تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
كاسابلانكا
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
alma
ۋاقىت:
2017-4-23 01:00
تېما:
كاسابلانكا
34535.jpg
(152.77 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)
چۈشۈرۈش
2017-4-23 02:41 چىقىرىش
كاسابلانكا
مۇھەببەتنىڭ دەرياسىغا بوپتىمەن غەرق،
بىللە كۆرۈپ سېنىڭ بىلەن «كاسابلانكا »نى
ئۈستى ئوچۇق كىنوخانا، ئاخىرقى رەتتە
لامپۇچكىلار چاچار ئىدى ئاجىز نۇرىنى
قولىمىزدا كولا ،قوناق ئېتىلدۇرمىسى
شامپان، بېلىق قىيامىغا ئوخشاشلا بۇئان
يازنىڭ ئەشۇ چىدىغۇسىز ئىسسىق كېچىسى
ۋىسالىڭغا يېتىش ئۈچۈن بەرگەنتى ئىمكان
بولغان ئىدىڭ سەنمۇ ماڭا ئاشىق بىقارار
بىللە كۆرگەن چېغىمىزدا «كاسابلانكا»نى
كۆيۈپ تۇرغان شام نۇرىدا، قەھۋەخانىدا
تۇتۇۋالغان ئىدۇق مەھكەم قوللىرىمىزنى
چەتكە ئېلىپ ئۆزىمىزنى چىراق نۇرىدىن
كەتكەن ئىدۇق قۇچاقلىشىپ شۈنچىلىك مەھكەم
كۆزلىرىڭدە ئاينىڭ نۇرى، كىنو بىلەن تەڭ
ماشىنامدا يارالغانتى مۆجىزە شۇ دەم
ئەشۇ تەكرار سۆيۈشۈشلەر «كاسابلانكا»دا
چەك-چېكى يوق تەلپۈنۈشكە بولغانتى غەرق
قايتىپ كەلگىن تېز يېنىمغا، »كاسابلانكا»غا
سۆيگۈم سەنچۈن ھەركۈن،ھەرتۈن ئۇرماقتا بەرق
نۇرغۇن دىللار ئىھتىمالەم «كاسابلانكا»دا
ئازاپ-ھەسرەت، غەم-غۇسسىگە بولغاندۇ دۇچار
ئويلايمەنكى بىز ياراتقان سۆيگۈ-مۇھەببەت
ئاخىرلىشىش دەملىرىنى كۆرمەيدۇ زىنھار
بىراق سېنىڭ كەتكىنىڭنى كۆرگەن دەقىقە
يۈرەكلرىم لەختە بولدى تەكرار ۋە تەكرار
ئەشۇ تەكرار سۆيۈشۈشلەر كاسابلانكىدا
چەك-چېكى يوق تەلپۈنۈشكە بولغانتى غەرق
قايتىپ كەلگىن تېز يېنىمغا، «كاسابلانكا»غا
سۆيگۈم سەنچۈن ھەركۈن،ھەرتۈن ئۇرماقتا بەرق
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا تەرجىمىسى
ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان «كاسابلانكا» ناملىق بۇ ناخشىنى بېرتې خىگگىنس ئېيتقان بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ ناخشىنى «كاسابلانكا» ناملىق شۇ كىنونىڭ ناخشىسى دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ناخشىنى بېرتې خىگگىنس ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىلھامغا كېلىپ ئىجاد قىلغان، شۇنداقلا ناخشىغا كىنونىڭ نامىنى بەرگەن. بۇ كىنو 1942-يىلى ئىشلەنگەن بولۇپ، ئەسلى نامى «شىمالى ئافرىقىدىكى جاسۇس كۆلەڭگۈسى»دۇر. ئۇنىڭغا كىرىشتۈرۈلگەن «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ» ناملىق ناخشىنى ھېرمان ھېفېرد ئىجاد قىلغان. تۆۋەندە بۇ ناخشىنىڭ ئۇيغۇرچە شېئىرلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ناۋادا سىزگە يارىغان بولسا دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىشنى، ھەر يەكشەنبە كۈنىدىكى كىلاسىك كۈيلەر سەھىپىمىزگە دېققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇشنى ئۇنتىمىغايسىز.
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2