تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: سۆي دېدى بىر جانان قاراپ قويماي [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2017-3-1 09:42
تېما: سۆي دېدى بىر جانان قاراپ قويماي

تاھىر تالىپ:
سۆي دېدى بىر جانان  قاراپ قويماي،
مەن ئۈچۈن چېچىنى بىر تاراپ قويماي.
سۆي دېدى ئۆزى ئېگىز راۋاق ئۈزرە،
بىر چۈشۈپ ئاشىقىغا قاراپ قويماي.

روزى سايىت:
راۋاققا چىقىۋېلىپ ماراپ قويماي،
نازىدا قاش ئېتىپ، چاچ تاراپ قويماي،
«سۆي»دېسە، مەشۇق ئەمەس، ئالۋاستى ئۇ،
كەتكۈلۈك پەشنى قېقىپ قاراپ قويماي.

تاھىر تالىپ:
سۆي دېدى قولىنىمۇ بىر ئۇزاتماي،
سۆي دېدى گۈللىرىدىن بىر پۇراتماي.
سۆيدۈرمەك بوپتۇ مېنى پەملىشىمچە،
ھەتتاكى يېنىغىمۇ بىر يولاتماي.

روزى سايىت:
يېنىغا تارتمىسا يا كەتكۈزمىسە،
«سۆي!» دېسە، گۈلىدىن شاخ ئەگكۈزمىسە،
ئېغىزى پۇرامدىكەن كاساپەتنىڭ،
سۆيگەندە لەۋلىرىگە لەۋ تەگكۈزسە.

تاھىر تالىپ:
سۆي دېدى جانان تەڭلەپ تاپىنىنى،
تاشلىماي سۈرلۈك بۆرە چاپىنىنى.
مۈرەممۇ، يۈرىكىممۇ بولدى يېغىر،
كۆپ سۆرەپ تەڭقىسلىقنىڭ ساپىنىنى.

روزى سايىت:
«تاپانغا سۆي!» دېگىنى ساراڭلىق ئۇ،
زاتىغا ئىبلىس چاپقان ھاراملىق ئۇ.
ھىدلاشمۇ ئازاب، نومۇس، سۆيۈش تۈگۈل،
نىجاسەت دەسسەپ يۈرگەن داۋاملىق ئۇ.

تاھىر تالىپ:
سۆيمىسەم سەكرەپ چۈشۈپ چەيلىمەكچى،
تېرەمنى تەتۈر سويۇپ ئەيلىمەكچى.
«سۆيمىدىڭ تاپىنىمنى، ۋاپاسىز» دەپ،
دوزىخى قاتارىغا ھەيدىمەكچى.

روزى سايىت:
سۆيمىسەڭ چەيلەمدىكەن پەسكە چۈشۈپ،
تېرەڭنى ئەيلەمدىكەن قەستكە چۈشۈپ؟
قورقمىغىن، تىترەيدۇ ئۇ راۋىقىدا،
ئورنىشىپ ئولتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشۈپ.

تاھىر تالىپ:
مەيلىدى پەستە تۇرسا ئاز بولسىمۇ،
سۆيەتتىم يانمۇ يان بوپ تاز بولسىمۇ.
(بوينىنى ئۇنداق ئېگىز تۇتمىسىكەن،­
دەپ قالدىم مەشۇق، ھەتتا غاز بولسىمۇ.)





خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2