مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دۇنيادا زادى قانچە تىل بار؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

61

يازما

268

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
268
تىل- ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قورالى بولۇپ، نۇرغۇن پىكىر ۋە ئۇچۇرلار تىل ۋە ئۇنى ئىپادە قىلغۇچى يېزىق ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1979-يىلىدىكى گېرمانىيە تىلشۇناسلىرى دۇنيادا 5651 خىل تىل بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى؛ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى «دۇنيادا 2796 خىل تىل بار» دەپ بېكىتتى. خەلقئارا ياردەمچى تىللار جەمئىيىتى بولسا 2500- 3500 خىلغىچە تىل بار، دەپ مۆلچەرلىدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ تىلغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاپ «ئىنجىل» مۇ 2197 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان (قۇرئان بولسا ئۆزىدىكى سۈرە سانىغا باراۋەر 114 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان).

نۆۋەتتىكى ئەڭ توغرا سىتاتىستىكىلىق سانلىق مەمۇماتنى يەنىلا ئىنسانشۇناس ئالىملىرى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مىللەتلەرگە ئائىت تەتقىقاتلىرىدىن بايقىلىشىچە، دۇنيادا جەمئىي 6809 خىل تىل بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاسىيا قىتئەسىدىكى تىللار ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 2197 خىل، ئاندىن قالسا ئافرىقىدا 2058 خىل، ئوكيانىيەدە 1311 خىل، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە 1013 خىل، ياۋرۇپادا بولسا ئاران 230 خىل تىل بار ئىكەن.

مەملىكىتىمىزدىمۇ مىللەتلەر، تىللار ۋە دىئالېكتىكىلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، 56 مىللەت 80دىن ئارتۇق مىللىي تىل، 30دىن ئارتۇق يېزىقنى ئىشلىتىدىكەن.

يۇقارقى دېيىلىپ ئۆتكەن 6809 خىل تىلنى يىغىلىپ كەلگەندە، ھىندى- ياۋروپا تىللىرى، خەن- تۈبۈت تىللىرى، ئالتاي تىللىرى، ئورال تىللىرى، كاۋكاز تىللىرى، مالاي-پولىنېنىزىيە تىللىرى، مون- كخمېر تىللىرى، دراۋېد تىللىرى، سام- ھام (ئافرو-ئاسىيا) تىللىرى، نېگىر- كونگو تىللىرى، شارى- نىلوت تىللىرى، ئامېرىكا ئىندىئان تىللىرى ۋە ھېچقانداق سېستىمىغا تەۋە بولمىغان يەككە تىللار، ئەبجەش تىللار ۋە سۈنئىي تىللار قاتارلىقلارغا تەۋە بولىدۇ.



رەتلىگۈچى: ئىسكەندەر جېلىل


مەنبە: نۇر تورى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

40

تېما

216

يازما

819

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
819
دىۋان
ۋاقتى: 2015-4-28 22:16:59 | ئايرىم كۆرۈش
ياۋروپادا ئۇنچىلىك كۆپ يوقمىكىن
مالامەت دۇنياسى، قىيامەت دەۋرى!
大争之世,多事之时

369

تېما

788

يازما

2775

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
2775
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-4-29 11:07:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئەركمان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-28 22:16
ياۋروپادا ئۇنچىلىك كۆپ يوقمىكىن

ياۋروپالىقلار قوشنا يېزىدىكىلەرنىمۇ باشقا مىللەت دەۋالىدىغان تۇرسا، بىر نېمە دېمەك تەس جۇمۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 16:25 , Processed in 0.057302 second(s), 23 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش