مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 350|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىمپېراتور ئالېكساندىر ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ۋە قەبرىسىنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819

ئىمپېراتور ئالېكساندىر ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ۋەقەبرىسىنىڭ سىرى
  تەرجىمان: ت.ئا.ئەركمان
مەشرىق خەلقلىرىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن (قوش مۇڭگۈزلۈك ئىسكەندەر) نامىداتەرىپلىنىدىغان بۇ كىشى  ئىشلىرىنىناھايىتى ئىستىقباللىق  غۇلاچيايدۇرۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنىڭ نېمىلىكى ۋە قايەرگەدەپنە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇش ئارتۇقچەئەمەس.
   33 يېشىدا ئۆلگەن بۇ ئىمپېراتور مىلادىدىنبۇرۇنقى 356-يىلى ئەينى چاغدىكى ماكېدونىيە پايتەختى  پېلادا تۇغۇلغان، ماكېدونىيە پادشاھى فىلىپ II نىڭ ئوغلى، ماكودۇن ئىمپېرىيىسىنىقۇرغۇچى بۈيۈك ئىمپېراتور. ئانىسى ئولىمپىياس ئېپروس پادشاھلىقىنىڭ مەلىكىسى.كىچىكىدىنلا ئوردىدا بۈيۈك پەيلاسوپ ئارىستوتېلنى ئۇستاز تۇتۇپ، شۇ زامانمائارىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىنى ياراتقۇچىدا تەربىيىلەنگەن؛ يۇنان ئەدەبىياتىنىياخشى ئۆگەنگەن؛ ئۆزىنى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بۈيۈك قەھرىمان ئاكىللېس بىلەن تەڭئورۇنغا قويغان. 16 يېشىدا دادىسى فىلىپ II گە ئەگىشىپ يىراقلارغا يۈرۈش قىلغان،18 يېشىدا خېرونىيا ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. 336-يىلى ئاتىسىفىلىپ II ئۆلگەندە تەختكە چىقىپ، شەھەرلەر فېدېراتسىيىسىدىن تەشكىللەنگەنيۇنانننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ماكېدونىيىگە قارىشى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ،تېبېس شەھىرىنى تۈپتۈز قىلىۋەتكەن. ئاسىيا، ئافرىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، جاھانمەدەنىيىتىنىڭ پارلاق نەمۇنىلىرىنى نامايان قىلىۋاتقان پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭدارىئۇس III دەۋرانىدىكى مەشرىقئەللىرىنى «ئازاد قىلىمەن» دېگەن شوئار ئاستىدا ئارقا-ئارقىدىن بويسۇندۇرغان.333-يىلى سېلزىيە چېگرىسى ئىچىدىكى ئىسسوس شەھرىدە پېرسىيە ئىمپېراتورى دارىئۇس IIIنى مەغلۇب قىلىپ، دارىئۇس IIIنىڭ ئانىسى، خانىشى، مەلىكە-شاھزادىلىرىنى ئەسىر ئالغان.سۈرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، تىل شەھىرىنى 7 ئاي مۇھاسىرە قىلىپ، شەھەرنى ئالغاندىنكېيىن 30 مىڭ ئادەمنى قۇللۇققا تاللىۋالغان ھەم شەھەرنى تۈزلىۋەتكەن. دارىئۇسIIIنىڭ ئېگېي دېڭىزىدىكى پېرسىيە فلوتى بىلەن بولغانئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، 332-يىلى خاتىرجەم ھالدا پېرسىيەئىمپېرىيىسىنىڭ قول ئاستىدىكى مىسىرغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۆزىنى قۇياش ئىلاھىئاموننىڭ ئوغلى، دەپ ئاتاپ، مىسىرلىقلارنىڭ ئەنئەنىسىنى ئەزىزلەيدىغانلىقىنىبىلدۈرگەندە، مىسىر ئاقسۆڭەكلىرى ۋە روھانىيلىرىنىڭ ئىززەت-ئېكرامىغا ئېرىشكەن.نىل دەرياسى دېلتىسىدىكى ئىسكەندەرىيە (ئالېكساندىرىيە) شەھىرىنى ئۆزى بىۋاسىتەلايىھىلەپ بەنا قىلدۇرغان. ئارقىدىن شەرققە ئىلگىرىلەپ، ئىككى دەريا ۋادىسىغايۈرۈش قىلىپ، 331-يىلى يازدا گاۋگامېلادا پېرسىيە ئىمپېرىيىسى قوشۇنىغاقوماندانلىق قىلىپ مەيدان جېڭىگە چۈشكەن دارىئۇس III بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلىپ غەلىبەقىلغان، دارىئۇس IIIئۇدۇل ئىران تامان قاچقان ۋە 330-يىلى ۋەزىرى تەرىپىدىنئۆلتۈرۈلۈپ، ئەھمەنىيلەر (ئاخمېنىدلار) ئىلكىدىكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ھالاكبولغان. بابىلون، سۇسا، پېرسېپولس ۋە پېرسىيىنىڭ ئىكباتانادىكى ھەر قايسىئوردىلىرىدىن  ئەينى زاماندىكى دۇنيانىڭئالتۇن خەزىنىسىنى قۇرۇقداپ قويغان (تارىخىي خاتىرىلەردە 150 مىڭ تالانتونقىممىتىدىكى ئالتۇننى بۇلاپ كەتكەن، دېيىلگەن). داۋاملىق تۈردە جازا يۈرۈشىنىتوختاتماي ئوتتۇرا ئاسىياغا باستۇرۇپ كىرگەندە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قاتتىققارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 329-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى سوغدىئانالىق سىپتامىنرەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭغا قاتنىشىپ ئالېكساندىر ماكېدونىسكىيغا قارىشى تۇرغانبولسىمۇ تەڭ كېلەلمەي باستۇرۇۋېتىلگەن. 327-، 326-يىللىرى ئافغانىستاندىن جەنۇبقايۈرۈش قىلىپ، ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، پەنجئابتىكى گىفاسىس دەرياسىدىنئۆتۈپ گانگ دەرياسىغىچە ئىلگىرىلەپ ماڭغان بولسىمۇ ئەمما بۇ جاينىڭ نەم، تىنجىقھاۋاسىغا كۆنەلمىگەن ياۋروپالىق ئەسكەرلەر ئۇرۇشتىن بىزار بولۇپ، يۇرتىنى سېغىنىپئۇرۇشتا گەدەنكەشلىك قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىمۇ كۈچلۈكبولغاچقا، داۋاملىق ئىلگىرىلەشكە مادار قالمىغان. 325-يىلى ئالېكساندىر قۇرۇقلۇقلەشكەرلىرىنى، نېئاكوس فلوتنى باشلاپ چېكىنىپ، 324-يىلى بابىلونغا قايتىپ كەلگەن.شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن غەربتە بالقان يېرىم ئارىلىغىچە،جەنۇبتا نىل دەرياسىنىڭ 1-شارقىراتمىسىدىن شىمالدا دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغىچە بولغان زېمىنلارنى قارام قىلغان «ئالېكساندىرىيەئىمپېرىيىسى» نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پارسلارنىڭ ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھاكىممۇتلەقلىقتۈزۈلمىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، پۇقرالارغا ئۆزىگە چوقۇنۇشبۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. يەرلىك ئاقسۆڭەكلەرنى شۇ يەرنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەپ،سەركەردە-لەشكەرلىرىنى مەشرىق مەملىكەتلىرىنىڭ خوتۇن-قىزلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقارىغبەتلەندۈرگەن، ئۆزىمۇ باكتېرىيىلىك ئاقسۆڭەك روكسانا بىلەن توي قىلغان. دۇنيانىتىترەتكەن بۇ ماكېدونىيەلىك غەربنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد ئالماشتۇرۇشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇئەمما شەرق خەلقلىرىگە غايەت زور بالايى-ئاپەتلەرنى كەلتۈرگەن، ئاساسى ئاجىز بۇماكېدون ئىمپېرىيىسى 323-يىلى ئىمپېراتور ئالېكساندىرنىڭ بابىلوندا 33 يېشىداتۇيۇقسىز ئۆلۈشى بىلەنلا يىمىرىلگەن؛ بۇ ئىمپېرىيەگە قارام زېمىنلاردا، ئۇزاقمۇددەتلىك قالايمىقان ئۇرۇشلار ئارقىلىق «يۇنانلاشتۇرۇلغان» دۆلەتلەر بارلىققاكەلگەن. ئالېكساندىرنىڭ ئۆزى تارىختا مەشھۇر ئىستېلاچى، ھەربي ئالىم، دېگەنئاتاقتىن باشقا ئۆزى لايىھىلەپ بەنا قىلغان ئون نەچچە شەھەرگە «ئالېكساندىرىيە»دېگەن نامنىلا قالدۇرالىغان. ناۋادا، ئەينى زامان ئىلىم-پەنىدە يۇقىرى پەللەياراتقان ئارستوتېلنىڭ بىۋاسىتە تەلىمىنى ئالغان بۇ قاپيۈرەك يىگىت ئەلەمنى تەركئېتىپ قەلەمگۇي بولغان بولسا بەلكىم ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قالدۇرغىنى تېخىمۇقىممەتلىك بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
   323-يىلى يازدا، ئالېكساندىر يەنەبىر قېتىملىق زور جازا يۈرۈشىنى پىلانلاپ يۈرگەن كۈنلەردە تۇيۇقسىز ئۆلدى. ئۇ زادىقانداق ئۆلگەن؟
  ئۆلۈمنىڭ سەۋەبى
ئالېكساندىرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تارىخشۇناسلارنىڭ تۈرلۈك قاراشلىرى بار.
   1-خىل قاراش : قەدىمقى يۇنانتارىخچىسى ئارىئاننىڭ «ئالېكساندىرنىڭ جازا يۈرۈشى ھەققىدە قىسسە» دېگەن ئەسىرىدە،ئالېكساندىرنىڭ يېقىن ۋەزىرى ئانتىپاترۇ ئالېكساندىرغا بىر خىل دورا ئەكىلىپبەرگەن، چۈنكى شۇ چاغدا ئالېكساندىر ساقسىز بولۇپ قالغان، نەتىجىدە ئالېكساندىر بۇدورىنى ئىچىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جان ئۈزگەن. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا بۇ دوراقېچىر تۇيىقىنىڭ كاۋىكىدا ساقلانغان ئىكەن، بۇ دورىنى ئارېستوتېل مەخسۇس ئانتىپاترۇئۈچۈن ياساپ بەرگەن بولۇپ، ئانتىپاترۇنىڭ ئوغلى كاسساندروس ئالېكساندىرغا ئەكىرىپبەرگەن. كاسساندروسنىڭ ئىنىسى ئېئوراسلى ئالېكساندىرنىڭ مەھرەملىرىدىن بىرى بولۇپ،ئالېكساندىر يېقىندىلا بۇ مەھرەمگە ئۇۋال قىلىپ مەھرەملىكتىن قالدۇرغان، ئاكا-ئىنىئىككىسى بۇ ئىش ھەققىدە ئالېكساندىرغا كۆڭلىدە غۇم ساقلاپ يۈرگەن.
   2-خىل قاراش : ئالېكساندىر يامان خاراكتېرلىككېسەللىك بىلەن ئۆلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخ ئالىمى گېئورگىيېۋ ئۆزىنىڭ«قەدىمقى يۇنان» دېگەن ئەسىرىدە بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكاتارىخشۇناسى گوللېر ئۆزىنىڭ «ئالېكساندىر ماكېدونىسكىينىڭ يېڭى تەرجىمىھالى» دېگەنئەسىرىدە «ئالېكساندىر ئۇزاق مەزگىل سازلىقلاردا ئۇرۇش قىلىپ يۈرۈپ ئېغىر بەزگەككېسىلىگە گرىپتار بولۇپ قالغاچقا، 6-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە بۇ كېسەل قاتتىققوزغىلىپ دورا شىپا قىلماي ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان» دەپ يازىدۇ. تۇيۇقسىز ئۆلگەن بۇئىمپېراتور ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ھەم تەخت ۋارىسى مەسىلىسىدىمۇئېنىق يارلىق قالدۇرمىغان. جۇڭگونىڭ مەخسۇس ئالېكساندىرنى تەتقىق قىلىدىغانمۇتەخەسىسى پروفېسسور ۋۇ يۈجىنمۇ مۇشۇ يەكۈننى ياقلايدۇ.
   3-خىل قاراش : ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناسخ.ج.ۋېرس بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «بابىلوندىكى كۈنلەردە ئالېكساندىرقاتتىق ئىچكۈلۈككە بېرىلىپ كەتكەن، بىر كۈنى مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن قاتتىققىزىتمىسى ئۆرلەپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرالمىغان ھەم ئۇزاق قالمايلا ئۆلگەن»دەپ قارايدۇ. «بۈيۈك برىتانىيە ئېنىسكلوپېدىيىسى» دىمۇ : «ئون نەچچە سائەتلەپداۋاملاشقان بىر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئالېكساندىر ساقسىز بولۇپ قالدى ۋە شۇياتقىنىچە تۇرالماي، ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە، يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 323-يىل6-ئاينىڭ 13-كۈنى جان ئۈزدى» دەپ يېزىلغان.
ئالېكساندىرقەبرىسىنىڭ سىرى
ئالېكساندىرماكېدونىسكىي بابىلوندا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىدى چىرىشتىن ساقلاش تەدبىرىئارقىلىق بابىلوندىكى ئوردىسىنىڭ يەرئاستى ئۆيىدە ساقلانغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىنكىبىر يىلدا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى تەخت تالىشىش نىزالىرى بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇنىڭجەسىدىنى ۋاقتىدا يەرلىكىدە قويمىغان. بىر يىلدىن كۆپرەك ئۇرۇش  نەتىجىسىدەئالېكساندىر بەرپا قىلغان بۇ كېلەڭسىز ئىمپېرىيە ئۈچكە پارچىلاندى :ئالېكساندىرنىڭ قابىل ھەربىي قوماندانلىرىدىن سېليۇكوس ئىمپېرىيەنىڭ ئاسىياقىسمىنى ئىگىلىۋالدى؛ ماكېدونىيە بىلەن يۇنانغا ئالېكساندىرنىڭ تەۋەرۈك ئوغلى (بۇئوغۇل ئالېكساندىر ئۆلگەندە تېخى تۇغۇلمىغان، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئىدى) ۋارسلىققىلغان بولسىمۇ ئەمەلىي ھوقۇق ئانتىپاترۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كاسساندروسنىڭئىلكىدە ئىدى؛ تولېمىي بولسا مىسىرنى پوكۇنىغا بېسىپ ياتتى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىنكېيىنلا كىشىلەر ئالېكساندىرنىڭ تېخىچە دەپنە قىلىنمىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىشتى.كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئىمپېراتور ئالېكساندىر خۇددى ئىلاھتەك بۈيۈك-مۇقەددەس ئىدى.پارچىلانغان ئىمپېرىيەگە پادشاھ بولۇشىۋېلىشقان بۇ پادشاھلار ئالېكساندىرنىڭتەختىگە ھەقىقىي ۋارس بولۇش ئۈچۈن ئالېكساندىرنىڭ جەسىدىنى تالىشىشقا كىرىشىپكېتىشتى، بۇ يېڭى پادشاھلار كىمدە كىم ئالېكساندىرنىڭ جەسىدىگە ئېرىشسەئالېكساندىرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلەيدۇ، دەپ قارايتتى.
ماكېدونىيەپادشاھ جەمەتىنىڭ قائىدىسى بويىچە، ئالېكساندىرنىڭ جەسىدى كاسساندروسنىڭ ھىماتىداماكېدونىيىدىكى پادشاھلار مەقبەرىسى جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.ئويلىمغان يەردىن مىيىت ئۇزىتىۋاتقان بۇ قوشۇن يېرىم يولدا بۇلاڭ-تالاڭغائۇچرىغاچقا، يولنى ئۆزگەرتىپ مېڭىشقا توغرا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلائالېكساندىرنىڭ جەسىتى بار ھارۋا غايىب بولۇپ كەتتى.
   مىسىردىكى ئالېكساندىرىيە (ئىسكەندەرىيە)شەھىرىدە نەچچە ئايدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا مۆجىزە كەبى ئالېكساندىر مەقبەرىسى پەيدابولدى، ئالېكساندىرنىڭ جەسىتى سېلىنغان ئالتۇن ساندۇق مەقبەرە ئىچىگە قويۇلغانئىدى. تالاي يۈزيىللارغىچە تىبېللىئۇس، كايسار (رىم ئىمپېراتورى قەيسەر)،ئوكتاۋىئان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەر ئىسكەندەرىيەگە (ئالېكساندىرىيەگە) كېلىپ بۇمەقبەرىنى تاۋاب قىلىشتى. مىش-مىشلەردە دېيىلىشىچە، بۇ مەقبەرىگە كىرىشتىن بۇرۇنبىر كىشى قەيسەرگە بۇ مەقبەرە ھەم چوڭ ھەم قاراڭغۇ بولۇپ، ھاۋا تازا ئوچۇقكۈنلەردە ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدىلا كىرىشكە بولىدىغانلىقىنى، ۋاقت ئۇزىراپ كەتسەمەقبەرە ئىچىدە تېنەپ قېلىپ چىقالماي ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. بۇ گەپكەقەيسەر ئىشەنمىگەن ھەم مەشئەل كۆتۈرۈپ كىرمەكچى بولغان، ئەمما ئەمدىلا ئىشىكتۈۋىگە كەلگەندە مەشئەل تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالغان، نەچچە قېتىم مەشئەل يېقىپ كىرمەكچىبولغان بولسىمۇ مۇمكىن بولمىغان. بۇ چاغدا قەيسەر خۇدادىن ۋە ئالېكساندىرنىڭروھىدىن ئۆزىگە ئالېكساندىرنىڭ جامالىنى بىر كۆرۈۋېلىش پۇرسىتى بېرىشنى تىلىگەن،نەتىجىدە نەچچە مىنۇتتىن كېيىن مۆجىزە يۈزبېرىپ مەقبەرە ئىچى يورۇپ كەتكەن، قەيسەرئۆزى يالغۇز مەقبەرە ئىچىگە كىرىپ ئىككى-ئۈچ سائەتكىچە تۇرغان، بۇ ۋاقت ئىچىدەمەقبەرە ئىچى شۇنداق يورۇپ كەتكەن، پەقەت قەيسەر قايتىپ چىققاندىلا ئاندىن مەقبەرەئىچى ئەسلىي ھالىتىگە قايتقان. رىم ئىمپېراتورى ئوكتاۋىئاننىڭ ئالېكساندىرمەقبەرىسىنى تاۋاب قىلىشى تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغانلىقى ھەققىدىمۇ مىش-مىشلەر بار.مىش-مىشلەردە دېيىلىشىچە، ئوكتاۋىئان مەقبەرە ئىچىگە كىرىپ ئالېكساندىرنىسۆيگەندە، ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇرنىنى يارىلاندۇرۇۋالغانمىش. مىسىرنىڭ پورت شەھىرىئىسكەندەرىيەگە جايلاشقان بۇ مەقبەرە تىبېللىئۇس تاۋاب قىلىپ بولغاندىن كېيىنناھايىتى سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە يات دىندىكىلەرنىڭبۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن يوق قىلىنغانمىش، يەنە بەزىلەر مەقبەرىنى دېڭىز تاشقىنىيۇتۇپ كەتكەن، دېيىشىدۇ. مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھازىرقى كۈندەھېچكىمنىڭ مىسىرنىڭ بۇ شەھىرىدە ئالېكساندىر مەقبەرىسىگە ئائىت يىپ ئۇچىنىتاپالىغىنى يوق.
ئالېكساندىرنىڭ مەقبەرىسى زادى نەدە؟
   بىر خىل قاراش، يەنى ئەڭ دادىل قىياس مىسىرنىڭئالېكساندىرىيە شەھىرىدە ئاتالمىش ئالېكساندىر مەقبەرىسى بولمىغان، «ئالېركساندىرمەقبەرىسى ئالېكساندىرىيەدە ئىدى» دېگەن بۇ قاراشنى تارىخشۇناسلار رىمئىمپېرىيىسىنىڭ ياقتۇرۇشىنى چىقىش قىلىپ ھەم رىم ئىمپېرىيىسى ئالېكساندىرئىستېلاسىنىڭ ۋارسلىرى بولغاچقا بۇ قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان، دېگەندىن ئىبارەت.بۇ قاراشتىكىلەر ئالېكساندىرنىڭ ھەقىقىي جەسىدى كاسساندروس تەرىپىدىنماكېدونىيەدىكى  ماكېدون پادشاھلىرىمەقبەرىسى جىلغىسىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا تولېمىي تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىپ ھېچكىمبىلمەيدىغان بىر جايغا ئاپىرىۋېتىلگەن، دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا، ئالېكساندىرىيەشەھىرىدە زادى نېمە بار؟ ئارخېئولوگلار ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە « مەقبەرە ئورنى »دېيىلگەن يەرنى قېزىپ مېمفىس ئىلاھىي كالىسى (ماستابا) مەقبەرىسىنى تاپقان.ئىلاھىي كالىمۇ ئالېكساندىرغا سىمۋول قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭدىنئالېكساندىر مەقبەرىسىگە دائىر ھېچقانداق يىپ ئۇچى تېپىلمىدى. ئالىملار يەنە دېڭىزئاستىدىكى خارابە ئىزلىرىنىمۇ تەكشۈرگەن، ئويلىمىغان يەردىن مىسىرنىڭ ساھىبجامالئايال پادشاھىنىڭ ئوردىسىنى تېپىۋېلىشقان بولسىمۇ ئەمما ئالېكساندىر مەقبەرىسىگەدائىر ھېچقانداق ئىزنا تېپىلمىدى.
   بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمپېراتور ئالېكساندىرشەرقنى بويسۇندۇرۇش سەپىرىدە مىسىرغا كەلگەندە، تولىمۇ سىرلىق ئىشتىن بىرنىقىلغان، يەنى قەدىمقى مىسىرلىقلارنىڭ تەڭرىسى بولمىش ئامون ئىلاھىنى تاۋاب قىلىشئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ئىبادەتخانىغا كىرىپ ئامون بىلەن سىرداشقان، ئەممائالېكساندىرنىڭ ئامون بىلەن سىرداشقاندا نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى ھېچكىمبىلمىگەن. شۇ ئىشتىن كېيىن ئالېكساندىر بۇ ھەقتە ھېچنەرسە دېمىگەن ھەم بۇ ئىشنىزادىلا تىلغا ئالمىغان، بۇ سۆھبەت مەزمۇنى ھەققىدە ئالېكساندىر پەقەت ئۆز ئانىسىئولىمپىياسقىلا تىنغان ئىكەن. ئالېكساندىر ئاسىيا زېمىنىغا قەدەم باسقاندىن كېيىنئۆز كىندىك قېنى تۆكۈلگەن مەملىكىتى ماكېدونىيەگە بېرىپ باقمىغان، تەڭرى ئۇنىڭغاشۇنداق قىلىش پۇرسىتىمۇ بەرمىگەن. بەزىلەر ئالېكساندىر بىلەن ئامون ئوتتۇرىسىدابولغان مەخپىي سۆھبەت ئالېكساندىر ئۆلگەندىن كېيىن مەقبەرىسىنىڭ نەدەبولىدىغانلىقى ھەققىدە بولۇنغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قىياسنى قىلىشىدۇ، بۇقىياسنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر ھەتتا ئالېكساندىر ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن مەقبەرىسىنىڭئامون بىلەن كۆرۈشكەن ئىبادەتخانىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۈمىدقىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى چەتكە قاقمايدۇ. گرېتسىيەلىك ئايال ئارخېئولوگ ئاشۇيەردىن ئالېكساندىرنىڭ قەبرىسىنى قېزىش ئىستىكىدە ئۇ يەرگە بارغان بولسىمۇئۈمىدسىزلىنىپ قايتقان. ھازىرغا قەدەر ھېچكىم مىسىردا ئالېكساندىرنىڭ مەقبەرەئىزناسىنى بايقىمىدى.
   مۇشۇ كۈنگىچە كىشىلەر ئالېكساندىر قوشۇنىدىكىچاسا ئەترەتنىڭ باش قوماندانى ئالېكساندىر مەقبەرىسىگە دائىر مەخپىيەتلىكنى بىلىشىمۇمكىن ھەم دەل شۇ كىشى بۇ تارىخىي سىرغا رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇشى مۇمكىن، دەپقاراشماقتا. ئۇنداقتا بۇ چاسا ئەترەت باش قوماندانى بۇ ھەقتە بىر نەرسەقالدۇرغانمىدۇ؟ ئىسكەندەرىيە شەھەرلىك كۇتۇپخانىدىكى بەزى مەخپىي ھۆججەتلەردە بەزىئالاقىدار يىپ ئۇچى بولۇشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما چاتاق يېرى ئالدىنقى قېتىملىق ئېرا(مىڭ يىل) ئالمىشىش مەزگىلىدە  ئالېكساندىرىيە(ئىسكەندەرىيە) شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئوت ئاپىتىدە بۇ مەخپىيھۆججەتلەر كۈلگە ئايلانغان. كىشىلەر تولېمىي بەلكىم ئالېكساندىرغا مەقبەرەقاتۇرماي بەلكى ئالېكساندىرنىڭ جەسىدىنى ئادەتتىكى جەسەت ساندۇقىغا سېلىپ خىلۋەتبىر جايغا ئاپىرىۋەتكەن ياكى دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياسقىلىشىدۇ! دەرھقىقەتكى، ئالېكساندىرغا ئوخشاش مۇشۇنداق بىر بۈيۈك شەخسنىڭ ئاخىرقىماكانى چەكسىز دېڭىز بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى دېڭىزلا ئۇنىڭ كەڭ كۆكسى-قارنىغاۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەمما ھېچقانداق بىرەر قاراش ھەققىدە يەكۈن يوق، ئالىملار بۇھەقتە توختاۋسىز ئىزدەنمەكتە!


مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.061756 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش