مىخلاشساقلاش

تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
كۆرۈش: 515|ئىنكاس: 1
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (5)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (5)

3. 2016-يىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر

بۇ يىل − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى باشلانغان يىل، شۇنداقلا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18– قۇرۇلتىيى ۋە 18–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-، 4-، 5– ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتا، تەرەققىياتقا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئومۇمىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورماللىقىغا ماسلىشىپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم، كەسىپ سىياسىتى دەل، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي، ئىجتىمائىي سىياسەت كاپالەتلىك بولۇش ئومۇمىي تەپەككۇرىنى يولغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدىكى ھەرىكىتىنى ساقلاپ، تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى راسا كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇدرىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئەنئەنىۋى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى، ئامبار قالدۇقىنى قىسقارتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى ۋە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتىش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى باشلاشقا تىرىشىش لازىم.
بۇ يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %6.5 تىن %7 كېچە ئاشۇرۇش، ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئېشىش ھەجىمى %3 ئەتراپىدا بولۇش، شەھەر-بازارلاردا 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %4.5 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ئىمپورت–ئېكسپورت مۇقىملىشىپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، خەلقئارا كىرىم-چىقىمنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاھالە كىرىمى بىلەن ئىقتىساد ئاساسەن ماس قەدەمدە ئېشىش. بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %3.4 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىش، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى داۋاملىق ئازايتىش.
ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى %6.5 ـــ %7 قىلىپ بېكىتىشتە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلدى. بۇنداق بېكىتىش بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشكىمۇ پايدىلىق. مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا، ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. %6.5 تىن %7 كېچە بولغان ئېشىش سۈرئىتىدە بىرقەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ھەر تەرەپتىكى ئەھۋاللارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلغاندا، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قىيىنچىلىق تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ زور، خىرىس تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا قاتتىق جەڭ قىلىشقا تولۇق تەييارلىق كۆرۈشىمىز كېرەك. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشى، جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، خەلقئارا سودىنىڭ ئېشىشى پەسىيىپ كەتتى، پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە كۆپ مىقدارلىق تاۋار بازىرى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ خەۋپ-خەتىرى كۈچىيىۋاتىدۇ، تاشقى مۇھىتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ دۆلىتىمىز تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. دۆلەت  ئىچىدىن قارىغاندا، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلغان زىددىيەت ۋە خەۋپ-خەتەر يەنىمۇ نامايان بولۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا خوت يۆتكەش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە تولغاق تۇتۇش ۋە تەرەققىياتتا كونا قۇدرەت ئورنىغا يېڭى قۇدرەتنى ئالماشتۇرۇش ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتتى، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىۋاتىدۇ. ئەمما قىيىنچىلىق ۋە رىقابەت قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئىلگىرىلەپ كەلگەن، ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق. كۆپ يىللىق تېز تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ماددىي ئاساسى پۇختىلاندى، ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئىمكانىيەت زور، ئىسلاھات–ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇلۇۋاتىدۇ، ماكرولۇق تەڭشەشنى يېڭىلاشتا مول تەجرىبىلەر توپلاندى. بولۇپمۇ بىزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى، ئەمگەكچان ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك جۇڭگو خەلقى بار. بىز ھەممەيلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغانلا بولساق، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يىللىق نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز.
بۇ يىل مۇنۇ 8 جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەيمىز.
(1) ماكرو ئىقتىساد سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدىكى ھەرىكىتىنى ساقلايمىز. ماكرولۇق تەڭشەشتە بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋاسىتىمىز ۋە زاپاس سىياسىتىمىزمۇ بار، ھەم ھازىرقىنى ئاساس قىلىپ، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرىمىز، ھەم يىراقنى كۆزلەپ، كېيىنگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمىز ۋە پۇرسەت يارىتىمىز. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، دائىرىلىك تەڭشەش، نىشانلىق تەڭشەش ۋە ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، مالىيە سىياسىتى، پۇل سىياسىتى ۋە كەسىپ، مەبلەغ سېلىش، باھا قاتارلىق سىياسەت قورالىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، بولۇپمۇ تەمىنلەش تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىمىز.
ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە سالماقنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل مالىيە قىزىل رەقىمى 2 تىرىليون 180 مىليارد يۈەن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقىدىن 560 مىليارد يۈەن كۆپەيتىلىدۇ، قىزىل رەقەم نىسبىتى %3 كە ئۆستۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ قىزىل رەقىمى بىر تىرىليون 400 مىليارد يۈەن، يەرلىك مالىيەنىڭ قىزىل رەقىمى 780 مىليارد يۈەن بولىدۇ. 400 مىليارد يۈەنلىك يەرلىك مەخسۇس زايوم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئالماشتۇرما زايومى داۋاملىق تارقىتىلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتى ۋە ھۆكۈمەت قەرزى نىسبىتى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە بىرقەدەر تۆۋەن، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر، مۇمكىنچىلىككە ئىگە ۋە بىخەتەر.
مۇۋاپىق كۆپەيتىلگەن مالىيە قىزىل رەقىمى ئاساسەن باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش، كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يىل مۇنداق 3 تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىمىز: بىرىنچى، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىمىز، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى بىناكارلىق، ئۆي-زېمىن كەسپى، پۇل مۇئامىلە كەسپى، تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىگە كېڭەيتىمىز ھەمدە بارلىق كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆچمەس مۈلكىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئۇدۇللاپ چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بارلىق ساھەلەردە باج سېلىقنى پەقەتلا چۈشۈرۈپ كۆپەيتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىمىز. ئىككىنچى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوندلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت فوندىنى ئېلىشنى توختىتىپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، سۇ ئىنشائاتى فوندى قاتارلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. ئۈچىنچى، 18 تۈرلۈك مەمۇرىي-كەسپىي ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كىچىك-مىكرو كارخانىلاردىن بارلىق كارخانا ۋە شەخسلەرگە كېڭەيتىمىز. يۇقىرىقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ يىل كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ سېلىقىنى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىدىن 500 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئازايتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زۆرۈر مالىيە چىقىمى ۋە ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ئاجىز ھالقىلارنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز. مالىيە چىقىمى ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، مالىيە چىقىمى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم ساقلاپ قالىمىز، قىسقارتىشقا تېگىشلىكلىرىنى چوقۇم قىسقارتىمىز.
مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىمىز. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىمىز. يەرلىك كىرىم قىلىشقا ماس كېلىدىغان باج تۈرلىرىنى جايلارغا بېرىپ، باج باشقۇرۇش ھوقۇق چېكى جەھەتتە جايلارغا لايىقىدا ھوقۇق بېرىمىز. مەركەزنىڭ مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى قىسقارتىپ، بۇ يىل ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى %12.2 ئاشۇرىمىز. بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز. باجنى قانۇن بويىچە ئېلىپ باشقۇرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئېلىش–مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مالىيە كۈچى زور، قەرز خەۋپ-خەتىرى ئازراق بولغان قەرز سوممىسىغا قويۇلغان چەكنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مۇۋاپىق كېڭەيتىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق پۇلنى ئاشكارا، جايىدا ئىشلىتىشى لازىم.
پۇختا پۇل سىياسىتىنى جانلىق، مۇۋاپىق يولغا قويىمىز. بۇ يىل كەڭ مەنىدىكى پۇل M2 نىڭ كۆزلىمە ئېشىشى %13 ئۆپچۆرىسىدە، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى قالدۇقىنىڭ ئېشىشىمۇ %13 ئۆپچۆرىسىدە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاشكارا بازار مەشغۇلاتى، ئۆسۈم نىسبىتى، تەييارلىق فوندى نىسبىتى، تەكرار قەرز قاتارلىق پۇل سىياسىتى قوراللىرىدىن بىرتۇتاش پايدىلىنىپ، ئوبوروتنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئۆتمە مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى، بولۇپمۇ كىچىك-مىكرو كارخانىلارنى، «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» قاتارلىقلارنى قوللاشنى كۈچەيتىمىز.
پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. زامانىۋى پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ بازار ئارقىلىق شەكىللىنىش مېخانىزمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەكشى سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلايمىز. دۆلەت سودا بانكىلىرى ۋە تەرەققىيات خاراكتېرلىك، سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى بانكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش بىلەن قەرز بېرىشنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلايمىز. پاي چېكى بازىرى، زايوم بازىرى ئىسلاھاتى ۋە ئۇلار ئۈستىدىكى قانۇنچىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرىمىز. شېنجېن ئاكسىيە بازىرى بىلەن شياڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە تۇتاشتۇرىمىز. زور ئاپەت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىمىز. ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز. ئومۇمىي تاشقى قەرزنى ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش قىلمىشى ۋە ئاكسىيە زاكاز مال ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، سىستېمىلىق، رايون خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلايمىز.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

563

تېما

829

يازما

4009

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
4009
دىۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 14:21:07 | ئايرىم كۆرۈش
三、2016年重点工作

今年是全面建成小康社会决胜阶段的开局之年,也是推进结构性改革的攻坚之年。做好政府工作,必须高举中国特色社会主义伟大旗帜,全面贯彻党的十八大和十八届三中、四中、五中全会精神,以邓小平理论、"三个代表"重要思想、科学发展观为指导,深入贯彻习近平总书记系列重要讲话精神,按照"五位一体"总体布局和"四个全面"战略布局,坚持改革开放,坚持以新发展理念引领发展,坚持稳中求进工作总基调,适应经济发展新常态,实行宏观政策要稳、产业政策要准、微观政策要活、改革政策要实、社会政策要托底的总体思路,把握好稳增长与调结构的平衡,保持经济运行在合理区间,着力加强供给侧结构性改革,加快培育新的发展动能,改造提升传统比较优势,抓好去产能、去库存、去杠杆、降成本、补短板,加强民生保障,切实防控风险,努力实现"十三五"时期经济社会发展良好开局。

今年发展的主要预期目标是:国内生产总值增长6.5%-7%,居民消费价格涨幅3%左右,城镇新增就业1000万人以上,城镇登记失业率4.5%以内,进出口回稳向好,国际收支基本平衡,居民收入增长和经济增长基本同步。单位国内生产总值能耗下降3.4%以上,主要污染物排放继续减少。

经济增长预期目标6.5%-7%,考虑了与全面建成小康社会目标相衔接,考虑了推进结构性改革的需要,也有利于稳定和引导市场预期。稳增长主要是为了保就业、惠民生,有6.5%-7%的增速就能够实现比较充分的就业。

综合分析各方面情况,今年我国发展面临的困难更多更大、挑战更为严峻,我们要做打硬仗的充分准备。从国际看,世界经济深度调整、复苏乏力,国际贸易增长低迷,金融和大宗商品市场波动不定,地缘政治风险上升,外部环境的不稳定不确定因素增加,对我国发展的影响不可低估。从国内看,长期积累的矛盾和风险进一步显现,经济增速换挡、结构调整阵痛、新旧动能转换相互交织,经济下行压力加大。但困难和挑战并不可怕。中国的发展从来都是在应对挑战中前进的,没有过不去的坎。经过多年的快速发展,我国物质基础雄厚,经济韧性强、潜力足、回旋余地大,改革开放不断注入新动力,创新宏观调控积累了丰富经验。特别是我们有中国共产党的坚强领导和中国特色社会主义制度,中国人民勤劳智慧。只要我们万众一心,共克时艰,就一定能够实现全年经济社会发展目标。

今年要重点做好八个方面工作。

(一)稳定和完善宏观经济政策,保持经济运行在合理区间。我们宏观调控还有创新手段和政策储备,既要立足当前、有针对性地出招,顶住经济下行压力,又要着眼长远、留有后手、谋势蓄势。继续实施积极的财政政策和稳健的货币政策,创新宏观调控方式,加强区间调控、定向调控、相机调控,统筹运用财政、货币政策和产业、投资、价格等政策工具,采取结构性改革尤其是供给侧结构性改革举措,为经济发展营造良好环境。

积极的财政政策要加大力度。今年拟安排财政赤字2.18万亿元,比去年增加5600亿元,赤字率提高到3%。其中,中央财政赤字1.4万亿元,地方财政赤字7800亿元。安排地方专项债券4000亿元,继续发行地方政府置换债券。我国财政赤字率和政府负债率在世界主要经济体中相对较低,这样的安排是必要的、可行的,也是安全的。

适度扩大财政赤字,主要用于减税降费,进一步减轻企业负担。今年将采取三项举措。一是全面实施营改增,从5月1日起,将试点范围扩大到建筑业、房地产业、金融业、生活服务业,并将所有企业新增不动产所含增值税纳入抵扣范围,确保所有行业税负只减不增。二是取消违规设立的政府性基金,停征和归并一批政府性基金,扩大水利建设基金等免征范围。三是将18项行政事业性收费的免征范围,从小微企业扩大到所有企业和个人。实施上述政策,今年将比改革前减轻企业和个人负担5000多亿元。同时,适当增加必要的财政支出和政府投资,加大对民生等薄弱环节的支持。创新财政支出方式,优化财政支出结构,该保的一定要保住,该减的一定要减下来。

加快财税体制改革。合理确定增值税中央和地方分享比例。把适合作为地方收入的税种下划给地方,在税政管理权限方面给地方适当放权。进一步压缩中央专项转移支付规模,今年一般性转移支付规模增长12.2%。全面推开资源税从价计征改革。依法实施税收征管。建立规范的地方政府举债融资机制,对财政实力强、债务风险较低的,按法定程序适当增加债务限额。各级政府要坚持过紧日子,把每一笔钱都花在明处、用在实处。

稳健的货币政策要灵活适度。今年广义货币M2预期增长13%左右,社会融资规模余额增长13%左右。要统筹运用公开市场操作、利率、准备金率、再贷款等各类货币政策工具,保持流动性合理充裕,疏通传导机制,降低融资成本,加强对实体经济特别是小微企业、"三农"等支持。

深化金融体制改革。加快改革完善现代金融监管体制,提高金融服务实体经济效率,实现金融风险监管全覆盖。深化利率市场化改革。继续完善人民币汇率市场化形成机制,保持人民币汇率在合理均衡水平上基本稳定。深化国有商业银行和开发性、政策性金融机构改革,发展民营银行,启动投贷联动试点。推进股票、债券市场改革和法治化建设,促进多层次资本市场健康发展,提高直接融资比重。适时启动"深港通"。建立巨灾保险制度。规范发展互联网金融。大力发展普惠金融和绿色金融。加强全口径外债宏观审慎管理。扎紧制度笼子,整顿规范金融秩序,严厉打击金融诈骗、非法集资和证券期货领域的违法犯罪活动,坚决守住不发生系统性区域性风险的底线。

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون|قاماقخانا|تىلىمىز ئۇيغۇر مېدىيەسى ( 京ICP备14003962号-4  

GMT+8, 2017-5-11 15:59 , Processed in 0.057167 second(s), 22 queries . Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش