارىخشۇناش توختى مۇزارت ئەپەندىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا باشتىن-ئاخىر سولماس مۇھەببەت بىلەن كىرىشىش، كۈنلەرنى بېيھۇدە ئۆتكۈزىۋەتمەي، ئۆز ساھەسىدە ياراملىق نەتىجە قازىنىشقا، زۆرۈر ھوسۇل ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئەرزىيدىغان تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن سەمىمىي كۆڭلىمىز بىلەن ئۆگىنىشىمىز لازىمدۇر!
  خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغ دۆلىتىمىز جۇڭگودىن باشلانغان يىپەك يولى تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر داغدام يولدۇر. بۇ يولدىن قانچىلىك ئەمەلدار –مەنسەبدار ئۆتكەنلىكى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە يوق. ئەمما، بۇ يولدا، ھەر بىر ئىرپان قەدىمىدىن بىر ئىلمىي ئىز چىقىرىپ، ئىلىم-مەرىپەت بىلەن ياشاپ ئۆتكەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگان، مۇسا سايرامىي ۋە توختى مۇزارتقا ئوخشاش ئىلىمدارلار ھامان ۋە ھەمىشە خەلق تەرىپىدىن يادلىنىدۇ، ئاپىرىنلىق تۇيغۇسى بىلەن خاتىرىلىنىدۇ، ئەلبەتتە!
  شۇنداق ئىكەن، بىز ئىلىم ئەھلى، ئىلىم-پەن تەتقىقاتى ئارقىلىق ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ئىشلەشنى ئۆمۈرلۈك خىزمەت ۋە مەڭگۈلۈك بۇرچ قىلىپ تاللىغان زىيالىيلار ئۆز ساھەلىرىمىزدە، بىجانىدىلىق بىلەن ئىشلەپ، پارتىيىمىز ئوتتۇرىغا قويغان «بىر يول، بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشى سىتراتېگىيىسىنىڭ يېڭى ۋە پارلاق غەلىبىسى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز لازىمدۇر، ئەلبەتتە.
2015-يىل،10-سىنتەبىر، بېيجىڭ.
پايدىلانمىلار:
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي: «مۇسا سايرامىي ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2007-يىل 1-سان، ئۈرۈمچى.
拓和提.莫扎提:《维吾尔历史文化研究》,民族出版社,1995年9月,北京。
拓和提.莫扎提:《中世纪维吾尔历史》,中央民族大学出版社,2014年7月,北
京。
(بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ «جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇلغان «يىپەك يولىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ ئۆتكەن تارىخشۇناسلار» ماۋزۇلۇق ئىلمىي ماقالىسىدىن كېسىپ ئېلىندى)

http://www.teklimakaniy.com/?p=595
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2792

تېما

4517

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
14610
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-8 14:36:45 | ئايرىم كۆرۈش

40

تېما

204

يازما

1079

جۇغلانما

ئۇچۇر نازارەتچىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1079
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-12-9 20:54:45 | ئايرىم كۆرۈش
مۇزارت ئۆستىڭى؟ كاللامدىن ئۆتمىدى! بەزى جايلىرى ئىلى دەرياسىدىن قېلىشمايدىغان، كاشغەردىكى تۈمەن-قىزىل-چاقماق دەريالىرىدىن خېلىلا ئۇلۇغ سۇلۇق كەڭلا بىر دەريا ئۆستەڭ، دېيىلىدىغان بولسا، يۇقىرىقى دەريالارنى ئېرىق، دېمەي بولماس!
خاتالىرىم مېنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن خاتالىرىمنى مەن تۈگىتىشىم كېرەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:13 , Processed in 0.063994 second(s), 25 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش