تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

تېما: 充电器گە بېلەت تاشلايلى [بەتنى بېسىپ چىقىرىش]

يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2014-2-27 18:17
تېما: 充电器گە بېلەت تاشلايلى


يوللىغۇچى: پەرىزات    ۋاقىت: 2014-3-16 11:02
يېقىندا توكدان دەپمۇ مەنىسىنى كۆرگەن ئىدىم ... توكلىغۇچمۇ مۇۋاپىقكەن
يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2014-3-16 17:02
پەرىزات يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 11:02
يېقىندا توكدان دەپمۇ مەنىسىنى كۆرگەن ئىدىم ... توكلىغۇچ ...

توكدان دېگەننى 移动电源 گە ئىشلەتسەك ياخشىمىكىن، چۈنكى  مەسىلەن چايدان، سۇدان، كۈلدان دېسە شۇ نەرسىنى جىق قاچىلاپ قويۇپ، لازىم بولغاندا  ئىشلىتىدۇ ئەمەسمۇ. 移动电源مۇ شۇ توكنى جىق قاچىلاپ قويۇپ، لازىم بولغاندا خۇددى چانداندىن چاي ئالغاندا ئوخشاش تېلېفونغا بۆلۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىمىز.
يوللىغۇچى: پەرىزات    ۋاقىت: 2014-3-16 17:24
alma يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 17:02
توكدان دېگەننى 移动电源 گە ئىشلەتسەك ياخشىمىكىن، چۈنكى  م ...

ھەەە  مۇشۇ سۆزلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ قويسا ئاندىن چوڭ دىيەنچى ، چوڭ دىيەنباۋ دەپ ئۆزىمىزچە ئاقسا  تۇرىدىغان ۋاقىتلىرىمىز تۈگەپ قالغۇدەك
يوللىغۇچى: تۇردى    ۋاقىت: 2014-3-19 09:22
زەرەتلىگۈچ دېيىش كېرەك. توكلىغۇچ بەك يۈزەكى.چوڭقۇر ئەمەس
يوللىغۇچى: alma    ۋاقىت: 2014-3-19 09:25
تۇردى يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 09:22
زەرەتلىگۈچ دېيىش كېرەك. توكلىغۇچ بەك يۈزەكى.چوڭقۇر ئەم ...

مۇسبەت زەرەتكە ئىگە قىلغۇچ دېسەك ھەقىقىي چوڭقۇر بولىدۇ.
تۇرمۇشتا زەرەت دېگەن سۆزنى قانچىلىك ئىشلىتىدۇ؟  زەرەتلىگۈچ دېگەن سۆزنى ئۆلچەملەشتۈرگىلى قانچىلىك بولدى، قانچىلىك ئومۇملاشتى؟  خەنزۇچىدىمۇ 电خېتى ئىشلىتىدۇ، زەرەتنى بىلدۈرىدىغان 粒نى ئىشلەتمەيدۇ.
يوللىغۇچى: جېكسون    ۋاقىت: 2014-3-22 18:04
زەرەتلىگۈچ سۆزىنى قوللايمەن. توك قاچىلىغۇچ دېسە، خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتلىرىدىكى، مولىزا ھا -ھاڭ، شوۋگۇ داڭ-داڭ ،  دېڭنى دېڭنى ۋودې يەنجىڭ سىگېلې دەپ تەرجىمە قىلغاندەك. بوپقالىدىكەن.
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2015-1-12 22:35
پەرىزات يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 11:02
يېقىندا توكدان دەپمۇ مەنىسىنى كۆرگەن ئىدىم ... توكلىغۇچ ...

توكدان دېگەن 电瓶
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2015-1-12 22:37
بوغۇم قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى، يەنىلا "توكلىغۇچ" دېسەك بىلىشلىك، ئۇقۇم ئېنىق! يانفوننى توكلىغۇچتا توكلايمىز!
يوللىغۇچى: oghuztigin    ۋاقىت: 2015-8-29 11:19
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-12 22:37
بوغۇم قانچە قىسقا بولسا شۇنچە ياخشى، يەنىلا "توكلىغۇچ"  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركمان ئاغا،ياخشىمۇ سىز،مەنمۇ ‹‹توكلىغۇچ››قا بېلەت  تاشلىۋەتتىم،ئائۋۇ ‹‹غۇچ،گ،ئەئۈچ››قوشۇمچىلىرىنى ئىلى ئۇيغۇرلىرى تولا قوللىنىدۇ،پەمىمچە بۇنىڭدىن سوڭرا ‹‹ئىلى ››ۋارىيائانتىدىكى سۆزلەر بازارلىق بولىدىغان ئوخشامدۇ نېمە!
يوللىغۇچى: oghuztigin    ۋاقىت: 2015-8-29 11:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلارىم!زەرەت -ئىنگىلىزچە سۆ،دان-قوشۇمچەسى"فارسچە"سۆ،بىز ئۆزتىلىمىزدە ئاتايمىزمۇ ياكى شالغۇت ئاتالغۇسىدا ،ياكى چەتئەل تىلىدا ئاتايمىزمۇ؟مەنچە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز بولغاچقا چوقۇم ئۆز تىلىمىزدا ئاتىغان ھەممىدىن ئەۋزەل دەپ قارايمەن!
يوللىغۇچى: uyghurman    ۋاقىت: 2016-12-18 03:55
پەرىزات يوللىغان ۋاقتى  2014-3-16 11:02
يېقىندا توكدان دەپمۇ مەنىسىنى كۆرگەن ئىدىم ... توكلىغۇچ ...

توكلىغۇچنى 充电宝دپ ئاتىاپتۇ ئاۋۇ دەۋر تور دۇكىنىدىكى پارنىڭ تىۆەرجىمانلار پېشىۋالىرى
يوللىغۇچى: ئەركمان    ۋاقىت: 2016-12-20 11:22
نېمىگە تاشلىغىنىم ئېسىمدە يوق. توكلاتقۇ بولسا مۇۋاپىق!




خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/) Powered by Discuz! X3.2