تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى
تېما:
شامالنىڭ ئىقرارى (فاتىمە سەيياھ)
[بەتنى بېسىپ چىقىرىش]
يوللىغۇچى:
alma
ۋاقىت:
ئۈلۈشكۈن 08:10
تېما:
شامالنىڭ ئىقرارى (فاتىمە سەيياھ)
شامالنىڭ ئىقرارى
(فاتىمە سەيياھ)
ئاسماندىن باشلاندىم،
ساماغا كېتىمەن.
ئۇچۇش ئۈچۈن يارالغان،
دەرگاھىمدۇر كوھىقاپ.
تاغلارنى،
ئوكيانلارنى،
كۆللەرنى،
چۆللەرنى،
ئەتىرگۈللەرنىڭ مەڭزىدىكى شەبنەمنى،
سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىمەن.
يامغۇردىن بىشارەت ئەلچىمەن،
بۇلۇتلارنى ئويناپ،
چاڭقاق زىمىنلارغا قۇيىلىمەن.
ياشارغان دەرەخلەر،
مېنى ئەركىلىتىپ كۈلىدۇ،
بوۋاقلاردەك پاك ۋە غۇبارسىز،
ۋىلىق - ۋىلىقلاپ.
تىنچ دىللاردا دولقۇن،
كېمىسى توختىغانلارغا شاۋقۇن،
جەزىرىدە ئېزىققانلارغا ھوزۇر
ئاتا قىلىش ۋەزىپەمدۇر.
ئىنسانلار خۇش ھېدىمدىن،
مېنى تۇتۇپ قالـماق بولىدۇ،
ھويلىسىغا باغلاپ قويماق،
ئۆگزىسىگە تاشلاپ قويماق بولىدۇ.
مەن پەقەت قىسقا دەملىك،
ئاسماندىن كەلگەن،
ساماغا قايتىدىغان،
كوھىقاپقا قاچىلانغان،
مەيىن شامالـمەن.
ئەركىن ئاقىمەن،
غۇرـ غۇر سوقىمەن.
يۈرەكلەر تىترەپ،
كۆزلەر ئېچىلىدۇ ...
خۇش كەپسىز تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى (/)
Powered by Discuz! X3.2