مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (3)

ۋەكىللەر!
ئۆتكەن بىر يىلدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر كۆرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كەلگەن ھەرقايسى ئەللەر ھۆكۈمىتىگە، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلارغا سەمىمىي مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن!
بىز ئۆتكەن يىلقى نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتۇقكى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا يەنە بىرمۇنچە قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر مەۋجۇت. دۇنيا سودىسى چېكىنىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇلتۇر دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى تۆۋەنلەپ كېتىپ، كۆزلەنگەن ئاشۇرۇش نىشانىغا يەتكىلى بولمىدى. سېلىنمىنىڭ ئېشىشى يېتەرسىز، بەزى ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى ئېغىر بولدى، قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، رايون بىلەن ساھەلەر بۆلۈنۈشكە قاراپ يۈزلەندى، مالىيە كىرىم-چىقىم زىددىيىتى گەۋدىلىك بولدى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردە يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت. خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان داۋالىنىش، مائارىپ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، كىرىم تەقسىماتى، شەھەر باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلە بىرقەدەر كۆپ، بىر قىسىم رايونلاردا قويۇق تۇمان-تۈتەكلىك ھاۋا رايى پات-پات كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، بۇلتۇر «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى، تيەنجىن پورتىدا ئالاھىدە زور ئوت كېتىش-پارتلاش ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ، ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى ناھايىتى ئېغىر بولدى، بۇ ۋەقەلەر ئىنتايىن چوڭقۇر ساۋاق بولدى، ئۇنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ھېلىھەم يېتەرسىزلىك بار، بەزى ئىسلاھات ۋە سىياسەت-تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشمەيۋاتىدۇ، ئاز ساندىكى كادىرلار قىلىدىغاننى قىلمايۋاتىدۇ، ئىش قىلىشنى بىلمەيۋاتىدۇ، ئىشنى قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ، بەزى ساھەلەردىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بىز كۈلپەت ئېڭىمىز ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەرقاچان خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نىشانى قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى بەجانىدىل ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.
ۋەكىللەر!
2015-يىلى 12-بەش يىللىق يىرىك پىلان ئاخىرلاشتى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئېلىمىز تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چىگىش-مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق جەھەتتىكى مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىلىرى ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھازىرغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ پايدىلىق ئىسلاھات-تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنلىدۇق. بىرىنچىدىن، ئىقتىسادنى سىجىل، تېزرەك راۋاجلاندۇردۇق. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪7.8 ئاشۇردۇق، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇننى ساقلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مال سودىسى دۆلىتى ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سالغۇچى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇق. ئىككىنچىدىن، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە بەلگە خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدۇق. مۇلازىمەتچىلىك ئەڭ چوڭ كەسىپكە ئايلاندى، سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىستېمال ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا تىرەك بولىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلاندى، ئاھالىنىڭ تەڭدىن تولىسى شەھەر-بازارلاردا ئولتۇراقلاشتى. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ٪18.2 تۆۋەنلىدى، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ٪12تىن كۆپرەك ئازايدى. ئۈچىنچىدىن، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردۇق. تۆمۈريول تىجارەتلىك تىرانسپورت مۇساپىسى 121 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول 19 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، دۇنيانىڭ ٪60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. قاتناش باشلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 120 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا لىنىيەسىدە سۇ باشلاندى. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 4-ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بەرپا قىلىندى. تۆتىنچىدىن، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلدۇق. كىۋانت ئالاقىسى، نېيترىنو تەۋرىنىش، يۇقىرى ھارارەتلىك تۆمۈرلۈك ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ئۇل تەتقىقاتلاردا بىر تۈركۈم ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش قاتارلىق تۈرلەردە دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتۇق. بەشىنچىدىن، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىن تېز بولدى، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ كىرىم پەرقى داۋاملىق كىچىكلىدى. شەھەر-بازارلاردا 64 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شەھەر-بازاردا كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 40 مىليون 130 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ سالدۇق، 100 مىليونلىغان ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىدىن 100 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئازايتتۇق، يېزىلاردىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق. ئالتىنچىدىن، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىدا روشەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. مائارىپنىڭ ئادىللىقى ۋە سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %80 تىن ئاشۇردۇق. مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى سىجىل ئاشۇردۇق. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتۇق. جۇڭگوچە ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن-تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئەسى كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىرى يەنە زور بىر بالداق ئۆرلىدى.
12-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى شانلىق نەتىجىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ زور ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس ئىجادكارلىقىنى مەركەزلىك ئىپادىلىدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىشەنچى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، بۇ نەتىجىلەر مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىغا يېتىش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 14:15:33 | ئايرىم كۆرۈش
各位代表!

过去一年取得的成绩,是以习近平同志为总书记的党中央统揽全局、科学决策的结果,是全党全军全国各族人民齐心协力、顽强拼搏的结果。我代表国务院,向全国各族人民,向各民主党派、各人民团体和各界人士,表示诚挚感谢!向香港特别行政区同胞、澳门特别行政区同胞、台湾同胞和海外侨胞,表示诚挚感谢!向关心和支持中国现代化建设事业的各国政府、国际组织和各国朋友,表示诚挚感谢!

在充分肯定去年成绩的同时,我们也清醒看到,我国发展中还存在不少困难和问题。受全球贸易萎缩等因素影响,去年我国进出口总额出现下降,预期增长目标未能实现。投资增长乏力,一些行业产能过剩严重,部分企业生产经营困难,地区和行业走势分化,财政收支矛盾突出,金融等领域存在风险隐患。人民群众关心的医疗、教育、养老、食品药品安全、收入分配、城市管理等方面问题较多,严重雾霾天气在一些地区时有发生。特别令人痛心的是,去年发生了"东方之星"号客轮翻沉事件和天津港特别重大火灾爆炸等事故,人员伤亡和财产损失惨重,教训极其深刻,必须认真汲取。政府工作还存在不足,有些改革和政策措施落实不到位,少数干部不作为、不会为、乱作为,一些领域的不正之风和腐败问题不容忽视。我们要进一步增强忧患意识和担当意识,下更大力气解决这些问题,始终以民之所望为施政所向,尽心竭力做好政府工作,决不辜负人民重托。

各位代表!

2015年是"十二五"收官之年。过去五年,我国发展成就举世瞩目。党的十八大以来,在以习近平同志为总书记的党中央坚强领导下,面对错综复杂的国际环境和艰巨繁重的国内改革发展稳定任务,我们继续坚持稳中求进工作总基调,深化改革开放,实施一系列利当前、惠长远的重大举措,"十二五"规划确定的主要目标任务全面完成。

一是经济持续较快发展。国内生产总值年均增长7.8%,经济总量稳居世界第二位,成为全球第一货物贸易大国和主要对外投资大国。

二是结构调整取得标志性进展。服务业成为第一大产业,工业化与信息化融合加深,农业综合生产能力明显增强。消费成为支撑经济增长的主要力量。超过一半人口居住在城镇。单位国内生产总值能耗下降18.2%,主要污染物排放量减少12%以上。

三是基础设施水平全面跃升。铁路营业里程达到12.1万公里,其中高速铁路超过1.9万公里,占世界60%以上。高速公路通车里程超过12万公里。南水北调东、中线工程通水。建成全球最大的第四代移动通信网络。

四是科技创新实现重大突破。量子通信、中微子振荡、高温铁基超导等基础研究取得一批原创性成果,载人航天、探月工程、深海探测等项目达到世界先进水平。

五是人民生活水平显著提高。居民收入增长快于经济增长,城乡收入差距持续缩小。城镇新增就业人数超过6400万人。城镇保障性安居工程住房建设4013万套,上亿群众喜迁新居。农村贫困人口减少1亿多,解决3亿多农村人口饮水安全问题。六是社会发展成就斐然。教育公平和质量明显提升。基本医疗保险实现全覆盖,基本养老保险参保率超过80%。文化软实力持续提升。依法治国全面推进。中国特色军事变革成就显著。经过五年努力,我国经济实力、科技实力、国防实力、国际影响力又上了一个大台阶。

"十二五"时期的辉煌成就,充分显示了中国特色社会主义的巨大优越性,集中展现了中国人民的无穷创造力,极大增强了中华民族的自信心和凝聚力,必将激励全国各族人民在实现"两个一百年"奋斗目标的新征程上奋力前行!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:59 , Processed in 0.056176 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش