‹شىنجاڭ›نى ‹شىنجياڭ› دەپ يېزىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
شىنجياڭ 200 مىليون يۈەن قىشلىق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش راسخوتى ئاجراتتى
http://www.uycnr.com/xwzx/gnxw/201401/t20140106_721945.html
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش پەسىللىك ئاشلىق، ئىچىملىك سۇ، كىيىم-كىچەك، يوتقان، ئىسسىنىش ۋە داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركەزنىڭ 200 مىليون يۈەن قىشلىق تۇرمۇش راسخوتىنى جىددىي ئاجراتتى، بۇ راسخوتنى تارقىتىشتا ئائىلىلەر مەلۈم قىلىش، كەنت باھالاش، يېزا تەكشۈرۈش، ناھىيە بېكىتىش تەرتىپى بويىچە قۇتقۇزۇش ئوبىكىتلىرى بېكىتىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى قىش ۋە ئەتىيازلىق قۇتقۇزۇش خىزمەت ھېساباتى قۇرۇلۇپ، قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى دەل ۋاقىتىدا ئائىلىلەر، ھەر بىر ئادەمگىچە يەتكۈزۈلۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىسسىق ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. 2013-يىلى بىنورمال ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، كەلكۈن، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئى ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، 2 مىليون 477 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، 27 مىڭ كىشى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 120 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى، زور كۆلەمدىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىدى، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 4 مىليارد 220 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇلتۇر شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 5 قېتىم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا جەمئىي 127 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى.
|