مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 4
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

«چى» قوشۇمچىسىنىڭ ماكان تەۋەلىكىگە ئىشلىتىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
«چى» قوشۇمچىسىنىڭ ماكان تەۋەلىكىگە ئىشلىتىلىشى
ئىسكەندەرجېلىل
  قۇمۇللۇقلار تاغدا ياشىغۇچى خەلقلەرنى «تاغچىلار» دەپ ئاتايدۇ، بۇ سۆز«ئىز» رومانىدىمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ ئىبارىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا قويۇپ بەرسە،«تاغلىقلار» دەپ ئاتىشى مۇمكىن.
  قۇمۇلدا يەنە، بەزى يەر- جاي ناملىرىنىڭ ئاخىرى لىك\ لىق\ لۈك\ لۇققوشۇمچىلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، شۇ يەرلىك كىشىلەرنى ئىپادىلەشتە ئاخىرىغا«چى» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئاتايدۇ. مەسىلەن، قۇمۇلدا «جىگدىلىك» دەپ بىر يېزا باربولۇپ، بۇ يېزىدىكىلەرنى «جىگدىلىكچى» دەپ ئاتايدۇ، «جىگدىلىكچى ئابدۇرېھىم» دېگەنسۆز قۇمۇللۇقلارنىڭ نەزىرىدە «قەشقەرلىك ئابدۇللا» دېگەن سۆز بىلەن ماھىيەتجەھەتتە ئوخشايدۇ. قارادۆۋە يېزىسىنىڭ جەنۇبىدا «ئەللىك» دەپ بىر كەنت بار، ھازىربۇ كەنتتە ئانچە ئادەم قالمىدى، شۇنداقتىمۇ باشقىلار شۇ كەنتلىكلەرنى «ئەللىكچى»دەپ ئاتىشىدۇ. ئەگەر قاغىلىق، چاقىلىق دېگەندەك يۇرتلار قۇمۇل تەۋەسىدە بولۇپقالسا، قۇمۇللۇقلار ئۇلارنى «قاغىلىقچى»، «چاقىلىقچى» دەپ ئاتىۋېلىشى مۇمكىن.
  دېمەك، قۇمۇللۇقلارنىڭ «چى» قوشۇمچىسىنى ماكان تەۋەلىكىگە ئىشلىتىشى بىرقەدەر ئەپچىل بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەزىبىر تىل- تەرجىمە ۋە ئاتالغۇ سۆزلۈكلىرىمىزنىبېيىتىشىمىزغا پايدىسى تېگىشى مۇمكىن.
  مەسىلەن: ئامېرىكىنىڭ لوس- ئانجىلىس شەھىرىدە بىر داڭلىق ۋاسكىتبولكوماندىسى بار بولۇپ، بۇ كوماندىنى خەنزۇچە 湖人队، ئېنگلىزچە Lackers دەپ ئاتايدۇ.تەرجىمانلىرىمىز بۇنى خەنزۇچىغا ماسلاشتۇرۇپلا «كۆل ئادىمى كوماندىسى» تەرجىمەقىلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇنى يۇقارقى تىل ئەپچىللىكىدىن پايدىلىنىپ، «كۆلچىلەركوماندىسى» دەپ ئالسا، سۆز ئىخچام ۋە توغرا چىققان بولاتتى. يەنە بىر كوماندىنىڭنامى 步行者队، ئېنگلىزچىسى Pacers بولۇپ، Pace سۆزى ئادەتتە«ماڭغاندىكى قەدەم»نى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا بۇ كوماندىنىڭ نامىنى «قەدەمچىلەركوماندىسى» دەپ ئالسا، بىر قەدەر ئىخچام بولىدۇ.
  يەنە 沙漠人 دېگەن سۆزنىتەرجىمە قىلىشتا، تەرجىمانلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا «قۇملۇق ئادىمى» ياكى «قۇملۇقلۇق»دېگەن دەسلەپكى تەرجىمە كېلىشى مۇمكىن. لېكىن بىز يۇقارقى تىل ئەپچىللىكىدىنپايدىلانساق، «قۇملۇقچى» ياكى «چۆلچى» دېگەن ئەپچىل سۆزگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
دېمەك، ماكان تەۋەلىكىگە ئائىت سۆزلەرنى ياساشتا ياكى ئاخىرىغا人 سۆزى قوشۇلغان خەنزۇچە سۆزلۈكلەرنىتەرجىمە قىلىشتا، «چى» قوشۇمچىسىنىڭ ئەپچىل سۆز ياساش ئىقتىدارىنى قوللىنىپ كۆرسەكبولىدۇ.

مەنبە: تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلى 2014-يىللىق 1-سان

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:12 , Processed in 0.107973 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش