تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: قېيىن ئىش يوق ئالەمدە ، يۈزى قېلىن ئادەمگە ! [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2017-3-16 08:12
تېما: قېيىن ئىش يوق ئالەمدە ، يۈزى قېلىن ئادەمگە !
ئەتىراپىڭدا بىرتۈركۈم ئىنسانلار بار ئۇلار قوينىدا بىر جاھاندارچىلىق دەستۇرىنى ئېلىپ يۈرۈشىدۇ، ئۇكىتابنىڭ نامى : « خىجىل بولماڭ، قېلىنلارچە ياشاڭ» ! بۇ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدا گەرچە «دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر» دەپ يېزىپ قويۇلمىغان بولسىمۇ، تېراژىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بۇ كىتابتا ياشاشتىكى بىردىن –بىر مۇۋەپپەقىيەت – پەقەت ئېرىششتۇر دېيىلگەن بولۇپ، مىننەتدارلىق ۋە نۇمۇس تۇيغۇسىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى سەلبىي تەسىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن .
ئۇلار مۇنداق دېيىشىدۇ : قېيىن ئىش يوق ئالەمدە ، يۈزى قېلىن ئادەمگە !
ئەتىراپىڭدىكى ئاشۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان كىچىككىنە مەنپەئەت ۋە پۇرسەتلەر ئۈچۈن ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇمۇس ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان بايقۇشلاردىن سەسكەنگەن ۋاقتىڭدا، ئۆزۇڭنىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالمىغىنىڭغا شۈكۈر ئېيتقىن.

mmexport1489581281243.jpg (41.2 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

mmexport1489581281243.jpg





خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2