بىزدىكى 12 مۆچەل ۋە 龙 سۆزىنىڭ قەدىمكى تۈرك تىلىدىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئاپتور: ئىسكەندەر جېلىل چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، دېھقانلار كالىندارى بويىچە، مايمۇن يىلى ئۇزاپ، توخۇ يىلى كىرىپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپىنچە ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 12 مۆچەل ئەمەلىيەتتە قەدىمكى تۈركىي قەۋىملەرنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، بۇنىڭدا مۇنداق بىر رىۋايەت بار. تۈرك خاقان نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلىپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، بۇ ۋەقەلەرنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكىگە ئېنىق بىر بەلگە قويۇلمىغاچقا، بۇلارنى ەستە تۇتۇش ۋە خاتىرىلەش سەل تەسكە توختاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، خاقان يىللارغا نام قويۇش ئۈچۈن، ئەسكەرلەرگە ئەمىر قىلىپ، ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋانلارنى ئېرتىش دەرياسىغا ھەيدەشنى، قايسى ھايۋان تۈنجى بولۇپ دەريادىن ئۆتسە، تۈنجى يىلنى شۇ ھايۋاننىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى، شۇ تەرىقىدە ئاۋۋال ئۆتكەن 12 ھايۋاننىڭ نامىنى يىللارغا قوللىنىشنى بۇيرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسكەرلەر ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارنى دەرياغا قاراپ ھەيدەپتۇ. تۈنجى بولۇپ كالا قىرغاققا يېتىپ كەپتۇ، لېكىن كالا قىرغاققا چىقىپ بولغۇچە، كىچىك بىر چاشقان كالىنىڭ دۈمبىسىدىن مېڭىپ كېلىپ مۈڭگۈزىگە چىقىپتۇ-دە، بىر سەكرەپلا كالىدىن بۇرۇن قىرغاققا چىقىۋاپتۇ. كالا بولسا ئىككىنچى بولۇپ قىرغاققا چىقىپتۇ. ئاندىن يولۋاس، توشقان، بېلىق، يىلان، ئات، قوي، مايمۇن، توخۇ، ئىت ۋە تۇڭگۇزلار دەريادىن كېچىپ قىرغاققا چىقىپ، 12 مۆچەلنىڭ سانىنى توشقۇزۇپتۇ.
شۇڭا، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ 12 مۆچەلى تۆۋەندىكىدەك: 1. چاشقان 2. كالا 3. يولۋاس 4. توشقان 5. بېلىق 6. يىلان 7. ئات 8. قوي 9. مايمۇن 10. توخۇ 11. ئىت 12. توڭگۇز يۇقارقىدىن شۇنى بايقىدىڭلارمىكىن، بىزدە ئەجدىھا يىلى يوق، لېكىن خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەردە بار. بىز ئەجدىھانىڭ ئورنىغا بېلىق يىلىنى ئىشلىتىمىز. بۇ ئېنىقكى ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۆزگەرتىلگەن مۆچەل شەكلى. تۈركىي مىللەتلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا ئىشلىتىۋاتقان مۆچەل ساناش ئەنئەنىسىنى ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ ھىجىرىيە يىللىرىغا باغلاپ ئىشلىتىپ كەلدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار ۋاپات بولغاندا، 30 ياش بولسا بىر يىلنى، 60 ياش بولسا ئىككى يىلنى تۆھمەت يېشى دەپ قوشۇپ، مەرھۇمنىڭ ياش سانىنى چىقىرىدۇ. چۈنكى ھىجىرىيە كالىندارىدا بىر يىل 350 نەچچە كۈن بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا، ھەر 30 يىلدا بىر يىل پەرقلىنىپ ماڭىدۇ. لېكىن قەدىمكى تۈرك كالېندارىدا بىر يىل تولۇق تۈگىگەندىن كېيىن، يېڭى بىر مۆچەل باشلىنالايدۇ.
يۇقىرىدىكىسى رەھمەتلىك دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۆچەللەرنى جەدىۋەللەشتۈرۈپ يازغان خاتىرىسى. دادام ئاقسۇنىڭ ئاۋات ناھىيەسى ياڭرىق يېزىسىدىن بولۇپ، ئەنئەنە بويىچە چاغاتاي يېزىقىدا ساۋادىنى چىقارغان، ھەم شۇ يوسۇندا بىلىم ئالغان، يېشى 40تىن ئاشقۇچە بىرەر خەنزۇنى كۆرۈپ باقمىغان، بەلكىم كۆرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن، لېكىن خەنزۇچە بىلمەيدۇ ھەم خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئارىلىشىپمۇ باقمىغان. 1960-يىللارنىڭ ئاخىرى قومۇل تارانچىغا ئىشچى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن، ئاندىن خەنزۇچىنى ئانچە- مۇنچە ئۆگەنگەن، كېيىنچە ئۇستا بولۇپ كەتكەن. دادام شۇ چاغلاردىلا خەنزۇلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاش يىللارغا مۆچەل ئىشلىتىدىغانلىقىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقىغان. شۇڭا ئۆزى بۇرۇن ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئاساسىدا، ۋاقتى چىقسا كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، مۆچەللەرنى مۇشۇنداق جەدىۋەللەشتۈرگەن. يۇقارقى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا، مەن بېلىق يىللىق. مېنىڭ مۇشۇنداق تولا بىر نەرسە يازىدىغان ئادىتىممۇ بەلكىم دادامدىن ئۇدۇم قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردە رەھمەتلىك دادامنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن!
ئۆزىمىزنىڭ گېپىغا كەلسەك، ئۇنداقتا قەدىمكى تۈركلەر ئەڭ دەسلەپتە ئەجدىھا يىلىنى ئىشلەتكەنمۇ؟ دېگەن سۇئال خىيالىمىزغا كېلىدۇ. جاۋاب شۇكى، ئەلۋەتتە ئىشلەتكەن. قەدىمكى تۈرك تىلىدا ئەجدىھانى «ئۇلۇ» دەپ ئاتىغان، لېكىن بۇنىڭ يېزىلىشى «لۇ» بولغان. قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىلكى شۇكى، بىرىنچى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇش كەينىدىكى تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: «ئۇيغۇر»نىڭ قەدىمكى تۈرك يېزىقىدا يېزىلىشى «ئويغر»دۇر، لېكىن ئوقۇلۇشى «ئويغۇر». شۇنداقلا، قىسمەن ئەھۋاللاردا، ئاخىر بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشلار (ھەم ئېھتىماللىقتىكى تاۋۇشلار)مۇ باشتىكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەلەپپۇزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: «ئالىپ»نىڭ يېزىلىشى «لپ»، لېكىن ئوقۇلۇشى «ئالىپ»، «ئانتا» (ئاۋۇ يەردە)نىڭ يېزىلىشى «نتا»، لېكىن ئوقۇلۇشى «ئانتا» دېگەندەك. يەنە بىر قىزىق ئىش، ئورۇسلار ئۆزىنى «رۇس» ياكى «رۇسكى» دەيدۇ، بۇنى قەدىمكى تۈركلەر «روس» دەپ خاتىرىلەيدۇ، لېكىن بۇنداق يېزىپ بەرگەن بىلەن، قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئىملا ۋە ئوقۇلۇش قائىدىسى بويىچە «ئوروس» دەپ ئوقۇلىدۇ، شۇڭا قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ھەممىسى «روس» دېگەن سۆزنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ باقمىغاچقا، خەت بويىچە «ئوروس» دەپ ئوقۇپ كەلگەن ھەم ئارىمىزدا شۇنداق ئوموملاشقان. ھازىر بوۋاي- مومايلاردىن سورىسىڭىزمۇ «ئوروس» دەپ ئاتايدۇ. تېخىمۇ قىزىق يېرى، جەنۇبتا ياشاۋاتقان خەنزۇلارمۇ رۇسلارنى قەدىمكى تۈركلەر ئارقىلىق تونىغان، يەنى ئۇلارنى تۈرك تەلەپپۇزى بويىچە ئۆزىگە 俄罗斯 دەپ ئوموملاشتۇرۋالغان. ناۋادا بىۋاستە ئۇچراشقان بولسا ئەلۋەتتە 罗斯 دەپ قىسقىراق ئۆزلەشتۈرگەن بولاتتى. بۇنىڭ ھەممىسىنى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئارىدا تۇرۇپ بىر- بىرىگە گەپ ئۆگىتىدىغان «ئاتكاچىلىقى»دىن كۆرۈشكە بولىدۇ. شۇڭا بىلىشىمىز كېرەككى، قەدىمىكى تۈرك يېزىقى ئېغىزدىن نېمە چىقسا شۇنى يازىدىغان تەلەپپۇز يېزىقى ئەمەس، بەلكى ئېغىزدا دېيىلگەننى قائىدە-تەرتىپكە سېلىپ يازىدىغان مۇكەممەل بىر يېزىق سېستىمىسىدۇر. شۇنى ھەيرانلىق بىلەن ھېس قىلدىمكى، ناۋادا ئىملايىمىز قەدىمكى تۈرك يېزىقى بويىچە ماڭغان بولسا، ھازىرقىدەك كۆپ ئىملا خاتالىقىنى سادىر قىلماس بولغىيتتۇق. ئەجدىھانى ئىپادىلەيدىغان «ئۇلۇ» سۆزى مەڭگۈ تاشلاردا كۆپىنچە «لۇ» ھالىتىدە يېزىلغان بولۇپ، بىر قېتىملىق «ئىملا خاتالىقى»دا «ئۇلۇ» دەپ يېزىلىپ، بېشىغا بىر «ئۇ\ئو» سوزۇق تاۋۇشى زىيادە قوشۇلۇپ قالغان. بۇنىڭدىن «لۇ»نىڭ ئەسلىدە «ئۇلۇ» دەپ ئوقۇلىدىغانلىقى تېخىمۇ ئېنىق نامايەن بولغان. «ئىدىقۇت سۆزلۈكلىرى» ناملىق كىتاپتىمۇ ئەجدىھانى «لۇ\ لۈ» دەپ يېزىپتۇ، ھەمدە بۇنى خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆزلۈك دەپ ئىزاھات بېرىپتۇ. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئاشۇ سۆزلۈكنىڭ يېزىلىشىغۇ «لۇ» ئىكەن، لېكىن ئوقۇلۇشىمۇ «لۇ» بولغىيتتىمۇ؟ ياكى قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە «ئۇلۇ» دەپ ئوقۇلىدىغان بولغىيتىمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، بەلكىم بۇنىڭغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئالىملىرىمىز مۇۋاپىق جاۋاب بېرەلىشى مۇمكىن. تۆۋەندىكىسى 12 مۆچەلنىڭ قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى ئېيتىلىشى ۋە يېزىلىشى. ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى چۈشىنىكسىز جىرماشلار قەدىمكى تۈرك يېزىقىدۇر (ئوڭدىن سولغا قاراپ ئوقۇلىدۇ).
مەنمۇ تاكى بۇلتۇرغىچە، ئىدىقۇت سۆزلۈكلىرىدىكى «لۇ» سۆزىنىڭ خەنزۇچىدىن كىرگەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىپ كەلگەن ئىدىم. بۇ ئىشىنىشىم تاكى ئەركىن ئارىز بىلەن ئەرخان ئايدىن تۈزىگەن «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى تاش پۈتۈكلەر» دېگەن كىتاپنى تولۇق بىر قېتىم ئوقۇپ چىققانغا قەدەر داۋاملاشتى. ئەلۋەتتە، قەدىمكى تۈرك يېزىقىنى ۋە تىلىنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بار دوستلارغا مۇشۇ كىتاپنى قەتئىي تەۋسىيە قىلىمەن. كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، يۇقارقى ئىشەنچىمنىڭ ئورنىغا بەزى گۇمانلار ئورۇنلىشىۋالدى. كېيىن مەلۇم بىر ياپونىيەلىك ساياھەتچى بىلەن بولغان سۆھبىتىم 龙 سۆزىنىڭ ئەسلىدە قەدىمكى تۈركچىدىكى «لۇ» دىن كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ياپونىيەلىك ساياھەتچى بىلەن تىل سېلىشتۇرۇپ كۆردۇق. بەزى سۆزلۈكلىرىمىز ھەقىقەتەن ئوخشاش ياكى يېقىن چىقتى. مەسىلەن: «مانتا»نى ياپونلار «مانچو» دەيدىكەن، كورىيەلىكلەر بولسا «ماندو» دەيدىكەن. بۇ سۆز بىزنىڭ كىلاسسىك يېزىقىمىزدىكى «مانتۇ» سۆزى بىلەن ئوخشاپ قالامدۇ- قانداق!؟ يەنە كېلىپ، خەنزۇلارنىڭ 馒头 دەيدىغان سۆزى بار، لېكىن بۇ مانتا ئەمەس، موما بولسىمۇ، ئوخشاشلا قاسقانغا سېلىپ پىشۇرىدۇ، يەنە كېلىپ، ئاچارچىلىق مەزگىللەردە مانتا تۈگۈل، موما يېيەلىسىمۇ چوڭ ئىش ئەمەسمۇ!؟ گۆش ۋە كۆكتاتلار يوق بولغاندا، قۇرۇق خېمىرنى دۈگلەك قىلىپ قاسقانغا سالسىمۇ، ئوخشاش پىشىدۇ، قىيمىسى بولمىسىمۇ، ئىسمىنى ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ھاجىتى!؟ ياپونلار باشنى «ئاتاما» دەيدىكەن، بۇ سۆز باشلىق مەنىسىدىكى «ئاتامان» سۆزىگە سەل يېقىنمۇ قانداق!؟ ياپونلۇق ساياھەتچىدىن «ئەجدىھانى نېمە دەيسىلەر؟» دەپ ئېنگلىزچە سورىدىم. مەن ئۇنىڭدىن «ل ياكى ر تاۋۇشىنىڭ كەينىدە ن ياكى ڭ تاۋۇشى كېلىدىغان، خەنزۇچە غا يېقىن بىر سۆز»نى دەيدۇ دەپ ئۈمىد كۈتكەن ئىدىم. چۈنكى ياپونىيە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان دۆلەت، تىلىنىڭ تەلەپپۇزى ئوخشىمىسىمۇ، سۆزلۈكلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن مەن ئېرىشكەن جاۋاپ «رىيۇ» بولدى، ھەمدە مېنىڭ ئوقۇشۇم ئۈچۈن چوڭ قىلىپ لاتىنچە «RYU» دەپ يېزىپ بەردى. مەن بۇنىڭدىن نۇرغۇن جاۋابقا ئېرىشكەندەك بولدۇم. ياپونلار «ل»نى تەلەپپۇز قىلالمايدىكەن، بۇنىڭ ئورنىغا «ر»نى ئىشلىتىدىكەن. ناۋادا، ياپونلار «ل»نى تەلەپپۇز قىلالىسا ئىدى، ئەجدىھا سۆزىنى چوقۇم «ليۇ» (LYU) ياكى «لۇ» (LU) دەپ ئاتىغان بولاتتى. مانا بۇ ئاتاش ئۇسۇلى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى «لۇ» بىلەن، شۇنداقلا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «لۈ» بىلەن ئوخشاش تۇرمامدۇ؟! لېكىن بۇنىڭ تىلىمىزدىكى توغرا ئوقۇلۇشى «ئۇلۇ»، يېزىلىشى «لۇ» خالاس. نۇرغۇن تىللارنىڭ بەزىدە يېزىلىشى بىلەن ئوقۇلۇشى پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن ئېنگلىز تىلىنى مىسالغا ئالساق، know سۆزىنى «نوۋ» دەپ ئوقۇيمىز، بېشىدىكى «k» ھەرىپى تەللەپپۇز قىلىنمايدۇ. Psychological نىڭ ئوقۇلۇشى «سايكولوجىكال»، بۇنىڭمۇ بېشىدىكى «P» ھەرىپى ئوقۇلمايدۇ. Highنىڭ ئوقۇلۇشى «خاي»، لېكىن ئاخىرىدىكى «gh» ھەرىپلىرى ئوقۇلۇشتا كارغا كەلمەيدۇ، پەقەت بەلگە پېتى تۇرۇپ بېرىدۇ. يېقىن قوشنا ئەللەر ئارىسىدا، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سودا، ئىقتىساد، مەەنىيەت جەھەتلەردە ئالاقە ئۈزۈلۈپ باققىنى يوق. قەدىمكى تۈركلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىمۇ ياپونىيە ئاراللىرىغا يېقىن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىمۇ ياپونىيەنى «جابىرقا» دەپ خەرىتىگە ئالغان. بۇنىڭدىن ياپونلار بىلەن قەدىمكى تۈركلەرنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئالاقىدە بولۇپ باققانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئارىلىقتا تۈركلەرنىڭ ئەجدىھانى ئىپادىلەيدىغان «لۇ» يېزىقى ياپونىيەلەرگە بارغان، لېكىن بۇنىڭ ئوقۇلۇشىنى بىلمىگەن ياپونلار «رۇ» ياكى «رىيۇ» دەپ ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.
«ئۇلۇ» سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى بەلكىم ھەيرانلىق (ئۈنداش) تاۋۇشلىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. بىزدە «ۋايجان»، «ۋايۋۇي»، «ئوخخو» دېگەندەك ئۈندەش سۆزلەر بار. سۆزنى باشتىكى رىۋايەتكە ئېلىپ كەلسەك، خاقاننىڭ ئەسكەرلىرى ئورمانلىقتىكى ھايۋانلارنى قوغلاش جەريانىدا، غايەت زور بىر مەخلۇق دەريادىن 5- بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن، بۇنداق چوڭ مەخلۇقنى كۆرۈپ باقمىغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى «ئۇلۇ!» دەپ ھەيران قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، لېكىن ئەسكەرلەر خاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە، بۇ چوڭ مەخلۇققا زىيان يەتكۈزمىگەن، بۇ مەخلۇق دەريادىن ئۆتۈپ قېچىپ قۇتۇلغان. ياندىكى پۈتۈكچىمۇ بۇ مەخلۇقنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، نېمە دەپ خاتىرلەشنى بىلەلمەي، ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ ھەيران قالغاندىكى «ئۇلۇ» دېگەن سۆزىنى خاتىرلىگەن، ھەمدە ئۇنى تۈرك يېزىقىنىڭ قائىدىسى بويىچە «لۇ» دەپ يازغان.
ئەلۋەتتە، رىۋايەتنىڭ بۇ تەرىپى مېنىڭ تەسەۋۇرۇم خالاس. مەيلى ئەجدىھا دېگەن مەخلۇق دۇنيادا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، تۈركلەر بۇ خىل مەخلۇقنى بۇرۇن ياكى كېيىن كۆرسۇن ياكى كۆرمىسۇن، «ئۇلۇ» سۆزى «ئەجدىھا»نى بىلدۈرگەندىن باشقا، يەنە تىلىمىزدا بەزى ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، يەنى كەينىگە قوشۇمچە قوشۇلۇپ يېڭىز سۆزلۈكلەر مەيدانغا كەلگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم، تۈركىي مىللەتلەر تۈرلۈك قوشۇمچىلار ئارقىلىق تۈرلۈك سۆزلەرنى ياساشقا ئىنتايىن ماھىر. مەسلەن: ئۇلۇغ، ئۇلۇس سۆزلىرىنى «ئۇلۇ» سۆزىدىن كېلىپ چىقتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. تۈركلەر ئەينى زاماندا كۆرگەن ئەڭ چوڭ ھايۋان بەلكىم ئەجدىھا، يەنى «ئۇلۇ» بولۇشى مۇمكىن. تۈركلەر مۇشۇ ئەڭ چوڭ ھايۋاننى بەلگە قىلىپ تۇرۇپ، سۆز ئايىقىغا «غ» تاۋۇشىنى قوشۇش ئارقىلىق چوڭ، يوغان، بۈيۈك مەنىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان «ئۇلۇغ» سۆزىنى ئىجاد قىلمىغان دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟! يەنە كېلىپ كۆپىنچە سۈپەت سۆزلۈكلىرىنىڭ كەينىدە غ ياكى گ (ك) كېلىدۇ. مەسىلەن: سارىغ، ساتىغ، بۈيۈك، چىرايلىغ (چىرايلىق) دېگەندەك. نۇرغۇن ئادەم بىرلەشكەندە بىر قەبىلىنى ھاسىل قىلىدۇ، نۇرغۇن قەبىلىلەر ئىتتىپاق تۈزىگەندە بىر قەۋىم ياكى ئۇلۇس (دۆلەت)نى ھاسىل قىلىدۇ. ئەينى چاغدا، ئۇلۇس ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ گەۋدە بىرلىكى، شۇڭا تۈركلەر «ئۇلۇ» سۆزىنىڭ كەينىگە «س» تاۋۇشىنى قوشۇپلا، ئەڭ چوڭ ئىنسانلار تۈركۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىپادە قىلغان دەپ يەكۈن چىقارساق، خاتالاشقان بولۇرمىزمۇ!؟
يىغىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ 龙 سۆزىنىڭ قەدىمكى تۈركچىدىن كەلگەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتلىرىم تۆۋەندىكىدەك: 1. يىللارنى مۆچەلگە ئايرىش تۈرك خاقاننىڭ ئېھتىياجى ۋە بۇيرۇقى، شۇڭا بۇ 12 مۆچەل ئالدى بىلەن تۈركچىدىن باشلانغان بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇلۇمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. 2. دۇنيادىكى كۆپىنچە ئالىملار 12 مۆچەلنى تۈركلەرنىڭ ئىجادىيىتى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە ئۇلۇمۇ بولۇشى كېرەك. يەنە كېلىپ، بەزى مىش- مىش ماقالىلەردە ئۇلۇنىڭ ئىجادىيىتىنى شىمالدىكى ھونلارغا باغلاپ قويىدۇ، بەلكىم بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق پاكىتى باردۇ. 3. خەنزۇچىدىكى 龙 سۆزىنىڭ باش تاۋۇشى «ل»، تۈركلەرنىڭ ھەم شۇنداق، لېكىن ئوقۇلۇشىنىڭ بېشى «ل» ئەمەس. بۇ سۆز خەنزۇلارغا ئوقۇلۇشى بويىچە ئەمەس، بەلكى يېزىلىشى بويىچە بارغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. خەنزۇچىنىڭ ئاخىرىدا نېمە ئۈچۈن «ڭ» تاۋۇشى كېلىپ قالغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن. خەنزۇ تىلىنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزى بىلەن ھازىرقى تەلەپپۇزى ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار، لېكىن يېزىق پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس. بۇ نۇقتىنى خەنزۇ تىلىنىڭ ھازىرقى ۋە قەدىمكى تەلەپپۇزىنى سېلىشتۇرۇش ئىلىمىدىن جاۋاپ ئىزدەشكە بولىدۇ. 4. ياپون تىلىدىكى «RYU» سۆزى قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى «لۇ»غا يېقىن. بەلكىم ئۇلار ئەسلى مەنبەدىن ئالغان بولۇشى مۇمكىن. 5. «ئۇلۇ» سۆزىنىڭ كەينىگە تىلىمىزدا يەنە قوشۇمچە قوشۇلۇپ، ئۇلۇغ، ئۇلۇس دېگەندەك سۆزلەر ياسىلىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇلۇغ، ئۇلۇس دېگەن سۆزلەرمۇ قەدىمكى سۆزلۈكلەر بولۇپ، بۇنىڭدىن «ئۇلۇ» سۆزىنىڭ تىلىمىزدا خېلى قەدىمدىن تارتىپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس.
بۇ يازمام ئىلمىي ماقالە ئەمەس، ھەقىقىي ئىلمىي ماقالە مۇنداق بولمايدۇ. مەن پەقەت پاكىتلارغا ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى، شۇنداقلا كەچمىشلىرىمنى يۇغۇرۇپ، بۇ پاكىتلارنى كۆپچىلىككە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىشكە تىرىشتىم خالاس. ھەقىقىي ئىلمىي ماقالە ساپلا گەپنىڭ مېغىزىدىن تۈزۈلگەن بولىدۇ، ماڭا ئوخشاش شاكال قوشمايدۇ. لېكىن ھەقىقىي ئىلمىي ماقالىلارنى كەسىپ سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشى سەل مۈشكۈل، جۈملىدىن ماڭىمۇ مۈشكۈل چۈشىشى مۇمكىن. شۇڭا پاكىت ۋە بايانلىرىمنى سەل ئېزىپرەك يېزىپ قويدۇم، ئەيپكە بۇيرىمىغايسىزلەر!
قومۇل تارانچى 2017.1.21 كەچ
|