起屠维协洽,尽昭阳大渊献,凡五年。
太祖高皇帝
◎ 建元元年己未,公元四七九年
春,正月,甲辰,以江州刺史萧嶷为都督荆、湘等八州诸军事、荆州刺史,尚书左仆射王延之为江州刺史,安南长史萧子良为督会稽等五郡诸军事、会稽太守。
初,沈攸之欲聚众,开民相告,士民坐执役者甚众,嶷至镇,一日罢遣三千馀人。府州仪物,务存俭约,轻刑薄敛,所部大悦。
辛亥,以竟陵世子赜为尚书仆射,进号中军大将军、开府仪同三司。
太傅道成以谢朏有重名,必欲引参佐命,以为左长史。尝置酒与论魏、晋故事,因曰:“石苞不早劝晋文,死文恸哭,方之冯异,非知机也。”朏曰:“晋文世事魏宝,必将身终北面;借使魏依康、虞故事,亦当三让弥高。”道成不悦。甲寅,以朏为侍中,更以王俭为左长史。
丙辰,以给事黄门侍郎萧长懋为雍州刺史。
二月,丙子,邵陵殇王友卒。辛巳,魏太皇太后及魏主如代郡温泉。
甲午,诏申前命,命太傅赞拜不名。
己亥,魏太皇太后及魏主如西宫。
三月,癸卯朔,日有食之。
甲辰,以太傅为相国,总百揆,封十郡,为齐公,加九锡;其骠骑大将军、扬州牧、南徐州刺史如故。乙巳,诏齐国官爵礼仪,并仿天朝。丙午,以世子赜领南豫州刺史。
杨运长去宜城郡还家,齐公遣人杀之。凌源令潘智与运长厚善;临川王绰,义庆之孙也。绰遣腹心陈讠赞说智曰:“君先帝旧人,身是宗室近属,如此形势,岂得久全!若招合内外,计多有从者。台城内人常有此心,正苦无人建意耳!”智即以告齐公。庚戌,诛绰兄弟及共党与。
甲寅,齐公受策命,赦其境内,以石头为世子宫,一如东宫。褚渊引何曾自魏司徒为晋丞相故事,求为齐官,齐公不许。以王俭为齐尚书右仆射,领吏部;俭时年二十八。
甲戌,武陵王赞卒,非疾也。
丙戌,加齐王殊礼,进世子为太子。
辛卯,宋顺帝下诏禅位于齐。壬辰,帝当临轩,不肯出,逃于佛盖之下,王敬则勒兵殿庭,以板舆入迎帝。太后惧,自帅阉人索得之,敬则启譬令出,引令升车。帝收泪谓敬则曰:“欲见杀乎?”敬则曰:“出居别宫耳。官先取司马家亦如此。”帝泣而弹指曰:“愿后身世世勿复生天王家!”宫中皆哭。帝拍敬则手曰:“必无过虑,当饷辅国十万钱。”是日,百僚陪位。侍中谢朏在直,当解玺绶,阳为不知,曰:“有何公事?”传诏云:“解玺绶授齐王。”朏曰:“齐自应有侍中。”乃引枕卧。传诏惧,使朏称疾,欲取兼人,朏曰:“我无疾,何所道!”遂朝服步出东掖门,仍登车还宅。乃以王俭为侍中,解玺绶。礼毕,帝乘画轮车,出东掖门就东邸,问:“今日何不奏鼓吹?”左右莫有应者。右光禄大夫王琨,华之从父弟也,在晋世已为郎中,至是,攀车獭尾恸哭曰:“人以寿为欢,老臣以寿为戚。既不能先驱蝼蚁,乃复频见此事!”呜咽不自胜,百官雨泣。
«ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر» 135-جىلد شىمالىي چىسۇلالىسى ھەققىدە خاتىرىلەر (1)قوي يىلى (مىلادىيە 479-يىلى) دىن توڭگۇز يىلى(483-يىلى) غىچە بولغان بەش يىل
بۇزرۇگ خان گاۋ خۇاڭدى
جيەنيۈەن سەلتەنەتىنىڭ بىرىنچى يىلى (قوي يىلى، يەنى مىلادىيە 479-يىلى)[1] ئەتياز پەسلى، ئارامئاي (1-ئاي) نىڭ 2-كۈنى كۈن چاشكا ۋاقتىدا، ليۇسۇڭ① خانى شۈندى جياڭجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى شياۋ يىنى تۇتۇقلۇققا تەيىنلەپ، جىڭشياڭ قاتارلىق سەككىز ئايماق لەشكەرلىرىنىڭ قۇشبېشىلىق ۋە جىڭجۇ ئايمىقىنىڭ بېگىلىك مەنسىپىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى، دىۋان مەھكىمىسىنىڭ يانداش بېگى ۋاڭ يەنجىنى جياڭجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلىدى، ئەننەن دورغابى شياۋ زىلياڭنى تۇتۇقلۇققا تەيىنلەپ، كۇەيجى قاتارلىق بەش ۋىلايەت لەشكەرلىرىنىڭ قۇشبېشىلىق، ۋالىيلىق مەنسىپىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. بۇدەل شېن يۇجى غەليان كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقان چاغ بولۇپ، ئاۋامنى بىر-بىرىنى سۆكۈش ئۈچۈن مەيلىگە قويۇۋەتكەن ئىدى، شۇڭا جىنايەتكار بولۇپ جازالانغان تۆرە-پۇقرالار ئاۋۇپ كەتكەن ئىدى. شياۋ يى جىڭجۇغا كېلىپ بىر كۈندىلا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قويۇپ بەردى. ئايماق مەھكىمىسىنىڭ قائىدە-يوسۇنى بىلەن ئايماق يامۇلىغا تىزىلغان ياراغ-جابدۇقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، قائىدە-يوسۇنلار ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ياراغ-جابدۇقلار ئازايتىلدى، جازا يېنىكلىتىلىپ ئالۋاڭ-سېلىق كېمەيتىلدى، شۇڭا بۇ ئايماقتىكى ئاۋام خۇشاللىققا چۆمدى. [2] ياتارۋاقتا(ئاينىڭ توققۇزى)، شۈندى خان جىڭلىڭدىكى ئالىي مەرتىۋىلىك، بەگ نەسەبلىك شياۋ زېنى دىۋان مەھكىمىسىنىڭ يانداش بېگى قىلىپ تەيىنلەپ، مەرتىۋىسىنى بارگاھ ئالپسانغۇنلىقىغا كۆتۈرۈپ، دىۋاندىكى ئۈچ ۋەزىرلىكنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. [3] بەگئەتكە شياۋ داۋچېڭ نام-ئاتىقى پۇر كەتكەن مەشھۇر خەلپەتبەگ شيېفېينى ئۆزىنىڭ يېڭى سۇلالە قۇرۇشىغا ياردەملىشىشكە كۆندۈرمەك بولۇپ، ئۇنى يانداشدورغاب بولۇشقا دەۋەت قىلدى ۋە شاراببەزمىسى قۇرۇپ، شيې فېي بىلەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى زامانىدىكى كونا ئىشلارخۇسۇسىدا پاراڭلاشتى، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن شياۋ داۋچېڭ: «شى باۋ جىن ۋېنۋاڭسىما جاۋنى تەختكە ئولتۇرۇشقا بالدۇرراق دەۋەت قىلماي، ئۇ ئۆلگەندە ئاندىن پۇشايماندا قېلىپ قاتتىق ئازابلىنىپ يىغلىغان، بۇنى خەن سۇلالىسى زامانىدىكى فېڭ يىغا سېلىشتۇرغاندا، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلدى،دېگىلى بولماس!» دېدى. شيې فېيمۇ جاۋابەن: «جىن ۋېنۋاڭ بارلىقىنى ۋېي خانىدانلىقىغا ئاتىغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئىتائەتمەنلىك بىلەن قۇللۇق بىلدۈرىدىغانلىقى مۇقەررەر. ناۋادا ساۋ ۋېي تاڭ ياۋتەختنى يۈ شۈنگە ئۆتۈنۈپ بەرگەنگە ئوخشاش ئىش كۆرگەن بولسا، جىن ۋېنۋاڭمۇقايتا-قايتا چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پازىللىقىنى بىلدۈرگەن بولاتتى!» دېدى.بۇ گەپتىن شياۋ داۋچېڭنىڭ كۆڭلى غەش بولدى. سەھەردە (ئاينىڭ ئون ئىككىسى) شۈندىخان شيې فېيغا شىغاۋۇللۇق مەنسىپى بېرىپ، ۋاڭ جيەنگە يانداش دورغابلىق مەنسىپى بەردى. [4] چاشكا ۋاقتى(ئاينىڭ ئون تۆتى)، شۈندى خان باش غوجىدار، شىغاۋۇل مەھكىمىسىنىڭ ھەرەم ئاغىسىشياۋ چاڭماۋنى يۇڭجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلىدى. [5] 2-ئاي، تۈننىسبىدە (4-كۈنى)، ليۇ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شاۋ لىڭشاڭ خانى ليۇ يۇ ئالەمدىن ئۆتتى. [6] قوزى چۈشتە(9-كۈنى)، شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ خانى شياۋ ۋېندى خانسانىيەنى بىللە ئېلىپ دەيجۈن ۋىلايىتىدىكى ئارشاڭغا باردى. [7] چىڭقى چۈشتە(ئاينىڭ يىگرىمە ئىككىسى)، شۈندى خان يارلىق چۈشۈرۈپ، سەل ئىلگىرى چۈشۈرگەن يارلىقىنى تەكىتلەپ، بەگئەتكە شياۋ داۋچېڭنى قوبۇلغا كىرگەندە ئۆز نام-ئاتىقىنى ئاتىماسلىققا بۇيرۇدى. [8] ياتارۋاقتا (ئاينىڭ يىگرىمە يەتتىسى) ۋېي سۇلالىسىنىڭ خانى شياۋ ۋېندى خانسانىيەنى ئېلىپ كۈن پېتىش ئوردىغا باردى. [9] 3-ئاي، ناشتاۋاقتىدا (ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى)، كۈن تۇتۇلدى. [10] چاشكاۋاقتىدا (ئاينىڭ ئىككىسى)، شۈندى خان بەگئەتكە شياۋ داۋچېڭنى ۋەزىرلىككە تەيىنلەش خۇسۇسىدا يارلىق چۈشۈرۈپ، بارلىق مەھكىمىلەرنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئون ۋىلايەتنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، چى تۆرىسى، دېگەن ئوتۇغات بىلەن تارتۇق ئىنئام قىلىپ، شىرمەت چەۋەندازلارنىڭ ئالپ سانغۇنلىقى، ياڭجۇ ئايمىقىنىڭ چوپاندارى، جەنۇبىي شۈجۇ ئايمىقىنىڭ بېگىلىك مەنسەپنى داۋاملىق ئۇنىڭ ئىختىيارىدا قالدۇردى. يىلان يىلى [بۇ ۋاقت گۇمانلىق] شۈندى خان يارلىق چۈشۈرۈپ چى ئېلىنىڭ ئەمەل-مەرتىۋىسى ۋە رەسم-يوسۇنلىرىنى بىردەك ئوردىنىڭكىنى ئاساس قىلىشنى قارارقىلدى. چىڭقى چۈشتە (ئاينىڭ تۆتى) شۈندى خان شياۋ داۋچېڭنىڭ ۋارىسى شياۋ زېنى قوشۇمچە جەنۇبىي يۈجۇ ئايمىقىنىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلىدى. [11] ياڭ يۈنچاڭ شۈەنچېڭ ۋىلايىتىدىكى مەنسىپىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىدىغان چاغدا، چى تۆرىسى شياۋداۋچېڭ ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. لىڭيۈەن ناھىيەسىنىڭ ئامبىلى پەن جىنىڭياڭ يۈنچاڭ بىلەن بولغان دوستلىقى قويۇق ئىدى. لىنچۈەن ئىلىكبېگى ليۇ چو ليۇيىچىڭنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ليۇ چو يېقىنلىرىدىن چېن زەننى پەن جىغا نەسىھەت قىلىشقا ئەۋەتىپ: «سىلى ئالدىنقى سۇلالە خانىنىڭ يېقىنلىرىدىن بولىدىلا، مەن بولسام ھازىرقى سۇلالە خان جەمەتىنىڭ تۇغقىنى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز ئۇزاققىچە مۇشۇنداق قەدىناسلىقىمىزنى ساقلاپ ئۆتەلەرمىزمۇ؟ ئەگەر بىز ئوردا ئىچى-سىرتىدىن ئادەم توپلايدىغان بولساق نۇرغۇن ئادەم ئەگىشىدۇ. ئوردىدىكىلەرمۇ دائىم شۇنداق خىيالدا، شۇغىنىسى بۇنداق دەۋەتنى ھېچكىم ئېغىزىدىن چىقىرالمايدۇ» دېگۈزدى. پەن جى دەرھال بۇ گەپنى چى تۆرىسى شياۋ داۋچېڭغا يەتكۈزدى. زاۋالدا (ئاينىڭ سەككىزى) چى تۆرىسى شياۋ داۋچېڭ ليۇ چو ئاغا-ئىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىنى قەتلى قىلدى. [12] سەھەردە(ئاينىڭ ئون ئىككىسى)، چى تۆرىسى شياۋ داۋچېڭ خاننىڭ مەنسەپكە تەيىنلەش يارلىقىنىتاپشۇرۇۋېلىپ، چى ئېلىدىكى گۇناھكارلارغا ئومۇمىي كەچۈرۈم جاكارلىدى، شىتوچېڭ (تاشقەلئە) قەلئەسىنى ئۆزىنىڭ ۋارىسىغا قەسىر قىلىپ بەردى، بۇ قەسىر خان جەمەتىنىڭ كۈنچىقىش ئوردىسىغا ئوپمۇئوخشاش ياساپ بېزەلدى. جۇ يۈەن قاچانلاردىدۇر بىر زامانلارداساۋ ۋېينىڭ غەربىي جىن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى بولغانلىقىدەك كونا گەپنى تىلغا ئېلىپ،ئۆزىنىڭ چى ئېلىنىڭ ئەمەلدارى بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىۋىدى، چى تۆرىسى شياۋ داۋچېڭ ئىجازەت بەرمىدى، ئەكسىچە ئۇ ۋاڭ جيەننى چى ئېلى دىۋان مەھكىمىسىنىڭ يانداش بېگىلىككە تەيىن قىلىپ، مەنسەپ تۇتۇق پىرقىسىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى. شۇچاغدا ۋاڭ جيەن 28 ياشلىق قىران يىگىت ئىدى. ياز پەسلى، 4-ئاي،ئەسىردە (1-كۈنى)، شۈندى خان چى تۆرىسى شياۋ داۋچېڭنى ئىلىكبەگلىك مەرتىۋىسى بىلەن تارتۇقلاپ، يەنە ئون ۋىلايەت سۇيۇرغاللىق كۆپەيتىپ بەردى. زاۋالدا (ئاينىڭئۈچى)، ۋۇلىڭ ئىلىكخانى ليۇ زەن ئۆلدى، ھېچ بىر كېسىلى يوق ساقلا ئادەم ئىدى. زاۋالدا (ئاينىڭ ئونبەشى)، شۈندى خان چى ئېلىنىڭ ئىلىكخانى شياۋ داۋچېڭغا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ كاتتا ھۈرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى، چى ئېلىنىڭ ۋارىسىنى ۋەلىئەھد، دېگەن ئاتاق بىلەن تارتۇقلىدى. ناشتا ۋاقتىدا (ئاينىڭ يىگرىمىسى) ليۇ يۈ سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى شۈندى يارلىق چۈشۈرۈپ خانلىق سەلتەنەتىنى چى ئىلىكخانىغا ئۆتۈنۈپ بەردى. چاشكا ۋاقتىدا (ئاينىڭ يىگرىمە بىرى)، شۈندى ئورداسارىيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ۋەزىر-ۋۇزرالار بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى، ئەمما ئۇكۆرۈشۈشكە بارماي مەبۇد يوپۇقىنىڭ ئىچىگە مۆكۈنۈۋالدى. ۋاڭ جىڭزې لەشكەر باشلاپ ئوردا سارىيىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا كەلدى، شالدىن ياسالغان بىر تەختىراۋاننى كۆتەرتىپ شۈندىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئوردىغا كىردى. خانسانىيە قورققىنىدىن ۋەزىر-ۋۇزرالىرىنى باشلاپ شۈندىنى ئىزدەپ تاپتى، ۋاڭ جىڭزې شۈندىنى مەبۇد يوپۇقى ئاستىدىن نەسىھەت بىلەن چىقىرىپ، ئىززەت-ئېكرام بىلەن تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇزدى. شۈندى كۆزياشلىرىنى سۈرتۈپ، ۋاڭ جىڭزېغا: «مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتامسىلەر؟» دېدى، ۋاڭجىڭزې: «سىلىنى باشقا بىر ئوردا قەسىرىدە تۇرغۇزماقچى. سىما جەمەتىنىڭ ئورنىغاچىققاندا سىلىمۇ شۇنداق قىلغان ئەمەسمىدىلە» دېدى. شۈندى تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى بىگىز بارمىقى بىلەن سۈرتكەچ: «قايتا تۇغۇلار بولسام ھەرگىز خان ھەرىمىدە تۇغۇلمىغايمەن!» دېدى. ئوردىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغلاپ كېتىشتى. شۈندى ۋاڭ جىڭزېنىڭ بىلىكىگە نوقۇپ: «ئالىمادىس بىرەر كۈتۈلمىگەن ئىشلار بولۇپ قالمىسىلا سىلىگە ئون تۈمەن سەر ئاقچا بېرىمەن» دېدى. شۇ كۈنى ۋەزىر-ۋۇزرا، ئەمەلدار-مەنسەپدارلار چىئېلىنىڭ ئىلىكخانىغا ھەمراھ بولدى، شىغاۋۇل شيې فېي نۆۋەتكچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئىدى، ئۇ مۆھۈرنى قورۇقداپ ئاپىرىشى لازىم ئىدى، ئەمما ئۇ بىلمىگەن بولۇۋالدى، تېخى يەنە: «بىرەر ھۆكۈمەت ئىشى بارمۇ؟» دېدى. ئارىدىن بىرى يارلىق يەتكۈزۈپ:«مۆھۈر قورۇقداپ ئاپىرىدىغان ئىش، چى ئېلىنىڭ ئىلىكخانىغا تاپشۇرغايلا!» دېدى. شيېفېي: «چى ئېلى ئىلىكخانى ئۆزىگە باشقا بىر شىغاۋۇل تېپىۋالسۇن» دېگىنىچە ياستۇقنى تارتىپ كېلىپ ياتتى. ھېلىقى يارلىق يەتكۈزگەن ئەمەلدار قورقۇمسىراپ، شيې فېيغا ئاغرىپ قالغان بولۇۋالسىلا، باشقىدىن بىر شىغاۋۇل تاپاي، دېدى. شيې فېي: «مەن ئاغرىق بولمىسام، نېمىشقا ئاغرىپ قالدىم، دېگۈدەكمەن!» دېدى-دە، ئەمەلدارلىق لىباسىنى كىيىپ، كۈن چىقىشتىكى يان ئىشىكتىن پىيادە چىقىپ، ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. چى ئىلىكخانى ۋاڭ جيەننى شىغاۋۇللۇققا تەيىن قىلىپ، مۆھۈرنى قورۇقداپ ئاپىرىشقا بۇيرۇدى. مۇراسىم تۈگىگەندىن كېيىن، رەڭدار چاقلىق ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ كۈن چىقىش يان ئىشىكتىن چىقىپ، ۋەلىئەھد قەسىرىگە يول ئالدى. شۈندى: «بۈگۈن نېمىشقا نەغمە قىلىنمىدى؟» دەپ سورىدى. ئەتراپتىكىلەردىن ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. بۇچاغدا ۋاڭ كۈن ھارۋىغا ئېسىغلىق قاما قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىپ: «كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈركۆرگىنىدىن خۇشال، ئەمما ۋەزىرلىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈۋاتقىنىمدىن ھەسرەتلىنىۋاتىمەن. بالدۇرراق ئۆلگەن بولسام بۈگۈنكىدەك بۇنداق ئارقا-ئارقىدىن يۈزبېرىۋاتقان ئىشلارنى كۆزۈم كۆرمەس بولغىيدى» دېدى. ئوڭقول كېڭەش بېگى ۋاڭ كۈنۋاڭ خۇانىڭ نەۋرە ئىنىسى بولۇپ، جىن سۇلالىسى ئوردىسىدا كاتاۋۇل بولغان ئادەم ئىدى. ئۇ بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ ئېسەدىگىنىچە زادىلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى، باشقا ئەمەلدارلارمۇ ئۆزلىرىنى تۇتۇشالماي بۇقۇلدىغىنىچە يامغۇردەك ياش تۆكۈشتى.
|