مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 20|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇھەببەت يامغۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
ۋاقتى: 2017-4-27 07:30:41 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش ئىنكاس مۇكاپاتى |تەتۈر تىزىش |كۆرۈش شەكلى
مۇھەببەت يامغۇرى

تۆكۈلۈپ كەلدى ئۈستۈمدىن.

قىزىل،
يېشىل،
سېرىق،
بىنەپشە،
ئاپئاق.

بىر تامچىسى - كۈلكىسى ئىكەن دادامنىڭ،
خۇمارلىق كۆزلىرىدىن بالقىغان.

يەنە بىرى - ئاۋازى ئىكەن ئاپامنىڭ،
جەننەتنىڭ باغلىرىدىن تارقىغان.

يەنە بىر تامچىسى - كۆيۈمى ئىكەن سىڭلىمنىڭ،
ئۆچمەس گۈلخانلاردىن ئەنداز ئالغان.

بىر دانىسى - كۆكرەپ كېرىپ چىقىشى ئىكەن ئۇكامنىڭ،
پالۋانلارغا تەڭداش بولغان.

يەنە ياغقىنى - تىلەكلىرى ئىكەن سىڭلىمنىڭ،
سۈپسۈزۈك ياقۇتلاردەك چاقنىغان.

مۇھەببەت يامغۇرى،
ياغماقتا سىمىلداپ،
تاراسلاپ،
ئۇچۇڭ دېگەنلەرنىڭ قاناتلىرىنى يوللاپ،
قۇچۇڭ دېگەنلەرنىڭ ئۈمىدلىرىنى ئاقلاپ.

دىلىم،
رەڭلەندى كۆزلىرىدە،
يۈزلىرىدە،
يۈرەكلىرىدە سۆيگەنلەرنىڭ
سۇلـماس سۆيگۈ گۈللىرىدىن.

ئىپاردەك خۇشبۇي،
ئاسماندەك كەڭرى،
مۇھەببەتكە تويۇنغان يۈرەك ...

ـ فاتىمە سەيياھ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:42 , Processed in 0.054796 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش